روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3078|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

رىقابەتكە تەييارلىقىڭىز بارمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزھەر36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 14:51  
% l9 {. v5 S/ V4 h1 f' N$ z* ^
, b6 r/ U: Q; K9 s# f0 ^/ eرىقابەتكە تەييارلىقىڭىز بارمۇ! E$ F$ ^6 Y5 F9 r( s2 r0 W. Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

" f% \( u9 w  [0 v/ n( D3 P% x( ~
) w2 R3 v/ |+ p; Y رىقابەت ھاياتنى قاينام - تاشقىنلىققا تولدۇرغۇچى مۇسابىقە. رىقابەت بولغاندىلا ھايات كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، تۇرمۇش گۈللىنىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك ئادەمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، مۇۋەپپەقىيەت كۆكىدە مەغرۇر قانات قاقالايدۇ. رىقابەت ئېڭى بولمايدىكەن، رىقابەتكە قاتنىشىشقا جۈرئەت، غەيرەت - جاسارەت بولمايدىكەن، زور نەتىجىلەردىن، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
6 V; w4 |2 t  }+ ^. |: Y) X$ ?3 E  تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىكى جانلىقلار ئىچىدە رىقابەتتىن مۇستەسنا ھالدا ياشاپ ئۆتكەنلەر يوق. بۇنى مەشھۇر ئالىم دارۋىن 19 - ئەسىردىلا ئۆزىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ: «جانلىقلار تەبىئىي تاللىنىش جەريانىدا، مۇھىتقا ماسلىشالىغانلىرى تاللىنىپ، ماسلىشالمىغانلىرى شاللىنىدۇ، كۈچلۈكلىرى تاللىنىپ، ئاجىزلىرى شاللىنىدۇ» دېگەن. جانلىقلار ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش جەريانىدا مۇھىتقا ماسلىشىش جەھەتتە رىقابەتلىشىپ، كۈچلۈكلىرى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلىگەن، ماسلىشالمىغانلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. بۇ ھال بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت .
! D5 |4 w0 x2 |& y. `3 Z" M+ g  ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغىنى بارلىق جانلىقلارغا ئورتاق تەبىئىي مۇھىت رىقابىتىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنسانلار ئۆزلىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بەرپا قىلغان ئىجتىمائىي رىقابەتتۇر. تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانلار توختاۋسىز ھالدا بىر - بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرىشى ئىچىدە ياشاپ كەلدى. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشى بۇنداق ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرەشلىرىنى تەدرىجىي كۈچەيتتى. يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن رىقابەتنىڭ دۇنياۋىلىشىش قەدىمى ۋە دائىرىسى تېخىمۇ تېز ھەم كەڭ بولدى. كەسكىنلىك دەرىجىسى تېخىمۇ ئېشىپ، شىددەتلىك كۈرەشكە ئايلاندى. ; W" t6 `. v) gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  دەۋرىمىز ئۆتكۈر خىرىس ۋە كەسكىن رىقابەتكە تولغان. بۇ ھال دەۋرىمىز ياشلىرىدىن رىقابەتكە قاتنىشالىغۇدەك جۈرئەت، رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقالىغۇدەك غەيرەت - شىجائەت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دەۋرىمىز ئىلىم - پەن، ئۇچۇر دەۋرى. بۇنداق دەۋر كىشىلىرىدە يۈكسەك ئۈمىد ۋە ئىشەنچ، ئېگىلمەس - سۇنماس قەتئىي ئىرادە، جاپا - مۇشەققەتكە، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، توختاۋسىز ئۆگىنىش ئىستىلى، ئاكتىپ تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققىلى بولىدۇ. رىقابەتكە قاتناشمىغاندا ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرغىلى، پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، باشقىلاردىن ئۈستۈنلۈك قازانغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.
! M& H4 v8 G* X  رىقابەتلىشىش دۈشمەنلىشىش ئەمەس، بىر - بىرىگە ئورا كولاش، بىر - بىرىنى پۇتلاپ يىقىتىش ئەمەس، بەلكى ئوچۇق - ئاشكارا بەسلىشىپ، ئۇتۇق قازىنىش، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشتۇر. دۈشمەنلىشىش كۆڭلى قارا، بەتنىيەت ، مەنىۋىيىتى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىشى. ساغلام روھقا ئىگە كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە قابىلىيىتى ئارقىلىق ئادىل ۋە ئاكتىپ رىقابەتلىشىپ، باشقىلاردىن ئۈستۈنلۈك قازىنىشنى ئۆزىنىڭ كۈرەش مىزانى قىلىدۇ.
2 W$ c" C) t1 e! y; L! ]/ l, [  دەۋرىمىز ياشلاردىن رىقابەتكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەرقايسى كەسىپ ساھەلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشنى، پۈتكۈل دۇنيا ئېھتىياجلىق بولغان ھاياتىي كۈچى يۇقىرى يېڭى - يېڭى ئىختىرالارنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرىشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. رىقابەتكە قاتنىشىش ئىقتىدارى بوشاشماي ئۆگىنىش، مول بىلىم، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئىگىلەشتىن، ئاكتىپ رىقابەتلىشىشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەتنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ.
" T3 {: h  T$ O0 K7 A, G
7 a5 _5 K  j* j( k, x' \مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى 2015-يىل 2-ئاينىڭ 13-كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 09:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش