|
شىنجاڭ باھادىر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قىسىچە تارىخى
, ^ ]4 a0 i( Q! ^يوللانغان ۋاقىت : 2015/12/18 16:34:18
. m! R7 J3 I) @8 j, X! qكۈندىن كۈنگە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان شىنجاڭ باھادىر سودا چەكلىك شىركىتى باھادىر كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپى، باھادىر غەربچە تاماقخانىسى، باھادىر ساماۋار شورپا شەھەرچىسى، باھادىر مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسى ۋە ئېرەمباغ يازلىق ئارامگاھى قاتارلىق بەش ئەمەلى گەۋدىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە، كۆلەملەشكەن، قېلىپلاشقان باشلامچى كارخانا.' f2 N" m7 m) R5 y2 a2 y2 o5 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شىنجاڭ باھادىر سودا چەكلىك شىركىتى 2001 يىلى قۇرۇلغان باھادىر كەسىپ تەربىيەلەش مەكتىپى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 2012-يىلى رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان. بۇ شىركەت 15 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى كەسىپ بولغان يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇش، تىجارەت ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئۆزىگە خاس يېڭىلىق يارىتىشنى قىبلىنامە قىلىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەريانىدىكى ئەمەلى تەجرىبىلىرى، مەخسۇسلاشقان يېمەك-ئىچمەك رېتسېپى، يۇقىرى ساپالىق باشقۇرغۇچىلىرى، مۇكەممەللەشكەن باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىلەن شىركەت تارمىقىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە ئەمەلى يېتەكچىلىك قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 200 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنى، 5000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق تىجارەت سورۇنى ۋە 25 مىليون ئەمەلىي مەبلەغكە ئىگە بايراقدار كارخانىغا ئايلاندى.3 M' M" e+ z$ I0 Q0 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاقسۇ باھادىر كەسىپ تەربىيەلەش مەكتىپى2001-يىلى باھادىر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە قانۇنىي ۋەكىلى پەرھات ئىدرىسنىڭ باشچىلىقىدا، ئاقسۇ شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا قۇرۇلغان، ئاشپەزلىك تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەتچىلىك بويىچە تەربىيەلەشنى بىر گەۋدە قىلغان، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈزلەنگەن، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان تەربىيەلەش مەكتىپى ئىدى. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر جەمئىيەتكە 2000 دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى تەربىيەلەپ بەردى، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ جەرياندا ئاقسۇ ۋىلايىتى دائىرىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ كەسپى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسى تار، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى ئاز بولۇش قىيىنچىلىقىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشتى.
( s; D5 x: e7 a# ^باھادىر كەسىپ تەربىيەلەش مەكتىپى 2003-يىلى ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق ئاشپەزلىك جەمئىيىتىگە كوللېكتىپ ئەزا ئورۇن›› سالاھىتىگە ئېرىشىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە شان-شەرەپ كەلتۈردى. مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇقىم پىراكتىكا بازىسى بىلەن تەمىنلەش، مەكتەپتە ئۆگەنگەن تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىدىغان مەيدان ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، 2004-يىلى 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان باھادىر يېمەك-ئىچمەك شەھەرچىسى قۇرۇلدى. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە، مۇلازىمەت ئېڭىغا قارىتا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن 2007-يىلى بىر مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان باھادىر تېز تاماقخانىسى قۇرۇلۇپ، تاماق تۈرلىرى ۋە مۇلازىمەت جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىپ، ئاقسۇ خەلقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
9 p. k7 e. S# ], S1 G) tيوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش باھادىرلىقلارنىڭ قەلبىدە كەسىپ ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەش ئارقىلىق روناق تېپىشتەك كەسىپ قىزغىنلىقىغا ئوت ياققان ئىدى، 2009-يىلى7-ئايدا قەلبىگە يۈكسەك ئارزۇ ئارمانلارنى پۈككەن باھادىر ئەزىمەتلىرى باھادىر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پەرھات ئىدرىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاقسۇ شەھەر ئىتتىپاق يولىغا جايلاشقان ‹‹تىيەنخې مېييۈ ئولتۇراق رايونى››نىڭ 2-قەۋىتىنى زىننەتلەشكە باشلىدى10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان باھادىر غەربچە تاماقخانىسىدا2010-يىلى7-ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلاندى. باھادىر غەربچە تاماقخانىسى زىننەتلەش جەھەتتە ياۋروپاچە ۋە ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى بىناكارلىق، مىمارچىلىق سەنئىتى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە، كۆپ خىل تائاملار جەمگاھى بولۇپ، بېزىلىش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، ئېسىل مۇھىتى، مىللىيچە تېتىملىق تائاملار، جۇڭگوچە قورۇمىلار، شۇنداقلا غەربچە تائاملار تەل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە مۇلازىمەت ساھەسىدىكى بىر بايراقدار ئورۇنغا ئايلاندى.9 e7 \5 d- a' j( {* Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باھادىر غەربچە تاماقخانىسى 2011-يىلى شەرەپ بىلەن ‹‹شىنجاڭ ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى داڭلىق ئورۇن›› دېگەن نامغا ئېرىشتى، مەزكۇر غەربچە تاماقخانا ئاقسۇ شەھەرلىك باھادىر كەسىپ تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئەمەلى مەشىق بازىسى بولۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، يۈكسەلدۈرىدىغان مۇھىم بىر كۆزنەك. ھازىر باھادىر قەھۋەخانىسى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ دائىرىسىدە بەلگىلىك نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، ھەر قايسى قېرىنداش ۋىلايەت ۋە ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىدىغان، شۇنداقلا ئۆگىنىدىغان ئۈلگىسىگە ئايلاندى. باش لىدىر ۋە مەكتەپ مۇدىرى پەرھات ئەپەندىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەكشۈرۈشكە، ئۆگىنىشكە بېرىپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، باھادىر كارخانىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باھادىر سودا چەكلىك شىركىتىگە ماس كېلىدىغان يېڭى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ مەكتەپ ۋە شىركەت تارمىقىدىكى تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى جەھەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى، شۇنداقلا يېڭىلىق ياراتتى. ئاقسۇ شەھەرلىك باھادىر كەسىپ تەربىيەلەش مەكتىپى ھەر يىلى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنى تەكشۈرۈپ ئۆگىنىشكە ۋە ئەمەلى پىراكتىكىغا تەشكىللەپ، ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، باھادىرى شىركىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات جەھەتتىكى يۈكسەكلىككە ئاساس سېلىش، سۈپەت جەھەتتە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. ئاقسۇ ۋىلايىتى دائىرىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش، ئاقسۇ ۋىلايىتى دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى يېمەك-ئىچمەك كارخانىسىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەش ئۈچۈن 2013-يىلى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كۆزنەك رايونلىرىدىن بىرى بولغان ئالتۇن سۇمۇرغ مەيدانىدا 1500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان باھادىر مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېمەك ئىچمەك ساھەسىدىكى يەنە بىر بوشلۇقنى تولدۇردى ھەمدە جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كەسىپ تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ يېڭىچە بىر پىراكتىكا مەشىق بازىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا دولان دەرياسى بويىدا مىللىي يېمەك-ئىچمەك مەدەنيتىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۆزنەك بولۇپ قالدى. شىنجاڭ باھادىر سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان مۇھىم بىر تۈر-ساماۋار شورپىسى ئىستېمالىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ دۆلىتىمىزنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرى ۋە خاڭجۇنىڭ ئاقسۇغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە قوللىشى ئاستىدا، 2013 يىلى1-ئايدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە باھادىر ساماۋار شورپىخانىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى. شىنجاڭ باھادىر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى پەرھات ئىدرىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەريانىدىكى ئەمەلى تەجرىبىلىرى، مەخسۇسلاشقان يېمەك-ئىچمەك رېتسېپى، يۇقىرى ساپالىق باشقۇرغۇچىلىرى، مۇكەممەللەشكەن باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىلەن شىركەت تارمىقىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە ئەمەلى يېتەكچىلىك قىلىپ، خېرىدارلارغا مەززىلىك تائام، ئېسىل مۇھىت ۋە ئەلا مۇلازىمەت بەخش ئېتىپ، بىر يۈرۈش ئۆزگىچە تەمگە ئىگە شۇنداقلا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ماس كېلىدىغان، شەكسىز، شۈبھىدىن خالى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، ھەر-بىر ئىستېمالچىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەت تاپقۇزۇپ، بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.6 O# w+ Q6 b8 r4 U0 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
http://www.bahadir.com.cn/ug-CN/ |
|