روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3476|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تور سودىسىدىكى ئالدامچىلىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تور سودىسىدىكى ئالدامچىلىقلار! u  @/ [- R  v% E7 m  ]# @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
UYBOSS ئەپەندىم بۇ تېمىنى مىسرانىم تورىغا يوللاپتىكەن، قارىسام تاۋباۋدىن مال سېتىۋالىدىغان قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن پايدىلنىش قىممىتى بار ياخشى تېمىكەن،  شۇڭا پايدىلنىشىڭلەرگە سۇنۇلدى.9 i5 F% r; a4 j% p$ t/ [7 F* @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەن مۇشۇ تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاۋباۋ، تىيەنماۋ،جىڭدۇڭ،سۇيى...قاتارلىق توربەتلەردىكى ئالدامچىلىقلار ئۈستىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. 8 m: y. @/ f; G* d$ A7 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن تور سودىسى بىلەن يەنى توردىن مال سېتىۋېلىشنى باشلىغىلى بەش ئالتە يىل بوپ قاپتۇ ،دەسلەپتە مال سېتىۋېلشنى باشلىغاندا جېق نەرسىلەرگە دىققەت قىلمايلا سېتىۋېلىپ خېلى ئاۋارچىلىقلارغىمۇ ئۇچرۇدۇم  مەسىلەن ناچار مەھسۇلات تاپشۇرۋېلىش ،كۆرگىنىم بىلەن تاپشۇرۋالغىنىم بىردەك بولماسلىق قاتارلىقلار ،كىينچە تەجرىبەمنىڭ موللىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن نەرسىلەرگە دىققەت قىلىپ سېتىۋالىدىغان بولدۇم ،مەسىلەن ئىناۋەت نۇمۇرى ،مەھسۇلات ماسلىشىش نۇمۇرى ،ياخشى ئىنكاسلىق دەرىجىسى قاتارلىقلار .كىيىن  بۇ يەردىكى ياخشى باھالىق دەرىجىسى گە ئىشەنمەيدىغان بولدۇم ، بۇ ئىشقا بىر ئىش سەۋەپ بولدى . ئىككى يىل ئالدىدا بىر قېتىم دوستۇمغا توردىن بىر ئۆگىنىش تىپىدىكى خاتىرە كومپىيوتىر سېتىۋالدۇق ،ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولغاچقا باھاسىمۇ ئانچە قىممەت ئەمەس ئىدى 1500يۇەن گە ئالدۇق ،دەسلەپتە مەن پەقەت ياخشى باھالىق دەرىجىسىگە قاراپلا ئاپتىمەن ،مالنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن تاشقى كۈرۈنىشى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشايدىكەن ،دوستۇم ئىشلىتىشكە باشلاپ بەر ھەپتە بولغۇچە كومپىيوتىرنىڭ بەك قىززىيدىغانلىقىنى ،دائىم قېتىۋالىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى ،شۇنىڭ بىلەن ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلاشتىم ،ئۇ ماڭا بۇ دىگەن نۇرمال ئەھۋال ،ئۆزۈڭ ياخشى ئىشلىتەلمەپسە دىگەندەك بىر قاتار باھانىلەرنى كۆرسىىپ بەردى، شۇنىڭ  بىلەن مەن ئۇنىڭغا مالنى قايتۇردغانلىقىمنى ئىنكاس قىلىدىم ،لېكىن ساتقۇچى نۇرغۇنلىغان باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئاخىرى يەنىلا قايتۇرۇشقا قۇشۇلدى ،بېرىش كىلىشنىڭ تۇشۇش ھەققىنى ئۆز ئۈستىمگە ئالغان ئاساستا ،شۇنىڭ بىلەن كومپىيوتىرنى قايتۇرۋېتىشكە پوچتىخانىغا بارساق ئۇلار سېلىپ بەرگىلى ئۇنىمىدى سەۋەبى كومپىيوتىرنىڭ باتاريىسى بار دەپ . ئۇلارغا كەلگەندىمۇ مۇشۇ پوچتىدىن كەلگەنلىكىنى ئيتقان  بولساقمۇ ئۇلار بۇ دىگەن بەلگۈلىمە دەپ سېلىپ بەرگىلى ئۇنىمىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز مالنى قايتۇرالمىدۇق ،شۇ ئاچقىدىمدا مەھسۇلات سۈپىتىگە باھا  يېزىش دىگەن كۆزنەككە ناچار باھا يېزىپ قويدۇم ،ئىككى ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ساتقۇچى توختىماي ماڭا تىلىفۇن قىلىپ باھانى ياخشى باھاغا ئۆزگەرتىپ بەرگىن دەپ يالۋۇردى ،مەن مۇ پۇزىتسىيەمنى ئىنىق بۈلدۈرۈپ بولمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ،بىر كۈنى ئۇ يەنە تىلىفۇن قىلىپ ناچار باھانى ئۆزگەرتىپ بەرسەڭ 30يۇەن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،مەن ئۇنى چېپ بېقىش مەقسىتىدە 100 نى بەرسەڭ ئۆزگەرتىپ بېرىمەن دىدىم ،ئۇ مەن خېلى تالاشقاندىن كىيىن بولمايدىغانلىقىنى ئيتتىم ،ھەپتىگە مىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىدى ،ئۇنىڭمۇ مەنبىلەن كارى بولمىدى ،بىر كۈنى ئولتاسام يەنە تىلىفۇن قىلىپ بولىدۇ يۈز يۇەن بىرەي باھانى ئۆزگەرتىپ بەرگىن دىدى ،مەنمۇ تىزلا ماقۇل دېۋىتىپتىمە ،زىيان دىگگەن ھەممە ئادەمگە ئاچچىق بولغاندىكىن ،شۇنىڭ بىلەن باھانى ئۆزگەرتىپ بولماقچى بولدۇم .بۇرۇن بۇنداق ئىشقا يۇلۇقۇپ باقمىغاندىكىن ،ھەمدە بۇنداق باھا ئۆزگەرتىدىغان ئىشنى قىلىپ باقمىغاندىكىن  ئۇنىڭ دىن قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىمنى سورىسام قەدەم باسقۇچلىرىنى دەپ بەردى شۇ بۇيىچە باھانىمۇ ئۆزگەرتىپ بەردىم ،پۇلنىمۇ ئالدىم ،شۇ كۈندىن تارتىپ تاۋباۋنىڭ ئىناۋەت دەرجىسى ياخشى باھا نىسبىتى دىگەنلەرگە ئىشەنمەيدىغان بولدۇم ،ھەم نەرسە كىرەك سېتىۋالسام ئەرزان باھالىق نەرسىلەرنى تاۋباۋدىن ،ماركىلىق قىممەت نەرسىلەرنى تىيەنماۋدىن سېتىۋالىدىغان بولدۇم ،چۈنكى تاۋباۋدا بىر قەدەر سۈپەتلىك ھەمدە يېزىپ بولغان باھانى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ .ئەسلىدە تاۋباۋدىكى كۆپ قىسىم دۇكانلار ناچار باھانى مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزگەرتىدكەن .بۇيىل قشىلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ تور سودىسىدىكى يەنە بىر چوڭ ئالدامچىلىقنى بايقىدىم .
3 V6 R$ f$ Y" g8 j8 vتەتىلگە ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن مەكتەپتىكى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم مۇشۇ توردا پۇل تاپىدىغان ئۇسۇلنى ماڭا تەۋسىيە قىلدى ،بۇ توغرۇلۇق مەن ئاڭلىغان لېكىن قىلىپ باقمىغان ،بۇ قېتىم شۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە بۇ ئىشنى قىلماقچى بولدۇم ھەمدە 100يۇەن ئەزالىق ھەققى تاپشۇرۇپ بۇ ئىشنى قىلىشقا تەمشەلدىم ،بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن چۇقۇم نەچچە قات تەربىيلەش دىن ئۆتىشىمىز كىرەككەن ،بارلىق مەشغۇلاتلار ي ي  دا ئېلىپ بېرىلىدكەن ،تەربىيلەشلەرنىمۇ تۈگۈتۈپ مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىردىم ،كىرىپلا ھەيران قالدىم ،چۈنكى بۇ بىر قارا بازار ئىدى ئاساسلىقى تاۋباۋ ،تىيەنماۋ،جىڭدۇڭ تور دۇكانلىرىنىڭ مەۋسۇلات سېتىش مىقدارىنى كۆپەيتىدىغان ،يالغاندىن ئېلىپ ،ياخشى باھالارغا تولدىرۋېتىدىغان ئىشلار ئىكەن ،تىيەنماۋنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم ،مەن بۇرۇن تىيانماۋنى خېلى مۇكەممەل دەپ ئويلايتتىم ،ئەسلىدە ياخشى ئىنكاسلارنى پۇلغا سېتىۋېلىشتىن باشقا مۇشۇنداق سېتىش مىقدارىنىمۇ دۇكاندارلار مۇشۇ قارا بازا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن ،تاۋباۋ ،تىيانماۋلاردىكى ئايدىكى سېتىش مىقدارى نەچچە مىڭ ،ھەتتا نەچچە ئونمىڭ لار،100%لىك ياخشى باھالار  ئەسلىدە مۇشۇنداق قارا بازالاردا بىردەمدىلا ئەمەلگە ئاشىدىكەم. بۇلارغا قاراپ توردا نەرسە سېتىۋېلىشتا نىمىگە بەكراق دىققەت قىلىش كىرەكتۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .
6 Z0 x3 k5 B. N& a# [$ xمەنبە:  مىسرانىم مۇنبىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-30 14:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىما بىلۋادىم
ۋاقتى: 2015-1-30 15:01:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بىر  ياخشى  خەۋەر بۇپتۇ  مۇشۇنداق ياخشى  خەۋەرنى  تورداشلىغا خەۋەر   قىلغىنىڭىزغا  كوپ رەھمەت  قېرڭدىشىم  بۇنى  مەنمۇ  بىلۋالدىم    نىمىلەرگە  دىقەت  قىلىشنى
ۋاقتى: 2015-1-30 15:54:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ۋاقىتلىق ئالدامچىلىق  قىلىپ پۇل  تېپىش  ئۇسۇلى  بىر قېتىم  ئاققان بىلەن  2-3 قېتىم  تەس  ئەگەر ساقتىلىق قىلغانلىق بايقىلىپ  قالسا   دۇكان   ۋە خېرىدار  تاۋباغا   ۋە ساقچىلارغا  تاپشۇرۇلۇپ  بېرىلدۇ . تاۋباۋ  شىركىتى   ساتقۇچىنىڭ  دۇكىنى  تاقايدۇ  ۋە تاپشۇرغان  زاكالەت  پۇلنى  مۇسادىرە قىلىدۇ  ھەم قارا تىزىملىككە چۈشىدۇ . بۇرۇن  بۇ ئۇسۇل  ئاقاتتى  ھازىر  ئانچە ئېقىپ كەتمەيدۇ   ھەم  خەتىرى  چوڭ  .ھەم  ئارخىپىڭىزغىمۇ    قارا داغ چۈشىدۇ .
ۋاقتى: 2015-1-30 21:38:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە ئەسقاتىدىغان مال سېتىۋالغاندا ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك  پايدىلىق تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ۋاقتى: 2015-2-1 11:13:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ توردىن مال سېتۋالغىلى 5-6يىل بۇلۇپ قالدى ،سىز دىگەن ئەھۋالغا ئۇچراپ باقمىدىم ،سېتۋېلىش سومماممۇ 20مىڭغا يىتەي دەپتۇ .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-22 01:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش