روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5766|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يۇرت ناملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۇرت ناملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
8 c& }' a: [+ x0 P3 z! X' F, Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 K. A- L* f) Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇرۇن بىرقانچە مۇنبەرگە يۇرتىمىز ناملىرى توغرۇلۇق خاتا مەزمۇنلار بىلەن تولغان بىر تەرجىمە تېما يوللانغانىكەن. يېقىندا ئۇ تېما باشقا بىر ئىسىمدا قايتا يوللۇنۇپتۇ. قارىغاندا بۇ تېما ئوقۇرمەنلەرگە بەك ياققان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇ خاتا تېمىنى قايتا قايتا يوللىغىنىنى سوراپ باقسام؛ سىز ئۇيغۇرمۇ؟ ئۇيغۇرچە بىلەمسىز؟ ئاتا بوۋىڭىز ئۇيغۇرمىدى؟ ئاتا بوۋىڭىز ئۇيغۇر بولسا نىمىشكە سىز ئوز بوۋىلىرىڭىز قويغان ئىسىمنى خەقتىن سورايسىز؟ 3 `4 [. w, y* c2 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     ئېنىقكى بۇ تېما خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان. يالغاننى ئېغىر ئالمايدىغان، تېما-ئەمگەك ئوغۇرلاشنى نومۇس بىلمەيدىغان يازارمەنلەر بۇ خاتا بىرنەرسىنى ئويلاپمۇ باقماي بازارغا سېلىپ مۇنبەر ئەھلىنى قايمۇقتۇرماقتا. قارىغاندا بىرسى قوپۇپ خوتەن دېگەن خەنزۇچە، تۇرپان دېگەن گۇاڭدوڭچە، ئالتاي دېگەن مانجۇچە دېسە بىزنىڭ ئويلۇنۇشنى ئېغىر كۆرىدىغان يازارمەن بلوگچىلار دەرھال تەرجىمە قىلىپ تۇتىيا بىلىپ تەشۋىق قىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز تىپىك تەرجىمان مىللەتكە ئايلىنىپ قالدۇق. نېمىنى تەرجىمە قىلىش-قىلماسلىق ئختىيارى، توغرا خاتانى ئايرىش قابىلىيىتى بولمىغاندا، خەقلەر نىمە دېسە ئۇقۇپ شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ دوراش ۋە پاسسىپلارچە ئەگىشىش مۇقەررەرلىككە ئايلىنىدۇ. چۈنكى تەرجىمان دېگەن مەڭگۈ ئەسلى ئاپتۇرغا ئەگەشكۈچى، تەپەككۇر قىلغۇچى ئەمەس تەپەككۇرنى قوبۇل قىلغۇچى . بىز قاچانغىچە ئۆزىمىزنى خەقلەرنىڭ ئۆلچىمىدە باھالايمىز، ئۆزىمزىنى خەقلەرنىڭ يازمىسى بىلەن چۈشىنىمىز؟ بۇ تېمىنى يېزىشتىن مەقسەدمۇ شۇ. بوۋىلىرىمىز مۇشۇ زىمىنغا يارالغانكەن، بۇزىمىندىكى تاغۇ- دەريا ئېتىز- قىرلىرىمىزنى ئاشۇ بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆز تىلىمىزدا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشتۇر. خۇددى ئابدۇللا "بىزلەر" دېگەن ناخشىسىدا ئېيىتقاندەك "زاتىمىز سورىساڭ ئافراسىياپتىن". ئافراسىياپ كىم؟ قايسى خەنزۇچە ماقالىگە مۇراجەت قىلىمىز؟ قايسى روسنىڭ كىتابىغا دۈم چۈشىمىز؟ ئافراسىياپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر شاھلىرىنىڭ بىرى ئالپ ئەرتوڭادۇر. بۇ يەردىكى ئالپ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا باتۇر دېگەن گەپ ئەرتۇڭا ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى. ھازىرقى مەنىسى باتۇر ئەرتوڭا دېگەنلىك بولىدۇ. خۇددى ھون ئىمپىرىيىسىنى دۇنياۋىي بۇيۈكلۈككە مۇشەررەپ قىلغان باتۇر تەڭرىقۇت دېگەن ئىسىمغا ئوخشاش. بەلكىم بۇ ئىككىسى بىر ئادەم بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئافراسىياب ھەققىدە "شاھنامە"دە رىۋايەتلىك مەلۇمەت بولغاندىن سىرت تارىيخى مەلۇمات يوق. ئافراسىياب دېگەن بۇ سۆز "شاھنامە"دە شۇنداق يېزىلغان بولۇپ ئالپ ئەرتوڭانى كۆرسىتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئابدۇللاھ "زاتىمىز سورىساڭ ئافراسىياپتىن دەيدۇ؟" چۈنكى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى نۇرغۇن يەرناملىرىنىڭ قويۇلۇشىنى ئافراسىيابقا باغلىغان. ئالپ ئەرتوڭا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچى. دېمەك تېمىمىزدا توختالماقچى بولغان ئۇيغۇر يەرنامىلىرى مۇبارەك بوۋىلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىيخىغا باغلىنىدۇ. ئەجەبا بىز ئالپ ئەرتوڭانىڭ نەسلى تۇرۇپ ئۆز توپراقلىرىمىزنىڭ مەنىسىنى خەقتىن سورايدىغان بىخۇت ھالغان چۈشۈپ قالدۇقمۇ؟ تۆۋەندە مەن مەلۇم خەن ئاپتۇرنىڭ دوستلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان يەرناملىرىمىزغا دائىر ماقالىدىكى خاتالارنى بىر مۇ بىر تۈزۈتۈپ چىقىمەن.
* R2 z+ H3 }+ A3 M+ ?( e3 Y       كورلا— ئۇيغۇرچە مەنىسى«نەزەر تاشلىماق».
* M3 @; W. K- \. b$ vخاتا؛ مەنىسى كويلا، يەنى تۈگمەننىڭ كويلىسى. بۇ شەھەر كۆنچى دەرياسى قىنىنى ئۆزگەرتكەنلىك سەۋەبىدىن بىر قېتىم خاراپ بولۇپ ئەسلى ئورنىدىن كۆنچى دەرياسىدىكى ئەسلىدىكى تۈگمەن كويلىسىنى مەركەز قىلىپ قايتا قۇرۇلغانلىقى سەۋەبلىك شۇنداق ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن.
, f. c. C; O1 C     بايىنبۇلاق— موڭغۇلچە مەنىسى «كەڭرى يايلاق». 5 B+ b" R' e* {6 v$ qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتا؛ مەنىسى باي بۇلاق.
$ `$ ]( }. H+ ]) y     خۇشۇت— مۇڭغۇلچە «خېخىتې» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى .
# B* x. y# [1 F! U! ?, Fتوغرا؛ موڭغۇللارنىڭ خوشۇت قەبىلىسى 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى ئون يىللار ئەتراپىدا، مانجۇ خانلىقى تەرىپىدىن چىگرىلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىڭتۈەن ھىسابىدا ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. شىبە، مۇڭغۇل، داغۇر، مانجۇ، سۇلۇن قاتارلىق بۇنداق بىڭتۈەن قەبىلىلەرنىڭ نامى ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا قوللۇنۇلماقتا. مەسىلەن، جۇڭغار ئويمالىقى، بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچىسى يارىش يزلىقى ئېدى. يارىش مۇسابىقە مەنىسىدە تۈركىيە تۈركچىسىدە ھازىرمۇ بۇ سۆز بار. يازلاق يازلايدىغان يەر، خۇددى قىشلاق قىشلايدىغان يەر مەنىسىدە كەلگەنگە ئوخشاش.
# g8 R) B4 o8 L7 M     باغراش— مۇڭغۇلچە مەنىسى «قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش». : e$ `. L! B; Z7 \: fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتا؛ باغراش ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەبىلەسىنىڭ ئىسمى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە باغداش دېگەن يەر بار. بۇمۇ مەزكۇر ئۇيغۇر قەبلىسى بىلەن باغلىنىدۇ. بەلكىم كورلا ئۇيغۇرلىرى بىلەن قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى تارىختا ئورتاق قەبىلىۋىي بىرلىككە ئىگە بولغان بولسا كېرەك. ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنداق قەبىلە نامىدىن كەلگەن يەر ناملىرى خېلى بار. مەسىلەن قارلۇق دېگەن يەر نامى قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە، خوتەننىڭ كىرىيە ناھىيىسە، ۋە قۇمۇلدا تەڭلا مەۋجۇد. بەلكىم قارلۇق قەبىلىسى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن مۇشۇ رايۇنلارغا تارالغان بولسا كېرەك. بۇنداق ئۇيغۇر قەبىلىلىرنىڭ نامىدىن كەلگەن يەر ناملىرىدىن يەنە مەركىت، بارىن، يوپۇرغا، بۈگۈر، ئىتارچى، بارلاس، قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى بۇ قەبىلە ناملىرى قازاق ۋە مۇڭغۇللاردىمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر-قازاق بىر مەنبەلىك. موڭغۇللارمۇ بىزگە ئوخشاش ئورتاق ئالتاي تىللىرىغا تەۋە بولغانلىقتىن تىلى يېقىن شۇڭا بىر قەبىلە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە موڭغۇلچىدا تەڭلا بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.
' Z( Q: z" U0 [0 _. P    ئاقسۇ — ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئاق رەڭلىك سۇ» % z8 e) G9 B8 \: k; jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا دەيا دېگەن مەنىدە شۇڭا ئاقسۇ يەرنامى تۈركى خەلقلەر بار يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە بار. 5 N3 m8 M0 r- k0 r% |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    كۇچا— ئۇيغۇرچە «تار كۇچا،خاڭ يولى» قاتارلىق مەنىلەرگەئىگە. / W5 G7 h# K7 Z1 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتا؛ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شەكلى كۇشان، كۇسەن،كۆسەن بولۇپ تارىمىزدىكى كۆسەن دۆلىتىنىڭ پايتەختى. كۇچا دېگەن سۆز، كۇشان سۆزىدىن قىسقىراپ بارلىققا كەلگەن. 9 a% S6 d) o2 q/ y2 d9 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    شايار— ئۇيغۇرچە مەنىسى «يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى» دىن ئىبارەت.
6 E% _6 N4 G: oخاتا؛ شاھ+يار، يەنى پادىشاھ يار بولغان زېمىن دېگەن مەنىدە. بۇ يۇرت بىر قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن قارىخانلار ئىمپىرىيىسىنىڭ بىز شاھى تەرىپىدىن قايتا ئاۋات قىلىنغان. يۇرتىمىزدىكى پەيزاۋات دېگەن يۇرتمۇ قاراخانىلارنىڭ پەيزۇللاھ ئىسىملىك بىر شازادىسى تەرىپىدىن باياشات قىلىنغان. : A# r" a3 `7 n7 x9 `: i, Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    باي — ئۇيغۇرچە «باي بولماق ،بايلىق» دىگەن مەنىگە ئىگە.
/ q, B) {' M& _, n3 f9 Yچالا؛ تۈركى تىللار دىۋانىدا بۇ يۇرت باي ياغاچ دەپ يېزىلغان. بۇرۇنقى ئۇيغۇرچىدا ياغاچ ئورمان مەنىسدىمۇ كېلىدۇ. بەلكىم بىپايان ئورمان دېگەن مەنىگە ئىگە بولسا كېرەك. 2 n% ~/ K" U5 ]( \, z6 t3 T' Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئاۋات — ئۇيغۇرچە مەنىسى «گۈللەپ ياشنىماق،ئاۋاتلاشماق».
: P; a/ }* ~$ D) p- {' p' Fخاتا؛ ئاۋات دېگەن سۆزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا شەھەر دېگەنمۇ مەنىسى بار. خۇددى كەنت دېگەن سۆزنىڭ شەھەر مەنىدە بولغىنىغا ئوخشاش.
# {3 W1 M, E7 G: W       نوپۇسنىڭ شىددەتلىك كۆپۈيىشى ۋە تەبىيەتنىڭ بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سەۋەبلىك دىيارىمىز تارىخىدا نۇرغۇن شەھەرلەر خاراب بولغان، ياكى شەھەرلەر يوقاپ كەنتكە ئايلىنىپ قالغان. بەلكىم ھازىرقى بىز ئاۋات نامى بىلەن ئاتاۋاتقان يەرلەر ئەسلى شەھەر بولۇپ كېيىن خاراب بولۇپ بۈگۈنكى كىچىك-كىچىك ئاۋاتلار پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.
, u1 q' `2 J1 W% e8 W1 m: x    قىزىلسۇ— قىرغىزچە مەنىسى «قىزىل رەڭلىك سۇ».
2 u5 v+ {* f( y, |* @6 u4 F- ~    ئاقتۇ— قىرغىزچە مەنىسى «ئاق تاغ». ) @" ]6 J# k) [; J" Y( H2 @, gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۇلۇغچات— قىزغىزچە مەنىسى «چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال».
1 Y/ B2 ^! b( O9 E    ئاقچى— قىرغىزچە مەنىسى «ئاق چىغ»دىن ئىبارەت .
# w$ |* T: F1 T6 k5 aبۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى قىزىلسۇنىڭ قىرغىز ئوبلاست دېيىلگىنىگە قاراپلا تاپقان گەپلەر. ۋەتنىمىز چىگرىسى ئىچىدكى قىرغىزلار 1916-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا رۇس ئاسمىلاتسىيەسىدىن قېچىپ يېتىپ كەلگەن. باغرى يۇمشاق، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى تىلى ۋە دىنى بىر بولغان تۈرك قەۋمىگە تەۋە بۇ قېرىنداشلىرىنى، ئۇلارخالىغان يەرلەرگە ئورۇلاشتۇرپ قۇدا باجا بولۇپ بىللە ياشىغان.ئۇلۇغ چات(ئۇلۇغ ئاچال، ئۇيغۇرچىدىكى چات سۆزىنىڭمۇ ئاچا دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكى ئېنىق) ئاق تاغ، ئاق چىغ، قىزىلسۇ دېگەن يەرلەر ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇنمۇ مەۋجۇد ئېدى. كۆچمەنلەر ھىچقاچان يەر كۆتۈرۈپ كەلمەيدۇ. پەقەت قىرغىز قېرىنداشلار كەلگەندىن كېيىن بۇ يۇرت ناملارنىڭ تەلەپپۇزى قىرغىزچىلاشقان. مەسلەن ئاق تاغ، دېگەندىكى تاغ سۆزىنى قىرغىز باغىرلىرمىز توۋ تەلەپپۇز قىلىدۇ. + `& Q6 B0 w8 s8 b, Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    قەشقەر— ئۇيغۇرچە مەنىسى «ھەر خىل رەڭدىكى خىش ئۆي»،قەدىمكى ساك تىلىدا « قاشتېشى توپلانغان جاي» دىگەندىن ئىبارەت. ; A: B6 T/ K4 b( @: z5 j/ qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    قەشقەر كونا شەھەر— ئۇيغۇرچە مەنىسى «تۇپرىقى مۇنبەت،خەلقى باي».   c* L8 x7 V2 [" o6 ^6 Z7 ]- ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    يۇقارقى كارامەت ئۇيغۇرچە مەنىلەرنى ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ چىنپۈتۈپ كۆچۈرۈپ يۈرگىنىگە ئادەمنىڭ ئاجايىپ ئىچى ئاغرىيدۇ. ) g2 N3 f, b7 I+ }: bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    قەشقەر—  ئىسىل قاش تېشى دېگەن مەنىدىكى قاش سۆزىگە ئۇستا، ھۈنەرۋەن مەنىسىدىكى كار، كەر گار، گەر قوشۇمچىلىرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان. بوۋىلىرىمىز خوتەندىن قاش قېزىپ قەشقەردىكى خەلقئارا يەرمەنكىگە قويغان، قولى گۈل قەشقەر ئۇيغۇرلىرى قاشتىن ھۈنەر بىلەن گۈل چىقىرىپ جاھانغا ساتقان. ئۇيغۇر دىيارىدا ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن باغلانغان يەر ناملىرى بەك كۆپ مەسىلەن، ياركەنت ۋە يېڭىشەھەردىكى تاغارچى، كورلىدىكى كۆنچى، غۇلجىدىكى قازانچى...قاتارلىقلار. ) ~6 A/ s2 |6 B6 ~! h2 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    پوسكام— تاجىكچە مەنىسى «ئالتۇن دەرياسى» ئۇيغۇرچە مەنىسى«مۇنبەت تۇپراق». * K- v0 j  F8 ]8 w- d5 [! iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا خەنزۇچە ئات قويۇشتا بەك قىينىلىشقان. ئەسلى زەرەپشان دېگەن سۆز تاجىكچە زەر ئاقىدىغان دەريا دېگەن سۆز بولۇپ بۇ ياركەنت دەرياسىنىڭ پارىس-تاجىكچە ئىسمى. بۇنى خەنسۇچە زېلىپۇشىيەن يېزىپ بۇ نامنى تىلى كەلمەي زېپۇ دەپ قىسقارتىپ پوسكام دېگەن يەرگە قويغان. ياركەنت دېگەن سۆزنى قىسقارتىپ يې ئېر چىياڭ دەپ يېزىپ يېچىڭ دەپ قارغىلىققا قويغان. يۇقارقى مەنە خەنزۇچىسىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. 5 z( L& \) c6 z8 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    يەكەن— قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى «تىك قىيا(يار)دىكى شەھەر».
; d2 E# o* S. I% y$ \يار سۆزىنى مەھمۇد كاشغەرى دوست، مەھبۇب دەپ ئىزاھلىغان. بەلكىم دوست شەھەر، ياكى يار بويىدىكى شەھەر بولۇشى مۇمكىن. 9 e9 t& e, d% K- z7 H; l$ Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    قاغىلىق— ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان جاي،قاغا بىر قەدەر كۆپ جاي». 0 [" C* ?) X* O0 T2 p9 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتا؛ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا بۇ يەر قارغالۇق دەپ يېزىلغان. مەنىسى قارغا ئاتىدىغان يەر دېگەن مەنىدە. 3 F9 S+ h- |* H, o0 ?2 M  d6 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    مەكىت— ئۇيغۇرچە «ئوتتۇرا بەلۋاغدىن كۆچۈپ كەلگەن ئادەم» دىگەن مەنىگە ئىگە.
5 p2 D# g5 @! y6 Zخاتا؛ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. بۇ قەبىلە دولان قەبىلىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. شۇڭا مەركىتلىكلەر ئۆزىنى ئۇيغۇر دولانلىرىدىن دەپ قارايدۇ.
' H4 h+ }3 r" o% I    يۇپۇرغا— قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى«يارباكۇ»دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ «بىر قەبىلە» دىگەن مەنىگە ئىگە. 6 z6 F" T- `$ g& u" i7 m5 S1 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتا؛ ئۇيغۇرلارنىڭ يابلاقۇ قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن. ! n' A/ q& f3 f( ~9 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    پەيزاۋات— ئۇيغۇرچە «ئىكى دەريانىڭ ئارىسى» دىگەن مەنىگە ئىگە. . V0 q8 b1 J$ G8 G9 |; Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتا؛ قاراخانلار شاھزادىسى پەيزۇللاھخاننىڭ ئىسمىدىن كەلگەن، مەنىسى پەيزۇللاھ شەھرى. ئابات=شەھەر. 0 F- T3 F8 [9 L  i3 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئاتۇش— ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئارچا دەرىخى» بولۇپ،يەنە «ئارچا،قارا ئارچا ياكى جۇڭگۇ ئارچىسى» دىگەن مەنىلەرگە ئىگە. ! {/ }* C: `! A/ C  |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتا؛ ئارتۇچ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دەرەخلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى. مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ چىرايلىق قىزلارنىڭ بويى ئارتۇچ دەرىخىگە ئوخشۇتۇلىدۇ دېگەن.
, @& u& p) E6 E* W9 D    مارالبېشى— ئۇيغۇرچە بۇغا بېشى>>دىگەن مەنىگە ئىگە .
8 S" {1 t5 }' Q- w* ^بۇ يۇرتنىڭ قەدىمكى نامى بارچۇق،(خەنزۇچىسى ئازراق يېقىن كېلىدۇ لېكىن قىسقارتىلغان) بارچۇق ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى خاقانى.
& y4 V& p8 ~; H4 r    تاشقورغان— ئۇيغۇرچە «تاش شەھەر» دېگەن مەنىگە ئىگە. قارىقاش_ئۇيغۇرچە «قارا رەڭلىك قاشتېشى» دىگەن مەنىگە ئىگە.
5 x: e3 T# Q5 Q4 t7 Z$ e' R     لوپ— ئۇيغۇرچە «تاغاق سۆڭىكى» يەنە «لوپنۇرلۇقلار» دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دىگن قاراشمۇ بار. 2 U  z/ F: ?" N6 ?$ O* qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتا؛ لوپ بىلەن لوپنۇر بىر گەپ. لوپنۇر دېگەن لوپ كۆلى دېگەنلىك بولىدۇ. نۇر قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا ۋە موڭغۇلچىداكۆل دېگەن سۆز. ئىككىلىسى لوپ كۆلىنىڭ نامىدىن كەلگەن.
. b9 f* N+ X6 W0 c; g" n    چىرىيە— ئۇيغۇرچە «چىلان» دېگەن مەنىگە ئىگە. 0 T3 c: e- t! p  Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتا؛ ئۇيغۇرچە چىرىيە دېگەن يەر نامى يوق. خوتەن ئۇيغۇرلىرى بۇ يەرنى چىرا دەيدۇ. ئۇيغۇرچە چىرا چارا دېگەن چوڭ قاچا ياكى تەڭنە-تەڭلە دېگەن سۆز. 4 @9 Z$ p) ]& Q$ _. B/ ~- D& j6 C2 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمدى چوڭراق يۇرتلىرىمىزنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاغايسىز.
    ئۈرۈمچى— تارىيخى ھەمىدى دېەەن بۈيۈك تارىيخى ئەسەردە بۇ شەھەرنىڭ ئەسلى رۇمچە دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ كېيىن تەلەپپۇز ئۆزگىرىپ ئۈرۈمچە بولۇپ قالغانلىقى يېزىلغان. بۇ شەھەر رۇم شەھرىنىڭ كىچىكى دېگەن مەنىدە رۇمچە ئاتالغان. / g$ G4 A/ X4 e; t8 q& h  M" Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    سانجى— ئەسلى تولۇق ئۇيغۇرچىسى جان بالىق، جاندەك ئېزىز شەھەر دېگەنلىك بولىدۇ. بالىق شەھەر مەنىسىدە. ھازىرقى ئىسمى خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرىپ كەلگەن.
' C2 O- L* Z$ \; J! A' u. y    جىمسار— تىنچ شەھەر. جىم تىنچ، سار-شەھەر.
. b' s( Q5 P# s! o    قۇتۇبى— ئەسلى قۇتبەي. قۇت =بەخت، بەي=بەگ. قۇتلۇق بەگ.
. W2 X7 r6 D( B, D. R; F    ماناس— قەدىمكى رىۋايەتلىك قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى. بۇ ئىسىم ھازىر قىرغىزلارنىڭ ماناس داستانىدا تىلغا ئېلىنغالىقى بىلەن، قەھرىمان ماناسنىڭ ئىسمى بىلەن مەشھۇر. 4 i/ i  }- q2 ?, sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    تاشساي— شىخەنزە، بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا، ئاندىن خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا قايتىمەن دەپ تولا چۆرەگىلەپ قېيىپ كەتكەن.
* X8 Z  e$ R6 S) b    چۆچەك— قاچىلارنىڭ بىر تۈرى.
" w& Y* j+ Y4 j, u    ئالتاي— ئالتۇن دېگەن مەنىدە. يەنە بىر قەھرىمانىمىزنىڭ ئىسمىمۇ ئالتاي بولغانىكەن. تۈركىيەدە بۇ ئىسىم بەك كۆپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسنا قەبىلىسى مۇشۇ يەردىن تارقالغان دەپ سۆزلىنىدۇ.
! G" w8 L, o* J7 w6 m% t    بورتالا— ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر بۆرتالا دەيدۇ، بۇ خاتا، ئەسلى بورتالا بولۇپ ئاق دالا دېگەن مەنىدە. غۇلجىدا كۆك دالا دېگەن يەرمۇ بار. بور قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا يەنە ئۈزۈمنىڭ مىۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇرۇن ئۈزۈمنىڭ مىۋىسىنى بور، ياغىچىنى ئۈزۈم دېگەنىكەن. تۇرپادنىكى بويلۇق ئەسلى بورلۇق دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ ئۈزۈملۈك دېگەن مەنىدە.
! n+ S6 _/ ~* }4 S+ y0 e9 A- \  c    غۇلجا— قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا مارالنىڭ بىر تۈرى 8 a# T' A9 F% N( o& Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    خوتەن— قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا ئۇدۇن، بۇ سۆزنىڭ تومۇرى ئۇد، ئود ئويلانماق، تەپەككۇرقىلماق، دېگەن مەنىدە. مۇشۇ پېتى پەرەز قىلغاندا ئۇدۇن تەپەككۇر قىلغۇچى پەيلاسۇپ دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر ئۇدۇن سۆزىنىڭ تومۇرىدىكى ئۇد سۆزىنى ئۇتماق مەنىسىدىكى ئۇت يىلتىزىدىن كەلگەن دېسەك ئۇتقۇچى يەڭگۈچى غالىپ دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۆزنى بەزىلەر ھىندىچە قۇستانا دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەيدۇ. لېكىن بۈيۈك تىلشۇناس بوۋىمىز دىۋانىدا ئۇدۇن دەپ يازغان. شۇڭا يەڭگۈچى ياكى تەپەككۇرچى دېگەن مەنە ئۇيغۇرچىغا ئەڭ يېقىن.
, \" ]; U  h4 _( q3 N    تۇرپان— تۇرغان، ماكانلاشقان، شەھەرلەشكەن، كۆچمەنلىكنى تاشلاپ تۇرۇپ قالغان دېگەن مەنىدە. تۇرپان ئۇيغۇرلار كۆچمەنلىكنى تاشلاپ بىنا قىلغان ئەڭ قەدىمكى شەھەر. مۇشۇ مەنىدە بولغاندا تارىخقىمۇ، ئۇيغۇرتىلىدىكى تەلەپپۇزىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. 7 a( v' A# I4 `: S$ ^6 g/ rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۇچتۇرپان— 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا چىڭ ئاسمىلاتسىيەسىگە قارشى قوزغالغان خەلق چىڭ ھۆكۈمۈتى قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا پۈتۈنلەي قەتلىئام قىلىنغان. شۇندىن كېيىن بۇ جايغا تۇرپاندىن ئۇيغۇرلار كېلىپ قايتا ئاۋات قىلىنغان. تۈركى تىللار دىۋانىدا ئۇچ شەھرى دەپ تىلغا ئېلىنغان. مەنىسى بىر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئىكەن. ئارتۇچ دېگەن سۆزدىكى ئۇچ بىرخىل ئۆسۈملۈكنى كۆرسەتسە، ئارت تاغئۇچ دېگەن بىرخىل دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ..
0 |* `- s! Q6 p; V( X5 b, R    كۈيتۈن— ئەسلى ئۇيغۇرچە ئىسمى قاراسۇ ) U  X7 N0 O( N5 d- ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ۋۇجىياچۈ— ئەسلى ئۇيغۇرچىسى بەش ئۆستەڭ ' y4 W0 a& u8 r* O( }# uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    گۇچۇڭ— ئۇيغۇرچىسى بەش بالىق
3 E' J& [' Z' M. ?1 ]    شىخو— ئۇيغۇرچىسى ياڭى بالىق، ھازىرقى تەلەپپۇزىمىزدا يېڭى بالىق.
0 A* p: H6 U4 E    مىللەتنى سۆيۈش دېگەنلىك مىللەت توغرىسدا كۆپ سۆزلەش، توختىماي قاقشاش، داتلاپ ئاغرىنىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى، شۇ مىللەت ياشىغان ھەر بىر چىمدىم توپراقنى، شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىكى ھەر بىر ئېغىز سۆزنى چۈشىنىش، ئۆگىنىش، ھۆرمەتلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ناملىرىنىڭ ئەسلىنى ھازىرقىسىنى بىلىش، قوللۇنۇش، توغرا تونۇشتۇرۇش ھەقىيقى داۋراڭسىز مىللەتپەۋەرلىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر. 0 ?9 T# L; E1 I, P  Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    يۇرتىمىزنىڭ ناملىرىنى بىلىش ئۈچۈن يۇرتىمىز يەر ناملىرىنىڭ توغرا مەنىسىنى بىلىش ئۈچۈن، نىياز كېرىم شەرقى يازغان«يۇرتىمىز يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشىلەر»، ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانىنىڭ«چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى ئىلمىي ماقالىلىرى» قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزىنىڭ «يۇرتىمىز يەر ناملىرى»قاتارلىق كىتابلارغا مۇراجەت قىلغايسىزلەر.
' V% [( H# Q* S4 P+ K5 Y6 Y  I    تۆۋەندە يەنە بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ مەنسىسنى قوشۇپ قوياي:
- Q6 j: j( u$ C3 D    تەكلىماكان— ئەسلى تەلەپپۇزى تەركلى ماكان، بولۇپ تەرك ئېتىلگەن ماكان دېگەنلىك بولىدۇ. بەزلەر خەنزۇلارنىڭ ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەن قۇرۇق گەپكە ئىشىنىپ «ھالاكەت دېڭىزى» دېگەنلىك دەپ يۈرىشىدۇ. ئېنىقكى تەكلىماكان ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدە ھالاكەت دېڭىزى ئەمەس، خەلقىمىز ئەسىرلەردىن بويى ئامالسىز تاشلاپ كەتكەن بۇ توپراقلىرىنى سۆيۈپ ئەزىزلەپ كەلگەن. قۇملۇق خەنزۇلار ئۈچۈن ھالاكەت بولۇپ كۆرۈنىشى مۇمكىن ئەمما بىزدەك قۇملۇق بويىدا ئۆسكەن خەلق ئۈچۈن ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. شۇڭا خەلقىمىز قۇمغا كۆمۈپ داۋالاشنى كەشپ قىلغان. + @, F6 D0 Y# T- q8 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    تارىم— بۇ ئىسىم تارىم دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەن، خۇددى لوپ دېگەن نام لوپنۇر كۆلىنىڭ نامىدىن كەلگەنگە ئوخشاش. مەھمۇد بوۋىمىز خان جەمەتىدىكى ئىتىبارلىق خانىشلارنىڭمۇ تارىم دېيىلىدىغانلىقىنى يازغان. ) \; d" ]' F4 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    قارا قورۇم— قارا قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ ئۇلۇغ، بۈيۈك، كۆۈن پېتىش دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. شۇڭا قارا قورۇم ئۇلۇغ قورۇم، ئۇلۇغ قىيا دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. $ c! j$ j( {) {5 K$ q% |- K( Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    كوئىنلۇن— بۇ نام ئۇيغۇرچە قورۇم دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇيغۇرچىسىنى ئۇنتۇپ خەنزۇچىسىنى قوللۇنۇۋالغان. قورۇم، قورام تاش، يەنى بۇيۈك تاش، بۈيۈك قىيا دېگەن مەنىدە. قارا قورۇم قورۇم تاغلىرىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە بولغاچقا بوۋىلىرىمىز بىرىگە قورۇم يەنە بىرىگە قارا قورۇم دەپ نام بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، ياكى كىچىكرەكىنى قورۇم سەل چوڭراق كۆرۈنگىنىنى قاراق قورۇم دېگەن بولۇشى مۇمكىن.
. R( e& X% @" U& E9 K    يورۇڭقاش— يورۇڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا ئاق دېگەن مەنىدە. بۇ قاراقش دېگەنگە تەڭداش بۇلۇپ ئاق قاش چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. 5 ~! G. g+ \8 f4 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    جۇڭغار— مانجۇلاردىن مەغلۇپ بولۇپ يۇرتىمىزغا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قېچىپ كەلگەن موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ ئىسمى. بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىسمى يارىش، مەنىسى بەيگە، بەيگە مەيدانى. ئادەتتە يارىش يازلىقى دېيىگەن. يازلاق يازلايدىغان يەر.
5 |. M5 h& n0 d    مۇز ئارت— ئارت داۋان دېگەن مەنىدە مۇز ئارت دېمەك مۇز داۋان دېمەك. 1 \$ Q9 X! C. V7 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    چۆگىر چوقىسى— ئەسلى بۇ خاتا، توغرىسى چاغرى، چوغرى چوقىسى بولۇشى كېرەك. چاغرى قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا لاچىننىڭ بىر تۈرى. ; U$ A5 x2 f6 y0 N6 N3 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    قارا شەھەر— ئۇلۇغ شەھەر دېگەن مەنىدە.
  P' ?8 t1 L4 |! ?+ @. i    يېڭىسار— ئەسلى يېڭى ھىسار. ھىسار شەھەر قورغان مەنىسىدە خۇددى جىمسار دېگەندىكى ھىسارغا ئوخشاش.

6 N( i  S! k6 |2 G: Y. L& o5 ~# l  Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

1 |6 u. n  K+ Hمەنبە: سابا مۇنبىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Maarip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-21 22:11  
$ Y2 E+ |1 V+ g" I  G5 \; E' P) }1 h' X+ g, V0 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 ئىناۋەت +1 تەڭگە +1 بايلىق +1 يىغىش سەۋەبى
ئوكيان + 2 + 1 + 1 + 1 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-6-21 22:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت جۇمۇ مەنمۇ راس گەپ قىلسام يۇرتۇمنىڭ تۇغرا مەنسنى بىلمەيدىكەنمەن ،ئەمدى بىلۋالدىم .بۇمۇ بىر بىلىپ قۇيۇشقا تىگشلىك مۇھىم بىلملەرنىڭ بىرسى.
ۋاقتى: 2011-6-21 22:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىسىنى «يۇرتلىرىمىزنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟» دېمەي «يۇرت ناملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟» دەپ ئۆزگەرتىپ قويدۇم. ئاپتۇر نارازى بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساممۇ بولىدۇ.

باھا سۆز

مەسئۇلىيەتچان باشقۇرغۇچى  ۋاقتى: 2011-6-30 10:32

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +1 بايلىق +1 يىغىش سەۋەبى
ئوكيان + 1 + 1 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-6-22 13:43:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېىلى مۇھىم گەپكەن جۇمۇ ، بىز قاچانغىچە باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ ئۈتىمىز .....
ۋاقتى: 2011-6-22 23:44:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەزمۇن يوللاپسىز لىكىن بىزنىڭ ‹‹گۇمىنى›› ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟
, h& u  X0 S$ n) |

باھا سۆز

يۇرتۋازلىق خاھىشى ئېغىر ناچار ئىنكاس  ۋاقتى: 2011-6-30 10:35

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە -5 ئىناۋەت -5 بايلىق -1 يىغىش سەۋەبى
ئوكيان -5 -5 -1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-10 19:09:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىز گە بەك مۇھىم مەز مۇنلار ئىكەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-10 04:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش