روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3504|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەنئەنىگە خىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(كەچۈرۈڭلار قېرىنداشلار !ئىملا خاتالىقلىرى بولسا تۈزۈتۇپ ئۇقاسىلەر ،مەن ئۆيگە كىرىپ تاماق يەۋىتىپ يېزىپ مەكتەپكە چىقىدىغان ۋاقىت بۇلاپقالدى . تۈزتىشكە ۋاقىت يوق  .بىرقىسىم يەرلىك شىۋىلەرنى ئۈز پېتى ئالدىم .چۈنكى مەن خوتەندىن ئەمەسما ! رەھمەت سىلەرگە ), V1 s: b( B* S* I' g9 x& H" xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دادام، ناننى خارلىما (دەسسىمە ) قارغۇ بۇلىسەن ، قىشتا ئۇزۇق ئال؛ يازدا يېپىنچا ،كىر سۇينى ھويلىغا تۆكمە گۇنا بۇلىدۇ ، ئاچقۇچنى ئوينىما زىيىنى بۇلىدۇ . كۈلگە يۈندە تۆكمە تۇكۇر بۇلىسەن ، كۈچۈڭنىڭ يىتىشىچە ئىشلەپ مىۋىلىك دەرەخ سال ،.........،-دەيتتى بالام . قارا مەن بۇۋاڭنىڭ ۋەسىيتىنى جان –جەھلىم بىلەن تاماملاۋاتىمەن . مەندىن ساڭا نەسىھەت ؛سەن مىنىڭ بالام ، بىز خەقتە ئۆز ئەجىرگە تاينىپ ئۈزنى باقمىغان كىشىنى ئادەم ھىساپلىمايمىز . ھازىر 19ياشقا كىرىپ قالدىڭ يۇقاردا مەن ساڭا بۇۋاڭنىڭ دىگەنلىرىنىڭ يىڭنىنىڭ تۈيشىكىچىلىك نەسىھەت سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردىم . لېكىن، سەن ئەقلىڭنى بىلىپ بۇنداق سۆزلەردىن ۋە ئىشلاردىن نۇرغۇنلىرىنى ئاڭلىدىڭ ،كۆردۈڭ، ئەمەلى قول سېلىپ قىلدىڭ . نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنمىدىڭ؛ نۇرغۇن ئىشلار بېشىڭغا كىلىپ ،ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۈزەڭنىڭ يېشىڭغا لايىق تەجىربە توپلۇدوڭ. سەن يەنە نۇرغۇن چۈشەنمىگەن بۇۋاڭنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ چۈشۈنۈپ قالىسەن . باشقا يۇرتلۇق قېرىنداشلار بىزنى ((خوتەنلىكنىڭ پۇشمىنى قىرىق يىلدىن كىيىن دەيدۇ ))بۇ بۇنىڭدىن نەچچە ئون ئەسىردىن بىرى ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان خوتەنلىكلەرگە بىرىلگەن باھا .بۇ گەپلەرنىڭ قانداق پەيدا بولغالىقىنى بۇۋاڭ ماڭا ئازىراق دەپ بەرگەن . تازا يادىمدا يوق . يادىمدا قالغىنى، بىز خوتەنلىكلەر ئىسلام دىنىغا كىرگىلى ئۇنىماي باشقا يۇرتلۇق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قىرىق يىل ئۇرۇش قىلىپتىمىزكەنتۇق .  خەق نىمە دىسە دىسۇن .بىراق ، سەن قىلغان ئىشىڭنى ئۇبدان دەڭ سېلىپ قىل . بىزنىڭ تەبىئىيتىمىزدە باشقىلار كۆرمىدى ،-دەپ مەيلى سىنىڭ ياكى مىنىڭ ۋەياكى كوللىكتىپنىڭ نەرسىنى ئوغۇرلايدىغان ئادەت يوق ۋە بىزنىڭ ئىتىقاتىمىز بۇنىڭغا يول قويمايدۇ . سەن ئۆتكەندە دۆلىتىمىزنىڭ نىفىت قېدىرىپ تەكشۇرۇش مەلۇم ئەتىرتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم بۇيۇملىرىنى پالانى ئوغۇرلاپتۇ ، پۇكىنى ئوغۇرلاپتۇ ،- دەپ ئۆيگە قايتىپ مەنمۇ پۇكۇنى نەرسىنى ئوغۇرلاپ ئەكىلىيمىكىن ،خەنزۇنىڭ نەرسىنى ئوغۇرلىسا گۇنا بولمايدۇ ،-دەيدۇ باشقىلار ؛دىگەن ئىدىڭ، مىنىڭ مىڭەمگە چىقىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن سىنى ئىككى –ئۈچ كاچات سېلىۋەتتىم . سەن تۇرۇپلا قالدىڭ ھەم ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتىڭ . قانداق ئاتا جېنىدىن ئېزىز پەرزەنتىنى بىكاردىن –بىكار ئۇرۇدۇ،-دەيسەن .كىيىن ئويلىسام بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئۇنداق ئەسكى ئىشلار يوق ئىكەن . سەن ئامىرىكىنىڭ كىنولىرىغا بەك ھەۋەس قىلىپ كۈرەتتىڭ . بىزمۇ پەرزەت ئىشقىدا ئاناڭ بىلەن سىنىڭ كۈڭلەڭنى ئاۋايلاپ ئۈزىمىز كۈرگىمىز بارنى كۆرمەي ساڭا ئەگىشىپ بىزمۇ ئامىرىكىنىڭ كىنولىرىنى كۈرىدىغان ھەم شۇنىڭدا چىقىدىغان ۋەقەلىكلەرگە دىققەت قىلدۇق . يۇرتىمىزدا بولغان تارىخى رىۋايەتلەر بىلەن باغلاپ كىنو ۋەقەلىكىنى سېلىشتۇردۇق . مەن بۇنىڭدىن ئەسلى ئوغۇرلۇق ھۈنۈرنىڭ ھازىر سەن دەۋاتقان دول ، بودىي دىگەن كىنونى نە ئىشلىگەن دىدىڭە ؟ ; y7 V7 |# {& ]+ z; k# c& f0 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئەنگىلىيە .
2 Q' G3 d  T, m: D  n: |8 X-ھە شۇ يەردىكى خەقلەر بىلەن ما روس ئاغىنىلەر(دادام ئىلگىرى غولجىدا روسلار بىلەن كۆپ ئارلىشىپتىكەن ،رسچە سۆزلەپ قۇياتتى تېخى) تارقىتىپتىكەن. شۇ كىشىلەر ياشاۋاتقان گۈزەل شەھەرلىرىنىڭ شۇ گۈزەل قىلغان ھەرقانداق نەرسىدە بىزنىڭ ئەمگەك مىۋىمىز بار، - دەپ قارىدىم . چۈنكى، ئۇلار ئالدىنقى بىرنەتچە ئەسىردە يۇرتىمىزغا كىرىپ نۇرغۇن بايلىق ۋە ئاتا –بۇۋىلىرىمىز ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ، ھاتتا ئۈزى بىلمەيدىغان يەرلەرگە بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى بىرقىسىم كىشىلەرگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ، شۇ يەرلەرگە يول باشلاشقا مەجبۇرلىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزدىمۇ بىرقىسىم كىشىلەر ئاستا – ئاستا ئوغۇرلۇق قىلىشنى ئۈگىنىپتىكەن ،-دەپ ئويلىدىم . ئوتكەندە سەن بىر ئاغىنەمنىڭ ئۈيىدىن قەشقەردە سىنغا ئېلىنغان كىنودىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم ،-دىگەن ئىدىڭ.ئۇ كىنونىڭ ئىسمى نىمە ئىدى ؟
9 C4 d+ [* [: f3 h-يول باشلىغۇچى
3 D9 P3 W, f9 |2 K  W-ھە مانا ئاددىسى شۇ كىنودىكى ۋەقەلىكلەر بۇنىڭ بىرقىسمى . رىۋايەتلەر بىكارغا ھازىرغا قەدەر سۆرلۈپ كەلمەيدۇ ، ئاڭلىسام كىريە ناھىسىنىڭ مۇ ياكى لوپ ناھيسىنىڭمۇ دەييار بۇيى دىگەن كەنتىسىدە ھېلى –ھەم بىرقىسىم نەرسىلەرنىىڭ نامىنى شۇ خەقلەرنىڭ (ئىنگىلىسلارنىڭ تىلى بۇيچە )تىلى بۇيچە دەيدىكەن . ...دىگەن سۆزلەر، ئۆزۋاقتىدىكى ھولىمىزنىڭ ئىچىدىكى  چوڭ بىرتۇپ ئۈرۈك دەرىخى ئاستىدا دادام بىلەن ئىككىمىز ئۈرۈك يەپ ئولتۇرۇپ دىيىشكەن گەپلەر ئىدى . مانا ھازىر 33ياشقا كىرىپ قاپتىمەن . جەمئىيەتتە بۇلىۋاتقان ھەرقانداق ئشىلارغا توغرا تەپەككۇر ،توغرا كۈز قاراشلار بىلەن قارايدىغان ، ئۆز ۋاقتىدىكى يۈرتىمىزدىكى يۇقۇرى ساپالىق ئەمما ھازىرقى جەمئىيەتتە پاخال (ئەخلەت)سانىلىدىغان زىيالى بۇلۇش سۇپۇتۇم بىلەن دادامنىڭ شۇ قىممەت باھالىق ئالماسقا تىگىشكۈسىز دەرىسى يادىمغا يەتتى . سەۋەبى ،يەنە شۇ دادام سۇپەت يۇرت چوڭلىرنىڭ پاراڭلىرىنىڭ ھەم ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ باشلامچىسى مايۇن ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئەنئەنىۋىي قول ھۆنەرۋەنچىلىك ھەم ھەرخىل ئىسىل يەرلىك مەسۇلاتلارنىڭ پۇتۇن دۇنيادا ساتىمىز ، بىزنىڭ گوروھ شىنجاڭدىكى بازاردىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتىدۇ ،-دىگەن سۆزلىرىدىن ، رەئىس شى جىن پىڭنىڭ ساھالەر بۇيچە شىنجاڭغا ياردەم بىرىش ،-دىگەن يول يۇرىقىنىڭ ئەمەلىي ئىجىرا قىلنىۋاتقانلىقىنىڭ كۆرنەرلىك ئىپادىلىنىشى ھىساپلىناتتى . 2015-يىلى يىل بېشىدا  ناھىيلىك پارتكۇمنىڭ بىرىنجى قول سىكىتارى ئالمىشىپ خىزمەتكە چۈشۇپ ھەپتە ئۆتمەي ناھىيە ئىچىدىكى بىرقىسىم ئۇرۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئەپسۇزلىنىپ تۇرۇپ ،ماۋۇ قارغا ،چىنالارنى ئېلىپ تاشلاپ ئالما ،ئۆرك ،شاپتۇل .....سېلىڭلار دىگەن سۈزلىرىدىن يەنە قايتا ئويلىنىشقا نىسىپ بولدى .مىللىتىمىزنىڭ نەتچە ئون ئەسىرلىك ئىسىل مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەنئەنىسى بار . بۇنى ئېغىزدا دىمەي ئەمەلىي تەكشۇرۇپ باھا بەرسەك بۇلىدۇ . بىزنىڭ ئۇيغۇر دىگەن نامىمىزنىڭ ئاستىغا ئالاھىيدە قىلىپ ((مىھمان دوس))...مىللەت دەپ يېزىلىدۇ ۋە تەرىپلىنىدۇ .
% j+ V" i/ C0 L# N: A$ A6 zبۈگۈن(شەنبە) مەكتەپ رەھبەرلىكى ئىككى كەنتىنىڭ دىھقانلىرىنىڭ مەكتەپكە يىققانلىقى، بىرقىسىم مۇئەللىملەرنىڭ ئۇلاربىلەن بىرگە تۇرۇپ رەھبەرلىك ئۇرۇنلاشتۇرغان جىسمانى ئىشلارنى قىلىشقا، ئۇقۇتقۇچىلار دىھقانلارغا كۆرسىتىگەن ئىشلارنىڭ تەلەپ ئۆلچەملىرىنىڭ دەپ بىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن دىھقانلار بىللەن تەخمىنەن ئىككى پۇك ئەتىراپىدا يەرنى تەكشىلەپ تۈزلەيدىغان بولدۇق . يەر ئۈستىدە تۆت تۇپ ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان مەنزىر دەرىخى بۇلۇپ، ئىككىسى قۇرۇپ كەتكەن؛ ئىككى تۈپ ياشارغان بىلەن ياشارمىغاننىڭ ئورنىدا تۇراتتى . دىھقانلارنىڭ ئارىسىدىن 60ياشلار چاممىسىدىكى بىر كىشى بۇ دەرەخلەرنىڭ ئورنىغا مانىڭغا ئوخشاش ئۈرۈك (ئىككى ،ئۈچ مىتىر يىراقلىقتىكى بۇك -باراقسان بىر تۈپ ئۈرۈك دەرىخىنى كۆرسىتىپ ) ياكى شاپتۇل ،ئۇلار تېپىلمىغان بولسا ئۈژمە سالغان بولسا ھە !نەرۋىلىرىمىز ھەم خىزمەت تەكشۇرۇپ كەلگەن رەھبەرلەر يەپ كۆڭلى ئېچىلىپ چىقىپ كىتەر ئىدى . ھازىر جەمئىيەت قانداق بۇلۇپ كەتتى . بۇرۇن يېزىلىق ھۈكۈمەتلەرنىڭ ئىچىدە ئالما ، ئۈزۈم ،ياڭاق ....قاتارلىق نۇرغۇن مىۋىلىك دەرىخلەر بار ئىدى . ھازىر ئۇ نەرسىلەرنى چىقىرىپ ئورنىغا مانىڭغا ئوخشاش دەرەخلەرنى سېلىپتۇ . بۇنىڭغا پاششىمۇ قاراپ قويمايدىكەن . دىۋىدى .ئارىسىدىن بىرسى 4 `* `' c6 d7 S: r6 \- W6 R6 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ھە ئاكا يېزىنىڭ ئىچىگە يەتكۈزگەن ئالما ، ئۈزۈم تاللىرىڭىزنىڭ چىقىرلىپ كەتكەنلىكىدىن خاپا بۇلۇپسىزدە !
7 n+ `! g+ `8 ^+ n  y-ياق ئۇكام ئۇنداق دىمە . دادام رەھمەتلىك كۈچۈڭنىڭ يىتىشىچە تاپىنىڭ تەككەن يەرگە مىۋىلىك دەرەخ سال، ساۋاپ بۇلىدۇ ،-دىگەن ئىدى . ئەمدى چۈشەنسەم بىزنىڭ مىھمان دوسلىقىمىز پۇتۇن يۇرتىمىزنىڭ ھەربىر غېرىچ يەرلىرىدە ئىپادىلىنىپتىكەن. دىۋىدى ئارىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچىدىن بىرسى 6 n% S! g3 h) g3 C' Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئاكا ئاڭلىسام ناھىيلىك پارتكۇمنىڭ يىڭىدىن ئالماشقان سىكىتارى ھۈكۈمەت ئۇرۇنلىرىدىكى مەنزىر دەرەخلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ مىۋىلىك دەرەخ سېلىڭلار دەپتۇدەك ، بۇندىن كىيىن يۇرتىمىزنىڭ ھەممە يېزىلىرنىڭ ھۈكۈمەت ئېچىلىرىگە  مىۋىلىك دەرەخ تىكىدىغان ئوخشايمىز....دىۋىدى .60ياشلىق دىھقان ئاتىمىز كۈزىگە ئىسسىق ياش ئالدى . ئاۋازى تىتىرەپ تۇرۇپ 0 a- l! F" i9 l# V5 h6 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-بىزنىڭ بۇ يۇرتلارغىمۇ شۇنداق كىشىلەر باش بۇلىدىكەندە ! ھەجەپ بىزگە چۈشىدىغان كىشىكەن . ئۇيغۇرمۇ يا ؟
6 J5 Z6 ^6 h( M_ياق ئۇيغۇر ئەمەس ئۇ خەن .
! V5 Y, T2 V* g" h: }_توۋۋا ھەجەپ ئىسىل ئادەمكەن ، ھۈكۈمەتمۇ يامان ھە ! * u6 U% H# b2 v+ t1 n# tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مانا بۇ يۇرتىمىزدىكى ئاددى ئۈزگۈرۈشلەر دىھقان ئاتىمىز ئۈزىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلاممىغانلىقىدىن كۈزىگە ياش ئالغان ئىدى . جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ . خاتا يوللارمۇ بۇلىدۇ ..توغرا يوللارمۇ بۇلىدۇ . شۇ خاتا يوللاردا مېڭىلغان ھەرخىل تىللىق قېرىنداشلار ئۈزىنى ۋە ئۈزگىنى چۈشۇنۇپ بولغۇچە تالاي ۋاقىتلار ئۈتۈپ كىتىدۇ . بۇ جەرياندا بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئېپلاسلىق قىلىشلىرى بىلەن شۇ نەپەسداشلار قارلىنىدۇ ۋە تۈرلۈك ئىسىل ئەنئەنىلەر خارلىنىدۇ .بىز زىيالىلار بۇنداق ئىشلارغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ . جەمئىيەت مىلودىسىغا ئەگىشىپ ئۈزىمىزدىكى ئىسىل ئەن-ئەنىلەرنى قېزىپ چىقمىساق بۇۋام يىغلايدۇ . جەمئىيەت بىزدىن نارازى بۇلىدۇ . مايۇن ئەپەندى بىزنىڭ ئىسىل قول ھۆنەرۋەنچىلىك كىسپىمىز بىلەن مانا بىزنىڭ مىۋىلىرىمىزگە كۆزتىكىپتۇ . ئەمگەك پۇرسەتنى يارتىدۇ .5 G" C$ C3 f6 u' b: Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

) [1 j4 Y/ ]& k$ f' q) Y4 K# w( D9 _# X0 V1 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
((تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتمەيدۇ ؛ئارزۇ –ئارمانلار دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ ))                  مايۇن 6 o- M" x9 M! v9 n* M8 Q1 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

/ F' R, }' Q4 H, Z( x; Hيېزىلغان ۋاقىت 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 12:00دىن 1:20گىچە . يېزىلغان ئۇرۇن قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسى % c; Y' R. g& r+ uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يازغۇچى :ماكانىم 09037 ~6 Z4 v: g1 |3 {2 B$ D8 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-10 12:47:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ قىممىتى باركەن ... تەشەككۈر قېرىندىشىم ...
ۋاقتى: 2015-5-10 14:21:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ئىملا خاتالىقى بولسىمۇ، ماقالىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم.
ۋاقتى: 2015-5-10 15:26:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىزنى ئوقۇپ چىقىپ، شۇنداق تەسىرلەندىم، بۇ بىر ياخشى يېزىلغان ماقالە بولۇپلا قالماستىن يەنە ياخشى ئىدىيە ئەكس ئەتكەن ماقالىكەن. دېمىسىمۇ ئەژداتلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئۇنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز. ئەپسۇس، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزىبىر ئەنئەنىلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلالمايۋاتىمىز.
# j7 y9 m% O2 }, ]9 W7 j; Jئۇيغۇر مىللىتىمىز قەدىم- قەدىم زاماندىن تارتىپلا تەبىئەتكە چوقۇنغان، تەبىئەتنى ئۇلۇغلىغان، شۇ سەۋەبلىك تەبىئەتنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ ئىدىيە قان- قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. ئەپسۇس، يېقىنقى زامانلاردىن بىرى بىز بۇ ئۇلۇغ ئەنئەنىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ياخشى ئادەتلىرىمىزنى ئۆگەنگەن مىللەتلەر بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، بىراق، بىز بۇرۇن شۇنداق مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىدۇق، شۇنداق ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىز بار ئىدى، قەدىمقى يېپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۇشبۇ ياخشى ئادەتلىرىمىز جاھانغا تارقىلىپ، بىز شۇ يوسۇندا بۇ ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى بېشىمىزغا ياستۇق قىلىپ يېتىپ، باشقىلارنىڭ خۇنۈك، پۇچۇك مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەتسىز، قالاق مىللەتلەر قاتارىغا كىرىپ قالغىلى تۇردۇق. ھېلىمۇ ياخشى بۈگۈنكى زامان ئۇچۇر دەۋرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە بىز ئۆزلۈكىمىزنى ئەمدى بولسىمۇ تونۇشقا باشلىدۇق. بۇ بىر ياخشى ئىش، ياخشى باشلىنىش!
2 m* j% {  N1 V) Wبۇ توغرىسىدا يەنىمۇ كۆپ تەسىراتلىرىمنى يېزىشنى ھەم مەزكۇر ماقالىدە خاتا كەتكەن ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشنى ئويلاشقان بولساممۇ ئەمما، ۋاقتىمنىڭ تولىمۇ قىسلىقى- ئالدىراشچىلىقىم تۈپەيلىدىن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم. ۋاقتىم چىققان ھامان يەنە ئويلىغانلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن.
ۋاقتى: 2015-5-10 20:03:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بىر تېمىغا تۇتۇش قىپتىكەنسىز. ياخشى يېزىپسىز . ئەمما تەۋېسيەم بىر تېمىغا ئاسانلىقچە تۇتۇش قىلغىلى بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ بۇ يازمىدەك ياخشى تېمىغا قەلەم تەۋرەتمەك ۋە ئاخىرقى ئىلمىي يەكۈننى چىقارماق ئاسان ئەمەس.  ئەمما تۇتۇش قىلغانكەنسىز ۋاقىت يوق دىگەننى باھانە قىلماڭ. بۇ قەلەمكەشكە ماس كەلمەيدۇ. مىنىڭچە ۋاقىت چىقىرىپ يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلىسىڭىز بۇ يازمىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەل بولغۇدەك قارىدىم. ئارتۇق سۆزلىسەم رەنجىمەڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-11 00:23:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇندا بولسا مەن يازاي . قېرىنداشلار ماڭا توغرا تەكلىپلەرنى بىرەسىلەر . مەن بىر ئىشتىن قورقىمەن ، ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ تور دۇنياسىدا پىسپاس ئىنكاسلارنى يېزىپ ئادەم تىللايدىغان ئىشلار بەك جىقكەن . ئەمەلىيەتتە بىز كۆپ كۈرۈپ ، كۆپ ئىزدىنىپ قەلەم تەرۋىتىمىز . ياشقا چوڭ بېشىدىن ئىش ئۆتكەنلەر ئادەمگە باشقىچە تەسىر بىرىدۇ .گەپ -سۆزلىرى ئادەمگە بال ، مەن مۇشۇ تور دۇنياسىدا مەن بىلەن بىر قاراشتىكى قېرىنداشلىرىم بىلەن مىنىڭ ئويلىغانلىرىمنىڭ تۈشۈك يەلىرىنى يامايلى .مەن ھازىردىن باشلىدىم ئەمىسە !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-11 00:24:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان ئەپەندىم مەن سىزگە ئىملا خاتالىقى تەكشۇرۇپ بىرىڭ دىمىدىم . مايەدىكى ئوينالغان ئىددىيەلەر بۇلامدىكەن دەۋاتىمەن !؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-10 10:04

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش