|
شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى 16ئالىي مەكتەپ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
3 A* E& J# `8 Z5 e, ~% Y/ f/ Xبۇ يىل شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىدىكى 16 ئالىي مەكتەپ تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىن تولۇق كۇرستا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
) x6 J- t5 f1 R* M ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2011 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرگە تىزىملاتسا بولىدىكەن.
4 M4 m) T! U. `: r% w# T" N شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شياڭگاڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، شياڭگاڭ پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شياڭگاڭ جىنخۇي ئۇنىۋېرسىتېتى، لىڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شياڭگاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى، شياڭگاڭ ئاشكارا ئۇنىۋېرسىتېتى، شياڭگاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى، شياڭگاڭ شۇرېن ئۇنىۋېرسىتېتى؛ جۇخەي ئىنستىتۇتىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاۋمېن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاۋمېن پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاۋمېن سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى، ئاۋمېن ساياھەت ئىنستىتۇتى، ئاۋمېن جىڭخۇ پەرۋىش ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار، شۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا كىرىپ تەلەپلەر بويىچە بىۋاسىتە تىزىملاتسا بولىدۇ.) g" d+ `4 C ^# @2 w T/ n9 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇقىرىدىكى مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش ۋە مەسلىھەت سوراش ئىشلىرىغا مەكتەپ مەسئۇل بولىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئىنستىتۇتلار مەسئۇل بولىدۇ. شياڭگاڭدىكى ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئون مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە شۇ مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئالغان يۈزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسلىنىپ قوبۇل قىلىدۇ؛ ئاۋمېندىكى بەش ئالىي مەكتەپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە شۇ مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ مەكتەپلەر 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تاماملايدۇ. قوبۇل قىلىنغان ھەم شۇ مەكتەپتە ئوقۇشنى جەزىملەشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
( L1 N7 Z# v& g; x' S! _ شياڭگاڭدىكى مەكتەپلەرگە تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقاندەك تىزىملاتسا بولىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە تولۇق كۇرسنىڭ نۆلىنچى تۈركۈم جەدۋىلىگە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. شياڭگاڭدىكى مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىن نۆلىنچى تۈركۈم بويىچە يىراق مۇساپىلىك توردا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.1 {& n, K% t8 y* c& jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇن خوڭشىن: شيڭاگاڭ، ئاۋمېندىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشىنى تولۇق تاماملىسا، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، مەملىكەت ئىچىدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بۇ ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، دېدى.
9 L( _; w# z/ h+ }+ y4 n2 x1 ~كېلىش مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
( r6 v, P* ^. f( h |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|