روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: ئامىنە333
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بۇ زادى قانداق كىسەل ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-2-19 20:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىپا يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 19:19: b- B0 K( T/ J7 h5 X7 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قېرىندىشىم  يۇقىرقى ئەھۋالىڭىزدىن ...
9 P* j. Q0 m& V! v2 }$ I: iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رەھمەت شىپا!  بۇ ھەقىقەتەن شىپالىق رېتسىپ بوپتۇ ، روھنىمۇ، تەننىمۇ تەڭ داۋالايدىغان بۇنداق رېتسىپنى يېزىشقا ھەممىلا كىشى قادىر ئەمەس .  سىزگە سالامىم يەتكەي !
ۋاقتى: 2015-2-19 20:51:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگىمۇ  رەھمەت  ئالدىراش  بولغاچقا   مۇشۇنچىلىك  يوللاپ قويدۇم  سىز  بىلەن  تونۇشقانقانلىقىمدىن  خوشالمەن تىنىڭىز  ئامان سالامەت بولغايسىز سىزمۇ  شىپالىق   رىستىپ  بولسا  يوللاپ قويارسىز  تورداشلار  ئورتاق  پايدىلانسۇن .
ۋاقتى: 2015-2-19 20:57:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك «ئامىنە 333» سىڭلىم:
- ^, i% c* e5 l4 X+ \3 M0 j# n. fمەن سىزنىڭ بۇ سالامەتلىكىڭىز توغرىسىدىكى يوللىغان تېمىڭىزنى ھازىر كۆرۈپ تولىمۇ بىئارام بولدۇم، بىراق روھلاندىكى قېرىنداشلارنىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ يوللىغان سەمىمىي تېلەكلىرى ۋە ئۆز ئويلىغانلىرىنى كۆرۈپ چىقىپ، دىلىم شۇنچە سۆيۈندى. چۈنكى، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنىڭ بىر ئاماللار بىلەن ياخشىلىنىپ كېتىشىنى چىن دىلىدىن، سەمىمىي كۆڭلى بىلەن ئۈمىد قىلىدىغان مانا بىزدەك قېرىنداشلار بۇ سورۇندا بار بولغان ئىكەنمىز، سىزنىڭ پات ئارىدا سالامەتلىكىڭىزنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشى مۇقەرەر. شۇڭا سىز روھلان ئەھلىگە زور ئىشەنچ بىلەن بۇ تېمىنى يوللىغان ئىكەنسىز، مۇشۇ دەقىقىلەردىن باشلاپ جەزمەن سالامەتلىكىڭىزنىڭ تامامەن ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا ھەسسىلەپ ئىشەنچ بىلەن قاراڭ. مەن سىزگە ھازىرچە بۇ ھەقتە ھىچبىر چارە- ئامال كۆرسىتىشكە قادىر بولالمىساممۇ، ئەمما سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنىڭ تېزراق ساقىيىپ كېتىشىگە چىن دىلىمدىن تېلەكداشمەن ھەم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە كۆڭۈل بۆلگەن «ئادىل» ئاتامان، «مېھرى» خانىم، «شىپا» ئەپەندىم شۇنداقلا بارلىق قېرىنداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!
# y1 X, d3 V! I+ d- o4 ?% s* gئاخىرىدا سىزنىڭ ئۈمىدۋار كەيپىيات ئىچىدە ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلارنىڭ تەۋىسىيىسىگە قولاق سېلىپ، سالامەتلىكىڭىزنىڭ تېزراق ياخشىلىنىپ كېتىشىگە تېلەكداشمەن!
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم، روھلانغا باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا.ئاللاھىم غۇنچىدەك تېنىڭىزنى سالامەت، سۇدەك كۆڭلىڭىزنى تېخىمۇ سۈزۈك،خاتىرجەم قىلىۋەتسۇن. ئامىن! تېمىڭىزنى بالدۇردا كۆرگەن ئىدىم. بىراق ئۆيدە مىھمانلار بولغاچ پەقەت ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىدىم. بۇ جەرياندا روھلاندىكى قىممەتلىك تورداشلىرىمىز ناھايتى قىزغىنلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە سىزگە مەسلىھەت بېرىپتۇ. كۆڭلۈم شۇنداق ئىللىپ قالدى. كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر دىگەندەك گەرچە قولىمىزدىن جىق ئىش كەلمىسىمۇ بىراق مەدىتىمىز، دۇئالىرىمىزنىڭ سىزگە كۈچ قوشالايدىغىنىغا ئىشىنىمەن. شۇڭا دىمەكچى بولغان بەزى گەپلىرىمنى دوستلىرىمىز دەپ ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا بۇ ئىنكاسنى يېزىۋىرىش قارارىغا كەلدىم.  سىز دىگەن بەزى ئالامەتلەر مەندىمۇ كۆرۈلگەن. يۈرىكىم تۇيۇقسىز ئىتتىك سېلىپ، مەيدەمگە بىرنېمە قاپلىشىپ قالغاندەك بىئارام بولۇپ يىغلىغۇم كېلىپ كېتەتتى. ھەتتاكى بەزىدە بىئارام بولۇپ كەتتىم دەپ مەيدەمگە مۇشتلاپ يىغلاپ كېتىدىغان.  بىردەم يىغلىۋالسام ياخشى بولۇپ قالاتتىم. دوختۇرغىمۇ كۆرۈندۈم. بىراق ئېلېكتروكاردىئوگراممىغا سالغاندا ھېچ قانداق چاتاق يوق چىقاتتى. كۆپ چۈش كۆرەتتىم، ماغدۇرسىزلىناتتىم. ھازىر ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بۇنداق ئەھۋاللار ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ، كۆرۈلسىمۇ ناھايتى تېزلا سەۋەبىنى قىلىپ ئەھۋالىمنى ياخشىلاپ كېتەلەيدىغان بولدۇم. ھې ھې... كۆپ ئاغرىسا دوختۇر بولۇپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ. چاخچاق ھە. شۈكرى بۇنچىلىك سالامەت قىلغىنىغا. كۆپ كېسەل بولدۇم دىيىشكە تىلىم كۆيىدۇ مېنىڭ. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھازىرغا قەدەر بولغان تەجرىبەم، چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قان ئازلىقتىن بولىدىكەن. ئادەم بەدىندىكى ئوزۇقلۇق، ئوكسىگىن قان ئارقىلىق توشۇلىدىكەن، بارلىق ئىچكى ئەزالار قان بولغاچقا خىزمەت قىلىدىكەن ئەمەسمۇ،شۇڭا قان ئاز بولسا ئىچكى ئەزالارغا بولغان بېسىم ئارتىپ كېتىدىكەن. ئىچكى ئەزالار ئىتتىك قېرىيدىكەن. بىزمۇ ھالسىز بولىدىكەنمىز. كۆپ چۈش كۆرىدىكەنمىز. قان ئازلىقنىڭ يۈرەككە بولغان زىيىنى ئەڭ چوڭ بولىدىكەن. ئۇزاق مەزگىل قان ئاز بولغاندا يۈرەك ئورنى تۆۋەنلەپ كىتىش، يۈرەك رىتىمسىزلىنىش دىگەندەك بىرقاتار كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدىكەن. شۇڭا قان ئازلىققا سەل قارىماسلىقىمىز، بولۇپمۇ قىزلار ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككەن. بىراق سىڭلىم،  قان ئازلىق ئۇزاق مۇددەت داۋالانمىسا ياخشى بولمايدۇ دىگەنلىك بۇ قان ئازلىق ئېغىر كېسەل، داۋاسى يوق دىگەنلىك ئەمەس. ھې ھې... ئەگەر سىزدىكى ئالامەتلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى مۇشۇلا بولسا خوشال بولسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى خوشال يۈرسىڭىزلا بۇ ئالامەتلەردىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كېتەلەيسىز. ئەلۋەتتە خوشال يۈردۈم دەپ ھىچقانداق دورا يىمەسلىككىمۇ بولمايدۇ. ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىمىزنىڭ قان تولۇقلاش دورىللىرى بەك ئېسىل. ئۇلارنى يەڭ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىزدە شۇنداق كۈچلۈك ئىشەنچ ئۈمۈد بولسۇن. چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن دەڭ. ماغدۇرسىزلىنىپ قالغان ۋاقىتتىمۇ كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق يۈرۈڭ. چوقۇم ھەركەتنى كۆپ قىلىڭ. ماغدۇرسىزلاندىم دەپ يېتىۋالماڭ. ھەركەت كۆپ بولغاندا قان ئايلىنىش ياخشى بولىدۇ. تەن ساغلام بولىدۇ. دوختۇر كارۋاتتا ياتمىسا بولمايدۇ ھەركەت قىلمىغاي دىگەندىن باشقا ھەممە كېسەلنىڭ شىپاسى ھەركەتمىكىن دەيمەن. كۈلۈپ يۈرۈڭ. مۇنبەردىكىلەرگە ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىپ مەسلىھەت سورىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىدىنلا سىزنىڭ تاشقى مىجەزلىكىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. داۋاملىق دوستلىرىڭىز بىلەن پىكىرلىشىپ يۈرۈڭ. ئاكتىپ  روھىي ھالەتتىكى دوستلىرىڭىز بىلەن ھە. قاقشايدىغان، دادلايدىغان ئادەملەرنى كۆرسىڭىز يىراق قېچىڭ. يەنە نىمىلەرنى دىمەكچى بولغىيتىم..... ھې ھې... گېپىم ئۇزىراپ كېتىپتۇ. يىغىپ ئەكەلسەم ھەرگىز ئەنسىرمەڭ. ھېچ ئىش يوقكەن سىزدە.ماڭا ئوخشاشلا! ئۇنچىلىك ئالامەتلەر بولۇپ تۇرمىسا بىزنى ساغلام قىلغان ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. شۇڭا مېنىڭچە بىر مەزگىل ئۈزۈپ قويماي قان تولۇقلاش، نېرۋىنى ئوزۇقلاندۇرۇش دورىسىنى يەڭ. ئىشەنچ بىلەن،  ياخشى روھىي ھالەت بىلەن يەڭ.ھەركەتنى كۆپ قىلىڭ،خىيالنى، سىزدە بولىۋاتقان ئالامەتلەرگە بولغان گۇماننى ئاز قىلىڭ. ئاللاھ خالىسا يەنە مەندەك ساغلام بولۇپ كېتىسىز ھې ھې....  سىڭلىم. چوقۇم ئىشىنىڭ. چىن كۆڭلۈمدىن،  بار ئەھۋاللارنى دىدىم جۇمۇ. ئاللاھتىن يەنە بىر قېتىم تېنىڭىزگە سالامەتلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، تۇرمىشىڭىزغا خوشاللىق تىلەيمەن.
مېنىڭچە سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بېسىم ئىچىدە ئۆتىدىكەن. سىزدىكى بۇ كېسەل جىسمانىيىتىڭىزدە ئەمەس روھىيىتىڭىزدە.  بۇنىڭ داۋاسى  ۋاقىت چىقىرىپ مەنزىرىلىك جايلارنى بۇلۇپمۇ ھاۋاسى ياخشى جايلارنى يېقىن دوستىڭىز بىلەن ساياھەت قىلغاچ دەم ئېلىڭ.  سىزگە ئەڭ ياخشى داۋا  - توي قىلىڭ.  قالغىنىنى باشقىلار دېگەن ئۇسۇللار بىلەن تۇلۇقلىسىڭىز ئاللاھ خالىسا ياخشى بۇلۇپ كېتىسىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-20 11:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇئەلەيكۇم روھلاندىكى بارلىق قەلبى گۈزەل قېرىنداشلىرىم  :
/ ^0 k4 K7 L8 F3 _7 s! c. a  , G" ~. U0 }; a0 S! A; l9 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     - بەرگەن سەمىمىي مەسلىھەت ۋە نەسىھەتلىرىڭلارنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن روھلىنىپ قالدىم  ، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن  ؛  كىسەللىكىم ھەققىدە كۆپ ئالاقىزادە بولۇپ  ، كىسىلىمنى ناھايىتى ئېغىر كىسەل دەپ قاراپ كۆپ پەرىشان بولغان ئىدىم  ،  سەھەردى كۆزۈمنى ئاچساممۇ  بۈگۈن مىجەزىم قانداقراق بولا دەپ ئەندىشىدە تۇراتتىم  ؛  ئاللاھ خالىسا ئۈمۈدۋار  ، قەيسەر ياشايمەن  ؛  شۇندىمۇ ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىلغار ئۈسكۈنلەر ئارقىلىق بىر تەكشۈرتۈپ كۆرۈشنى ئويلىشۋاتىمەن  ؛  چاغانلىق ھەممە ئورۇنلار دەم ئالغاچقا  ، قولايسىز بولدى  ؛
0 ]4 q3 z# _! y. L2 ~8 }2 }  Y3 m
. v7 {7 d: d8 E6 L) T' \: ~0 z
5 S0 R% q7 Y( ], L1 h5 g0 K             ھەممىڭلاردىن شۇنداق سۆيۈندۇم  ، ماڭا نىمىنى تىلىگەن بولساڭلار  ، ئاللاھ سىلەرگىمۇ ھەسسىلەپ ياخشىلىق ، سالامەتلىك  ، خاتىرجەملىك بەرسۇن  ،  رەھمەت سىلەرگە  ؛
4 ?0 Q; T7 t; U- I) C" Y3 Z  E
ۋاقتى: 2015-2-20 12:42:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم، يازمىڭىزنى ئوقۇدۇم ، مەنمۇ مۇشۇنداق بولغانلارنى كۆرگەن، يۇقۇردا نۇرغۇن دوستلىرىمىز قىممەتلىك رېتسىپلارنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ، شۇلارنىڭ دېگىنى بۇيىچە ئۆزىڭىزگە ماس بولغانلىرىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ،  سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2015-2-20 13:17:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە333 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 11:17
5 D* |% o' b, P7 f7 U6 z; U2 }6 eئەسسالامۇئەلەيكۇم روھلاندىكى بارلىق قەلبى گۈزەل قېر ...

; v2 Z( y, s" N2 \0 |9 w0 d2 Eتور شارائىتىڭىز يار بەرسە روھلانغا پات پات كىرىپ تۇرۇڭ. ياخشى تېمىلاردىن زوق ئېلىڭ. ياخشى تېما بولسا يوللاڭ. باشقىلارمۇ زوق ئالسۇن. - f, b* g' s1 b% F7 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
* g  {2 \$ |% m: X- `5 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشقىلارغا گۈل سۇنغان قولدا ئېنىقكى گۈلنىڭ پۇرىقى قالىدۇ. (دالىي كارنگ)  T9 m2 N7 T8 u, t/ R4 @" Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 \; ~0 N  r# S2 B; f6 S  Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ھۇزۇر دەپ بىلىڭ. پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ئاز بولسىمۇ باشقىلارغا ئىقدىسادى يارەم بېرىڭ. ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى رازىمەنلىك ، چىن دىلىدىن قىلغان دۇئا سىزگە مەنپەئەت قىلىشى مومكىن. چۇقۇمكى باشقىلارنى خوش قىلىسڭىز تەبىيلا سىزمۇ خوش بولىسىز.
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 02:01

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش