روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: زىبا.
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

زىبا :قانداق قىلغاندا ساۋادىنى تىز چىقارغىلى بۇلىدۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-3-26 18:59:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، بولۇپمۇ « قوش تىل » ئوقۇتۇشى چىڭ تۇتىلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەۋلاتلىرىمىز ئانا تىلىدىن ساۋاتسىز قالسا بۇ مىللى مائارىپ خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تولىمۇ نومۇسلۇق ئىش ئەمەسمۇ ...... !
: o( A4 V- B/ kنۆۋەتتە مىللىي مائارىپىمىزدا « قوش تىل » ئوقۇتۇشىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا نۇرغۇن قۇلايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرمەكتە . مەسىلەن : دەرس تەييارلىقى جەھەتتە خەنزو تىلىدىكى ماتىرىياللارنىڭ كۆپلىكىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق ، كۆپ ساندىكى « قوش تىل » لىق سىنىپلارغا دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن « دەرس تەييارلاش » دىگەننى « ماتىرىيال كۆچۈرۈش » دەپ ئېيتساق ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن ، لېكىن مەن بۇنداق تەييار ماترىياللارنى چەتكە قاقماقچى ئەمەس ، پايدىلىنىشقا تىگىشلىكىدىن چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك ، ئۈلۈك ھالەتتىكى پايدىلىنىش مىللى مائارىپ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زور تەھدىت .& l: D# k. |% L; |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاخىرىدا « قوش تىل » لىق سىنىپلارغا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايدىغىنىم : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل تەپەككۈرىنى بوغۇپ قويمايلى
ۋاقتى: 2015-5-8 19:34:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى ياردەم سوراپ يازغان تېما ئوخشايدۇ دەپتىمەن.ياخشى ماقالىكەن
ۋاقتى: 2015-5-8 21:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تەجرىبىلەر سۆزلەنگەن ماقالىكەن، رەھمەت سىزگە ھۆرمەتلىك «زىبا» مۇئەللىم!0 l' F9 F& m  t, u4 {) Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇرۇن مەكتەپتە ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىمدا مەرھۇم دادام بىلەن بىرگە ئىشلەيتىم، بىر چاغدا دادامغا مەسلىھەت سېلىپ: مەن 1- يىللىقنى تۇتۇپ باقايمىكىن دەيمەن دېسەم، دادام قەتئىي قوشۇلمىغان ئىدى. چۈنكى، دادام 1- يىللىققا دەرس ئۆتمەك (ئېلىپبەدىن ساۋاد چىقىرىشنى نەزەردە تۇتقانلىقى ئېنىق) بەك تەس، ياخشىسى ئۆز سىنىپىڭنى تۇتىۋەر دېگەن ئىدى. سەۋەبىنى شۇ ۋاقىتلاردا ھېس قىلغان بولساممۇ يەنىلا كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنىلا 1- يىللىقنى تۇتۇپ كۆرگۈم كېلەتتى. چۈنكى، دادام ئەسلىدىنلا بىر ماتېماتىكىچى ھەم كۆپ يىل مەكتەپنىڭ مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن ئوقۇتقۇچى ئىدى. شۇڭا، شۇنداق دەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپمۇ قارايتىم. كېيىن تەقدىر- قىسمىتىمدە ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇ ئارمانلىرىم ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇنداقتىمۇ ھازىر بۇ ماقالىنى شۇنچىلىك ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، ماقالىدە قەيت قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئۆرنەك قىلىشنى ئويلاشتىم. چۈنكى، بالىلىرىم مۇشۇ كۈز پەسلىدە 1- يىللىققا چىقىدۇ، ھازىر بازارلىق مەركىزى يەسلىدە خەنزۇ مۇئەللىمنىڭ تەربىيەسىدە ئوقۇۋاتىدۇ. مەن بۇ ماقالىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان مەزمۇنلارغا ئاساسەن، مۇمكىنچىلىك بولسا مەكتەپكە كىرگۈچە ئارىلىقتا ئانا تىل- ئېلىپبەدىن ئازراق بولسىمۇ ساۋادىنى چىقىرىشقا كۈچەپ باقاي دەپ ئويلاۋاتىمەن. چۈنكى، بالىلار بىزنىڭ بالىلىرىمىز، ئۇلارنى تەربىيەلەش پەقەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ- ئوقۇتقۇچىنىڭلا مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتى ئەمەس. كۆپچىلىكنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش، ئوقۇ- ئوقۇتۇش جەريانىدا مەزكۇر ماقالىدىن ئۆرنەك ئېلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. چۈنكى، بىز بىلسەككى- ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن مۇھىم خىزمەت ۋە ئىش مېنىڭچە يوق.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-6 03:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش