|
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ئۇزاق ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ، تۈر ۋە تەركىبلىرى كۆپ خىل . مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ ، ئالاھىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە . تەرەققىيات مۇساپىسى ، ئۆزگىرىش جەريانلىرى ۋە مىللى خاسلىق نۇقتىسىدىن ئۇنى تۆۋەندىكىدەك كونكىرت تۈرلەرگە ئايرىش مۈمكىن :
7 e7 |& n% o: a: v8 h, j1 . ئىپتىدائىي ئېتىقاد بويىچە قويۇلغان ئەنئەنىۋى ئىسىملار
( B$ W* C4 B8 d6 d. P ئۇيغۇرلار قوللانغان ئەڭ دەسلەپكى ئىسىملار ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن ، ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرى ۋە تۆتېم ئادەتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان . "ئوغۇزنامە" ئېپوسىدا ئوغۇزخاننىڭ ئالدىنقى خوتۇنىدىن بولغان ئۈچ ئوغلىغا ئاسمان ، تاغ ، دېڭىز دەپ ئىسىم قويۇلغانلىغى بايان قىلىنىدۇ . "ئورخون - يېنسەي يادىكارلىقلىرى" دا "كۆلتېگىن "(ئەقلى كۆلدە شاھزادە) ، "بېلگە قاغان" (بىلىملىك خان) ، "قۇتلۇق بىلگە قاغان" (بەختلىك دانىشمەن خان) دەيدىغان كىشى ئىسىملىرى بار . بۇلار پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولغان ساپ ئىسىملار بولۇپ ، قىممەتلىك نەمۇنە قىلىشقا ئەرزىيدۇ .
4 ?! i3 T. n+ s2 K: k0 o2 . ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
, k& k. C: E/ c3 _زامانىۋى ئاۋۋالدىن تارتىپ تا بۇ كەمگىچە تەبىئەت قوينىدا ياشاپ ، تەبىئەتنىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ ، تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى ئۇلۇغلىغان ، چوقۇنغان ، تۆتېم قىلغان ۋە بەھىر ئالغان ئاشۇ مۆجىزىكار شەيئىلەرنىڭ نامىنى ئەۋلاتلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، ئۇنى دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزگەن . مەسىلەن ، كۈن (كۈنخان ، كۈنتۇغدى) ، قۇياش ، ئاي ،(ئايگۈزەل ، ئايتولۇن ، ئاينىسا ، ئاينۇر ) ، چاقماق (چاقماقجان) . يۇلتۇز ، چولپان (چولپانجان) ، نۇر (نۇرخان ، نۇرگۇل ، نۇرنىسا) ، ئەختەر( ئەختەرنىسا) ، شەمسى(شەمشىنۇر ، شەمشىقەمەر) ، قەمەر ( قەمەرنىسا ، قەمەرخان) ، ساباھ (ساباھىدىن) ، ئقلىم (ئىقلىمپاشا ، ئىقلىمخان)4 @) h. I t; q E( a) o7 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3 . ئەمگەك سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار :
8 ^( f" O$ \8 I/ jئۇيغۇر خەلقى مېھنەتخۇمار ، قاپا - مۇشەققەتكە چىداملىق ، كىشىلىك ھاياتقا ۋە تۇرمۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە غەيرەت - شىجائىتى بىلەن تۈرلۈك ئاپەتلەر بىلان ئېلىشىپ ، گۈزەل مۇھىت ، ئەۋزەل شارائىت ياراتقان ۋە ئېسىل نېمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدا ئەمگەك سايمانلىرى نامى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى نامى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ . مەسىلەن پالتا (پالتاخۇن) ، سۈپۈرگە (سۈپۈرگەباي) ، ، چورۇق (چورۇقئاخۇن) ، بوسۇغا (بوسۇغا باي) ، چىنە (چىنىخان) ، گۈرجەك، توقا ، سائەر ، خاتىرە ، سۇپۇرا ، قەلەم ، قۇتا ، سۈرەت ..... قاتارلىقلار .
1 U6 d" T4 y2 m+ x& f4 . ھايۋانات ۋە قۇشلار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار !$ G( ?; [0 W% c V% t1 A0 S+ dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلار تىرىكچىلىك داۋامىدا ، تېرىقچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تەبىئەتنىڭ ئەۋزەل نېمەتلىرى بىلەن كۆپ ئۇچراشقان ، ئۇلاردىن خوۋلۇق كۆرگەن ، ئۇلارنى قولغا ئۈگۈتۈپ ئۇلاردىن پايدىلانغان .... مەسىلەن ، يولۋاس ( يولۋاسخان) ، شىر (شىرخان ، شىرزات) ، ئارسلان ، شۇڭقار ، بۈركۈت ، بۇلبۇل ، قۇندۇز ، بېلىق ، تورغاي ، سەمەندەر ، پەرۋانە ، سۇمرۇغ ، سۆسەر ..... ئۆز تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇ شەيئىلەر بارا - بارا ئۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ ، تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن .' |9 Q' |- x3 R8 O) A$ @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5 . دەل - دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈك نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار! M' b ?& Q$ f( v# n* C3 f* C9 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 .ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى كۆپىنچە بىپايان دەشتلەرگە تۇتاش ئۈزۈك - ئۈزۈك بوستانلىقلاردا ئۆتكەن . ئۇلار ئورمان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقتىن ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، تەبىئەتنى سۆيۈش ، ئورمان ئەھيا قىلىش ، دەل - دەرەخلەرنى ئاسراپ ، تەبىئى مۇھىتنى قوغداشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى مىراس قالدۇرغان . مەسىلەن ، چىنار ، شەمشاد ، يۇلغۇن ، توغراق ، يانتاق ، زەيتۇن ، ياسىمەن ، سۇۋادان ، ئامۇت .9 A7 j( D8 h+ n; ^, Q/ R D' \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەدەن ۋە مېتاللار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار ) ?7 b; E- C' c& ^- g9 x7 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا تاش قوراللار ۋە مېتال قوراللار بىلەن ئوۋچىلىق ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان . مېتال قوراللار بىلەن ئۆز يۇرتىنى ياۋلاردىن قوغدىغان ، كان ئېچىپ ، مېتال تاۋلاپ مەھسۇلاتلىرىنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن ئايرىۋاشلىغان . ئۇلارنىڭ نامىنىمۇ ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قويۇپ قوللانغان . مەسىلەن ، تاش (تاشباي ، تاشگۈل) ، تۆمۈر ، پولات ، تاشپولات ، گۆھەر ، تاشتۆمۈر ، ئوران ، ئالتۇن ، كۈمۈش ....... w$ \: V$ }9 y' S" Y& sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7 . كۆكتات ۋە گۈل - گىياھ ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار6 m: k$ ]9 u& D. @ v1 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلار ئۇزاق يىللىق ناچار تەبىئى شارائىت ئاستىدىكى جاپالىق شارائىت ئاستىدىكى تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرىدە تەبىئەتنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن ئىمكانقەدەر تولۇق پايدىلىنىپ ، ياشاش مۇھىتىنى تىرىشىپ ئۆزەەرتىش ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەن ، كۈرەش قىلغان . مۆجىزە خاراكتېرلىق مەئىشەتلەرنى يارىتىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇ مۆجىزىلەر ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇلۇپ ،ئابىدىگە ئايلانغان . مەسىلەن ، سامساق ، تۇرۇپ ، پىياز ، مايسا ، رەيھان ، مۇدەن ، مېرزىگۈل ، غۇنچەم ، لەيلى ، نېلۇپەر ، چوغلۇق ، لالە ، چېمەن ، تاجىگۈل ، گۈلسۇرۇخ .: l8 t P( q* p% i' z/ [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
8. مېۋە ۋە مېۋىلىك دەرەخ نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار ( u& D" C7 u8 J$ _5 f: t( jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇر ئېلى دۇنيادا "مېۋە - چېۋە ماكانى " دەپمۇ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە . ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كاتتا تۆھپىسىمۇ كىشى ئىسىملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . مەسىلەن ،ئانار (ئانارخان ، ئانارگۈل) ، ئالما (ئالمىخان) ، بادام (بادامگۈل) . جىنەستە ، چىلان ، ئامۇت ، نەشپۈت ، ئالبىرات ، يېمىش . + ~/ y' W$ V: [0 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
9 . دورا ماتىرىياللاىرى ۋە خۇشبۇي ماتىياللار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار :
- a- ^: a" A( r. E [3 Hئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇ ھېلىھەم ئېلىمىزنىڭ تىببىي ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . ئەجدادلىرىمىز سېخىي تەبىئەتتىكى دورىلىق ماتېرىياللارنى بايقاپ ، تەتقىق قىلىپ ، ئۇنى ئاغرىقلارنى ئازابتىن ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان تۇتىياغا ئايلاندۇرغان ھەمدە ئۇلارنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قوللانغان . مەسىلەن ، ئىپار ، ئەنبەر ، گۈلنەپشە ، زىرە (گۈلزىرە) ، سۇمبۇل ، بىدىيان .% b6 i% o6 u3 o( Q* K# dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
10 . رەڭ - بوياقلار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار- D- Y V5 W( I" j& oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلار ھەر خىل رەڭلەردىن ئۆزگىچە ئستېتېك زوق ئېلىپلا قالماستىن ، رەڭلەردىكى كىشىگە بېرىدىغان ئوخشىمىغان تۇيغۇ - تەسىرلەر بىلەن ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش - ئادەتلىرىدىكى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە چۈشەنچىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن . مەسىلەن ، ئاقخان ، ئاپئاق ( ئاپيول ، ئاپپاققىز ، ئاقئاخۇن ، ئاقپاشا ، ئاقنىياز ) ، سېرىق (سېرىقبەگ ، سېرىقئاخۇن ) ، قاراخان ، قارائايىم ، كۆكنۇر باي ، بىنەپشىخان ، فرۇزە .
8 t$ T$ U9 J2 |+ w1 ?1 V 11 . ۋاقىت ۋە پەسىل ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار( Q$ ]0 s) {/ }/ t9 |3 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلار ئەمگەك سۆيەر ، پائالىيەتچان خەلق بولغاچقا ، ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىي ئەقىدە قائىدىلىرى بويىچە قاتتىق تەكىتلىنىدىغان ۋاقىت ، كۈن ۋە پەسىللەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ھېسابلايدىغان مەزمۇنلار قاتارىغا قويۇلغان . شۇڭا ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا ۋاقىتقا ئالاقىدار ئىسىملارمۇ خېلى كۆپ . مەسىلەن ، باھار ، جۈمە ، نەۋرۇز ، ئازنا (ئازنىخان ، ئازنىباقى ، ئازنەك ) ، تاڭنۇر ، سۈبھى ، سۈبھىنۇر ، زامان ، رامىزان ، ئەسىر ، سۈر ئەت ، ئېرا ، شەنبە .
4 j2 w. C1 r) T8 L8 ^12 . جاۋاھىراتلار ۋە ئەتىۋارلىق بويۇملار ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار ;
: Y; S& n, q$ z$ Z9 t1 rجاۋاھىرات ۋە نەپىس ماللار سودىسى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان يۇقۇرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە كەسپ دەپ قارىلىدۇ ، شۇڭا ، ئۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن . مەسىلەن ، ئالماس ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەرۋايىت ، ياقۇت ، گۆھەر ، تاۋار ، مەشۈت ، تىللا ، زۇمرەت ، ئۈنچە ، مارقان ، لەئىل .8 i& I2 d3 E% nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
13 . ئەسكىرىي ئاتالغۇلار ۋە قورال - ياراق ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار) u. b/ O; M# G( I& e; z/ Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تارىختا ئۇيغۇرلار سانسىز جەڭ - يېغىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، قان تۆكۈپ ئۆز ئېلىنى قوغدىغان ، قۇدرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان . شۇ ئۆچمەس تارىخنىڭ يالدامىلىرى سۈپىتىدە ئەۋلادلىرىغا ئەسكىرىي ئاتالغۇ ۋە قورال - ياراغ ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قالدۇرغان . مەسىلەن ، ئارمىيە ، قىلىچ ، خەنجەر ، غازى ، مۇزەپپەر ، مۇجاھىد ، قۇر بېشى ، ساداق ، ساللات ، پاراد ، شەمشەر ، زۇلپىقار ، تۇغ ، ئەلەم # K( n, \9 F3 U' Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
14 . دىنىي ئاتالغۇلار بىلەن قويۇلغان ئىسىملار 4 }0 ^0 n6 D4 `6 A" \& J" \5 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل دىنلارنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ، ئۆزلىرىنىڭ دىنغا بولغان ئىخلاسى ، ھۆرمىتى ۋە ئېتىقادىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە دىنىي تۈس ئالغان ئىسىملارنى قويغان . مەسىلەن ، ئىسلام ، ئاخۇن ، قۇشناچ ، خىزىر ، ئىمام ، مەزىن ، ھاجى ، ھېيت ، خاتىپ ، ئايەت ، ئايەم ، موللا ، ئىمان ، ئىبادەت ، خۇشبىدىن ، رىزۋان ، مۇتىۋەللى ، مەستۇرە ، شۈكۈر .
+ E# R- o! Q6 y+ J% e( u15 . يەر - جاي ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
) m/ B9 y, }, L7 \: D+ S, pئۇيغۇرلار تارىختا قانچە - قانچە قېتىملاپ كۆچمەنلىك ، يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىشنىڭ ئەلەملىرىنى تارتقان . كۈرمىڭ ئەجىر - مۇشەققەتلەر بىلەن ئۆز ماكانلىرىنى ئاچقان ، گۈللەندۈرگەن . قوغدىغان . ۋەتەنپەرۋەرلىك ، يۇرت ئىشقى قان - قېنىغا سىڭگەن . شۇڭا ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە ، زېمىن ، دۆلەت ، دىيار ، پامىر ، تارىم ، مەكىت ، سەيدەم ، بۇغدا ، قەشقەرى ، يەركەندى ، كۈسەن .... دەيدىغان ئىسىملار بار . يەنە ئىسلام دىنىدا ئالاھېدە تىلغا ئېلىنىدىغان مەككە ، مەدىنە ، قۇددۇس ، بەيتۇللا ، سۈرىيە ، قاھىرە .... دەيدىغان ئىسملارمۇ كۆپ .
; x# a) t8 X$ W% ~: z. I5 K16 . مىللەت ، قەبىلە ، قەۋم ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار :
, m$ `5 }* P+ A8 N n; O8 @: eئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ، ئەجدادلىرىغا بولغان ھۆرمەت ، سۆيۈنۈش ، ئۇرۇق - قەۋملىرىگە بولغان ئىپتىخار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارلۇق ، ئۇيغۇر ، ئۇيغۇرنىسا ، تۇران ، تۈركەش ، مۇغۇل ، ئوغۇز .... دېگەن ئىسىملارنى قويۇپ ، ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇماسلىققا ، ئۆز مىللىتىنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈشكە ئۈندەپ كەلگەن .
$ t- b% P3 Y, L% @5 r& y3 i6 G) J" G 17 . يېمەكلىك ، تاتلىق - تۈرۈملەر نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار .
4 f' y6 j2 h, R8 n' P; ?3 F- Pئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپلا ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىگە ئالاھېدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەم تائام تەييارلاشتىكى نازۇك ھۈنەر - سەنئەتنى نامايەن قىلغان . ئۇيغۇر تاماقلىرى ئىچىدە ئاساسلىق تائاملاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان شېرىن - شەربەتلەرمۇ بار . بۇلارمۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن . مەسىلەن ، توقاچخان ، ھەمەك ، كۆمەچ ، پەرمۇدە ، پەشمەت ، شېكەر ، ھەسەلخان ، ناۋاتخان ، شەربەت ، تاتلىق ، شېرىن ، بەتتە ، رىشالە .0 n% `( r. q1 |* }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
18 . مەرتىۋە - مەنسەپ ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسملار
$ G) ^) Q4 k; ]; v$ L! ]& gئۇيغۇرلار ئەۋلادلىرىغا يۇرت باشچىلىرى ، بىلىملىك ، چارە - تەدبىرلىك ، يۇرتپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ، پىداكار ئەزىمەتلىرىنىڭ ، سەردارلارنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ ياد ئېتىدۇ . مەسىلەن ، خان ، خانقىز ، مەلىكە ، شاھزات ، رەئىس ، سەردار ، ئوغلان ، بەگ ، خوجا ، ھاكىم ، ئەمىر ، ئالىم ، رەھبەر ، پاشا ، بانۇم ، ۋەكىل .
# G6 Y& ]. i4 J 19 . مەشھۇر شەخسلەرنى ئۇلۇغلاپ قويۇلغان ئىسىملار
) m& a* G1 ]( B; n- Cئۇيغۇرلار ئالىم ، ئەدىب ، سىياسىيون ، قوماندان ، چېمپىيون .... غا ئوخشاش تۆھپىكار كىشىلەرنى ئىنتايىن چوڭ بىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ نام - ئاتىقىنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش ئۇيغۇر ئېتنونىمىكسى (نامشۇناسلىق ئىلمىي) دىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر . مەسىلەن ، مۇھەممەد مۇستافا ، ھەزېر تىئېلى ، جەمشىد ، نۇشىرۋان ئادىل ، ھاتەمتاي ، بۈۋىپاتىمە ، فىردەۋسى ، لوقمان ، كامال ، تەڭرىقۇت ، ئەلشىر ، ئۆتكۈر ، لۇتپۇللا ، تەۋپىق ، ئاماننىساخان ، نۇزۇگۇم ، ئايبېك ، فۇرفەت .)
) |* E) F2 w; ?( U! j* {" v1 W20 . چىراي ، قامەت ، تۇرق ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسملار .
9 |0 x, ? {8 Z7 d, nئۇيغۇرلار ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ئەدەبلىك ، ئەخلاقلىق ، ئەقىللىق ، قامەتلىك ، كېلىشكەن بولىشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتىكى ئارزۇ - ئارمانلىرىنى : سۇبات ، ھۆسنى ، ھۆسنىگۈل ، زۇلفىيە ، گۈلچېھرى ، سەلتەنەت ، نازاكەت ، قابىل ، گۈزەل ، گۈلبەدەن ، گۈلمېھرى ... قاتارلىق ئىسىملار بىلەنمۇ ئىپادىلەپ كەلدى .2 a+ K5 J) ] u7 N% L; Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
21 . مىجەز - خاراكتېر ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
& H' ]- ^: o. N% k& N1 z! z' o" b0 U: s, Uئۇيغۇرلاردىكى بۇنداق ئىسىملار گۈزەللىك قارىشى تولۇق ئىپادىلەنگەن . باشقىلارنى سۆيۈندۈرىدىغان چىرايلىق ئىسىملاردىن بولۇپ ، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ئۇ ئىسىم قويغۇچىلار ۋە ئىسىم قويۇلغۇچى ئائىلىسىنىڭ پىسخىك خۇسسۇسىيىتى ۋە روھى ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . مەسىلەن ، خۇشرۇي ، شاتگۈل ، ئايگۈل ، مۇلايىم ، زېرەك ، سادىق ، مۆمىن .2 P: v; ~% l+ |! {+ L9 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
22 . شەيئىلەرنىڭ ئالاھېدە خۇسسۇسىيەتلىرى بويىچە قويۇلغان ئىسىملار .
+ Z* W1 F) \) q! Gئۇيغۇرلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى بەزى شەيئىلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئۈمىد ، جاسارەت بەخش ئېتىشتەك ئالاھىدە خۇسسۇسىيەتلىرىنى پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، ئۆز ئارزۇ - ئىستەك ، ئىرادىلىرىنى ئىپادىلىگەن . مەسىلەن ، قاينام ، تاشقىن ، ئۇچقۇن ، دولقۇن ، ئۆركەش ، گۈلخان ، سۈزۈك ، جۇلا ، زىلىل ، ئاپتاپ .
. h+ V" d8 s4 x! R9 h. D5 _23. مەدەنىيەت - سەنئەت ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
6 H1 h2 o" j7 Yئەدەبىيات - سەنئەت ئاتالغۇلىرىنى ئەۋلادلدرغا ئىسىم قىلىپ قوللانغان . مەسىلەن ، مەشرەپ ، مۇقام ، مەرغۇل ، سەنئەت ، ئىلھام ، شائىر ، سەنەم ، خۇشتار ، ساتار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا subat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-15 20:34 0 U9 {% r- N, ~7 |; _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
# S. B: M: l& q7 D |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى - تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى ئاتامان تەۋسىيە قىلغان تېمىلار
|
| |
|