روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3622|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Excel دا قۇرلارنى رەڭ بىلەن ئايرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
Excel دا قۇرلارنى رەڭ بىلەن ئايرىش
/ j  }2 A0 J3 BExcel ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر جەدىۋەلنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا بەزىدە قۇرلارنى خاتا كۆرىۋالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ قۇرلار ئوخشاش بولمىغان رەڭدە بولسا، بۇ خىل خاتالىق كېلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . بىز Excel دىكى« شەرتلىك فورماتى» (条件格式) ۋە فۇنكىسيەلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتەلەيمىز.5 x2 I5 l- }+ aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالدى سانلىق مەلۇمات رايۇنىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن «فورمات- شەرتلىك فورمات»(格式-条件格式) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. ئېچىلغان شەرتلىك فورمات كۆزنىكىدە «شەرت 1» (条件 1) دىگەن خەت ئاستىدىكى «كاتەكچە قىممىتى» (单元格数值)دىگەن خەتنى ياكى ئۇنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئۈچبۇلۇڭنى چەكسەك، بىر كېچىك تىزىملىك چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن «فورمۇلا»(公式) دىگەن تۈرنى تاللايمىز. ئاندىن ياندىكى كاتەكچىگە (=MOD(ROW(),2)=0) بۇ فورمىلانى يازىمىز. ئاندىن كيىن ئاستىدىكى «فورمات»(格式) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق، «كاتەكچە فورماتى»(单元格格式) دىگەن كۆزنەك ئىچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن «رەسىم-بەلگە»(图案) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، خالىغان بىر رەڭنى بېكىتىپ جەزىملەشتۈرۈپ،«شەرتلىك فورمات» كۆزنىكىگە قايتىمىز.ئاندىن يەنە بۇ كۆزنەكتىمۇ جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق، بىز تاللىغان رايۇن قۇر تاشلاپ، بىز بىكىتكەن رەڭدە كۆرۈنىدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-6-29 21:14:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم ئۈگىنىپ قويۇشقا تىگىشلىك ھۆنەر ئىكەن. رەخمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-22 10:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش