روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 8316|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كۈنسىرى سارغىيىۋاتقان ئۇيغۇر بەتلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئىنتىلداشلار، تور مالتىلاۋىتىپ مۇنۇ يازمىغا كۆزەم چۈشتى، ھەممەيلەن ئۆزىمىزنى بىر ۋىجدان سوتىغا تارتىپ باقىلى............
( u5 h  Q) u9 B# A8 ^) J' H6 } ) ]7 e+ |% f7 b2 k. Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنى ئېتىراپ قىلماي ھېچ ئىلاجىمىز يوقكى، ئەينى چاغدا تېلېۋىزور ( Television  ) بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك تەسىر قىلغان، بىزنىڭ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت بوشلۇقىمىزدا قانچىلىك زور زىل – زىلە پەيدا قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تور ( Internet ) ھەم شۇنداق مىسلىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە./ s: ~( K! [0 A7 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تېلېۋىزورنىڭ تېزگىنىكى ئۆز قولىمىزدا بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى پروگىراممىلارنىڭ قانداق بولۇش تەڭشىكى بىزنىڭ قولىمىزدا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ، تېلېۋىزوردا ئەنئەنىۋىي ئەخلاق مىزانىمىزغا كەسكىن خىرىس قىلغۇچى پروگراممىلار بازار تاپماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، سەللا ھايا – نومۇسلۇق كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلاندى …
: j: [. @1 M5 }' L% h8 qئەمما، تورچۇ؟! …- s; ~$ f9 m- ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشقا تىلدىكى، باشقىلار نەشىر قىلغان تورلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆز ئۇيغۇرلىرىمىز نەشىر قىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە تورلارچۇ؟! … ئەجەبا بۇ تور بېكەتلەرنىڭ بارلىق باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ئەمەسمىدى؟! ئۇنىڭغا قانداق مەزمۇن چىقىرىش – چىقارماسلىق بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئىش ئەمەسمىدى؟! بىز يەنە نېمە ئۈچۈن تىنىم تاپماستىن ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىمىز ؟! بىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆز ئېنى – سىڭىللىرىمىزنىڭ مېڭىسىنى ناچار ئۇچۇر بىلەن زەھەرلەيمىز؟! يەنە نېمە ئۈچۈن … ئەجەبا بىزدىكى ۋىجدان ، ئىمان، غۇرۇرنى ئىت يەپ كەتتىمۇ ياكى چاشقان غاجىلاپ ؟! ….
5 y- s1 H+ W. [مانا شۇ تاپتا قارايدىغان بولسىڭىز، خېلى نىسبەتتىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ( بۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇزلۇق چوڭ تور بېكەتلەرمۇ بار ) رەڭگىنىڭ بارغانسېرى سارغىيۋاتقانلىقىنى كۆرۈمىز . شۇنچىكى بىر ئاددىي يازمىنى ئوقۇش ئۈچۈن كۆزىڭىز نەچچىلىگەن سارغۇچ ماۋزۇلارنى ئاتلاپ ئۆتۈشى كېرەك. ئاددىيغىنا بىر ئىتوت كۆرۈش ئۈچۈن قانچىلىغان تولغان ساغرا بىلەن تومپايغان مەيدىلەرگە كۆز يۇمۇشىڭىز شەرت. سىز بىلەن بىزغۇ ئۆزىمىزنى ئاز – تولا توختاتتۇق، ئاق – قارىنى پەرق ئەتكۈچىلىكىمىز بار، ئاشۇ ھەرخىل رەڭدىكى يازما – فىلىملارنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كۆزلىگەن يازما – فىلىملارنى سالامەت كۆرۈپ يېتەلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما تېخى ئۆزىنى توختىتىپ ئالالمىغان گۆدەك ئېنى – سىڭىللىرىمىزچۇ ؟ …* c% y1 ]$ a' r) v/ |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، بەزىلەرنىڭ تور بېكەت قۇرۇشتىكى مۇددىئاسى توغرا ئەمەس. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تور پەقەت پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى خالاس. ئۇلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بولمىسۇن تورىنىڭ زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم. چۈنكى زىيارەت ئېقىمى دېمەك ئۇلارنىڭ يانچۇقىغا ئېقىۋاتقان پۇلدىن دېرەك.
( j" [9 w5 c! h3 g* ~  f% q, {
  ]1 P# Q, S. J' R4 c* J: b2 `6 Nشۇڭا ئۇلار ھە دېگەندە سارغۇچ تېما – فىلىملارنى ئۆز تورىدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ زىيارەت ئېقىمىغا ئېرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئىستىشىدۇ. ئەگەر قانۇن يولغا قويغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇ پەيلىدە ئوچۇق ئاشكارا سېرىق – شەھۋانىي نەرسىلەرنى يوللاشتىن ھەم باش تارتمايدىغانلىقى ئېنىق.
& [$ _) J4 k, p; d2 |9 P# uتور ئارقىلىق پۇل تېپىش خاتا ئەمەس ، ئەلۋەتتە بىزمۇ ھەم تور ئارقىلىق پۇل تېپىشنى قوللايمىز ، قۇۋۋەتلەيمىز. ئەمما، پۇل تېپىشتىكى ۋاسىتە توغرا بولۇشى كېرەكتە ؟! پۇل ئۈچۈن ئېمان ،ۋىجدان – غۇرۇرنى پايخان قىلىشقا بولمايدۇ – دە؟! تور ئارقىلىق پۇل تاپتىم دەپ ئەخلاق مىزانلىرىنى كۆزگە ئىلمىسا،  ئېنى – سىڭىللىرىنىمۇ ، گۆدەك – ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەشتىن يانمىسا ، مۇنداق تور بېكەت ئېچىشنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ ناشايان ئىشقا سېلىۋاتقان زوراۋانلىقدىن نېمە پەرقى ؟! …  j! @4 ]# o7 z7 Q/ S& o+ t9 B: xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەدەنىيەت – ئەخلاقنى تەكىتلەيدىغان، ئۆزىگە خاس قويۇق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت – ئەخلاق قارىشىغا ئىگە خەلق. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تور مەدەنىيەت مۇھىتى ھە دېگەندە ئۆز پاكىزلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ؟!
6 A4 D: F, o- A" Y7 C# u' f$ ~6 p- بۇنىڭدا يۇقىرىقىدەك ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن تور بېكەت قۇرغۇچىلاردىن باشقا، ھەممە ئىشقا سۇس قارايدىغان، ھەتتا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە تۇرۇپ مانتا يەيدىغان، ئۆز مەنپەتىگە كەسكىن ئالاقىدار ئىشلاردىن باشقىغا قۇلاق يوپۇرۇپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن سىز بىلەن بىزگە ئوخشاش بىپەرۋا تورداشلار سەۋەبكارمىز. بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ تور بېكەتلەرنى پاش قىلمايمىز؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ تور بېكەتلەرنى سېسىتمايمىز؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ تور بېكەتلەرنى بايقۇت قىلمايمىز؟! … كۆزىمىز كۆرۈۋاتقان ئەمەلىيەت شۇكى، بىز ئۇلارنى بايقۇت قىلماستىن ئۇلارنىڭ بازىرىنى ئاۋات قىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ، بلوگلىرى ھە دېگەندە ئۇلارغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايلاردىن ئۇلىنىشقا جاي بېرىشمەكتە. شۇنداق تور بېكەتلەرنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئۆز ئۇلىنىشىنى قىستۇرۇش ئۈچۈن ئۆلۈمتۈكلەرچە تىپىرلىماقتا … ئېسىت بىزدىكى ئېمان، ئېسىت بىزدىكى ۋىجدان ، ئېسىت بىزدىكى غورۇرغا !
% D2 B  F- R' w3 T4 q- M1 Yئەمما، بىر قىسىم بېكەت باشلىقلىرى سەگەك بولسۇنكى، ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن تۇيغۇن خەلق. ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىغىندەك، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ئىش تۇتۇۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ھەم ئۇنتۇپ قالمايدۇ. تارىخ ھامان بۇنداق كىشىلەرنى لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلايدۇ. بۇ دۇنيا شۇنداق بىر دۇنياكى، زەررىچە قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ جاۋابى بولغىنىدەك، زەررىچە قىلىنغان يامانلىقنىڭمۇ ھەم سورىقى بولىدۇ.
0 d0 e( r' ?7 }: b6 t* J
% A' \, \7 I4 y$ B' r1 }مەنبە؛ يۈكسەك بىلوگى5 @- w3 p6 \" b  ]/ Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
* }* l  F2 o0 e( i5 S. jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +4 ئىناۋەت +4 تەڭگە +1 بايلىق +1 يىغىش سەۋەبى
Arsilan2007 + 1 + 1
مۇرادىل + 3 + 3 + 1 + 1 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-4-9 15:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي دوستۇم گەپلىرىڭىز ئېشىپ كەتتى ،سىز بىرەر توربەت قۇرۇپ باققانمۇ ؟سىز توربەتلەرنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟  ،،تېخى ماگەپنى كۆرۈڭ،[ ئەگەر قانۇن يولغا قويغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇ پەيلىدە ئوچۇق ئاشكارا سېرىق – شەھۋانىي نەرسىلەرنى يوللاشتىن ھەم باش تارتمايدىغانلىقى ئېنىق.] سىز نەلىك سىز تۇرغان يەردە قانۇن يوقما ؟  بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا ئۇيغۇن.جۇڭگونىڭ قانۇنى خېلى چىڭ ،گەپكە دېققەت قىلىڭ ،شەھۋانىي دىگەن ئۇئەمەس ، لازىم بولسا مىنى ئىزدەڭ ،مەن دەپ بىرەي ،،،،،،سىز كۆرگەننىڭ ھەممىسى ،داۋالاش ئېلانلىرى  پەقەت،،بەزىلىرىنى توربەت ئىگىلىرى قاتقان ، بەزىلىرىنى بولسا كىنو فىلىم يوللايدىغان بوشلۇق ئىگىلىرى قاتقان .سىز كىنو كۆرگەندە چىقىدىغىنى  بوشلۇق ئىگىلىرى قاتقانلىرى خالاس،.سىز بىزگە  ،ۋىجدان – غۇرۇر توغۇرلۇق گەپ ئاچماڭ . ،ۋىجدان – غۇرۇرغا بىز سىزنى كۆمىۋېتىمىز جۇما .....8 h1 A: o8 e# g' `2 l  ]# Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. X# W1 w, ~* o+ r; Y, P+ A7 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2011-4-9 17:20:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3 Q4 H0 O* d" a/ \
* p$ F/ ~5 f3 yمىللىتىمىز ئۈچۈن سۆز قىلىۋاتقان ۋە باش قاتتۇرۋاتقانلارغا  ھۆرمەت قىلىمەن.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7مېھمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-4-9 17:21  
! x8 B6 m& {, u& W: ^) C% q" l3 c' U4 q/ V$ \5 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2011-4-9 20:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەن ئويلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك مەسلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز ،رەھمەت سىزگە،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-4-10 15:44:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
411tanha يوللانغان ۋاقتى  2011-4-9 15:46
6 z2 L+ U0 A2 O) s3 a1 ]ھەي دوستۇم گەپلىرىڭىز ئېشىپ كەتتى ،سىز بىرەر توربەت قۇ ...
8 V, w6 d6 C* {8 x4 j; Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇڭىمۇ مەن ئادەتتە مۇنبەر دەيدىغان يەرگە بىرنەرسە يوللىمايدىغان، ئالدىدىن كەلسە ئۈسۈپ چىشلىگەن، كەينىدىن كەلسە تەپكەن، مانا ئەمدى مۇنبەرگە بىرنەرسە چاپلاپ بولغىچە ئۇنىڭغا ھازايىم ئوقىغان...............
' {) F/ s7 S2 i$ E6 P8 P; d% `قوتىرى يوق ئىشەك چىچچاڭشىمايدۇ دىگەن گەپ بار....1 d: w2 X6 t0 C! d/ O3 R' yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇقىتىمقى يازما نەخ جايىنى تاپقان چىغى بار؟& m. ?. x- ^1 r5 y/ K0 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىنىڭ خەقنىڭ ئاتالمىش ‹ۋىجدان›ىغا كۆمۈلۈش ئىھتىياجىم يوق
ۋاقتى: 2011-4-10 17:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەت سىلەرگە بىلمىگەننى دەپ بەردىم . مىنىڭ تور بېتىم يوق . بۇنداق ئىشلارنىڭ مەن بىلەن بۇناسىۋىتى بوق ، سىلەر بىلمىگەن يوللاپسىلەر، بىز دەپ بەردۇق ،[ئەگەر قانۇن يولغا قويغان بولسا ،  سېرىق – شەھۋانىي نەرسىلەر ]دىگەن گەپلەرنى ،مۇنبەر ئەزالىرى قانداق چۈشىنىسىلەر ، جۇڭگونىڭ قانۇننىڭ چىڭلىغىدىن  مەن قانۇنلۇق توربەت قۇرالمايۋاتىمەن.
" f/ E: n/ H( a# K$ c3 S تېخى [ئەگەر قانۇن يولغا قويغان بولسا ] مۇشۇمۇ گەپما ،[سېرىق – شەھۋانىي نەرسىلەر ] دىگەننى بىلەمسىلە ،يا مەن دەپ بىرەيمۇ؟؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-4-10 19:19:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
411tanha يوللانغان ۋاقتى  2011-4-10 17:35 & h2 h) o( o! C$ |3 u5 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن پەقەت سىلەرگە بىلمىگەننى دەپ بەردىم . مىنىڭ تور بېت ...

9 f* V( x6 ?/ B$ p3 L# K- y7 _7 ?رەھمەت، مىنىڭ ئۇنداق سېرىق بىلىملەرگە ئىھتىياجىم يوق، ھازىرچە ئۆزىڭىز بىلىپ تۇرۇڭ
ۋاقتى: 2011-4-11 00:04:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالاشماڭلار دوستلار،توغرىنى ئاڭلاپ،خاتادىن ئىبرەت ئالساقلا بولمىدىمۇ؟نىمە قىلىسىلەر بۇنچە تالىشىپ.ھەي...بىزغۇ زادى مۇشۇنداق خەق،بىر-بىرىمىزنىڭ يېغىرىنى تاتلاپ...
ۋاقتى: 2011-4-11 14:56:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كىمنىڭ ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ھۇقۇقى بار، شۇنداق بولغاندىكىن نىمە قىلىمىز ئۆز ئارا تالىشىپ،  ھازىر سېرىق، شەھۋانى تور بەتلەر بولمىسا، بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تېخىمۇ دىققەت قىلساق بولمىدىمۇ، بىرەرسىنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرىپ ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش، ئەدەپ ئەخلاق توغرىسىدا گەپ قىلىش ھۇقۇقىمۇ يوقمۇ، بىزنىڭ مىللىتىمىز زادى مۇشۇنداق مىللەت ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ تەنقىدى پىكىرنى قۇبۇل قىلمايدىغان، بىر بىرسى بىلەن تالىشىدىغان....................................
ۋاقتى: 2011-4-12 11:18:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
411tanha    سىز نىڭ دېگەنلىرىڭىز يۇقاردىكى تېمىغا نارازى بولغان بۇلۇپتۇ .  سىز ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ بىزنىڭ تور مۇھىتىمىزدا يۇقۇردا تىلغا ئېلىنىغاندەك تورلار بارمۇ يوق ؟   ........
- `+ M3 i, ^+ b0 f& ^; z, u‹‹...بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا ئۇيغۇن.جۇڭگونىڭ قانۇنى خېلى چىڭ ،گەپكە دېققەت قىلىڭ ،شەھۋانىي دىگەن ئۇئەمەس ، لازىم بولسا مىنى ئىزدەڭ... ›› سىزنىڭچە قانۇنغىلا ئۇيغۇن بولسا قانداق شەكىلدىكى ئېلانلار، كىنو فىلىملەر بۇلىشىدىن قەتتىنەزەر تورغا چىقىرش كېرەكمۇ ؟ .... بۇنداق بولسا بىزنىڭ يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ شۇلار بىلەن پەرقىمىز يوق دېگەنلىك بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟ ..... شەھۋانىي دىگەن ئۇئەمەس ، لازىم بولسا مىنى ئىزدەڭ ....بۇ گېپىڭىز ئىنتايىن قاملاشماپتۇ...... بۇ بىر ئەخلاقلىق ئادەمنىڭ دەيدىغان گېپى ئەمەس .
+ h) Q$ N3 S6 v+ i- x- K* W  ئاخىرىدا دەيدىغىنىم مېنىڭ قىتىغورلىق قىلىپ مۇنبەردە ئۇرۇش تالاش قىلىش نىيتىم يوق ، شۇ ھەقنى سۆزلىگىم كەلدى .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-27 06:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش