روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: Ayshemgul
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

" نۇرلان " ئاكامغا گېپىم بار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسلى شېئىرنى قايسى مۇنبەرگە يوللاش، سالونغا يوللاشقا رۇخسەت قىلىش، قىلماسلىق پۈتۈنلەي شۇ يازغۇچىنىڭ شەخسىيتىدىكى ئىش ئىدى. مەن ئارتۇق گەپ قىلمىسام بولاتتى. بىراق مەن ئاساسەن مۇشۇ روھلان مۇنبىرىنىلا كۆرىمەن. ئارلاپ مىسرانىم، باغداش مۇنبەرلىرىگە كىرىپ قويغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا.  شۇڭا باشقا مۇنبەرلەردىكى ياخشى ئەسەرلەرنى ماڭا يەتكۈزگەنلەردىنمۇ سۆيىنىمەن. رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ بىر تەرەپ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەر بىز مەنبە ۋە ئاپتورنى قوشۇپ تاراتساق روھلان مۇنبىرىمىزنى ئىزدەپ كىرگۈچىلەرمۇ كۆپىيىدۇ ئەمەسمۇ.«نۇرلان» ئاكا،  سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ياخشى كۆرگۈچىلىرمۇ بۇ يەردىكى باشقا ئەسەرلىرىڭىزدىن ھوزۇرلىنالىغان بولاتتى. توغرا،  سىز ئۈچۈن ئوقۇرمەن ئاز ئەمەس. بىز بار. بىراق ئۇلارغىمۇ سىز بولسىڭىز ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە. سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۇستاتلىق قىلغىنىم، ئىش ئۆگەتكىنىم ئەمەس، پەقەت كۆڭلۈمدىكىنى دەۋالغۇم كەلدى..
ۋاقتى: 2015-2-28 18:57:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەمگۈلنىڭ بۇ شىئىرى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يېزىلىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە قۇت تىلەيمەن !

باھا سۆز

رەھمەت «ئەزھەر36» ئەپەندى. پىكىر - تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-28 21:28
ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 18:57
ئايشەمگۈلنىڭ بۇ شىئىرى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يېزىلى ...

رەھمەت «ئەزھەر36» ئەپەندى. پىكىر - تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە كۈندە نەچچە قېتىم كىرىپ تۇرىمەن. بەزىدە ياقتۇرغان شېئىرلارنى چ چ بوشلىقىمغا چىقىرىپ قۇيمەن مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ.
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مەنمۇ مۇشۇ مۇنبەرگە نەچچە قېتىم كىرىپ تۇرىمەن. بەزىدە ياقتۇرغان شېئىرلارنى چ چ بوشلىقىمغا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ چقىرىپ  قۇيمەن.

باھا سۆز

مەنمۇ شۇ! ئىنكاس بىلدۈرگىنىڭىزگە رەھمەت!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-1 19:39
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالمىچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 12:26  

بۇ شىئىرىڭىزغا پىخسىقلىق قىلسام ئۆزۈمگە يۈز كىلەلمەيمەن

باھا سۆز

ئەلشىرگە يازغان ئىنكاسىمنى كۆرىۋالدىڭىزمۇ نىمە؟ رەھمەت! تەڭگىللىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي. تازا جىق بېرىپ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-1 19:41
شئېر ياخشى چىقىپتۇ، بەرگەن تەكلىپ- پىكىرلىرىڭىزنىمۇ ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

رەھمەت! شېئىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا ۋە ئىنكاس بىلدۈرگىنىڭىزگە!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-1 19:44
شۇشەن چېقىپتۇ ھەدە..ماڭىمۇ بامۇ  گىپىڭىز؟
شۇشەن چېقىپتۇ ھەدە..ماڭىمۇ بامۇ  گىپىڭىز؟

باھا سۆز

رەھمەت ئۇكام. يوقاپ كەتتىڭىز، ھېچ كۆرمىدىم. سالامەتچىلىكما؟ يوقاپ كەتمەڭ جۇما. تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىلى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-1 19:43

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-6-8 19:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش