روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4180|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن 57 خىل تەربىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىكى 57 خىل تەربىيە
: X! r3 K/ ]; F9 p) h1 o- ~% }" P% q- R# p: t# d% lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
$ s8 c. }9 W+ [( dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(1) ياشانغانلارنى، چوڭلارنى، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !» (تەڭتۇش، تۇنۇش-بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىنى ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم. سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
2 N0 V% N# G! a) e5 r9 J0 s(2) چوڭلارنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ، كۈيئوغۇل ( كېلىن )، قېيناتا، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ. + j% z$ r; p& |4 i( mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم. / E; E7 b* P( ?5 I# e; S2 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(4) چوڭلار كىچىكلەرنى "بالام، ئوغلۇم،( قىزىم )" دەپ ئاتىشى لازىم، بولمىسا "ئالجىغان"، "قېرىغىنىنى تۇيمىغان"، دەپ ئەيىبلىنىدۇ. كىچىكلەر چوڭلارنى "دادا"، "بوۋا"، "موما"، "ئانا"، "ئاكا، ئاچا" دەپ ئاتىشى لازىم. بولمىسا، "ئەدەبسىز"، "تەربىيە كۆرمىگەن" دەپ قارىلىدۇ. # c! F) W2 t6 h4 R9 ^; C/ }% ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق-تۇققان، دوست-ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى-مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ، كىچىكلەرنى بولسا، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ. ئاياللار-چوڭلار، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ. كىچىكلەرنى باش-كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ. بولمىسا "كۆيۈمسىز"، "مېھرى يوق"، "باغرى قاتتىق"، "كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن" دەپ ئەيىبلىنىدۇ. ; c, g- w1 R0 ~* D1 C) f% ^9 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(6)سىرداش دوست-ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر-بىرىنى "سىز"، "سىلى "..... دەپ ئاتىشى لازىم، "سەن" دېيىلسە "كۆزگە ئىلمىغانلىق"، "پەس كۆرگەنلىك" دەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
; k" |* \4 u8 t' B7 o( Q! P8 `(7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش-بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە، سالاملاشقاندىن كېيىن "ئۆيگە باشلاي"، "خىزمەتتە بولاي" دېيىش لازىم. بولمىسا "قىزغانچۇق، ئادىمىگەرچىلىكى يوق " دەپ ئەيىبلىنىدۇ. ' L, Z8 Z$ y- y% K. Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە "ئەسسالام" دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم. بۇ بېرىش- كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە، بولمىسا "قائىدىسىز"، "ھاكاۋۇر" دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
& U" O; k, k; [4 _(9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن، چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم، بولمىسا "تەبىئىتى يوق، مەينەت" دەپ ئەتىبلىنىدۇ. , O$ p- q1 U: H: x1 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(10) قول يۇغاندا، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم.
/ Z0 D7 `2 U+ F' P& a2 H$ p$ f(11) مېھمانغا چاي، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان "قېنى باقىلىي" دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ.
3 u/ f) m, B* f% y( k(12) مېھمانغا چاي، تاماق سۇنغاندا، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم. بولمىسا، "كۆزگە ئىلمىغانلىق" دەپ قارىلىدۇ.
- z& \, Z) q! T4 o/ w" F* |(13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ "ۋاي مەززىلىك بوپتۇ، ئوخشاپتۇ" دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم. بولمىسا، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ.
% ~, o& c7 x7 U4 c9 l8 g5 P- ~(14) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ-سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم. ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ-سارۋاڭ قىلىپ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. . T; [' ?! H6 S& _2 P+ s: Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(15) مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى، ئاختۇرماسلىقى، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى، بولۇپمۇ قىز-ئاياللار يېنىغا، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم. بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ. 7 a7 D6 d# K5 U5 r: Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(16) مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ.
' ?* K, s5 X  v9 N( t+ U(17) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش، بۇرۇن-قۇلاق كولاش، مىشقىرىش، تۆكۈرۈش، تىرناق ئېلىش، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
/ f. u4 d( ?  l' y(18) مېھمانلار، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم. ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق، ئاقساقاللىق، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
, L6 X/ b& Q; ](19) مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت-شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت-شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ.
3 o# }/ F. S, |0 W(20) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ. بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ-ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ. "تويغا بارساڭ تويۇپ بار، بەش بالاڭنى قويۇپ بار" دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان.
2 I. x  ^" {) C0 m& c(21) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ، "رەھمەت" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم. & `7 i8 m+ W# r1 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(22) مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم. چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ. "ئېيتقان يەردىن قالما، ئېيتمىغان يەرگە بارما" دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن. 6 B9 ?; a8 s: T; nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(23) يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ. 7 X; l$ L- t& E3 e& P+ d) yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(24) غىزا-تاماقنى چاچماي، پاكىزە يىيىش، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ-چېچىپ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم. بولمىسا، "ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ"، " ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
/ b# `3 E6 {5 h+ R6 l(25) مېھمان، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال -جاندارىنى " ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ "، "ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ"... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت، ماختىسا "كۆز تېگىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ. ئاشۇنداق ماختاش بولسا، قارشى تەرەپ ئىچىدە "ئاغزىڭغا تاش" دەپ قارغايدۇ. 9 j* A8 ?# y, o- z* e4 X5 S$ Y/ ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(26) بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم، مەسلىنىپ قارىسا " ئېچى كىرىپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
! n% `0 y9 ^! w: ^(27) تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق "قىزغانچۇقلۇق"، "ئاچكۆزلۈك" دەپ يامان ئېلىنىدۇ. , A4 B2 V& ]) `9 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(28) مەيلى ئۇرۇق-تۇققان، دوست-ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم. بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا "يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
! E& E% J8 T' p1 ?(29) يۈگۈرۈپ، ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم-غۇسسىگە قالىدۇ.
( F! ?" U: z5 o! {! L(30) ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم، ئەخلەت قونۇپ قالسا " بەرىكەت قاچىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ. ! ~2 a' G1 P9 x0 ?( B3 F  ~2 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(31) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم. كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. $ }9 N. i! b- mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(32) يۈز-كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم. بولمىسا، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ. * _2 X8 W4 W, i. g1 s8 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(33) ئوچاق بېشى، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا، قۇدۇققا، سۇ ئىدىشىغا، چېلەك، ساپلىق-نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ. 0 _* q7 |# N' p& B6 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(34) ئىشىك ئالدىغا، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ. 1 f; Z1 m: u5 R. @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(35)كۈن، ئايغا قاراپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش، سۇغا سىيىش، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ. "ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭەە " دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان.
! L! R4 L- B% d4 e; ?3 @/ X. ?(36) زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار "يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ. 5 F$ m: h- R9 ?, ~! `" Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(37) تۇزغا، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ.
# v' d6 v9 k% T7 g2 A: g  O' W(38) نان پارچىلىرىنى، تۇزنى دەسسەشكە، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش نانغا، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى نان، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن. يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت-جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى "تۇزۇم ئۇرسۇن"، "تۇزكور" دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە، شۆھرەت، ھارام دۇنيا، ھوزۇر- مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە، خەلقكە، دوست-يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور" دەپ قارىلىدۇ. 5 q  V% ?/ |  O& Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(39) ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم، ئارقىسىغا يانسا "سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ" دەپ قارىلىدۇ.
! @1 W$ m; C) j+ x0 r1 Q8 w! G4 M(40) قۇلۇم قوشنا ئىناق-ئىتتىپاق ئۈتۈش،ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش،ئۆز-ئارا ئىشنىش،ئىتتىپاق ئۆم بۇلۇش،باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۈتۈش،ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش،ئۆز-ئارا ئىشنىش،ئىتتىپاق ئۆم بۇلۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى قۇغداش كىرەك دەپ قارىلىدۇ. 4 L4 V  g% v5 d4 C! ], x: Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(41) چارۋا - مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق، تەپمەسلىك لازىم. چۈنكى قوي ئامەت، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ. ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا "ئامەت كېلىدۇ" دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلەەن. شۇڭا قوينى ئۇرۇش، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ. 1 J$ \' Z* J0 Y* i. Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(42)ئاياللار كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق دېگەن قاراش. 6 j/ a8 l6 ~- D1 t7 r4 Z) _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(43) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ. ئەدەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ. , m+ {' S7 e: e  m6 \, }' _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(44) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ. ( s" z# W- ~8 y9 l4 r: B; Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(45) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ، چۈنكى تىغ شەرتلىك، يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. 1 K; U: ~0 B- M2 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(46) چوڭلارنىڭ، جۈملىدىن، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. ! }( N* t" p# C4 e* d  d1 U2 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(47) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ. گەپ توشڭغۇچى "سۇخەنچى، تەخسىچى...." دەپ ئەيىبلىنىدۇ. * |; H' Q3 E3 v# fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(48) ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. # X% M. C' u  h; z8 S3 |/ hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(49) ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. 5 ]0 G+ z9 Z8 H2 j) qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(50)  پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ( X. B- k- {; }7 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(51) چاچ-ساقال، بۇرۇت، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت، قولتۇق مويىنى زىيەدە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. + X( A6 Z- g1 U7 @) g. _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(52)  ئەر-ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى "پالاكەت باسىدۇ"، دەپ قارىلىدۇ.
' `  K! c; D& K9 H$ F7 F" L(53)  ئات-كالا، قوي، تۆگە، جەرەن-كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار، غاز-ئۆردەك، توخۇ، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا، ئېشەك.... لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ، قوي-كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ، قېنىنى ئىچمەيدۇ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ. + P( \: A; v0 Z7 S7 w. Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(54)  كىشىنى تىللاش، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ.
/ ~9 c* d# ~# ^(55)  كەيىپخورلۇق، قىمارۋازلىق پۈتۈن قەمىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. ( @. I- f  m% ^  [& tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(56)  قۇدۇق، ئېرىق-ئۆستەڭ بويىغا ھاجەتىانا، قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ. 3 ^2 K7 A  d6 Z$ q$ @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(57)  زىنا قىلىش، كىشىگە قارا ساناش، كىشى ھەققىنى يېيىش، ئوغىرلىق، بۇلاڭچىلىق، ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جەمئىيەت لەنەت-نەپرەت ياغدۇرىدۇ.
1 g% {  ?# t, ?1 m* T& O# e; }; O3 o( y$ M( R' D' }; rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە : مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسسى ئۇيغۇرچە پىروگىراممىسى : x, |& n" s8 z+ Q3 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-18 02:05:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ. ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ  ئەمگىكىگە كۆپ رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-2-18 14:24:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مۇشۇنداق ئەجداتلىرىمىزدىن  قالغان  ئەنئەنىۋى - مىللى  ئۆرىپ - ئادەتلىرىمىز  كۈندىن - كۈنگە يوقىلىپ  كىتىپ بارغىلى تۇردى .....  
7 T" n1 Y1 w/ |! P- Lباشتىن  - ئاخىرىغىچە تولۇق  ئوقۇپ  چىقتىم ...ناھايتى  تەپسىلىي بوپتۇ ....
ۋاقتى: 2015-2-19 08:25:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن، ساقلاپ قويسام بولغۇدەك

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 08:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش