روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1590|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مىكروسوفت كېلەر ھەپتە Win 8 گە بولغان قوللاشنى توختىتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىكروسوفت كېلەر ھەپتە Win 8 گە بولغان قوللاشنى توختىتىدۇ

$ V- p6 t7 T3 [8 ?, J2 G/ }* D$ f) v1 w
8 _, k- B, r7 F     ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە مىكروسوفتنىڭ 12-يانۋاردىن باشلاپ IE8、IE9、IE10 قاتارلىق كونا نەشىردىكى تور كۆرگۈچلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنى توختىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدۇق، ئەمەلىيەتتە Win 8 سىستېمىسىمۇ ئوخشاش بىر كۈندە «ئاخىرلىشىدۇ»، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر Win 8 نى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كومپيۇتېر سىستېمىسىنى Win 8.1 ۋە ياكى Win 10 غا يېڭىلىۋېلىشى كېرەك، بولمىسا مىكروسوفت يوللىغان بىخەتەرلىك ياماق (پىروگرامما) لىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.* l% j, m( G3 G& y" S) H* Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     Windows 8 سىستېمىسى 2012-يىلى 10-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان، Win 7 گە سېلىشتۇرغاندا، بۇ سىستېمىغا پۈتۈنلەي يېڭىدىن لايىھەلەنگەن Metro ئۇسلۇبى (ھازىر Modern دەپ ئاتىلىدۇ) ئىشلىتىلگەن. بۇ كۆرۈنمە يۈز مىكروسوفتنىڭ كۆچمە مەشغۇلات سۇپىسى Windows Phone نىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۆرنەك ئالغان ئاساستا لايىھەلەنگەن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا Win 8.1/Win 10 سىستېمىسىنى ئېچىش ۋە ئەپ دۇكىنى ئۇسلۇبىنى لايىھەلەشكە ئاساس بولغان.- a4 Y" R( F2 ?$ Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     Win 8 يېڭىدىن ئېلان قىلىنغاندا، نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان، ھالبۇكى، ئىشلىتىش جەريانىدا ئابونتلار بۇ سىستېمىنىڭ ئۈستەل يۈزى مۇھىتىدا بەك كۆپ ئۆزگىرىش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان، كۆپلىگەن ئابونتلار بۇ سىستېمىغا ناچار باھالارنى بەرگەن، بەزىلەر ئۇنى «ئىككىنچى Vista» دەپ ئاتىغان.. [- |' _5 M$ k# K  g0 w: Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     كېيىن مىكروسوفت شىركىتى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى Win 8.1 سىستېمىسىنى تارقاتقان، بۇ سىستېمىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش شۇكى، ئۇنىڭدا «باشلاش» كۇنۇپكىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، بىراق، سىستېما قوزغالغاندا يەنىلا پۈتۈن ئېكران كۆرۈنىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. پەقەت Win 10 غا كەلگەندىلا، مىكروسوفت ھەقىقى مەنىدىكى «باشلاش» تىزىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شۇنداقلا يېڭىدىن لايىھەلىگەن «باشلاش» تىزىملىكىگە Win 7 نىڭ كىلاسسىك ئۇسلۇبى بىلەن Win 8 دىكى Metro ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرگەن، شۇڭلاشقا، Win 10 ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئابونتلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. Win 10 يەنە مىكروسوفت تارىخىدىكى ئوموملىشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سۇپىسىغا ئايلانغان، بۇ سىستېمىنىڭ قاچىلىنىش مىقدارى ھازىرغىچە 200 مىليوندىن ئاشقان.
  B) s9 ]* i8 R* B/ c      مىكروسوفت شىركىتى Win 8 ئۈچۈن بىخەتەرلىك ياماقلىرىنى تارقىتىشنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئابونتلار ئۇنىڭ نەشىرىنى Win 8.1 گە كۆتۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىكروسوفت Win 7 ۋە Win 8.1 ئابونتلىرىنى Win 10 سىستېمىسىغا ھەقسىز يېڭىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، مىكروسوفتنى Win 8 دىن ۋاز كەچتى دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. بىراق، سىستېما بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ھازىر Win 8 نى ئىشلىتىۋاتقانلار ئەڭ ياخشىسى تېزدىن سىستېمىسىنى Win 8.1/Win 10 گە يېڭىۋالغىنى تۈزۈك.9 U0 ^2 c% A- v2 m" F- \" \3 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
       ئۇنداقتا Win 8.1 ۋە Win 10 نىڭ ئۆمرى زادى قاچانغىچە؟6 Y2 R) W; G5 k' s5 I2 }% C9 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      ئىگەللىنىشىچە، مىكروسوفتنىڭ Win 8.1 سىستېمىسىنى ئاساسلىق مۇلازىمەت بىلەن قوللاش ۋاقتى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، ئۇزارتىلغان تېخنىكىلىق قوللاش ۋاقتى 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدىكەن؛ Win 10 نى ئاساسلىق مۇلازىمەت بىلەن قوللاش ۋاقتى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، ئۇزارتىلغان تېخنىكىلىق قوللاش ۋاقتى 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بولىدىكەن.
! C' \" b0 _9 `# z# y7 t& }ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدىغىنى، Win 10 غا يېڭىلىماقچى بولغانلار مىكروسوفت بېكىتكەن بىر يىللىق ھەقسىز يېڭىلاش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك، باشقىچە ئېيتقاندا، 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن كېيىن، Win 10 سىستېمىسىنى ھەقسىز قاچىلىغىلى بولمايدۇ.$ B1 C3 b$ K$ I) bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: نۇر تورى
9 W/ P- m# ^# B/ y! N( R
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-10 22:04:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ سىستىمىنىمۇ باكالىق قىلىۋىتەمۇ يا بىر ئىشلىتىپ باققۇم باتې
ۋاقتى: 2016-1-15 22:32:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7-ئايدىن كىيىن ئىلگىرى سېتىۋالغان كۆزنەك 8 نىڭ ئاچقۇچى بىلەن كۆزنەك 10غا يىڭىلاپ قاچىلىغىلى بولمايدۇ دىگەن گەپمۇ قانداق ؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-30 02:39

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش