تۈگىمەس ناخشا
تېيىپجان ئېلىيېۋ
ھەر ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن،
شۇ كوچىدىن ئەگىپ كېتەلمەي.
بىر پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
ئاۋارە مەن تېخى يېتەلمەي.
بۈگۈن ئاخشام ئۆتكەنتىم يەنە،
ناخشام بىلەن دېرىزە قېقىپ.
قەيەردىدۇ ئىشىك غىچىلداپ،
كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ.
--ۋاقىرايسەن ھەر كۈنى شۇنداق،
ساراڭمۇ سەن ئوڭشالمايدىغان؟
يا ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،
قانداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان؟...
--كايىما بوۋاي،
سەنمۇ بىر چاغدا،
ياش ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان.
سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن،
شۇنداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان.