روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4332|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالام، مەكتەپتە نېمە ئۈچۈن ئوقۇيسىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹‹بالام، مەكتەپتە نېمە ئۈچۈن ئوقۇيسىز؟››
4 R9 A  I$ B4 t  j2 Q0 D- k6 S  f3 \) ?  v' S2 {% \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2011– يىل5– ئاينىڭ22– كۈنى شىنجاڭ گېزىتى
& n! ^9 g) N1 K4 U
& @7 Z) z! Z! k ليۇ لىپىڭ
3 v  K2 N+ f, O+ p2 l. N; ]ئوقۇغۇچىلارغا قانداق سىنىپ مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك؟ مېنىڭچە، ئالدى بىلەن، ئىشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىگىلەشتىن باشلاش كېرەك. بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا: ‹‹نېمە ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇيسىلەر؟›› دەپ سوئال قويغانىدىم. ئويلىمىغان يەردىن بۇ سوئال سىنىپتا بەس – مۇنازىرە قوزغىدى، ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل جاۋابلارنى بېرىشتى.
' G; a6 u6 _" Z$ q7 A6 `   ـ دادام داليەندىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ بېيجىڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن. مەن دادامنىڭ ئىگىلىك تىكلەش روھىدىن ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
! [- W) C$ p; z 2 l2 O9 `" |- Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ـ ئاپام، دادام ئىككىسى ياخشى ئوقۇغان ئىكەن، ئۇلار قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ يىراق تاغلىق كەنتتىن بېيجىڭغا كەپتىكەن. مەن ئۇلاردىن تىرىشىپ ئۆگەنگەندىلا بىلىمى مول ئادەم بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم.
; X; r0 ^1 M1 s* x% a3 z   ـ دادام دائىم دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنى ئەقىللىق، دەپ ماختايدۇ، مېنى ئاتا مىراس كەسپىمگە ۋارىسلىق قىلغۇزىمەن، دەيدۇ، شۇڭا مەن دادامنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىمەن.
6 f- l. @- F/ ^2 Q; ^...$ K1 X# Z$ W4 l2 q& X, Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   46 ئوقۇغۇچى 46 خىل جاۋاب بەردى، ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى چىن، سەمىمىي ئىدى. كۆڭلىدە ئويلىغان ‹‹نېمە ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇيمەن›› دېگەن سوئالغا ئەينەن جاۋاب بەردى.
+ X9 w" c6 ^7 Y( w" F, x5 F9 R$ u- ]   بەزىلەر باشلانغۇچ مەكتەپتە سىنىپ مەسئۇلى بولمىسا ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ھەقىقىي تەمىنى تېتىيالمايدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ ھەر خىل جاۋابلار ماڭا قىممەتلىك تەربىيە بولدى.
% c0 W- R+ h* u7 l" p7 M+ k; M 5 o# I; b- l( B0 \4 R; Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بىرىنچى، ئۈلگىنىڭ رولى. سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي – ئىقتىدارى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، لېكىن ئۇلار باشقا جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ. ئەقىللىق ئاتا – ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتى بىلەن بالىلىرىغا تەربىيە بېرىدۇ، ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىپ بالىلىرىغا ئۈلگە بولىدۇ. بۇنداق ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرا، نىشانى ئېنىق، تىرىشچان كېلىدۇ. ماڭا بەرگەن ئىلھامى: مەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، ياخشى ئۇستازى ۋە ئوبدان دوستىمۇ؟
% ]; M. _. k' _7 ?- F* \   ئىككىنچى، ئارزۇ ئۇرۇقى. بىر قىزچاقنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى قايتا – قايتا ئوقۇدۇم ‹‹مەن داڭلىق يازغۇچى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپام ئىلگىرى ماڭا مېنى مەكتەپكە بېرىشىدىكى سەۋەب موشۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. مەن مەكتەپتە ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئوقۇسام ئارزۇيۇمغا يېتەلەيمەن››. ھازىر قانچە ئوقۇغۇچى موشۇنداق ئوقۇشنى خالاپ مەكتەپكە كېلىدۇ؟ ئەقىللىق ئاتا – ئانىلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئارزۇ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ، بالىلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىدۇ، ئۇلارغا تىرىشىپ ئوقۇغاندىلا تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ ئارزۇسىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئويلاپ قالدىم، قېلىپلىشىپ كەتكەن ئوقۇتۇشتىن سىرت، بالىلارغا كەلگۈسىدىكى نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرەلىدىممۇ – يوق؟# M3 e6 A: P& o) ^. Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئۈچىنچى، زوقلىنىش تەربىيەسى. ‹‹كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام بىرمۇنچە يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىپ مېنى ئۇخلىتاتتى، ئۇ چاغلاردا ئاپامنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق، بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بىلىم ئېلىشنىڭ تولىمۇ خۇشاللىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، يەنە تېخى ئاپاممۇ بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. ئاپام دائىم مېنى بىلىدىغانلىرى بەك كۆپ، دەپ ماختايدۇ›› دېدى بىر قىزچاق. كىشىلەر دائىم بالىلانى كۆپ ماختىسا ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ، دەيدۇ. سۆزلىشىش جەريانىدا بىر قانچە ئاتا – ئانىنىڭ نېمىشقا بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ناچار، باشقا بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاغرىنىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم، بەزى ئاتا – ئانىلار ھەتتا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا بالىلىرىنى چۈشۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاغرىنغاننىڭ پايدىسى يوق. ئەقىللىق ئاتا – ئانا بالا تەربىيەلەشتە چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش ۋە زوقلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. دائىم ماختىلىپ، رىغبەتلەندۈرۈلۈپ تۇرۇلغان بالىلار خۇشال، جانلىق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بۇلارنى مەن قىلالىدىممۇ؟( m5 A/ D8 |+ O# G1 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   تۆتىنچى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى. سوئالىمغا 46 ئوقۇغۇچىنىڭ يېرىمى ياخشى ئوقۇشنى ‹‹ پۇل تېپىش، باشلىق بولۇش، ئۆي سېتىۋېلىش، ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن››، دەپ جاۋاب بەردى. ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئەھۋالغا ئىنتايىن ئېچىندىم. ئادەتتە، سىنىپنىڭ ئۇششاق – چۈششەك ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ يۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە قەلبىنى چۈشىنىشكە سەل قاراپتىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى سىنىپ خىزمىتىمنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ئۈمىد بولمىسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆگىنەتتى؟ ئارزۇسى يوق ئوقۇغۇچى يىراق كەلگۈسىدىكى پىلانىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچالىسۇن؟ شۇڭا، سىنىپ مەسئۇلى دائىم ئۆزىگە ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوست بولۇشنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسىنى ئىگىلەشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىلىم بەرگىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟
6 [6 E0 F7 e5 r" b: O/ l# _   بىر قېتىملىق ئىنچىكە پىلانلانغان سوئال – جاۋاب، بىر قېتىملىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب دۇنياسىنى چۈشىنىش پائالىيىتى قەلبىمنى ئۆرتىمەكتە. تەيۋەنلىك بىر ئالىم ئوقۇغۇچى دېگەن سۆزگە مۇنداق تەبىر بەرگەن: ‹‹ئوقۇغۇچى تۇرمۇش بىلىملىرىنى، ياشاش ماھارىتىنى ۋە ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىدىغان ئادەم ››. بۇ ‹‹ئۈچ ئۆگىنىش›› نىڭ ئىچىدە ‹‹ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىش›› ئاساس، بۇ مائارىپنىڭ ئاساسىي مەقسىتى. سىنىپ مۇھىتىنى جانلاندۇرالىغان، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنى بىلىدىغان سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلارغا ئەھمىيەتلىك سىنىپ تۇرمۇشى ئاتا قىلالايدۇ.
* h& z; |3 [. W; Y  V1 p$ x% ]! ]+ q9 g/ dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
9 p. m# C8 N$ C# gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
( P) c" R& t# e& w8 l2 x8 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى Tursun007نىڭ مىكرو بلوگى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-6-8 10:50:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىكەن.مەن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن مۇشۇ سۇئالنى بىرنەچچەيىل بۇرۇن سورىسام 33 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى چەكچىيىپلا ئولتۇرغان ئىدى(4-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى).
ۋاقتى: 2011-6-8 13:35:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ياخشى تىمىكەن ، مەنمۇ دائىم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقشىنى ، ئارزۇسىنى بىلىپ بېقىشنى ئويلايمەن . بىراق ئۇنداق قىلالمىدىم ، چۈنكى بىزدەك يىراق يېزىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلارغا شۈنچىلىك پۇرسەت ، ۋاقىتمۇ يوق ......
% `3 D' Q) F. b7 t! _
ۋاقتى: 2011-6-9 00:03:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىقاپ ئەپەندىم دەردىنى رەسمىي تۆكۈپتىغۇ .............

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 22:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش