روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 12632|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدىكى پىسخىكا ساغلاملىقىغا..

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدىكى پىسخىكا ساغلاملىقىغا سەل قارىمايلى
) v" M% m, Q5 }ۋۇ شياۋماۋ
3 U3 b. G1 g: l    يازلىق تەتىل باشلانغىنىغىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى، ‹‹تەتىل بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، دەرس، ئىمتىھانلارنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ، خۇشال – خۇرام ساياھەت قىلىمىز›› دېگەن قوشاق بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر.7 `4 {# p  k8 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    تەتىل، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارام ئالىدىغان ۋە ئۆزىنى تەڭشەيدىغان مەزگىل، ئوقۇغۇچىلار بىر مەۋسۇملۇق جىددى ئوقۇشتىن كېيىن، تەتىلدە ئوبدان ئارام ئېلىپ، كېيىنكى مەۋسۇم ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلايدۇ. تەتىل تۇرمۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش، كاللىنى ئارام ئالدۇرۇش، نېرۋىلارنى تەڭشەش، پىسخىكا جىددىيلىكىنى يوقىتىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
2 |* [0 c: h# G0 F; a    لېكىن، كۆپ قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىلنى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشى تەكرارلاش سىنىپىغا قاتنىشىش بولۇپ، ئارام ئېلىش دائىرىسى ئىنتايىن تار، ئاتا – ئانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى كەمچىل، بىللە ئوينايدىغان دوستى يوق بولۇۋاتىدۇ. تەتىل ئەكسىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكا جىددىيلىكىنىڭ يۇقىرى مەزگىلى بولۇپ قالدى.. L! H2 C; i' w9 H% H, z9 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى تەتىلگە قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ھەر خىل تەكرارلاش سىنىپلىرى ياكى ھەر خىل كۇرسلارغا تىزىملاتماقتا، شۇ سەۋەبتىن تەتىل بالىلارنىڭ ‹‹ئۈچىنچى مەۋسۇملۇق ئوقۇشى›› غا ئايلىنىپ قالماقتا. نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ‹‹تەتىل قويۇپ بەردى دېگەنلىك يەنە بىر قېتىملىق جەڭ باشلاندى دېگەنلىك، تەتىلدە تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن كۈچەيتىش سىنىپلىرىغا قاتنىشىپ، ھەر خىل مەشىق سوئاللىرىنى ئىشلەيمىز›› دېيىشمەكتە.
0 j) l. t9 T6 r, h" I( c    تەتىللىك پائالىيىتى چەكلىك بولۇش بالىلارنىڭ تەتىلدىكى زور بەختسىزلىكى. تەتىلدە ساغلام، پايدىلىق پائالىيەتلەر بولمىسا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن تەتىلنىڭ مەززىسى قالمايدۇ. تەتىلدە ئاتا – ئانىلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولىدۇ، بالىلار دوستلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرىدۇ، كومپيوتېر ئويناش ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ، خۇددى ‹‹قەپەز›› كە سولىنىپ قالغاندەك ياشايدۇ. بۇنداق ھالەت بالىلاردا ئاسانلا تورغا خۇمار بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ.
; T2 O* ^1 ~/ T6 p5 {    ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاز بولۇش ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاتا – ئانىلار تەتىلدە ۋاقتىنى چىقىرىپ بالىلارغا ھەمراھ بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن. بالىلارمۇ تەتىلدە ئاتا – ئانىسى بىلەن ساياھەتكە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، %12 بالا بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلەيدىكەن. %98 بالا گېزىت، تېلېۋىزور، تور قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇچۇرغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، %2 بالا ئاتا – ئانىسى ياكى باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆكتات سېتىۋېلىپ، تاماق ئېتىپ، كىرلىرىنى يۇيۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئاندا – ساندا پاراڭلىشىپ قالسىمۇ ئاساسلىقى ئۆگىنىش توغرىسىدىلا پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.; C6 @1 t6 u7 x2 P% Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلدىكى پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كۆپ تەرەپنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىغا موھتاج. مەكتەپ ئامال بار ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە تەتىل مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە ئوقۇش بېسىمى يۈكلىمەسلىكى، ئۇلارنى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىپ، تەتىل تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پىسخىكا ئېھتىياجىنى كۆپرەك ئويلىشىشى، كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ پەرزەنتلىرى بىلەن پاراڭلىشىشى، سۇ ئۈزۈشى، دالا پائالىيەتلىرىنى قىلىشى، تاغقا چىقىشى، مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىشى، ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ، بىلىمىنى ئاشۇرغىلى، ئۇلارنى تەبىئەتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇرغىلى، شۇنداقلا ئاتا – ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرغىلى، ئائىلە تۇرمۇشىنى ئىناق قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر بالىلارنى ئۇزاق مەزگىل ئۆيدە يالغۇز قالدۇرغاندا ياكى ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن كارى بولماي، ھەر خىل كۇرسلارغا قاتناشتۇرغاندا، بالىلار ئاسانلا جىمغۇر، غەمكىن بولۇپ قالىدۇ.
3 ]! P. }0 {8 T5 n    جەمئىيەتمۇ بالىلارغا ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، تورخانا، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىشى، بالىلارنىڭ تورخانىلاردىن ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى ۋە تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. مەھەللىلەرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى، قۇرداشلار ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى ھەم بۇ ئارقىلىق ياخشى كىشىلىك ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.9 K# d- e/ w1 @# Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2011– يىل7– ئاينىڭ18– كۈنى شىنجاڭ گېزىتى ! F+ x: N! p( U2 j" tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-26 18:24:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 05:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش