روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 12456|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خەنزۇ تىلى دەرسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتەي دېسىڭىز...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەنزۇ تىلى دەرسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتەي دېسىڭىز...
' r; L2 W! p/ q8 H$ k6 l         ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدە جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا قويۇق ئالاقە ئورنىتىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەردە خەنزۇتىلى ئۆگىنىش تېخىمۇ ئومۇملىشىشقا يۈزلەندى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىشى مىللەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز 2004 – يىلى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار چىقارغاندىن كېيىن، جايلار – ئورۇنلار، بۇ قارارغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ ۋە ماسلىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر خەنزۇتىلى دەرسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆتۈش ئۈچۈن، مېنىڭچە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
6 t' D* M; W5 A4 y5 Q7 ~    .1 ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ دەسلەپ ئانا تىلى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئانا تىلىنى ئىشلەتكەچكە، خەنزۇتىلى تەلەپپۇزىدىكى ch، sh، zh ۋە z، c، s قاتارلىق تاۋۇشلارنى توغرا تەلەپپۇز قىلىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەنزۇ تىل ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئويۇن تۈسىنى ئالغان قىزىقارلىق ئوقۇتۇش شەكلى، رەسىم ۋە ھەرىكەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئوقۇتۇش شەكىللىرى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ھەرپلەرنىڭ پەرقىنى تونۇتۇپ، شۇ ھەرپلەرگە مۇناسىۋەتلىك تىل كۆندۈرۈش مەشىقىنى ئىشلىتىپ، تىل كۆندۈرۈشكە ۋە تىلنى يۇمشىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك., K9 i7 }* }) _1 s% T. fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    .2 ئوقۇتقۇچى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدىكى جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئورنى بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئورنىنى ئوخشاش دەپ قاراپ، ئالماشتۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، توغرا تەلەپپۇزدا ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىپ، خاتاسىنى بايقىغان ھامان تۈزەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
9 A2 \& {6 b2 g( e0 [4 W/ @7 E    .3 ئوقۇتقۇچى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشىنى ۋاقتىدا بايقاشقا ماھىر بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ قوللىنىدىغان سۆز جۈملىلەرنى كۆپرەك مەشىق قىلدۇرۇشى، دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇلارنى ئۆزئارا خەنزۇتىلىدا سۆزلىشىشكە ھەم خام سۆز – تېكىستلىرىنى كۆپ يادلاشقا، كۆپ ئاڭلاشقا، توغرا تەلەپپۇز قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.) u6 l3 C) h) T/ sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    .4 ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابتىكىنىلا بىلىپ، باشقا خەنزۇچە سۆزلەرنى بىلمەيدىغان ئەھۋالغا قارىتا كۈندىلىك دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تۇرمۇش ئادەتلىرى سۆزلۈكىنى ئۆگىتىشكە يېتەكلەش كېرەك.
! o9 m! y0 I2 S: ]& B5 f" I    .5 ئوقۇتقۇچى خەنزۇتىلى دەرسىنى ئۆلچەملىك ئۆتۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى، بولۇپمۇ خەنزۇچە سۆزلەش تەلەپپۇزىنىڭ ئۆلچەملىك – ئۆلچەمسىزلىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى كەسپىي ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، خەنزۇچە سۆزلەش تەلەپپۇزىنى توغرىلاپ، ئورتاق ئەدەبىي تىلنى ئىشلىتىشى، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بۇ تەلەپنى قويۇپ، خەنزۇ ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسىۋە تەلەپپۇزى جەھەتتىكى قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى ئىگىلىتىشى كېرەك.
8 G" |6 N1 E4 F    (ئاپتور: پەيزاۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن: پاشاگۈل ئوبۇل)
: N0 O+ j2 \/ X+ zمەنبە: 2011– يىل5– ئاينىڭ8– كۈنى شىنجاڭ گېزىتى
# F# ^- M" h- a# ]8 z# m
& k- g' Y: M. J: T/ M; h. ~$ e" Y/ }2 j% `7 K% Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى Tursun007نىڭ مىكرو بلوگى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-6 03:52

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش