روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1767|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىففىمىزىمسىز( سىلاقلاشتۇرۇلمىغان) ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
7 O+ V& A; N; wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
                                                                  ئىففىمىزىمسىز( سىلاقلاشتۇرۇلمىغان) ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدا
% m( L1 z# Z9 L& R7 T5 v5 _. A
, E8 y/ ]* h6 @7 F1 l                                                                                                     ئاپتور:ئابدۇخېلىل مىرخېلىل
9 P! A2 u) ^$ l5 U- N: n% |1 [                                                                               (توققۇزتار ناھىيە دۆڭمەھەللە يېزا مويۇنگۈزەر مەكتەپ ) 9 ^4 k0 _. `% Y+ L7 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
           ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تارىخنىڭ ۋە ئىجدىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ توختاۋسىز ئېقىنلىرىدا ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەقىل – پاراسىتى ، ئەمگەكچان ، باتۇر ، ئىگىلمەس – سۈنماس كۈرەشچانلىق روھىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ ، جاھان مەدەنىيەت غەزىنىسىنى ئالتۇن كەبىي جۇلالىق ئەقىل دۇردانىلىرى بىلەن بىزەپ كېلىۋاتقان مەزمۇنى مول ، شەكلى ھەر خىل ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تۈرى بولغان ماقال – تەمسىللەر خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىلىش، چوڭقۇر ئەقىل كۆرسۈتۈش خارەكتىرى ۋە ئۇزۇن تارىققا ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىدىكى بىلەن ئالاھىدە سەمەرىلىكتۇر .
' t2 ?/ U: B. n0 f6 A! x/ Hئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىتىيىتىدە سالماق ئورۇنغا ئىگە ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى ئەمگەكچان ، باتۇر ، ۋە ئەقىل پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىز دانىشمەنلىكىنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە تارىخىي ھاياتىمىزنى يورۇتۇپ ،گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ، مۇھەببەت بىلەن – نەپرەت ، توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىمىزنى خاتاسىز ۋە دەل جايىدا خۇلاسىلاپ كەلمەكتە .مەلۇمكى بىر مىللەتنىڭ ماقال – تامسىللىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق دەۋىرلىك تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇ ئىجدىمائىي ئەمەلىيەت سەرگۈزەشتىلىرىنى بېشىدىن ئەڭ كۆپ ئۆتكۈزگەن ، تارىخنىڭ تالاي تۈگۈمەس سىناقلىرىغا دۇچ كېلىپ ، ئۇنىڭدىن توغرا ۋە ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىش ئېڭى كۈچلۈك بولغان خەلق ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھېساپلىنىدۇ . ماقال – تەمسىللەر نۇتۇق ۋە يېزىقلىرىمىزدا قېلىپلاشقان ، مۇقىملاشقان ، ھېكمەتلىك ، ئىبرەتلىك سۆزلەر قاتارىدا تىل ۋە يېزىقىمىزغا ئالاھىدە  ئېنىقلىق ، ئىخچاملىق ، توغرىلىق بېغىشلاپ نۇتۇق ۋە يېزىق جۈلاسىنى  ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .! o* V3 Y' P9 U2 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  روشەنكى ماقال – تەمسىللەردە ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرى ، تاتلىق تىلەك – خاھىشلىرى ، ئىجىدىمائىي تۇرمۇشقا بولغان تۈرلۈك قاراش – نۇقتىنەزەرلىرى ، ئىلىم – پەن ، ھۈنەر – كەسىپنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى مۇرەسسەسىز ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى قەدىرلەش ئېڭى ، ئەمگەكنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشتىكى تەخىرسىز كۈچ ئىكەنلىكى ، ئۇنى سۆيۈش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ . غايەت چوڭقۇر ، ئوبرازلىق سۆزلەر ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىبرەتلىك ساۋاق ، قىممەتلىك مەسلىھەتلەر بېرىلىدۇ . شۇنداقلا كىشىلەر نومۇس ، ۋىجدان ، ئىنسانى خىسلەت ۋە ئادىمىلىك پەزىلەت بىلەن ياشاشقا ئۈندىلىپ ، ئەمگەكچان ، ئەقىل – پاراسەتلىك ، چىدام – غەيرەتلىك ، ئىنساپ – دىيانەتلىك ، ئەخلاقى – پەزىلەتلىك ، راستچىل كىشىلەردىن بولۇش ، بىلىم – ھۆنەرنى چىن دىلىدىن سۆيۈپ ئۆگىنىدىغان ھەقىقى كىشىلەردىن بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
, n1 f' }1 Y5 @" O- `$ V( Mماقال – تەمسىللەردە ئومۇمەن مەزمۇن جەھەتتىن پەلسەپىۋى ئەقلىيىلىك قاراش – ھۆكۈملەر بىلىم كۆزقاراشلىرى ، ئاۋام خەلقىمىزنىڭ ئەخلاقى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ، دەۋىرگە ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئوخشاش تەرەپلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ . نۆۋىتىدە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ھەقلىقمىزكى ، ماقال – تەمسىلەرنىڭ تىلى گۈزەل ، ئويناق ۋە ئوبرازلىق بولۇپ ، ئېسىل ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە ئوي – پىكىرنى دەل ۋە توغرا ئىپادىلەپ ، كىشىلەرگە ھايات ھەقىقەتلىرىنى تونۇتۇش بىلەن بىرگە ، يەنە ئىستىتىك تۇيغۇمۇ ئاتا قىلىدۇ .$ f' k, S3 F! u9 _# P8 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىنى تەپسىلى تەكشۈرىدىغان بولساق ، بىر قىسىم ماقال – تەمسىللەرنىڭ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا ئاشكارە دىيىلىش ياكى يېزىلىش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تۈزۈلگەنلىكىنى بايقايمىز .
4 j: t* v9 a  L1 d+ W% x, V& jمەن بۇ ماقالەمدە نوقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى ئىچىدە نۇتىقىمىز ۋە يېزىقىمىزدا ئاشكارە دىيىلىش ۋە يېزىلىش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن ماقال – تەمسىللەر توغرىسىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم .8 K: m3 A6 ~* x. u' n! r" Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تارىختىن بۇيان تۆت پەسلى ئېنىق ئايرىلىدىغان مەركىزى ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتى قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزى ياشاپ كەلگەن مۇھىتقا ئىجابىي نوقتىدىن ماسلىشىپ ، ئۆزىدە ناھايىتى تۈز ، ساددا ، ئوچۇق – يۇرۇق ، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق ، ھەم مېھىرلىك ھەم قەھىرلىك ، سەمىمى ، راستچىل ، كۆڭلىدىكىنى ئېغىز ۋە ئەمەلدە ئىپادىلەشكە ماھىر ، ئەمىلى ئىشلاردا تۇرگۈن ، چۈس ، بولۇپمۇ تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىدا مادارا قىلىپ ئولتۇرمايدىغان تەبىي خارەكتىرگە ئىگە ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتتۇر . ئەلۋەتتە بىر مىللەت باغرىدىن باغجانلىغان مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىغا شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەلقىنلىرى ، ھايات ھەقىقەتلىرى ھەققىدىقى ئاكتىپ قاراشلىرى ، ئىجدىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن كەچمىش – كەچۈرمىش ئامىللىرىنىڭ سىڭىشى مۇقەرەردۇر . جۈملىدىن ماقال – تەمسىللەرمۇ بۇ نوقتىدىن مۇستەسنا بولغان ئەمەس . خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەدەپ – ئەخلاق ، قائىيدە – يۇسۇن ، تەلىم – تەربىيە ، ئەمگەكنى سۆيۈش ، ھۈنەر – كەسىپ ئىگىلەشكە ، ھەققانىيەتنى ياقلاش ، رەزىللىككە قارشى تۇرۇش ، ئاياللار ئەخلاقىغا ئىتىۋار بىلەن قاراش ، راستچىل ، سەمىمى بولۇش جەھەتلەرگە ئالاھىدە ئىتىۋار بىلەن قاراپ كەلگەچكە ، خەلقىمىزنىڭ يۇقىرىقى خەرەكتىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقان ماقال –تەمسىللەردىمۇ روشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان دىيەلەيمىز، ماقال –تەمسىللەردە ئاۋام خەلىقنىڭ سۈپەت– ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغاچقا ، نۇرغۇنلىغان ماقال –تەمسىللەرنىڭ تەلىم –تەربىيە خارەكتىرى سالماقلىق ئورۇندا تۇرغان .7 Q) n0 Y  x: qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تەلىم - تەرنىيە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق توغرىلىققا يېتەكلەيدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك پائاليەت جەريانى بولۇپ ، بۇ تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ مۇئايەن قوبۇل قىلىش ساپاسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . دىمەك ئەجداتلىرىمىز دەل مۇشۇ نوقتىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي ، ئاۋام خەلقنىڭ ئەخلاقى ساپاسى ۋە تۈرلۈك ئىشلاردىكى ناچار ئىللەتلىرىنى تۈزۈتۈشىگە ياردەم بېرىش مەخسىتىدە ، ئاشكارە دىيىلىش ۋە يېزىلىش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەر ئارىلاشقان ، ئىففىمىزىمسىز (سىلاقلاشتۇرۇلمىغان ) بىر قىسىم ماقال – تەمسىللەرنىمۇ رورياپقا چىقىرىپ ، ماقال – تەمسىللەرنىڭ ئەقىل كۆرسۈتۈش ۋە تەلىم – تەربىيە بېرىش رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەخسىتىگە يەتكەن بولىشى مۈمكىن .
5 M: w0 e7 j' Q& T5 V- aبۇ خىلدىكى ماقال –تەمسىللەر ئاڭلىماققا قوپال ، تومتاق بولغىنى بىلەن يەنىلا تۇرمۇشىمىزدىكى ناچار ئىللەت ، بەد قىلىقلارنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنى تۈزۈتۈشكە يېتەكلەش جەھەتلەردە نۇرغۇن ئاكتىۋال قىممەتلەرگە ئىگە .  c6 {, F3 _! r1 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن ؛ ‹‹ ئىنساپ قالمىدى چوڭدا ، ئىشتان قالمىدى قوڭدا ›› ،‹‹ ئېشەك ئۆلۈۋاتسا قوڭى غىجەك تارتىپتۇ ›› ، ‹‹ ھېيتتا قويمىغان خىنەڭنى ، ھېيتتىن كېيىن قوڭاڭغا قوي ›› ، ‹‹ ۋەسلىڭ يەتسە گۈل قىس ، بولمىسا قوڭاڭنى قىس ›› ، ‹‹ يىتىم قىز قوڭاڭنى قىس ›› ، ‹‹ ئاتقا مىنگەشمە ، مىنگەشكەندىن كېيىن كۆتۈم ئاغرىدى دېمە ›› ، ‹‹ بوزەكنى تاپسام ، قوڭىغا يىپنى ساپسام ›› ، ‹‹ تولا يىگەن بۆرىنىڭ قوڭى كامار ›› ، ‹‹ چوڭ باشنى ئاچسا كىچىك قوڭنى ئاچىدۇ ›› ، ‹‹ ساراڭنىڭ ئوڭى يوق ، پاشىنىڭ قوڭى يوق ›› ، ‹‹ ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك ›› ، ‹‹ بېتى ئەدەپ كۆرمىگەن ، كۆتى تەرەت كۆرمىگەن ›› ، ‹‹ باجا باجىنى كۆرسە قوڭى قىچىشار ›› ، ‹‹ باي ، قوڭى بەش پاتمان لاي ›› ، ‹‹ ئىچى كۆيمىگەننىڭ كۆتى قىچىشماس ›› ، ‹‹ ھىجىقىز توۋا قىلماس ، توۋا قىلسا قوڭى قويماس ›› ، ‹‹ ئۆزۈڭ قىلمىساڭ غېمىڭنى،قاغا چوقار ئىمىڭنى ›› ، ‹‹ قوناقلىققا ئوغرى كىرسە ئاتقۇچىنىڭ بىرنېمىسىنى كەس ›› ، ‹‹ كۆتۈڭدىن چىقىپ كۆزۈڭگە ئۇراي ›› ، ‹‹ئاتىسى باشلىمىغاننىڭ پودىقى چوڭ،ئانىسى باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى چوڭ ›› ، ‹‹ مىڭ مادا توققان بىلەن ، بىر ھاڭگىنىڭ كۆتى ئاغرىماس ›› ، ‹‹ چۈچىنىڭ شۇملىقىدىن ئانىسىنىڭ ئەمچىكى يوق ›› ،‹‹ باي بولاي دېسەڭ بورداقچى بول ، ئەمەل تۇتاي دېسەڭ پوداقچى بول ›› ، ‹‹ بوقىنى ھۆكۈرەتكەن ئىككى تاشىقى ›› ، ‹‹ كۆت بەر كۆتۈرۈپ بەر ، ئىسسىقى چىقمىسا يۆتۈلۈپ بەر ›› ، دېگەنگە ئوخشاش ماقال – تەمسىللەر ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاشكارە دىيش ۋە يېزىش پەرھىز قىلىنغان تاناسىل ئەزا ۋە باشقا ئەزالىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئارىلاشقان ئاساستا تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئۆزىنىڭ يارقىن جۇلاسى بىلەن خەلق ماقال – تەمسىللىرىگە خاس پۇرىقىنى نامايەن قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹ بىر شاتىراق موزاي پادىنى بۇلغار ›› ،‹‹ ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن ›› ، ‹‹ پوققا چالما ئاتساڭ ، يۈزۈڭگە چاچرايدۇ ›› ، ‹‹ پوقنى ئوسۇرۇقتا ياپقىلى بولماس ›› ، ‹‹ پو ئاتقىنى يات يەر ياخشى،شاتراق ئۇرغىنى داق يەر ياخشى ›› ، ‹‹ سېخى ساخاۋەت قىلسا،بېخىل قان چىچىپتۇ ›› ، ‹‹ قارغا بىلەن دوست بولساڭ،يىيىشىڭ پوق ›› ، ‹‹ نوچى ئوق يەيدۇ،بالىسى پوق يەيدۇ ›› ، ‹‹ بولىدىغان بالا پوقىدىن ، بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن ›› ، ‹‹بەگ يالاقچىغا ئامراق ، ئىت شاتراقچىغا  ئامراق ›› ، ‹‹ بېخىلنىڭ پوقىنى يىگەن قاغىنىڭ قورسىقى ئاغرىيدۇ ›› ، ‹‹ پۈتمىگەن قەرىزگە پوق ئال ›› ، ‹‹ ئىككى قاغا پوق تالاشسا ، ئوۋچىغا پايدا ›› ، ‹‹ داڭلىغان قىز تويىدا چىچىپتۇ ›› ، ‹‹ دوستۇڭنىڭ پوقى پۇرىماس ›› ، ‹‹ بار چاغدا توق يەپتۇ ، يوق چاغدا پوق يەپتۇ ›› ، ‹‹ بالاڭنى قويۇپ بەرسەڭ بېشىڭغا چىچار ،چىۋىننى قويۇپ بەرسەڭ ئېشىڭغا چىچار ›› ، ‹‹ بالاڭنى ئەركە ئۆگەتسەڭ كۆرپىگە سىيەر ›› ، ‹‹ ئارقامدىن دېگەنلەر ، تېزىكىمنى يىگەنلەر ›› ، ‹‹ ئېشەكنى ئوتقا ھەيدىسە پوققا يۈگۈرەر ›› ، ‹‹ ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ ›› ، ‹‹ ئورۇق ئۇينىڭ پوقى يوغان ›› ، ‹‹ گەپنى تەگىسە گەپ چىقار ، كالىنى قوغلىسا پوق چىقار ›› ، ‹‹ گەپنىڭ يامىنى كۇس – كۇس ، ئوسۇرۇقنىڭ يامىنى پۇس – پۇس ›› ، ‹‹ كەپسىز ، كەپتەر پوقى يەمسىز ›› ، ‹‹ شاخىنىچى كالا خاماننى بۇلغايدۇ ، بۇزۇق ئادەم جاھاننى بۇلغايدۇ  ›› ، ‹‹ ئارپا نېنى ئوسۇرغاققا بانا بوپتۇ ›› ، ‹‹ ئاتالماس ئوقىدىن كۆرىدۇ ، چىچالماس پوقىدىن كۆرىدۇ ›› قاتارلىق ماقال –تەمسىلەر ئەدەم ۋە باشقا جانلىقلاردىكى نورمال فىزولوگىيىلىك ھادىسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان ، ئەمما ئاشكارە دىيىش ۋە يېزىش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تۈزۈلۈپ ، تۇرمۇشىمىزدىكى خىلمۇ – خىل چىركىنلىكلەرنى يارقىن ئىپادە قىلىپ بەرگەن . شۇنداقلا ‹‹ ئوغرى قېرىسا موللا بولار ، جالاپ قېرىسا بۈۋى بولار  ›› ،‹‹ تام قېرىسا توپا بولار ، ھىجىقىز قېرىسا سوپا بولار ›› ، ‹‹ ئارىچىغا ئالتە تاياق ، شوۋىچىغا يەتتە تاياق  ›› ، ‹‹ دوستتۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ ، ئالتە ئايلىق بويۇمدا قالدى ›› ، ‹‹ ئاشناڭغا ئىشىنىپ ، ئەرسىز قالما ›› ، ‹‹ دۈشمەننىڭ سۆزى يامان ، جالاپنىڭ  كۆزى يامان ›› ، ‹‹ سامان ئوتۇن بولماس ، جالاپ خوتۇن بولماس ›› ، ‹‹ تۆگىدە تىز يوق ، جالاپتا يۈز يوق ›› ، ‹‹ ھارۋا ماڭغان يول تار بولمايدۇ ، جالاپقا گەپ ھار بولمايدۇ ›› ، ‹‹ ئەرسىز خوتۇن - يۈگەنسىز بايتال ›› دېگەنگە ئوخشاش ماقال –تەمسىلەردىمۇ جىنسىيەت ، ئاياللار ئەخلاقى ، بەزىبىر ئادەملەردىكى تۇترۇقسىزلىق ئالامەتلىرى نۇتۇقتا ئېيتىش ۋە يېزىقتا ئىپادىلەش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەخلاقىغا زىت بولغان ناچار ئىللەت ، خاتا خاھىشلارنى پاش قىلىپ ، ئەخلاقى ساغلاملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن .
, Q9 R! l, z" v' d+ K/ \   دىمەك يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىففىمىزىمسىز (نۇتۇقتا ئېيتىش ۋە يېزىقتا ئىپادىلەش پەرھىز قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن ) ماقال – تەمسىللەر پەلسەپىۋىلىكىنىڭ ، مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقى ، مەزمۇن جەھەتتىن چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئەھمىيەتلىك بولۇپلا قالماي ، بەلكى ، تۇرمۇشىمىزدىكى بەزى ئىجدىمائىي ھادىسلەرنى ، جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ ئىجدىمائىي ھاياتىدىكى تۈرلۈك مىللى ئۆرپ – ئادەت دېتاللىرىنى ، ئەخلاقىي ساپاغا بولغان ئىلمىي قاراشلىرىنى ، ھەتتە بىر پۈتۈن  روھى ھالىتىنىمۇ چۈشۈنىشىمىزدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر .
1 c2 [' g' o$ I/ p: }8 f  K1 N   ئومۇمەن بۇ ماقال – تەمسىللەرگە خەلقىمىزنىڭ ئۆزى ياشاپ كەلگەن مۇھىتقا ئىجابىي نوقتىدىن ماسلىشىپ ، ئۆزىدە ناھايىتى تۈز ، ساددا ، ئوچۇق – يۇرۇق ، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق ، ھەم مىھىرلىك ھەم قەھىرلىك ، سەمىمى ، راستچىل ، كۆڭلىدىكىنى ئېغىز ۋە ئەمەلدە ئىپادىلەشكە ماھىر ، ئەمىلى ئىشلاردا تۇرگۈن ، چۈس ، بولۇپمۇ تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىدا مادارا قىلىپ ئولتۇرمايدىغان تەبىي خارەكتىرى سىڭگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا كىشىلەر ئەقىل – پاراسەتلىك ، ئىنساپ – دىيانەتلىك ، خەيرى – ساخاۋەتلىك ، مېھرى – شەپقەتلىك ، شەرىم – ھايالىق ، كىبىر – تەمەننادىن خالى ، سەبرى – تاقەتلىك بولۇشقا دالالەت قىلىنىپ، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ، ئەل ئۈمۈدىنى ئاقلايدىغان ، بىر مەۋقايىدا تۇرىدىغان ، ھەرقانداق ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا ۋە ئەمىلى پۈتتۈرۈشكە ماھىر، پەرزەنت تەربىيىسىگە سەل قارىمايدىغان، ئەمىلى ئەھۋالىغا قارىتا ئىش كۆرۈشكە ئىتىبار بېرىدىغان ، كىشى ھەققىگە كۆز قىزارتمايدىغان ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ، ئۆزىگە تۈگىمەس دىشۋارچىلىق تېپىۋىلىشتىن ساقلىنىدىغان ، ئاساسسىز باھانالار بىلەن ئەسلى مەخسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك خاتا خاھىشلارغا بېرىلمەيدىغان گۈزەل ئەخلاقى ساپا يېتىلدۈرۈشكە چاقىرىلغان .
, d4 @) a+ F! K3 ~6 s! f8 Y7 `مەنبە: ئانا تىل تورى: p. E' g0 ]4 i7 b; n/ j* vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2014-6-18 10:49:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ماقال_تەمسىللەرنى بىز دىھقانلار
0 ]1 d5 \, v- b0 z) b8 p9 l+ Z1 Mكۆپرەك ئىشلىتىمىز
- x, |2 ]* Y( H3 Q0 u( d- l来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-18 12:04:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق ماقال -تەمسىللەركەن ،بەزىلىرىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-6-18 15:03:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت ماقال-تەمسىللەر باركەن جۇمۇ . كۈلۈپ بولالماي چىقىرۋەتكىلى تاس قالدىم
بۇ ھەقىقەتەن سىلىقلاشتۇرۇلمىغان ماقال تەمسىللەركەن。 ئاپتۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىگە ئاپرىن!
ۋاقتى: 2014-6-21 13:56:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-21 14:02  ; k) }* u$ t( |+ ~1 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

$ j) U+ T: v  f7 Nبۇ كىشى بىلەن مەن بىر مەكتەپتە، بۇ كىشىنىڭ شېئىرلىرىنى مەن خېلى كۆپ يوللىغان(مۇشۇ مۇنبەرگە)، ئىلىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرى شۇنداقلا ، فولىكلور تەتقىقاتچىسى. سۆز ئويۇنى ئۇستىسى ۋە يۇمۇرچى.  يېقىندا ‹‹يۇلتۇز چۈشى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى بارلىق ئۆتكەللەرنى تولۇق ۋە ئۇتۇقلۇق تاماملاپ باسمىغا بېرىلدى. ئاللا خالىسا، يىل ئاخىرىغىچە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. ئەسەرلىرى شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدا كۆپ. ئىلمىي ماقالىلىرى ‹‹مىراس›› ژورنىلىدا كۆپرەك بېسىلىدۇ. ئاقسۇدىكى ئەپكارلارمۇ ئۇنىڭ دائىملىق خېرىدارى. ; i! m! g2 |, Q: i) o+ Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئىمكانىيەت بولسا ، يۇرتىمىزدىكى مانا مۇشۇنداق سىلىقلانمىغان ماقال-تەمسىللەرنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىغان بولساق، تولۇقلىنىپ قالغان بولاتتى، نۆۋىتىدە، بۇمۇ روھلاننىڭ يەنە بىر تۆھپىسى بولۇپ قېلىشىدا گەپ يوق ئىدى.

باھا سۆز

قوشنىسىنىڭ قوش كۆرىنەر پودىقى مۇش كۆرىنەر.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-21 14:16
nuri يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 13:56
, p' s+ u+ F- F1 B" x4 U# d: Fبۇ كىشى بىلەن مەن بىر مەكتەپتە، بۇ كىشىنىڭ شېئىرلىرىنى ...
: s0 l# c) b! C# C! L* Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قوشنىسىنىڭ قوش كۆرىنەر پودىقى مۇش كۆرىنەر.
ۋاقتى: 2014-6-22 09:37:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saeid发表于2014-06-21 14:16:26
, p0 N2 r6 i0 d% l6 C& o: H. v
5 u' X. q; D- f3 W4 `: Y/ t1 {
$ t. w. B) Z9 w6 y/ p+ W0 V1 B- Yقوشنىسىنىڭ قوش كۆرىنەر پودىقى مۇش كۆرىنەر.
ۋۇييۇ  ما ئىنكاسنى  دەھشەت  سىلىقلاشتۇرۇلمىغان   تەمسىلمۇ بۇ  . 3 n- P" |+ }, W" vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3 T# n8 ^4 |- x1 H8 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-22 09:41:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا ھا  دەھشەت  قىززىق تەمسىللەركەن بۇ  .  كۇلۇپ بولالماي  كۆزلىرىمدىن  ياشلار  قۇيۇلدىغۇ.    يامان  يىرى   قوڭى  ـ كۆتى.  دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى  يىغىۋالدىڭىزمۇ  ھە  . ھەجەپ  نەگە قارىسام  قوڭ كۆتلەر تۇرىدۇ.  ھى ھى ھى : Y! _. c( \8 x3 n! L8 H# L4 g" tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
来自安卓客户端

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-26 08:21

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش