روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: lucifir
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەن ساقىيالامدىم !

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-7-1 16:44:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكار يۈرمەڭ، بىرەر يەردە ئىشلەڭ، ھەر كۈنى تۇرغان ۋاقتىڭىزدا قىلىدىغان ئىشىڭىزنى پىلانلىۋېلىڭ، كۈندە بىر قېتىم يۇينىپ بىرىڭ، تاشقى قىياپىتىڭىزگە كۆندە دىققەت قىلىڭ، ساقال- بۇرتىڭىزنى  كۈندە ياساپ تۇرۇڭ، چوڭ ئەينەككە قاراپ كۈندە ئۆزىڭىزگە ئىلھام بىرىڭ.
ۋاقتى: 2015-7-1 23:51:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقىلارنىڭ تەكلىپىنى قوللايمەن
ۋاقتى: 2015-7-2 11:08:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلا ئېغىز گەپ سىز پىسخىكىڭىزنى قانداق تەڭشەشنى بىلمەپسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 17:11:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلانغا ئەزا بولغىنىمدىن بۇيان مەندە خېلى ئىلگىرلەش بولدى روھلان دىگەن ئىسىم ھەقىقەتەن بۇ مۇنبەرگە مۇناسىپكەن .
ۋاقتى: 2015-7-4 00:09:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ‹لۇكفېر›:
# f. O- U' P% @% A# V4 [بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە تولىمۇ ھېسىداشلىقىم قوزغالدى، مۇشۇ سەۋەبتىن يوقۇرقى تورداشلارنىڭ بەرگەن تۈرلۈك ئىنكاسلىرى ۋە سىزنىڭ شۇلارغا جاۋابەن قايتۇرغان ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ، ھەر ھالدا خاتىرجەم بولدۇم. چۈنكى، سىزدە سىز باشتا ئېيتقاندەك مەسىلە ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس ئىكەن. سىزگە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەكلىپ ھەم كۆڭۈل سۆزلىرىمنى قالدۇردۇم، مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز پايدىلىنارسىز:
- i6 X, l9 F. Yمەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا قىسقا ۋاقىت مەلۇم دەرىجىدە چۈشكۈنلىشىپمۇ قالغان، ئەمما مەسىلە سىزنىڭكىدەك ئېغىر ئەمەس ئىدى. چۈنكى، مەن ئۇ ۋاقىتلاردا يېڭىدىن مەكتەپ پۈتكۈزگەن بولۇپ، بالىلىق ۋاقىتلىرىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا تولۇقسىزدىن كېيىنكى بىرقانچە يىللىق ئوقۇش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىمدە مەن مەھەللىداشلىرىم بىلەن ئارلىشىش پۇرسىتى بولماي، تونۇش- بىلىشلىرىم يوق دېيەرلىك بولغان ئىدى، پەقەت نەۋرە تۇغقانلىرىم بىلەن ئاندا- ساندا پىكىرلىشىپ ئۆتەلەيتىم. كۈنبويى ئۆيدە يالغۇز ئولتۇراتتىم، ئالدىمدا دائىم بىرقانچە پارچە كىتاب، خاتىرە دەپتەرلا تۇراتتى. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى دۇنيادا ئارتۇقچە تۆرىلىپ قالغاندەك، ھىچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى يوقتەك ھېس قىلاتتىم. مۇشۇنداق بولغانسېرى دادام (رەھمەتلىك دادام) ماڭا بارغانچە سوغۇق مۇئامىلىدە بولاتتى. كېيىن بىلسەم 20 گە يېقىنلاپ قالغان پۈتۈن سۈرۈك مەندەك بىر ئوغۇل بالا ئۆيدە كۈنبويى يېتىپ- ئۇخلاپ، يەپ- ئىچىپلا يۈرسە يەنە نېمە بولماقچىدى؟ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن مەن ئۆيىمىزدىكى ئارتۇقچە مېۋە- چىۋىلەرنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن شوغۇللاندىم، مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغانسېرى روھىي- كەيپىياتىممۇ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپكە تەكلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم، ئەشۇ چۈشكۈنلۈك تۇيغۇلىرىم كەلمەسكە كەتتى، مانا ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ، شۇ يىللاردىن بېرى يۈزدە توقسەن پىرسەنت ۋاقتىم ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكەشكە ئۆزۈمدە بۇنداق چۈشكۈنلۈكنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمەس بولدۇم، ئويلاپ باقسام، ئەينى ۋاقىتتىكى قىسقا ۋاقىت چۈشكۈنلۈك پۈتۈنلەي بىكارچىلىقتىن كېلىپ چىققان ئىكەن.
8 q) X0 B6 c* x% S2 _' S" qئەمدى، نەق دېمەكچى بولغۇنۇم: سىز ئۆزىڭىزنىڭ 20 گە كىرگەنلىكىڭىزنى، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇئامىلىسىنىڭ سوغۇق ئىكەنلىكىنى دەپسىز. مېنىڭچە ئاساسلىق مەسىلە سىزدىن كېتىپ قاپتۇ. سىزنىڭ ھاراق ئىچىشكە ۋاقتىڭىز چىققان ئىكەن، چوقۇم كۈن بويى بوش ۋاقتىڭىز كۆپ دېگەنلىك. دۇنيادا ھىچبىر ئاتا- ئانا ئۆز پۇشتىغا ئۆچلۈك قىلمايدۇ، بۇ بىر ئەمەلىيەت، مانا مەن بالا بولۇپ باققان ھازىر بىر دادا ئورنىدىكى ئادەممەن. سىز ئاتا- ئانىڭىزنىڭ سىزگە زادى نېمە سەۋەبتىن سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئادەتتە ئاتا- ئانىڭىزنى خۇش قىلىدىغان زادى قايسى- قايسى ئىشلارنى قىلىپ باقتىڭىز؟ ئۆزىڭىز خۇشال بولىدىغان ئىشچۇ؟ بەلكىم دۇنيادا دوستى يوق ئادەم بولمىسا كېرەك. مانا ئاتا- ئانىڭىز سىزنى ئۆيلەنگۈسى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۆيلەپمۇ قويۇپتۇ، ئاقىۋەت ئاجرىشىپ كېتىپسىز، شۇنداقتىمۇ توي قىلغاندىن كېيىن ئازراق بولسىمۇ خوشاللىققا ئېرىشكەنسىز، يەنە بىر جەھەتتىن ئەشۇ ئاجرىشىپ كەتكەن جۆرىڭىزنى ياخشى كۆرۈپمۇ قېلىپسىز، مانا بۇ سىزدىكى بىر ئىلگىرىلەش ھەم ئاتا- ئانىڭىزنىڭ سىزگە بولغان كۆيۈنىدىغانلىقىنىڭ- ئىستىقبالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولماي نېمە؟
" T/ i4 t& @3 ]0 C3 r3 D0 w5 A1 f* Pسىز روھلاندىكى مۇنبەرداشلارنىڭ يوقۇرقى سۆزلىرىنى ھەم مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئەستايىدىل ئويلىنىش بىلەن بىرگە ئەتراپىڭىزدىكى تونۇشلىرىڭىزنىڭ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئىنكاسلىرىنى، تەلەپلىرىنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ ھەم ئاتا- ئانىڭىزغا: ماڭا زادى نېمە سەۋەبتىن سوغۇق مۇئامىلە قىلىسىلەر دەپ ئەستايىدىللىق بىلەن سوئال قويۇڭ ھەم ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر سۆزلىرىنى ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ئاڭلاڭ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئەڭ زور غەيرەت بىلەن مەيلى خالاش- خالىماسلىقتىن قەتئىينەزەر ئورۇنداپ بېقىڭ، ھىچ بولمىغاندا بىر قېتىم بولسىمۇ، بىر مەزگىل بولسىمۇ ئورۇنداپ بېقىڭ.6 J9 w% U5 L; |8 k  b: uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىزنىڭ يېشىڭىز تېخى شۇنچىلىك كىچىك ئىكەن، شۇڭا شارائىتىڭىز يار بەرگەن ئەھۋالدا سىز جەزمەن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىرەر ھۈنەر- كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىڭ، بىلمىسىڭىز ئۆگىنىڭ ھەم شۇ ئىشنى تولىمۇ ياخشى ھەم ئەستايىدىل قىلىڭ، ۋايىغا يەتكۈچە، قانچە- قانچە جاپالىق بولسىمۇ پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن بېرىلىپ قىلىڭ.+ ]6 R; ~. y8 b( v2 I5 t# Y: c2 T4 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇرمۇشىڭىزدا باشقىلار بىلەن مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئارىلىشىڭ، بولۇپمۇ ياخشى كىشىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىڭ، ئىچىپ- چېكىدىغان، بولۇپمۇ قالايمىقان ئىچىپ- چېكىدىغان كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ، باشقىلارغا راستچىل، سەمىمىي، دوستانە بولۇڭ، كۆڭلىڭىز تارتقان قىزلاردىن ئوبېكىت قىلىپ تاللاپ، پاكلىقنى ئاساس قىلىپ ئارىلىشىڭ.9 X. h; \4 \- S4 ?& a7 {( q* Z7 ~$ X$ ^7 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شارائىتىڭىز يار بەرسە ھەر كۈنى رادىئو- تېلېۋىزورلاردىن مەدەنىيەت- سەنئەت پروگراممىلىرىنى كۆرۈپ ئاڭلاڭ، روھلان تورىغا ئوخشاش مۇنەۋەر تور بېكەتلىرىنى ئارىلاڭ. خەنزۇچە بىلسىڭىز خەنزۇچە تور بېكەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈڭ.
( r$ w$ R) P- I: i% ?7 B, [6 {قىسقىسى، ھاياتلىق، تۇرمۇش دېگەن رەڭگارەڭ بولىدۇ، سىز ئۆزىڭىز خالىغان- خۇش بولىدىغان، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە پايدىلىق بولغان ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىڭ. ئەمما، تەسەللىي تاپىمەن دەپ، ئۆزىڭىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھاراق ئىچىپ، زەھەر چېكىدىغان ئۇنداق بارسا كەلمەس يولنى تاللىماڭ. چۈنكى، ھەممە ئىشنىڭ چەك- چىگرىسى ئېنىق، مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى. ھاياتلىق ئادەمگە بىر قېتىم كېلىدۇ، شۇڭا ئەرزىمەس ئىشلارنى دەپ ئۆزىڭىزگە ئارتۇق بېسىم پەيدا قىلماڭ. ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا، ئون بەشى يورۇق، سىزدىكى بۇ كۈنلەرمۇ ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ. سىزنىڭ ھازىر تېنىڭىز ساغلام، پۇت- قولىڭىز ساق، ھىچ بولمىغاندا سىز روھلانغا چىقىپ، ئۆزىڭىزگە تەسەللىي تېپىشنى بىلدىڭىز، مانا بۇ دۇنيادىكى مىليونلىغان كىشىلەر قىلالمايدىغان ئىش، مىليونلىغان مېيىپ- ئاجىزلاردا يوق ئارتۇقچىلىق، ئۆزى ئويلاپ، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ تەسەللىي تېپىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قېرىنداشلىرىمىزدا يوق جاسارەت!
$ ]2 t# S  ^# C0 nقېنى قېرىندىشىم، ئۆزىڭىزنى روھلۇق تۇتۇڭ، ئالدىڭىزغا- يىراققا نەزەر سېلىڭ، نى- نى ياخشى كۈنلەر، پارلاق ئىستىقبال سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. سىز دېگەن ئاتا- ئانىڭىزنىڭ، جاھاننى ئاجايىپ شانۇ- شۆھرىتى بىلەن تاڭ قالدۇرغان ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى! مانا بىز سىزگە ھەمدە بولىمىز، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز يىگىتچاق! سىز چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز!
ۋاقتى: 2015-7-5 01:34:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش تۇرمىشىڭىزدا  ئاز تولا ئىلگىرلەش بولدىمۇ  ،ساقىيشىڭىزغا ئۇمۇت بارمىكىن قىنى ئوتۇرغا قويۇپ بىقىڭ ھەمسۆھبەت بوللايلى
بۇرادەر سىز سەل دۆتمۇ يا ئ‍ەقىلسىزمۇ ،،،،شۇنداق ساغلام تۇرۇپ ھاياتتىن زىرىكتىڭىزما،بىلمەمسىز ئ‍الدىڭىزدا گۈزەل پارلاق كەلگۈسىڭىز بار،مۇمكىن بولسا ماڭىلا بىرىڭە شۇ ياشاشنى خالىمىغانىغان ئ‍ۆمىرىڭىزنى،،،،مەن يىگىرمە ياشقا قايتىپ قالسام شۇ ۋاقىتتا كۈيۈپ ھازىرغا قەدەر ۋەسلىگە يىتەلمەيۋاتقان بىرەيلەن بار ئ‍ىدى،ئەمدى بوشاڭلىق قىلماي كەلتۇرۋالاي،،،،،مۇشۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ گۈزەلگۈزەل يىگىرمە ياشلىق ۋاقتى بولغانبولغان بولغىيتى،،،
ۋاقتى: 2015-7-5 18:12:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ  يۇقىرقى ئەھۋالىڭىزدىن قارىغاندا  سىزدە  نېرۋا ئاجىزلىق  باركەن  نېرۋا ئاجىزلىق  دىسەم  باشقىچە  چۈشۈنۈپ  قالماڭ  نېرۋا ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى  ئىچى پۇشۇش ،روھىي چۈشكۈنلۈك ئورۇنسىز ئازاپلىنىش  ،باشقىلاردىن قېيداش،ئەستە تۇتۇش قابىليتى تۆۋەن بۇلۇش .....قاتارلىق ئالامەتلەر  بۇلىدۇ, V6 A# M$ o* b/ S$ D( aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىز  نېرۋا  ئاجىزلىققا  قارىتا   ئۇستىقۇددۇس  شەربىتى   ، مەجۈنى  داۋائىمىشكى  قاتارلىقلارنى  15 كۈندىن  1ئايغىچە  ئىستىمال  قىلىڭ  ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ   مەلۇم  كەسپنى  چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىڭ .ۋاقتنى بىكار ئۆتكۈزمەڭ  . ئاجرىشىش مەسلىسىگە  كەلسەك  يارىشۋېلىش  ئىھتىمالى بولسا  يارىشىپ  قېلىڭ ئەگەر ئىمكانىيەت  بولمىسا  ئۇنى توغرا چۈشىنىڭ   .  
ۋاقتى: 2015-7-5 18:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر  پىسخىك  جەھەتتىن  مەسلىھەت  سورىسىڭىز  xipalih  ئۈندىدارنى  قوشۇۋېلىپ  خەت  قالدۇرۇڭ   
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-9 21:15:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-7-4 00:09
( l  v3 i- b5 A6 k7 `( i" bئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ‹لۇكفېر›:
& Q; S" C. U( i. _بۇ  ...

- u+ v" p0 g4 k0 g) y( [& d  tماڭا مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر گەپلىرىڭىز مەندە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى مەن چۇقۇم تىرىشىمەن ئەمدى كەلگۈسۈم ئۈچۈن تىرىشىمەن ئۆتمۈشتىن قول ئۈزىمەن !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 07:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش