روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2386|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

phpدا بوشلۇق كۆچۈرۈش دەرىسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسلى بۇ تېمىنى ھەركەتلىك دەرىسلىك قىلىپ ئىشلەپ قوياي دەپ ئويلىغان، ئەمما ۋاقىت تۈپەيلىدىن بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولماي قالدى، شۇڭا ئاددىيلا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارماقچىمەن.
- ?6 V/ @+ [+ u* `  p! D( Q# xبىز ئەڭ ئاۋال ئالدىنقى مۇنبەر بار بوشلۇققا كىرىپ ئارقا باشقۇرۇشتىن مۇنبەر ساندانىنى زاپاسلايمىز، (تور بەت قۇرىغان ئادەم سانداننى قەيەردىن، قانداق زاپاسلاشنى بىلىدۇ، شۇڭا بۇنى سۆزلىمىسەممۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن) ئاندىن زاپاسلانغان ساندان ھۆججىتىنى FlashFXP ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بوشلۇقتىن ماتىريال چۈشۈرىدىغان مەخسۇس دېتاللار ئارقىلىق ئېچىپ data مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى كىڭەيتىلگەن نامى sql بولغان ئەڭ يېڭى ساندان ھۆججىتىنى چۈشۈرۋالىمىز، چۈشۈرۋالغاندىن كىيىن يۆتكىمەكچى بولغان بوشلۇققا مۇنبەر سېستىمىسىنى چىقىرىمىز ياكى ئالدىن چىقىرىپ قويغان بولساق قاچىلاش باسقۇچىغا كىلىمىز.4 k! c3 S* A; f9 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىققەت قىلىدىغان مەسىلە شۇكى: ناۋادا سىز ئەسلىدىكى بوشلۇقتىكىنى يېڭى بوشلۇققا يوللىماقچى بولسىڭىز ياكى يوللاپ بولغان بولسىڭىز قاچىلاشتىن بورۇن data مۇندەرىجىسىدىكى install.lock نامىلىق ھۆججەتنى بوشلۇقتىن ئۆچۈرۈپ تاشلايسىز، كىڭەيتىلگەن نامى lock بولغان ھۆججەت شۇ، بۇنى ئۆچۈرمىسىڭىز كونا مۇنبەرنى يېڭى بوشلۇققا قاچىلىسام خاتالىق ئۇچۇر چىقىۋالدى دەيدىغان ئىش چىقىدۇ، ئۇنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن install.php نى غول مۇندەرىجىگە يوللايسىز، چۈنكى بۇرۇنقى مۇنبەر سېستىمىسىدا install.php بىر قېتىم ئىجرا بولغاندىن كىيىن ئۆزى ئاپتۇماتىك ئۆچۈپ كىتىدىكەن، بۇ جەريانلارنى تولۇق تاماملاپ بولغاندىن كىيىن قاچىلىسىڭىز نورمال قاچىلىيالايسىز، مۇنبەرگە كىرىپ ھېچقانداق ئۆزگەرتىش قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئەسلى مۇنبەرنىڭ سانداننى بوشلۇققا يوللاڭ، بوشلۇققا يوللىغاندا ئەسلى چۈشۈرگەن مۇنبەرنىڭ سېستىمىسىدىن قايسى قىسقۇچتىن چۈشۈرگەن بولسىڭىز يېڭىسىدىمۇ يەنە شۇ قىسقۇچنىڭ ئىچىگە يوللايسىز، يوللاپ بولغاندىن كىيىن مۇنبەر ئارقا باشقۇرۇشقا كىرىپ 首页 » 数据库 » 数据恢复 نىڭ ئىچىگە قارىسىڭىز سىز بايا يوللىغان كونا بوشلۇقتىن چۈشۈرۈپ يېڭە بوشلۇققا يوللىغان ساندان شۇ يەردە بار، ساندان ھۆججەتنىڭ ئىسمى يېزىلغان قۇرنىڭ يېنىدا 导入 دىگەن خەت بار، ئۇنى باسقاندىن كىيىن مۇقۇملاشتۇرۇش كونۇپكىسى كۆرۈنىدۇ، كونۇپكىنى بېسىپ بوشلۇقنىڭ سۈرئىتى تىز بولسا نەچچە سىكونىت، ئاستا بولسا نەچچە مىنۇتلا ساقلىسىڭىز سانداننى قايتۇرۇپ بولغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ، ئاندىن سىز 论坛首页 دىگەن خەتنى بېسىپ باش بەتكە چىقسىڭىز ھەممە ماتىرياللىرىڭىز، جۈملىدىن ئەزالار، سەھىپىلەر، ھەتتا سىز تەڭشىگەن بارلىق تەڭشەكلەر شۇ پېتى يېڭى بوشلۇقىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.
! q( ~6 G6 h! Z! n$ Eسىزگە ئامەت تىلەيمەن، PHPwind 7.3.2 دە سىناق قىلغان، باشقىلىرىنىڭ پىرىنسىپىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما چوقۇم ئوخشاش دەپ كىسىپ ئېيتالمايمەن، شۇنداقتىمۇ ئوپراتسىيە قىلىپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 14:05

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش