روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: soser
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بەيشېلىيەن توك تاللا بازىرىنىڭ قوشۇمچە ھەق ئىلىشى قانۇنلۇقمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-27 23:38:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇرۇشلۇق يېزىدا (جامدا  ) ئالدىنقى يىلى مۇشۇنداق ئورۇندىن بىرى قۇرۇلدى، ئۇ ئورۇننى قۇرغۇچى ئەر- ئايال ھەر ئىككىلىسى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئىدى (ئېرى توك تەمىنلەش پونكىتىدا، ئايالى پىلانلىق توغۇت ئىشخانىسىدا)، شۇنىڭ بىلەن ئايدا قانچە بەردى ئۇ ماڭا نامەلۇم، ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى، دەسلەپتە ئۇلارنىڭ دۇكاننى تەرتىپكە سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم، ئاخىرى ئۇلار بۇ يىلنىڭ بېشىدا تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ ئىش ھەققى ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن قىلغان چىقىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي يەنە بىرسىگە ئۆتكۈزۋەتتى. بۇ يىل قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەشتە توساتتىن ئۆيدە توك كەتتى، تېخى توكتىن چاتاق چىققان چېغى دەپتىمەن، ئەمما قارىسام قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە توك بار. كۈنبويى ئالدىراش يۈرۈپ توك ئالمىغانلىقىمدىن شۇنداق ئۆكۈندۈم، شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ھېيت تەييارلىقىنى شام يورۇقىدا ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرى بولدۇق. ئەتىسى دادامنىڭ تۇپراق بېشىنى، چوڭ بولغان مەھەللىنى ۋە تۇغقانلارنىڭ ئۆيىنى ئايلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەلسەم بازاردا شۇ بىز ھازىر «غەيۋىتى» نى قىلىۋاتقان بەيشىلىيەن توك تاللا دۇكىنى ئوچۇق تۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خوشاللىقىمدا كارتىنى چىقىرىپ ئۇكام توك ئالاتتىم دېسەم دۇكاندىكى بالا «ئاكا ئەپۇ قىلىڭ، بۈگۈن توك ئالغىلى بولمايدۇ، كارتىدا پۇل قالمىدى» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن «ۋاي ئىسىت» ئېيتىپ قايتىپ چىقىپ كەتتىم ھەم شۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ ئالىدىغان ئەشۇ ئازغىنە تاپاۋىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ئويلاردا بولغان ئىدىم، بۈگۈن قارىسام بۇ يەردە بۇ تېما بېرىلىپتۇ.
. C" k: t9 ^  B' c9 R7 A# m. d1 X" o- Bقېرىنداشلار ئويلىنىپ باقايلى، تېما ئىگىسى دېگەندەك شۇ ئۈچ يۈەن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىپتۇ، بۇنىڭغا قارىتا كۆپچىلىك خىلمۇ- خىل پىكىردە بوپتۇ. مەنچە بولغاندىمۇ شۇلارنىڭ ئالىدىغان ئەشۇ مۇلازىمەت ھەققى مېنىڭچە ھەقلىق يوسۇندا ئېلىنغان. شۇلارنىڭ توختىمىدا نېمە دەپ بار بۇ ماڭا نامەلۇم، ئەمما شۇلارنىڭ ھەر بىر بەت تالۇن ئۈچۈن ئالىدىغان شۇ پايدىسى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ بىرقىسىم چىقىملىرىغا ناشتىلىق بولالمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇنى تامامەن توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا شۇلارنىڭ پايدىسىنىڭ تولىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى، ئالىدىغان زاكالەت پۇلىنىڭ كۆپلىكىنى بىلىپ (ماڭا مۇناسىۋەتلىك خادىم 20 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇشنى ئېيتقان، شۇ چاغدا مەن بىر يۈەن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشنى خىيال قىلمىغان ئىكەنمەن) بۇ خىل مۇلازىمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم، شۇ خىيال بولۇپ كۆپ ئۆتمەي بۇ ئورۇن قۇرۇلدى. مانا ئەشۇ ھېيت ھارپىسىدا ئۆيۈمدە توك كەتتى، يىلدا بىر كېلىدىغان ئۇلۇغ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇ بالىلار دۇكان ئېچىپتۇ، بەلكىم كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز شۇ كۈنى شۇ تاللا بازىرىدا توك سائىتىگە توك ئالغان بولۇشى، مەن كېچىكىپ قېلىپ ئالالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئۇلار شۇ ئازغىنە بىرقانچە يۈەن ئۈچۈن ئۆيىدىكى مەزىلىك نېمەتنى، ئارام ئېلىشنى تاشلاپ دۇكان ئېچىپتۇ، بەلكىم ئۇلار بىر تەرەپتىن ئازغىنە كىرىم قىلماقچى بولغاندۇ ياكى ماڭا ھەم ماڭا ئوخشاش ئائىلىسىدە توك توختاپ قالغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلماقچى بولغاندۇ. قاچانلا قارىسام شۇ يەردىكى بالىنىڭ چىرايى سۇلغۇن (پەرىزىمچە سودىسى ئانچە ياخشى ئەمەس)، بىر چاغدا كومپيۇتېرى بۇزۇلۇپ قېلىپ قېشىمغا كىرىپتىكەن، ئوڭشاپ بەرسەم «قانچە پۇل بېرىمەن ئاكا؟» دەيدۇ، پۇل ئېلىشنى رەت قىلسام، ئۇ بالا قولۇمنى چىڭ سىقىمداپ، شۇنداق خۇش بولۇپ تەكرار رەھمەت ئېيتىپ كەتتى....
9 C' H4 p% Q% T; I: {5 S  V6 u; K) Fئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە- رايونلىرىدا، چەتئەللەردە مۇلازىمەت خارەكتېرىدىكى كەسىپلەر شۇنداق تەرەققىي قىلغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئالىدىغان مۇلازىمەت ھەققىمۇ شۇنچە يوقۇرى، مۇلازىمەت سۈپىتى ئوخشاشلا شۇنداق ياخشى ئىكەن، بىزدە، رايونىمىزدا بولسا ئەمدىلەتىن بۇ كەسىپ ئاز- ئازدىن ئومۇملاشماقتا، ئەمما مۇلازىمەت سۈپىتى تۆۋەن. نېمىشقا تۆۋەن؟ ئالىدىغان پايدا تۆۋەن، قوللاش تۆۋەن، يوقۇرى ئالاي دېسە يوقۇرقىدەك ئۇنى- بۇنى دەپ باقىمىز، قەدرىگە يەتمەيمىز، شۇڭا تەرەققىيات يوق. شۇ تاپتا يەنە بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى: مەن دۇكىنىمدا ئىشلىتىدىغان كانون ماركىلىق تۆت خىل رەڭلىك پىرىنتېر (سۇيۇق ھالەتتتىكى رەڭ قاچىلايدىغان پۈركۈمە پىرىنتېر) بۇزۇلۇپ قېلىپ، مۇلازىمەت ئورنىغا ئېلىپ باردىم، مۇلازىمەتچى خەنزۇ ماڭا «50 يۈەن تاپشۇرىسەن» دېدى، مەن نېمە بولغانلىقىنى سورىسام «قاچىلاش- قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ دەرىجىسىنى يېڭىلايمىز، بولمىسا بولمايدۇ» دەيدۇ، مەن ئۇنىڭدىن ئەرزانراق ئوڭشاپ بەرگىن دېسەم، ئۇ ئەسلى 80 يۈەنگە قىلاتتىم، ساڭا شۇنداق ئەرزان قىلىپ بېرىمەن بولمىسا ئېلىپ كەت دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ تەرىقىدە ئىككى يىلغا توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئارقا- ئارقىدىن ئىككى قېتىم شۇنداق ئوڭشىتىپ كەلدىم، مۇشۇ بىر ئاينىڭ ئالدىدا دوستۇمدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ دېتال پەقەت ۋە پەقەت بىر يۈەنلىك دېتال ئىكەن، شۇنى سېتىۋېلىپ، كومپيۇتېرغا زاپاسلىۋالساقلا، تور بار مۇھىت ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، بۇنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. دېمەك، ئۇ رېمونتچى مەندىن ھىچنېمىدىن ھېچنىمە يوق بىر پاتمان پۇل (بىز دەۋاتقان مۇلازىمەت ھەققى) ئېلىپتۇ، يەنە بۇلارنى دەپ كەلسەك مۇشۇنداق مەسىلە- مېساللاردىن بىر مۇنچە چىقىشى مۇمكىن.
  X% b: _% ~+ Xشۇڭا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىم شۇكى: بىز بىرقىسىم مۇلازىمەت خارەكتېرىدىكى تىجارەتچى قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايلى، ئەمما ھەددىدىن زىيادە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھېلىقىدەك بىرقسىم قۇيمىچى- تويمىغۇرلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىشتىنمۇ باش تارتمايلى. چۈنكى، قوللاش دېگەنلىك ھەممىگە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، بۇنى قانۇن، ئەخلاق، ئىجتىمائىيەت نوقتىسىدىن ئاڭلىق تونۇپ تۇرۇپ مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلايلى دېگەندىن ئىبارەت. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى، ئادىل رىقابەت ئارقىلىق ساغلام بازار مۇھىتى ياراتقىلى ھەم شەخسلەر ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
ۋاقتى: 2014-10-28 11:13:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ، بۇ خىل  ھەقلىق مۇلازىمەت  مۇۋاپىق بولغان.
ۋاقتى: 2014-10-28 13:34:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يېزىدا مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدۇ،بىراق ئادىل ئاكىمىزنىڭ دىگىنىمۇ خاتا ئەمەس،بۇنى تىجارەتنى ئازراق چۈشىنىدىغانلار ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ،سىزمۇ خاپا بولماڭ،ئاچچىغىڭىزدا ئەرز قىلىپ يۇرمەڭ،بولمىسا كىيىن 100يۈئەن پۇل قاچىلاش ئۈچۈن 20يۈئەن كىرا قىلىدىغان ئىش چىقىدۇ.
ۋاقتى: 2014-10-28 15:42:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇشىنى بىلىش كېرەك
ۋاقتى: 2014-11-1 14:37:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنى كۆرۈپ مەنمۇ باشقىچە بولۇپ قالدىم . دىمەكچى بولغۇنۇم  گىپىڭىز تامامەن توغرا ، ئەلۋەتتە قانۇنلۇق . ئەممە يەنە بىر تەرىپىنى ئادىلجان ئاتامان ئىنچىكىىك بىلەن سەمىمىي ئوتتۇرغا قويۇپتۇ  . مىنىڭچە پاش قىلغىنىڭىز چىكىدىن ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟
ۋاقتى: 2014-11-2 18:57:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ مىنىڭچىمۇ  شۇ  ئاتامان توغرا دىدى ، ئۇنىڭ ئۇستى
; @) j: S' w+ a" N بۇ پۇلنى بىرلاۋاقىتتا 50-سوم ۋە ياكى 100-200-300،،،،،  تولىسىڭىز بىرىدىغان پۇلى ئوخشاشلا ئىكەن ،  سىزگە 50 سوم قاچىلايمەن ئوشوق قاچىلىمايمەن دىسە ئۇ چاغدا نىمە دەسىز ؟؟   .   بۇ تىمىنى يوللىىغىنىڭىزمۇ توغرا بوپتۇ، لىكىن سىزمۇ ئۆزىڭىزنى  شۇلارنىڭ ئورنىغا بىر قويوپ ئويلىنىپ باقسىڭىز ھەممىسى ئايدىڭ بولدۇ .
ۋاقتى: 2014-11-5 17:18:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم !تورداشلار،سىلەرنىڭ سۆھبىتىڭلارنى كۈرۈپ مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم.مەنمۇ خىزمەتتىن سىرىت  كومپىيوتېر سېتىش ،رېىمنۇت قىلىش ،خەت ئۇرۇش كۈپەيتىش دىگەندەك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن.دوستلارئېيىتقاندەك پۇل تاپماق تۇلىمۇ تەس.بۇلۇپمۇ ھازىر دۇكان ئىجارىسى بەك تىز ئۆرلەپ كىتۋاتىدۇ.ئۇخۇددى يىلنىڭ ئۈتىشىگە ئوڭ تاناسىپ تۈزگەندەك.مەنچە ئادىل ئەپەندىنىڭ سۆزى ئۇرۇنلۇق.ئەگەرسىزتوك تۈگەپكەندە ئۆيىڭىزدە مېھمان بۇلۇپ قالسا 100يۈەن خەجلەپ مېھماننى كۈتۈشكە رازى بولدىغانسىز..............
ۋاقتى: 2015-8-16 13:13:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 10:20
, ~! |/ v- `5 p; b4 Y, v4 ~مەن توك پۇلى يىغمايمەن ئەمما 3 خىل خەۋەرلىششكە پۇل يىغم ...

7 N' a9 W1 q, D! ?ئاشۇنداق تىلفۇنغا پۇل قاچىلاش دىتالى بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز،،،،  مەن ما ئادەتتە دۇكان ئاچىمە،،، كومپىيوتېر ئىشلىرى،،دىگەندەك.
3 H7 Q1 F: L/ N# i  سىز دىگەن دەك پەقەت خىردار جەلىپ قىلىش ئۈچۈن بولسىما سىناپ باقاي دىگەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-2 11:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش