روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2756|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ، يېڭى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ، يېڭى يۈزلىنىشكە نەزەر
8 y" B; Z2 J* J8 a* e& w* y1 `3 w. l! Y! X# |/ lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يولغا قويۇلغان ئارزۇنى توردا تىزىملىتىش، يىغىش ۋە ئارزۇنى باراۋەرلەشتۈرۈپ ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش ئەندىزىسى ئىسلاھاتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا ئىلمىي تەرەققىياتنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم تەدبىرى.
7 j  B' k# q9 K6 z  S6 Y    ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش – قىلىنالماسلىقتىكى ئامىل ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى، نومۇرنى توغرا مۆلچەرلەش، ئارزۇنى مۇۋاپىق تولدۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئامىللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئىگىلىشى كېرەك:! V" K8 N) |/ A; r# Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    .1 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى. بۇ دۆلەت، ئاپتونوم رايون چىقارغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرى، بەلگىلىمىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى كونكرېت تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاپتونوم رايونىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىنى ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن ئېلىنغان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بولۇپ، بۇ يىل ئارزۇنى توردا تولدۇرۇش، يىغىش، ئىككى قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنى كۆپەيتىش، تولۇق كۇرسنىڭ بىرىنچى تۈركۈمىدە ئارزۇنى تولۇق باراۋەرلەشتۈرۈش ۋە چەت ئەل تىلى(خەنزۇ تىلى) ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى، كونكرېت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2011 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2011 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان تەشۋىقات قوللانمىسى››دىن كۆرۈشكە بولىدۇ.
0 i. H( X: l9 o    .2 ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا چوقۇم ‹‹شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان››دا ئېلان قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈمى، پەن تۈرى، ئىسمى، كەسپى شۇنداقلا كودى ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش كارتىسىنىڭ تەلىپى بويىچە تولدۇرۇشى ھەم ئىمزاسىنى قويۇشى، مەزمۇنى ھەقىقىي، توغرا بولۇشى كېرەك. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، ئالىي مەكتەپ تۈركۈمى، كودى، پەن تۈرىنى خاتا تولدۇرۇش، ئۆزىنىڭ شارائىتى ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامى بىلەن ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئارزۇنى تولدۇرۇش قاتارلىق ئارزۇنى خاتا تولدۇرۇش ياكى تولدۇرغان ئارزۇسى ئىناۋەتسىز بولۇش مەسىلىلىرى ھەر يىلى كۆرۈلدى. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار بارلىق ئارزۇ ئۇچۇرلىرىنى چوقۇم توغرا تەكشۈرۈپ، خاتالىق كۆرۈلمىگەندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي تولدۇرۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى ‹‹ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپ مۇندەرىجىسى›› (‹‹شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان››غا بېسىلغان)نى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە بەلگىلىمىسىنى ئىگىلىشى كېرەك. شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، ‹‹ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپ مۇندەرىجىسى››نىڭ بىرىنچى بېتىدىكى ‹‹چۈشەندۈرۈش››تە، ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ تەلەپلىرى ۋە بىر قىسىم ئالاھىدە بەلگىلىمىسى بار مەكتەپ ۋە كەسىپلەر ئەسكەرتىلگەن ۋە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم تولۇق ئوقۇپ چىقىشى كېرەك.3 J8 R0 ?' |' K! U% Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    .3 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەكتەپلەر بىر قاتار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرىنى چىقاردى، بۇ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ياكى تەربىيەلەش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە كونكرېت تەلەپلىرىنى مەكتەپلەرنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بىلسە بولىدۇ. كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، مۇنداق ئىككى جەھەتتىكى مەزمۇن بىر قەدەر ئاچقۇچلۇق: (1) مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرى، يەنى مەلۇم مەكتەپنىڭ ئارخىپ چىقىرىش نومۇر چېكى، قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى، قوبۇل قىلىش ئوتتۇرىچە نومۇرى، بىرىنچى ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىش نىسبىتى ۋە شۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن پەرقلىنىدىغان ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى. بۇ ئۇچۇرلارنى ‹‹شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان››دىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. (2) قوبۇل قىلىش نىزامى، يەنى ئەمەلىي قوبۇل قىلىش جەريانىدا قوللىنىلىدىغان چارە بولۇپ، ئېرىشكەن نومۇر ئاۋۋال ئويلىشىلامدۇ ياكى ئارزۇ ئاۋۋال ئويلىشىلامدۇ، كەسىپ دەرىجە پەرقى قوللىنىلامدۇ ياكى كەسىپ تەپسىلاتى قوللىنىلامدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەر، سىياسەت خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇشنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى؛ بىرىنچى ئارزۇسىغا تولدۇرمىغان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىغا قويۇلىدىغان شەرت شۇنداقلا ئالاقىدار كەسىپنىڭ چەت ئەل تىلى ياكى باشقا پەنلەردىكى نەتىجىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ قاتارلىقلار. بۇ ئۇچۇرلارنى مەكتەپلەرنىڭ ‹‹ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامى››دىن ئۇقۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئارزۇ تولدۇرغان مەكتەپنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مەكتىپىمۇ – ئەمەس، تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، تەسىس قىلغان كەسىپلىرى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، شۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، ئوقۇش مۇكاپاتى، ئوقۇش ياردەم پۇلى تەدبىرلىرى شۇنداقلا ئوقۇش پۇلى، ياتاق، مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىنىڭ بار – يوقلۇقى قاتارلىق ‹‹ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان›› مەزمۇنلار بويىچە يىغىش كېرەك.- F; \& Z6 _2 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    .4 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەت ئۇچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ۋە ئۇنى ئېلان قىلىش يوللىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقسا، بىرىنچىدىن، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەردىن بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرسە ياكى شۇ جايلارغا ئىنكاس قىلسا بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(www.xjzs.edu.cn)دىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ھەقسىز سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا تورغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى بىلەلەيدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ‹‹شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان›› ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزاملىرىدىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خاراكتېرى، مەكتەپ ئادرېسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە قوبۇل قىلىش چارىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى بىلىشكە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ‹‹شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان››نى، يەنە ‹‹2011 – يىللىق شىنجاڭدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامى››نى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامى ئارقىلىق مەكتەپ ئەھۋالى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىسە بولىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، ئارزۇ تولدۇرۇش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ۋە ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە توردا مەسلىھەت بېرىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ چاغدا، ئوقۇغۇچىلار تورغا چىقىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىسە ۋە مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.
. M7 x0 I4 M% ^% t) a    ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ ئارزۇسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، يەنى ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ نەتىجىنى مۆلچەرلەش ئارقىلىق تولدۇرۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشى ۋە تاماملانمىغان پىلان بويىچە ئارزۇ يىغىش خىزمىتى پۈتۈنلەي توردا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تور بېكىتىگە چىققاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرىنى ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ئۈستىدىكى مەخپىي نومۇرنى ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. تۇنجى قېتىم تورغا چىققاندىن كېيىن شەخسىي مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاندىن باشقا مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئالاقىدار تۈركۈمدىكى قوبۇل قىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تاماملانمىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن، ئەمما تېخى قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار توردا ئارزۇ يىغسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق تولدۇرغان ئارزۇ ئۇچۇرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىش، ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتىكى بىردىنبىر ئاساس قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار توردا ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئارزۇنى ئالدىن تولدۇرۇش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە شەرتىگە ئاساسەن، تولدۇرىدىغان تۈركۈمدىكى ئارزۇسىنى تاللىسا، بېكىتسە بولىدۇ ھەم تاللىغان ئارزۇسىنى ئارزۇنى ئالدىن تولدۇرۇش كارتىسىغا يېزىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن توردا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭدا تورغا چىققاندا ئويلىنىش ۋە ئۆزگەرتىش قېتىمىنى ئازايتىپ، خاتالىق چىقىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئارزۇنى ئالدىن تولدۇرۇش جەدۋىلىنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تورىدىن چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ.
4 x) s; ]2 O9 ]- ?    توردا ئارزۇ تولدۇرۇش تور ئادرىسى+ Q" H' S9 v* b! [. v% e9 ~4 Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     http://www.xjzs.edu.cn
- V* g; E2 O$ A# y" g8 A7 ^" u; sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
/ G# K8 o6 h0 Z2 l% ~+ X' ^( j* x, A/ `& {; uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى Tursun007نىڭ مىكرو بلوگى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-6-8 09:00:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەرلەردىن نىمانچە بالدۇر خەۋەر تاپىدىغانسىز، كۆپچىلىكنى تەڭ بەھىرلەندۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت!!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-20 06:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش