روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1710|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئامازوندىكى ياخشى يۈزلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئامازوندىكى ياخشى يۈزلىنىش' n. z( O) F; L5 s) ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق
  ~) O. Z/ n# [2 w- o, g$ ]1 \3 a5 L7 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەزانە قەشقەردە ھاۋا ئوچۇق ئىدى. قىش بولغىنىغا قارىماي قوياش ئىللىق نۇرىنى زىمىنغا سېخىلىق بىلەن سېپىپ تۇراتتى. بىز بۇ كۈنى بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق. يەنە «كاللا پاقالچاق بايرىمى» ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق. سائەت 10 يېرىملاردا خىزمەتدىشىم، شائىر،ئوبزۇرچى ئابلاجان بوۋاقى بىلەن ئىشخانىدىن چىقىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتىخانىنىڭ ئالدىدىكى تەجەللى كىتاپخانىسى ئالدىغا يىتىپ كەلدۇق. بۇ يەردە ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر ھاجى مىرزاھىد كىرىمىي تەجەللىي كىتاپخانىسىنىڭ غوجايىنى ئابدۇغەنى بىلەن بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. بىز قىزغىن كۆرۈشكەندىن كىيىن، ئابدۇغەنى بىزنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر كاللا پاقالچاق ساتىدىغان ئاشخانىغا باشلاپ كىردى. ئاشخانا غوجايىنى ئابدۇغەنىنى تونۇيدىكەن، ئۇ بىزنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى. ھەم بىزگە كاللا پاقالچاق ۋە زەپە چاي كەلتۈردى.  بىز ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلغان كاللا پاقالچاقلارنى مەززە قىلىپ يىيىشكە باشلىدۇق.
4 e7 \& ^. U. g! C3 fبۇ يەردىكى «كاللا پاقالچاق بايرىمى» ئۈستىدە ئازراق توختۇلۇپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. بۇ يىل يىل بېشىدىلا بىز ئابلاجان بوۋاقى بىلەن بۇ يىللىق «كاللا پاقالچاق بايرىمى»دا ھاجى مىرزاھىد كىرىمىينى تەكلىپ قىلىپ بىللە ئۆتكۈزۈشنى پۈتۈشۈپ قويغان ئىدۇق. ئۇنتۇپ قالمايلى دەپ خىزمەت شىرەيىمىزنىڭ ئۈستىگە يېزىپ قويغان ئىدۇق. چۈنكى بۇ ئاتاقلىق ئەدىپ «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» شىئىرىنى يېزىپ ئىلان قىلىشى بىلەن   سولچىل  ئىددىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ 1959-يىلى 4-ئايدا 10يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ھەم يەنە شىئىرنىڭ مۇھەببىتى بىلەن يەنە ئۈچ يېرىم يىل قېتىپ جازالىنىپ 1972-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 13يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈرمىدىن چىقىدۇ. تۇرمىدىن چىققان ۋاقىتتا تۈرمىدە بىللە ياتقان ئۇنىڭدىن بۇرۇن چىققان كامىرداشلىرى ئۇنى قوينىڭ كاللا پاقالچىقى بىلەن مىھمان قىلىدۇ. ئەدىپ شۇ چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كاللا پاقالچاق ئەككىلىپ ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىللە يەپ بۇ ئىشنى ئۈزۈلدۈرمەي كەلگەن.
0 I' g* u  c% ]  Z. _; x; B' |كاللا پاقالچاق يىگۈچە بولغان ئارلىقتا ئابدۇغېنى قەشقەردىكى «ئامازون ساماۋەر قورىمىخانىسى ھامبوروگ بولكىخانىسى»نىڭ غوجايىنى مەرىپەتپەرۋەر ياش ئابلەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ مۇنداق بىر ئىشىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلار تاماق شىرەسىنىڭ ئەتراپىغا كىتاپ تىزىپتۇ. تاماق چىققۇچە خېرىدارلار كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇردىكەن. كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرغۇچە قالايمىقان پاراڭلار بولمايدىكەن. بەزىلەر ھەتتا كىتاپ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ تاماق كەلگىننى تۇيمايلا قالىدىكەن. تاماقتىن كىيىنمۇ بەزىلەر تېخى كىتاپنىڭ ئۆزى قىزقىپ ئوقۇغان مەزمۇننى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن چىقىپ كىتىدىكەن. ھازىر ئايدا تۆت يۈز يۈئەنلىك بەش يۈز يۈئەنلىك كىتاپ يۇتۇپ كىتىپ بېرىپتۇ. «ھامبوروگ بولكىخانىسى»نىڭ غوجايىنى مەرىپەتپەرۋەر ياش ئابلەت تۇرسۇن ئەپەندى بۇنىڭدىن بەكلا خوش ئىكەن ھەم دائىم يۈتۈپ كەتكەن كىتاپلارنى تولۇقلاپ قويىدىكەن. 7 w5 {; Y0 O8 A! H, _9 l2 l! [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئابدۇغېنىنىڭ بۇ گېپىدىن كىيىن بىز كاللا پاقالچاق دۇكىنىڭ غوجايىنىغىمۇ ئامازۇندىكدەك قىلىش تەكلىپنى بەردۇق. ئۇ كىشىمۇ بەكلا مەرىپەتپەرۋەر كىتاپخۇمار كىشى ئىكەن. ئۇ تەكلىپىمىزنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.
8 F. J4 [& o/ n1 @  o. p5 W& Aيېڭئى يىل ئارام ئېلىش ۋاقتىدا توردىن ئامازوننىڭ يېڭئى يىلدىكى تۇنجى كۈندە ھەر بىر خېرىدارلارغا بىر تالدىن جەمىي 5000سوملۇق كىتاپنى ھەقسىز سوۋغا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا مەمنۇن بولدۇم. بۇ يىل ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلغاندىن بۇيان كىتاپ ئوقۇش، كىتاپ سوۋغا قىلىش قاتارلىق تۈرلىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتلەر مەزمۇنىڭ يېڭلىقى، شەكلىنىڭ خىلمۇ-خىللىقى بىلەن ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ. يەنە توي تۆكۈنلەردە سوۋغات ئورنىدا كىتاپ سوۋغا قىلىندى. ئومۇمەن قىلغاندا جەميەتتە كىتاپ ئوقۇش دولقۇنى قوزغالدى. بۇ خەيرلىك ئىشتىن ھەممەيلەننىڭ دىلى سويۈندى،ئىپتىخارلاندۇق. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئامازون «ئىلىم چېيى»، «كىتاپ  سوۋغا قىلىش» (بۇلارنى توردىن كۆردۈم) قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بۇ يىللىق كىتاپ ئوقۇش يىلىدا دەۋر بىلەن ماسلاشتى، ھەم 2016-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى كىتاپ سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ يېڭئى يىلدىكى تۇنجى كىتاپ ئوقۇش پائالىيىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى. بۇ ھەققەتەن قۇتلۇقلاشقا، قوللاشقا تىگىشلىك ئىش. بىزنىڭ باشقا تىجارەتچىلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاۋامغا ئاز تولا ئىش قىلىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن. . j( D0 G$ d  S8 b6 Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 07:32

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش