|
ئارزۇ تولدۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار4 f6 v% \" q5 C* u" Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2011 – يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنىلىشىپ قالدى، ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتىمۇ پات ئارىدا باشلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇچۇر توپلاش، ماتېرىيال تەييارلاشتىن تارتىپ ئۆزىنى دەڭسەش، ئەتراپلىق ئويلىشىشقىچە بولغان مۇرەككەپ جەريان، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمرىدىكى مۇھىم تاللاش. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئۇزاق يىل ئىشلىگەن بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا پايدىسى تېگىشى ئۈچۈن، ئارزۇ تولدۇرغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇشتۇردى.
0 D/ \. v' T) f+ D, M; X! e$ A4 j .1 ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى ئوبدان دەڭسەپ، مۇۋاپىق تاللىشى كېرەك
8 t1 r( D. T% }6 u ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتىكى رىقابەت كۈچى، يەنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مۇۋاپىق باھالاپ، ئۆتكەن يىللاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىدىن پايدىلانغان ئاساستا، ئىمتىھان نومۇرىنىڭ تاللىغان ئالىي مەكتەپكە ماس كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىششى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىر قەدەر تەجرىبىلىك، ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك.! T% k4 C7 {- o. @# {& e6 L J! |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي كۈچىنى سۇبيېكتىپ باھالىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى بويىچە، مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللىشى، قارىغۇلارچە داڭلىق ئالىي مەكتەپ، مودا كەسىپ، مەركىزىي شەھەرلەرنى تاللىماسلىقى كېرەك. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تاللاش، كەسىپ تاللاش خاھىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، مۇۋاپىق بىر كەسىپنى تاللاش ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىلىق، بىراق جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئايرىم كەسىپلەرگە ئېسىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەكتەپ تاللىغاندا، ئېگىز شاخقا ئېسىلىۋېلىش، تەۋەككۈلچىلىك قىلىش، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە كۆز تىكىشتىن ساقلىنىش، شۇنداقلا بىر نەچچە ئالىي مەكتەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئورۇن، داڭلىق مەكتەپ ۋە كەسىپنىلا تەكىتلەپ، ئالىي مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
0 U) D% F: V* Q& w) C 4 U6 a8 N7 Z' I: O/ |/ sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.2 ئارزۇنى قارىسىغا ۋە يېنىكلىك بىلەن تولدۇرۇشتىن ساقلىنىش9 n# h" p. ~+ D0 E+ v7 m8 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇنى قارىسىغا ۋە يېنىكلىك بىلەن تولدۇرسا، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، بۇ ئاساسلىق تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا زادىلا يېقىن كەلمەيدىغان، قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان مەكتەپلەرنى يېنىكلىك بىلەن تاللىسا، باشقا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ؛ ئىككىنچى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى خالىمايدىغان مەكتەپ ياكى كەسىپنى تاللىسا، قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئارخىپىنى قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ ھەم باشقا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۈچىنچى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ھەققى ئۆرە مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى تاللاپ، قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغاچقا، ئۆرە ئوقۇش ھەققىنى تۆلەشكە چىقىش قىلالمىسا، يەنە ئوقۇش ھەققى تۆۋەن مەكتەپ ياكى كەسىپنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى بولمايدۇ، شۇنداقلا داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە ئۆزىنى تاكاماللاشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆتىنچى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرمەيدىغان ئالىي مەكتەپ ياكى كەسىپنى تاللىسا، قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولمايدۇ، قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، مەكتەپنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بەشىنچى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئوبدان بىلىپ كەتمەيدىغان ئالىي مەكتەپنى تاللىسا، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمىسە، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، ئوقۇشتىن رايى يېنىپ كەتسە، ۋاقىت، پۇل ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلىپلا قالماستىن، كەلگۈسى تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
+ o) a7 A# B M6 ?+ V! J7 c ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارخىپى چىقسىمۇ، ئالىي مەكتەپ تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تاللىغان كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقان، تەقسىماتقا قوشۇلماسلىق؛ ئالاقىدار پەن نەتىجىلىرى بىر قەدەر تۆۋەن؛ سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى كەسىپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان؛ ئارزۇسىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن؛ سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان؛ يۈز تۇرا ئىمتىھانىدا لاياقەتسىز بولغان؛ يۈز تۇرا ئىمتىھانغا قاتناشمىغان؛ ئوغۇللارنى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقان؛ قىزلارنى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقان؛ ئوغۇللارنىلا قوبۇل قىلىش؛ قىزلارنىلا قوبۇل قىلىش؛ يېشى ئېشىپ كېتىش (ھەربىي مەكتەپلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ)، ئۇنىڭدىن باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىگەن كەسىپ دەرىجە پەرقى تەرتىپى، نومۇرى تۆۋەن بولۇشتىن ئىبارەت. يۇقىرىدىكى ئارخىپ قايتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ئەھۋاللار، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇنى خاتا تولدۇرغانلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ قايتۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.4 w5 x' ?* e1 s* Z8 K8 }+ u1 G( e7 Z/ fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇنىڭدىن سىرت، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقا كەسىپلەرگە تەڭشىشىگە بويسۇنۇش – بويسۇنماسلىق مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. مۇبادا ‹‹بويسۇنىمەن›› دەپ تولدۇرسا، قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ، بىراق ياقتۇرمايدىغان، ھەتتا ئوقۇشنى قەتئىي خالىمايدىغان كەسىپكە تەڭشەپ قويۇلۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر ‹‹بويسۇنمايمەن›› دەپ تولدۇرسا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى تاللىغان كەسىپنىلا ئويلىشىدۇ، تاللىغان كەسىپنىڭ قوبۇل قىلىش تەلىپىگە ماس كەلمىسە، ئارخىپى قايتۇرۇلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئامىلىنى ئويلىشىشى كېرەك، بىراق ھەدىسىلا بۇ ئامىلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋىلىشقا بولمايدۇ. كەسىپ تاللىغاندا، ئىمكانقەدەر ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، قىزىقىشى ۋە ئىقتىدارىغا قاراپ تاللاش كېرەك. ئادەتتە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر مەلۇم ئىجتىمائىي ئېھتىياج ئاساسىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بەزى كەسىپلەرگە كۆپرەك، بەزى كەسىپلەرگە ئازراق قوبۇل قىلىنىدۇ، مۇھىمى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.
2 b) J# L3 Z6 k9 O& Z .3 سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك+ p3 x/ a7 A. v/ b9 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالىي مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. ‹‹جىسمانىي جەھەت›› سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم تەرەپ. دۆلەت بەلگىلىگەن ‹‹ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى›› دە، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپلەر قوبۇل قىلمايدىغان كەسىپلەر ۋە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىغان كەسىپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
$ k+ C+ c, l# V! o' ?- `6 C6 u
; n- L3 o2 z) Q7 ~. W& ] X ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى ئادەتتە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ئالاقىدار ئارزۇ تولدۇرۇش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان كەسىپلەرمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئارزۇ تولدۇرغاندا چەكلىمە قويۇلغان كەسىپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. تەلىيى كېلىپ قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، شۇ كەسىپنى ئۆگىنىشكە ۋە شۇ كەسىپتە خىزمەت قىلىشقا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.
. Y& d! Y6 s. Y, L6 a6 G مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلىدى: يېڭى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەر يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرۈشى، قايتا تەكشۈرۈشتە سالامەتلىكى نورمال ئوقۇشقا يار بەرمەيدىغان بولۇپ چىقسا، ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر قايتا تەكشۈرۈپ سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن چېكىندۈرىدىغان ئەھۋال ھەر يىلى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ساختىپەزلىك قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، قوبۇل قىلىنمايدىغان ۋە ئوقۇشقا ماس كەلمەيدىغان كەسىپلەرنى تاللاپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.) d. h% {1 D3 m2 e- Y1 `' c: Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
.4 ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشى
: L! A/ @" ~* T2 Y4 d- R% y+ O ئائىلىسىدە ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈردىكى مەكتەپلەرنى ئالدىن ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ: بىرىنچى، ئارمىيە، قوراللىق ساقچى مەكتەپلىرىنى تاللىغاندا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمىغاندىن باشقا، تۇرمۇش خىراجىتىنىمۇ يېنىدىن چىقارمايدۇ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى مەزگىلدە ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەمىنات تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ئايدا بەلگىلىك ياردەم پۇلى بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تەمىنات تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىق تەمىناتلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولالايدۇ. لېكىن بۇ تۈردىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. ئىككىنچى، دۆلەت مۇداپىئە كەسپىدە ئوقۇشنى تاللىسا، ئوقۇش پۇلى بىلەن تۇرمۇش پۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى مەزگىلدە دۆلەت مۇداپىئە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئادەتتە ھەر يىللىق ئوقۇش مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن بولىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قىسىمغا بىۋاسىتە تەقسىم قىلىنىپ ئوفىتسېرلىققا تەيىنلىنىدۇ، تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئائىلىسىنىڭ يۈكى خېلى يېنىكلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىمۇ ھەل بولىدۇ، لېكىن تەن سالامەتلىك ئەھۋالىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. ئۈچىنچى، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى تاللىسا بولىدۇ. پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ئېلىنمايدۇ. بۇ، ئوقۇش خىراجىتىنى تېجەپ، ئىقتىسادىي بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى ئويلايدىغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى تاللاش. تۆتىنچى، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەيدىغان ياكى يۆنىلىشلىك ئىشقائورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى تاللاشقا بولىدۇ.
4 w1 N. }8 {( `
7 @5 K, t9 U/ q# ^. C ئارزۇ تولدۇرۇش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى تاللاپ، ئارزونى سوغۇق قانلىق بىلەن تولدۇرۇپ، كۆڭلىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن ياخشى شەرت ھازىرلاپ، ئۆز غايىسىگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
1 |/ \& Z! A: j7 `, U) Aمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
# }9 V+ Y: f; _7 F* e; Q/ @# y3 x% I0 k3 C3 }2 j$ S$ @4 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى Tursun007نىڭ مىكرو بلوگى |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|