روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 13428|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تور بېكەت قۇرغان ۋە قۇرماقچى بولغانلارغا ئىككى كەلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تور بېكەت قۇرغان ۋە قۇرماقچى بولغانلارغا ئىككى كەلىمە
3 [: _! S. a5 U4 R* e- F
- h9 b% N. q( K- N1 Dتور بەتچىلىكىمىزنىڭ تارىخىنى ئەڭ دەسلەپكى ئۇيغۇرچە تور بېكەت قۇرۇلغان ۋاقتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئازغىنا كەم 15 يىل بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا، نۇرغۇن بېكەتلەر قۇرۇلدى، نۇرغۇن بېكەتلەر تاقالدى، تور بەتچىلىكىمىز نۇرغۇن ئىسسىق-سوغاقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى. كۆپلىگەن ئىرادىلىك قېرىنداشلىرىمىز تور بەتچىلىكىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، نۇرغۇن ۋاقتىنى، زېھنىنى، ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ، تور بېكەتلەرنى قۇرۇپ، تورداشلارنىڭ ئورتاق بەھرلىنىشىگە ئېچىپ بەردى. + b* l  G& ?/ Q# [( G$ M3 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىرقى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ سانى توغرىلىق ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز، لېكىن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدىكى بېكەت سانى ۋە مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىكى سان-سېفىرلارغا ئاساسەن، نۆۋەتتە نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر 1000 دىن ئېشىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.2 R: u7 a& O. K! Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نۆۋەتتە، تور بېكەت قۇرغانلار ۋە قۇرماقچى بولغانلار، شۇنداقلا تورداشلار ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ سانىدىن كۆرە سۈپىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش.! @2 X: `( T/ d& a! j) E7 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، تور بەتچىلىكىمىز كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا تېگىشلىك مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ يەردە تور بەتچىلىكىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەردىن بىرىنى يەنى تور بېكەت باشلىقلىرى قانداق قىلىپ ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە قوللاشنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقساق.6 @# M/ U, ~- m( e- I3 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تور بېكەت قۇرۇش مودا بولغاندەك، ئازراق كومپيۇتېر بىلىمى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى بارلار مەخسۇس ئۆزىمىزنىڭ تور بېكىتىنى قۇرىۋاتمىز (كەمىنە مۇئەللىپمۇ شۇ قاتاردىن قالمىغان). (خاتا چۈشىنىش بولۇپ قالمىغايكى،  بۇنداق دېيىش ئارقىلىق، بېكەت قۇرغانلارنى ۋە قۇرماقچى بولغانلارنى ئەيىپلەش، قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سېپىش نېيىتىمىز يوق. تور بېكەت قۇرغانلار ۋە قۇرماقچى بولغانلارنىڭ نى-نى گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى، ئۇلۇغۋار مەقسەدلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كېچىنى كېچە دېمەي قان-تەر ئاققۇزىۋاتقانلىقى كۆڭلىمىزگە ئاياندۇر.)  لېكىن، ئۇچۇرنىڭ يېڭىلىنىشى، بېكەتنىڭ موقىم يۈرۈشلەشتۈرىلىشى، تور ئەھلىگە كېرەكلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، تور ئەھلىگە ئەمەلىي "نەپ بېرىش" بىلەن بىرگە، مۇناسىپ ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىۋاتقان تور بېكەتلىرىمىز  يەنىلا ئاز بولىۋاتىدۇ. 8 R8 `+ j  z1 T2 `! Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ تور بېكەتلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلغان تور بېكەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش تازا مۇۋاپىق ئەمەس، لېكىن، ئۇلارنىڭ تور بېكەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلساق، بىزگە پايدىلىق بولسا، ئۆرنەك قىلساق، تور بېكەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىمىز مۇمكىن. بىزدىمۇ بەيدۇ، شىنلاڭ، سوخۇ، ۋاڭيى، تېڭشۇن، يوكۇ، 56، تۇدو دېگەندەك داڭلىق تور بېكەتلەر چىقىشى مۇمكىن.
" }( l+ B  s/ Cھازىرقى چوڭراق بېكەتلىرىمىز ئۆز يولىدا داۋاملىق مېڭىپ تەرەققىي قىلىشنى خالىسا، ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسە، ئەگەر باشقا تور بېكەتلەر بىلەن بىرلىشىشنى، ھەمكارلىشىشنى، قوشۇۋېلىشنى خالىسا، ئۆز ئىختىيارلىق ئاساسىدا بىرلەشسە، ھەمكارلاشسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. " U/ B1 w% r0 X  s9 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوتتۇرا-كىچىك بېكەتلەرگە كەلسەك، مەزمۇن جەھەتتە يېقىنراق كېلىدىغان بېكەتلەر ئەڭ ياخشىسى پاي قوشۇش شەكلىدە شىركەت قۇرۇش ياكى گۇرۇپپا-ئەترەت شەكلىدە بىرلىشىپ باشقۇرسا ياخشى بولامدىكىن دەيمەن. بۇنداق قىلغاندا، ھەم بېكەتنىڭ چىقىمىنى ئازايتقىلى، ھەم كۆپچىلىكنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىشقا قاراتقىلى بولىدۇ. زىيارەتچىلەر نىسبەتەن مەركەزلىشىدۇ، بېكەتنىڭ ئۇچۇر بايلىقى كۆپىيىدۇ، يېڭىلىنىشى تېزلىشىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىرقانچە بېكەتتىكى ئۇچۇر بايلىقى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بىرلەشسە، ياخشى بىر بېكەت مەيدانغا كېلىدۇ. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەن گەپ بار.
, L- z& P6 |( I+ N* ]بەزى ئوتتۇرا-كىچىك بېكەتلەرنىڭ ئاتامانلىرى ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇشى، تور بېكىتىنى كەلگۈسىدە چوڭ بېكەتلەردىن قىلىپ چىقىش ئىرادىسىگە كېلىپ ئىش باشلىغان بولۇشى ئېھتىمال. ئەگەر ئۇلار بىرلىشىشنى ئەمەس، بېكەتنى مۇستەقىل باشقۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە." `: ~# [/ m6 y9 ]8 N% M7 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يېڭىدىن تور بېكەت قۇرماقچى بۇلغانلارمۇ بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلىنىش كېرەككەن. ئەگەر ئالاھىدە زۆرۈرىيەت بولمىسا، ئايرىم بېكەت قۇرىمەن دېمەي،  قۇرماقچى بولغان تور بېكەت بىلەن ئوخشاشراق بېكەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇناسىپ سەھىپە ئېچىپ، ئەقىل-پاراسىتىنى شۇ يەردە نامايان قىلسىمۇ بولامدىكىن دەيمەن.
7 l  O$ t+ \- y* n7 I% o" sيەنە بىر مەسىلە، ئاز بىر قىسىم تور بېكەت باشلىقلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىنى سەمىمىي قوللاش ئورنىغا، كۆرەلمەسلىك، بىر-بىرىنى سېسېىتىش، ئۆزىنىلا ئويلاش، ھەمكارلىققا سەل قاراش، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، باشقا بېكەتنىڭ ۋە بېكەت باشلىقىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىللەتلەرمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلدى.
7 K$ R( T4 e: G, R+ L( i7 N«جۇڭگۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتچىلىكى خەنزۇلاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دەيدىغان گەپ بارىكەن. بۇ گەپنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقمىدىم. ئەل سۆيەر ئوغلانلىرىمىزنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تىرىشىشى نەتىجىسىدە تور بەتچىلىكىمىز ھەقىقەتەن كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. لېكىن، تور بەتچىلىكىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقمۇ ئاز ئەمەس.
& h, r: J& I. ?: J7 Eبۇ يەردە تور بېكەت باشلىقلىرى قانداق قىلىپ ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە قوللاشنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دېگەن نىيەت بىلەن بۇ يازمىنى يوللىدۇق. تور بېكەت قۇرغانلار، قۇرماقچى بولغانلار ۋە تورداشلار كۆڭلىدىكىنى دەپ باقسا. ياخشى نىيەت، ياخشى پىكىرلەر تور بەتچىلىكىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغۇسى.; b- }% f6 p4 s3 ?; Z/ ?% \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

8 N3 Y/ m: f! Z+ z( L+ d& @, Lمەنبە: ئويلىغانلىرىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-7-3 19:32:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئويلاپسىز، ئۆز ئارا قوللاش، ھەمكارلىشىش تور بېكەتلەرنى تەرەققىيتاقا يۈزلەندۈرسە يۈزلىنىدۇكى چېكىندۈرمەيدۇ .
ۋاقتى: 2011-8-9 15:19:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئويلاپسىز ،مەنمۇ بىر سودا توربېتى  قۇراي دىگەن لېكىن قۇرۇشنى ئۆگىنەلمايۋاتىمەن  ، ئەگەر مەن بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلار بولسا  مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار ،ماڭا تور بېتىڭلارنىڭ بىر سەھىپىسىنى  بەرسەڭلار مەن ئۇنىڭغا  كونا -يېڭى كومپىيوتىر ۋە  كومپىيوتىر  سايمانلىرىنى چىقىراتتىم ،بۇ ھەم ماڭىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ پايدىلىق  يولاتتى . مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە كومپىيوتىر سودىسى قىلۋاتىمەن ،   ھەمكارلىشىدىغان توربەت باشلىقلىرى  بولسا  مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ..... باشقا يېرى بولسا  كىلىسسەك بۇلدۇ ،  
0 u" j- r3 p, }4 U2 g' cQQ351105055    تېلفۇن - 15276573353
ۋاقتى: 2011-11-30 22:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى تەكلىپ بۇلىپتۇ مەنمۇ بىر ئاشخانا ئېچۋالايمىكىن توردىن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-28 07:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش