روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1344|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۆمۈرنى قىسقارتىۋىتىدىغان ئالتە خىل مىجەز-خاراكتېر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىشىلەرنى بىرەر ئادەمگە باھا بەرگەندە ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنى تىلغا ئېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، مەسىلەن، ئەمەت ئوچۇق-يورۇق، سەمەت ئىچ مىجەز دېگەندەك. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەز ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، پسىخوزوماتىك مېدىتسىنا بەزى خاراكتىرلارنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆمۈرنى قىسقارتىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
- J# k' X; |# j, s; ^: x     تېرەككەك كىشىلەر: ھەرقېتىم ئاچچىقلانغاندا، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىگە بىر خىل بېسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ۋەقەلەرمۇ بىزنى شامال دارىش، يۈرەك مۇسكۇلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاچچىقلىنىش، ئېغىر بېسىمغا يولۇقۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.
1 b& w* U+ N, t8 C) Q# v2 f5 |     تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش خاراكتېرىدىكى كىشىلەر: تەشۋىشلىنىش بىر خىل تۇيغۇ يەنى يېقىندا يولۇقىدىغان ياخشى بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن جىددىيلىشىشكە قارىتىلغان. بىر مىڭ 800 نەپەر ئەرلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان 30 يىللىق تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، تەشۋىشلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەر ئاسانلا تاماكا چېكىش ئارقىلىق تەشۋىشىنى باسىدىكەن، ئەمما بۇ خىل قىسقا مەزگىللىك تەشۋىشنى بېسىش ۋە تاماكا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇزۇن مۇددەتلىك زىيانغا سېلىشتۇرغاندا، بۇنداق قىلىش ئانچە ئەرزىمەيدۇ.
& G$ d& x# E  s. s4 o9 o, W     سەۋىر-تاقەتلىك ۋە غەمكىن خاراكتېردىكىلەر: بۇ خىلدىكى كىشىلەر تېرىككەك كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ، بەزى كىشى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ئاچچىقىنى، خوشاللىقىنى، ھاياجىنىنى ئىچىگە يۇتۇشقا ئادەتلەنگەن. بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىدە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپلا قالماستىن، يەنە تەن-سالامەتلىكىدىنمۇ چاتاق چىقىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل خاراكتېردىكى كىشىلەر ئاسانلا قان-تومۇرلار قېتىشىش كېسەللىكلىرى گىرىپتار بولىدىكەن، شۇنداقلا ئۆمرىمۇ قىسقا بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ياخشى بولمىغان كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە، خوشاللىق بەھرىمان بولالمايدىكەن.
% Y' b( z0 a! x( v1 `( F     ئايىغى چىقماس ئىشلارنى كوچىلايدىغان خاراكتېرىدىكى كىشىلەر: بۇ خىلدىكى كىشىلەر بىرەر ئىشقا يولۇقسا زېرىكمەي-تېرىكمەي كوچىلاپ ئايىغىنى چىقىرىشنىلا ئويلايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىلا ئاسانلا ئۇتۇق قازىنالايدۇ. ئەمما كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئېسىلىۋىلىپ يۈرگەندە ئۆزىگە زىيانلىق بولۇپ، ئاسانلا قېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە، مەسىلىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۆزىتىپ، ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە پۇرسەت بەرگەن ياخشى.
. ]: v3 Y6 G- ^5 y. ]6 M* ~     گۇمانخور ۋە كۈنلەمچى كىشىلەر: بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى ياخشى بولمايدۇ ۋە ئاسانلا يالغۇزسىراپ، زېرىكىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، باشقىلاردىن گۇمانلىنىپلا، دائىملا مۇداپىئە ھالىتىدە يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇچرايدىغان بېسىمى تېخىمۇ ئېغىر بولغانلىقتىن، ئاسانلا يۈرەك كېسىلى، شېكەر سىيىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.
1 j+ b; U3 a" [+ S3 k  q     چېچىلاڭغۇ كىشىلەر: مەسىلەن تۇرمۇشتا قالايمىقان، كەسىپتە مۇناسىۋەتلىك نىشانى بولمىغان كىشىلەر. 20 نەچچە خىل تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، تەلەپچان، تەشكىلچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرگە قارىغاندا ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە ئارتۇق ياشىيالايدىكەن. تەتقىقاتچى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان كىشىلەر تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش دېگەنلەر يامان ئادەتلەرنى ئۆزىگە ئاسان يۇقتۇرۋالمايدىكەن، شۇڭا ئۆمرىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.
: c# t. ]# g, q  L7 g" [, R3 F     يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مىجەز-خاراكتېرنىڭ ياخشى-يامانلىق پەرقى بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر كىشىلەر ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكىدىن ساقلىنايلايدۇ-دە، تۇرمۇشىمۇ خوشال ئۆتىدۇ، ئۆمرىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.. u/ f6 s7 p: T5 M9 k$ B# {0 q  `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسلى مەنبە:خۇشخەۋەر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-17 18:51:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ...!

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2014-5-17 18:54
ۋاقتى: 2014-5-17 21:08:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا  قايسي خىل خاراكتىر  ياخشى ھىسابلىدىغاندۇ؟
ۋاقتى: 2014-5-18 10:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ مىجەز - خاراكتېرىنى ياخشى ئىش - ھەرىكەتلەر بىلەن قوراللاندۇرايلى
ۋاقتى: 2014-5-20 01:19:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى سالامەتلىكىمگە پايدىلىق، ئەكسىچە بولسا ئۆمرىمىزنى قىسقارتىۋېتىدىكەن، تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-5-22 19:53:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا خارەكتىرى ياخشى بولسا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئىشكەندە ، مېنىڭ مىجەز خارەكتىرىم قايسى تۈرگە تەۋەدۇ؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 06:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش