سېغىنچىمنىڭ بىر بېتى
(شېئىرلار)
قەھرىمان روزى ئەرچىن

ئېگىز نۇقتا
(1)
يىللارنىڭ ئېگىز نۇقتىسىدا تۇرىۋاتقان
بىر تال قارىغاي چاك- چېكىدىن سويۇلغان.
(2)
بىر ناتىۋان مەڭگۈلۈككە ئىنتىلىپ
ئۇيقىسىدىن ئويغانغاندا،
يىراق ئەسلىمە
تىتىلىۋاتقان ۋۇجۇد
ئېگىز چوققىدا توختاپ قالدى دەقىقە،
خىرامانلىق بۇ ئۆمۈردىن
نېمىلەرنى تېلەيسەن باشقا.
(3)
نەزم دەقىقىسىىگە يەتكەندە
لەيلەپ چىقتىڭ پەرىشتىلىككە؛
يېتىپ باردىڭ ئاخىرقى چەككە.
تۇمان
مۇڭ قاپلىغان يارنىڭ بېغىنى،
تىلەكلەردىن ئۆچكەن يېشىللىق.
ئاچچىق ياشتىن ئېرىگەن يۈرەك،
بىر جام مەيدەك تۇرار لىپمۇ- لىق.
لېرىك كۈيدەك چېلىنماس ۋۇجۇد،
ساداقەتتىن ئۈزۈلگەن زىلتار.
تىتىلغىنى ھايات لەززىتى،
قوشماق تىنىق مۇڭسىراپ ئاقار.
كەچۈردۈم مەن پەقەت بىر قېتىم،
لەيلەۋاتقان سەرسان ئۆزۈمنى.
چۈشلىرىمدە سىلايدۇ راھەت!
ئۈمىد نۇرى ئاستا يۈزۈمنى.
{:164:}
تۈنۈگۈنكى رېئاللىق
بىرلا سېنى ساقلايمەن
كەچمىشلىرىم ئاستا- ئاستا سارغىيىپ
قارىچۇقۇمدا ئۇيۇپ قالسا ئاي نۇرى
چىرمىشىمەن كېچىگە غايىب.
كەل ئۇسسۇل ئوينا
ئاي نۇرى ئىچرە،
بۈگۈن ئاخشام كونكرېت.
ئاستا- ئاستا شۇڭغۇدۇڭ
ئەگىم-ئەگىم ئاي ئىچىگە
ئۇ بۈگۈنكى يېڭى درامما
ئۇ تۈنۈگۈنكى كىيىم تىككۈچى.
ئاي نۇرىمۇ قالدى كونىراپ،
بىر دەقىقە چوڭقۇر چۆكۈپ ئۆزەمگە
ئەسلىمەمنى ئاستا- ئاستا ئەسلىدىم.
قويۇپ بەرگىن ئۆزۈمگە .
{:164:}
چېكىنەي مەن شۇ كېچە
تۇيۇقسىز سېغىنىش
باھاردا ئوتقاشتەك قىزاردى گۇگۇم
تويۇقسىز سېغىنسام سېنى دىلبىرىم.
قوقاستا چوغلانغان ئۇزۇن مىسرالار
بۇلاقتەك سۈپسۈزۈك قايناپ بىمەھەل
سەن تامان شىددەتتە سويلار بىتىنىم.
كېپ كېتەر ئادەملەر بۇ ئۇزۇن يولدا
رەڭدار چۈش، رېئاللىق ئالمىشار تەكرار.
تۇيۇقسىز سېغىنپ قالغاندا جېنىم
ياللىدە پارقىراپ تۇرغاندەك كۆزۈڭ
يىگانە كېچىدە يۇلتۇز پارقىرار.
توساتتىن يورۇيدۇ كوچا چىرىقى
يۇپۇرماق سەزگۈسى مەۋج ئۇرغان كېچە.
يۈرىكىم تىڭلايدۇ گۈلنىڭ كۈيىنى
ئەسلىمەم گۈللەردەك بەرق ئۇرغان سەھەر
توساتتىن سېغىندىم گۈلۈم باشقىچە.
كۆڭۈل ۋە تار
خىرەلىكتىن تۈندە ئايرىلىپ
پالاق ئۇرۇپ تۇماندا،
يۈرىكىڭنىڭ تارىسى
لەرزان سويلار ئاسماندا.
كۆكۈلمەيدان كۆڭۈلدە قالغان
پۈتمەيدىغان گۈزەل تىلغىنىش
ساقلاۋاتقان بىر كۈينى چالغان.
{:164:}
سېغىنچىمنىڭ بىر بېتى
جاراھەت ئوقىنى ئاتسا قەست قىلىپ،
ئىستەكنى بەند قىلىپ ئىشرەت ئۆڭكۈرى.
مۇپەسسەل ئىلكىڭگە ئالدىڭ مەست قىلىپ،
شاراپتەك بىقسىغان روھىيەت نۇرى.
جىمغىنە بىر ئاۋاز ئىچىمدە قالار،
زاھىدقا نە ھاجەت يورۇتقۇچى ئاڭ.
چىرىگەن چىركىنلەر ماتەمگە چاپار؛
تۈن كېچە بىردىنلا يورۇپ قالسا تاڭ.
تۇرىمىز روبىرو يىراق ۋە يېقىن،
ئەخلاقنىڭ تېمىدىن ھالقىپ كېتەلمەي.
سېغىنچىم بولسىمۇ بىر قۇرۇق ئېقىن،
قېپقالدىم ئەبەدكە سەندىن كېچەلمەي.

جىمجىت ئايرىلىش
ئوخشايدىكەن بىر پارچە خالغا،
گۈل بەرگىگە قونغان بوغۇنچاق.
چىڭقى چۈشتە چۈشكەن قامالغا،
ئېقىپ چۈشتى شەبنەم سوزۇنچاق.
چىغىر يولدىن قايتتىڭ خوش دېمەي،
تاش ئورۇندۇق قالدى يىگانە.
تومۇز چۈشتە بىھۇش لەيلىدىم،
ۋىسالىڭدا بولدۇم بىگانە.
دەھشەتلىكتۇر مەن ئۈچۈن لېۋەن،
دىل بېغىڭدىن جىمجىت ئايرىلىش.
خۇددى تاغ بوپ باستى دىلىمنى،
گۇلزارىڭدا ئاچچىق چەيلىنىش.
سېغىندۇرغان؛ سېغىنغان شۇ پەيت
تىغ يارىسى پۈتتى ئېھتىمال.
تىلغىنارمەن ئوتتا تا ئەبەد،
دىل يارىسى ساقايماس قامال.
{:164:}
كەچمىش
ئەتىگەندە
خۇش پۇرىقى مەست قىلار مېنى
پورەك- پورەك ئېچىلىپ رەڭدار.
پۇراپ- پۇراپ قانمايتتىم ئەسلا،
كەمپۈتتەكلا تاتلىق، بىغۇبار.
چىڭقى چۈشتە
قىرغاقلىرى كۆرۈنمەيدىغان
دېڭىز كەبىي كەڭ قۇچاق ئاچقان.
قايناملاردا ئۈزدۈم غۇلاچلاپ،
سۈزدۈم گۆھەر،لاي،ئالاچورتان*.
كەچتە
مەغرىب تامان پاتقاندا غەمكىن
ئاداققى رەت قۇياش شولىسى.
كۆرۈنمەيدۇ ساددا ھىلالئاي،
گۈل، ۋە دېڭىز، گۆھەر...ھەممىسى.
*ئالاچورتان- بېلىقنىڭ بىر تۈرى
{:164:}
ئىشق مەكتۇبىغا ئېنىقلىما
ئىشق مەكتۇبى
تەكرار- تەكرار تۆكۈلگەن
راست ۋە يالغان ياشنىڭ تامچىسى.
ھەممە تۇيغۇ مۇجەسسەم
سارغايغان ۋاراق.
ئىزچىللىقنىڭ سىرتىدا
ئېچىپ تاشلار
ئىللىق سېزىمنى.
توزغاق كەبىي لەپىلدەپ ئۇچقان،
ھەممە- ھەممىسى
چېكىتسىز يېزىق.
قۇرىغان دەرەختە
سارغايغان ياپراق.

ئۇ قاتتىكى تارىم
سەن
يېشىل چۈشتىن يىراقلىدىڭ ئەبەتكە.
تۆمۈر ئورمان قاپلىغان زىمىن
كېسەلدۇر- كېسەل.
سەمىمىيەت كېسىلىپ، ئارزۇ نېمىدۇر؟!
ئېلىپ كەتكەن تەڭرى سورىقى
تارىمنى
ئۇ قاتتىكى يىراققا.
ئوخشاپ قالدىڭ
چەكسىزلىكنىڭ چېتىدىن
چىققان ھەسەن- ھۈسەندەك.

قۇم دېڭىزى
قۇملۇقتىكى كەچكى قۇياش
ئوخشايدۇ
دېڭىزچىنىڭ ئاھ ئۇرۇشىغا.
ئۇچۇپ كەتتى بىر پارچە يۈرەك
يىراقتىكى قۇياش يېنىغا.
قاراڭغۇ كېچىدىكى چۆللۈك شامىلى
پايانسىز كېچىدە
بىر ساغلام ۋىجدان
ھالقىت ئۆتتى ۋاقىتتىن جىمجىت.

گۇگۇم قوشىقى
كولدۇرمىلار ئاۋازى
ئاڭلانماقتا يىراقتىن.
چاپار ئات بوپ قەدەملەر
كېچىپ ئۆتتى پىراقتىن.
ئاقار ئادەم كوچىدا،
گۇگۇم بۈگۈن مەست – ئەلەس.
خۇددى گۈللەر كەلكۈنى
زەر دېڭىزغا تەڭ ئەمەس.
پەرۋانىلەر پەر قاقتى
يېنىپ تۇرغان چىراغقا.
مەستلەپ كەتتى ئالامان
قۇياش پاتتى قاراققا.
لەۋ ياقتىڭمۇ لەۋلەرگە،
ئىچكەن كەبى بىر جام مەي.
كىردىڭ شۇڭغۇپ ئۇپۇققا.
ئاخىرقى رەت كېچەلمەي.
ئۇنتۇش مونولوگى
مۇمكىن بولسا
ئۇنتۇشنى تاللايمەن سېنى ئامرىقىم.
كائىناتتىن بۇلۇت كۆچكەندەك
ئېگىز چوققىدىن تاش چۈشكەندەك
ئۇنتۇش تۇيغۇم بورانلاردىن بالقىپ ئۆتەر.
مەستلەرنىڭ چىن يىغىسىدەك بوزلاپ، بوزلاپ
جۈپ يۈرەكتىن مەست شامال بوپ ھالقىپ ئۆتەر.
ئۇنتۇش تۇيغۇم
تۇمانلىق ئۇ دەريادىكى ئۈزۈپ ماڭغان
كىچىككىنە قولۋاقتىكى سىر-مەخپىيەت.
مۇمكىن بۇلار
ئايرىلىشىڭ يۈرىكىمنى قىلسا پارە
زارىقساممۇ سېنى زىنھار ئىزدىمەسمەن.
مۇمكىن بولسا
سېنى زىنھار سېغىنمىسام،سېغىنمىساڭ
سېغىنچىمىز دەپئىي بولسا
تەن، روھ بىلەن ئاخىرەتكە.
روھ ۋە تەن
روھ
تەندىكى ئىبادەت،
تەن
روھنىڭ قاشاسى؛ۋەتىنى پەقەت.
كېيىنكى بىر بەت
قۇياش پاتقان گۇگۇم پەيتىدە
گۇگۇم رەڭگىدە
يېپىلدى ئەبەد.
مەۋجۇدىيەت تەزكىرىسى
كەچمىش تامغىسى - گۈزەل تاشقاتما،
چوققا تاش ئارا چاقنار تاش ئويما.
يۇلتۇزغا تەققاس يالىلداپ چېقىن،
تۈنگە قان بەرسە، قۇياشقا يېقىن.
كەچمىش تامغىسى - گۈزەل تاشقاتما،
قونالغۇ ئالەم ،سالار ئوت ساما.
چاپار مەۋجۇدات پىلسىرات تامان،
ھېچ مەخلۇق قالماس زاماندىن- زامان.
يۇلتۇز يۈرەك
مېنىڭدىكى مەسۇم يۈرەك
ئاڭا رەڭسىز كۆرۈنگىدەك.
قانداقلارچە چوغلۇق گۈلى
كۆرۈنىدۇ ياۋا چېچەك.
كىممۇ بىلەر، كىممۇ بىلەر،
جۈپ يۈرەكنى خىرەلىكتە.
شەپەق نۇرى چوغ گۈلىدەك
چوغلىنىدۇ ئاخىرەتتە.
تىلىكىنى يوشۇرمايدۇ
جۈپ يۈرەكمۇ ئارامخۇدا.
تىرىۋالغىن يۇلتۇزۇمنى
ئۇ ئولتۇرار بۇلۇتلاردا.
{:164:}
تارىخ
كۈللى شەپەق تاغ ئاستىغا چۆككەندە
كۈللى نۇرنىڭ يىل ھالقىسى ئۆچكەندە
مەۋجۇدتۇر قارا ئۆڭكۈر چۇڭقۇر چوڭقۇر،
كەچمىشلەر ئۇيۇلتاش بوپ پۈتكەندە.
زېرىكىش
زېرىككەندە
كىم ھەممىنى بىلىدۇ
يىراقتىكى سىردىشىم
ئەسلىرىڭگە كىردىم دەقىقە.
جىملىق ئارا كۆزۈڭنى يۇمۇپ،
كۆڭلۈڭنى دولقۇندەك مەيلىگە بىرىپ
زېرىككەن شۇ ئۇزۇن تۈنلەردە
سېغىنىۋەر مەيلىڭ ئۆزەڭچە.
(مەنبە:ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژۇرنىلى)
、ئاپتور: باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن