روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1278|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» لېكسىيەسىنىڭ تولۇق تېكىستى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xjcfan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 23:38  5 X) c& T  g6 V/ Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

) S. b* O/ Y3 s; P
«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى
0 A9 H! U7 j+ x+ `# N, P$ Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/ l3 S9 G' q9 D. fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
لېكسىيە سۆزلىگۈچى: ئەمەتجان رۇسۇل
(كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش پىروگراممېرى، باش دىرېكتورى،
«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى)
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سۆزلەنگەن
: o( {, T. h: Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىلاۋە: بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ ئۇچۇرى بېرىلگەن ئىدى.4 I+ w0 y; _" O% oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     بۇ لېكسىيە تۈنۈگۈن دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋە بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتە بىزگە تېلېفون قىلغانلار، ھەمكارلىشىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. بەزى شىركەتلەر بىلەن مۇشۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ھەمكارلىق توختامى تۈزىدىغانغا كېلىشتۇق.5 M* [" U! W, Z& i: Z6 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     قىسقىسى، ھەمكارلىق بىزگە ھەقىقەتەن زۆرۈر ئىكەن. ھەمكارلىقنى چۈشىنىدىغانلار، خالايدىغانلار سىلەر -بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئىكەن.
2 I. d# [6 Z$ |     تۆۋەندىكىسى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قارلۇقتا سۆزلەنگەن لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى.: ^. l6 }: g# P: e' f# Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ______________________________________________________________________

! w6 @/ o7 C: z( X
, ~/ ?: i" ?1 y5 ]( l     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!- c  K2 k% C1 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     سىلەر بىلەن دىدارلاشقىنىمدىن خۇشالمەن. مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشۇڭلارنى قايرىپ قويۇپ، ئارام ئېلىش ۋاقتىڭلارنى قۇربان قىلىپ تۇرۇپ، مەزكۇر لېكسىيەگە قاتنىشىپ بەرگەنلىكىڭلاردىن سۆيۈندۈم! كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا!, k+ D; }8 P$ P8 W) aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

) l- K2 @% M( v
  • كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئارىمىزدا كومپيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئادەم ناھايىتى ئاز!
  • يەنە كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئارىمىزدا تېلېفون ئىشلەتمەيدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز!
  • ھالبۇكى، ئەتىگەندە ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلار چوقۇم بار...!
  • دېمەك، مەن ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ھازىر كومپيۇتېر ھاياتىمىزدا تاماقتەكلا مۇھىم. ھەتتا ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ «ئۈچ ۋاق تامىقى»!
    & C! v/ l$ W1 E& {; a/ s1 F
8 P! T4 \" h, D/ `7 D; Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     بۈگۈنكى لېكسىيە مانا مۇشۇ ئالاھىدە «تاماق» ھېسابلىنىۋاتقان كومپيۇتېر بىلەن ئادەم، IT چىلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى، شۇنداقلا IT كەسىپدارلىرى بىلەن جەمئىيەت توغرىسىدا بولىدۇ.$ i0 T& O3 _# d  uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/ E# c9 u3 D/ i7 L: n+ l3 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     لېكسىيەنىڭ كىچىك تېمىلىرى:4 i7 J8 l  i5 x8 m; eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     1. IT كەسپى ۋە ئادەم
+ I9 K) l* ^# H1 U3 D     2. IT كەسپى ۋە جەمئىيەت
+ V- J/ J2 N1 P% B0 ?7 e+ a( [! i     3. IT كەسپى ۋە شىركىتىمىزنىڭ ئەمگەكلىرى) x+ ^2 b4 i; L, n2 {! @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     4. IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق روھى
& t# s, W* G# wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

$ e+ N- M  C5 Q, u2 z: @5 g" d     IT كەسپى ۋە ئادەم  B* _$ S, |' E7 n4 ^. u' Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     تۇغۇلۇپ ئېسىمنى بىلسەم، ئادەمنىڭ قورسىقى ئاچىدىكەن، تۈرلۈك ھاجەتلىرى قىستايدىكەن. جىسمى بارغانچە يوغىنايدىكەن. ئەمما روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياج يۇقىرىقىلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ھالەتتە ئۆز سىجىللىقىنى ساقلاپ ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئادەمنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇش شەكلىنى جەمئىيەت بىلەن ماس قەدەمدە كودلاپ پۈتتۈرۈپ چىقىدىكەن. روھىي دۇنيايىمىزدا قانداق بۇيرۇق بولسا، بىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىمىزمۇ شۇ بويىچە سىستېمىلىشىپ، جەمئىيەت ئاتلىق بۇ «بوشلۇق»قا قاچىلىنىدىكەن.
; b4 ?3 k' Z3 E8 P     مېنىڭچە، ئادەمدىكى ماددىي ئېلېمېنتلار مىقدار جەھەتتىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئېدىسوندا بار مېڭە قېتىقى رەستىلەردىكى يايمىچى بالىلارنىڭ باش سۆڭىكى ئىچىدىمۇ بار. بېكھامدىكى يۈگۈرۈك ئىككى پۇت سىلەردىمۇ بار. بىل.گەيتىستە بار يەتتە ئەزا مەندىمۇ بار. شۇغىنىسى، ئۇلارنىڭ ئىجادىي كۈچى بىزدە يوق. ئۇلاردىكى ئىلىم روھى بىزدە يوق! ئەمما ئىشخانىمىزدا، ئائىلىمىزدە، سومكىمىزدا ئۇلار ئىشلەپ بەرگەن كومپيۇتېر بار. كومپيۇتېردا ئۇلار تۈزۈپ بەرگەن سىستېمىلار بار. ھەتتا ئىشخانامدىكى تامدىمۇ بىل.گەيتىسنىڭ سۈرىتى!
: }* C/ u+ V1 ^: V  g4 W6 z# \' S7 _( s- `  j  ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  • ئاسفالت يوللار بىزدىن، ماشىنىلار ئۇلاردىن!
  • كۆز بىزدىن، تېلېۋىزور ۋە كىنولار ئۇلاردىن!
  • ھاۋا بىزدىن، ئايروپىلانلار ئۇلاردىن!
  • قورساق بىزدىن، تەمى ئالاھىدە تەڭشەلگەن، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مۇھىتتا ئىشلەنگەن ھەرخىل ئىچىملىكلەر ئۇلاردىن!
  • كېسەل بىزدىن، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دورا-ئوكۇللار ئۇلاردىن!.... @) M* [3 b: B" F, h; `: D  Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

" T7 c1 i0 M+ O     بۇنداق روشەن سىلىشتۇرما قىلىۋەرسەك ئانچە ئادىللىق بولماسلىقى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىزمۇ بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ ئاكتىپ ئىستېمالچىسى بولۇشتىن بارا-بارا ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندۇق. نۇرغۇن مىللىي كارخانىلار يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرى بارغانچە كۆلەملىشىشكە، ئىلمىيلىشىشكە باشلىدى. بىز بۇ خىل نەتىجىلەردىن سۆيۈنۈشكە ھەقلىق! ئۆزىمىزنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىلىرىنى كىيىپ تۇرۇپ، ئۆز ئىچىملىكلىرىمىزنى ئىچىپ تۇرۇپ، چاچلىرىمىزنى ئۆز سوپۇنلىرىمىزدا يۇيۇپ پارقىرىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات پىلانلىرىمىز ھەققىدە ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەشكە ئەلۋەتتە ھەققىمىز بار! شۇڭا، ئىشخانامدىكى بىل.گەيتىس ۋە ستىۋې.جوبسنىڭ سۈرىتى يېنىغا ئۆزىمىزنىڭ ھوشۇر ئىسلام ۋە ئالىم ئەھەتلىرىمىزنىڭ سۈرىتىمۇ ئېسىلدى.
- m- V+ L' ^7 r5 H     يەنە بىر خۇشال بولىدىغان يېرىم شۇكى، شۇ تاپتا كامالنىڭ كاستومىنى، ئىمكاننىڭ ئىشتىنىنى كىيىپ، ئابىدەنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى ئىچىپ تۇرۇپ بۇ لېكسىيەنى سۆزلەۋاتىمەن. قولۇمدا بىلكاننىڭ تاختا كومپيۇتېرى تۇرۇپتۇ. ئەسلىدە بېشىمدا مىراسنىڭ دوپپىسى بار ئىدى. لېكىن، كىچىك كېلىپ قالدى. مەن يوغانباشمۇ ياكى قەمىردىن ھاجىم دوپپىنىڭ كىچىكىنى بېرىپ قالدىمۇ، بىلمىدىم. (كۈلكە)8 u- B0 B# [8 ]. _- t3 m0 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     شۇنداق، مەن شۇ تاپتا ئۇيغۇرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ، لېكسىيە سۆزلەۋاتىمەن. مۇبادا ۋۇجۇدۇمدا ھەقىقىي ئۇيغۇرغا خاس تەۋەككۈلچىلىك ، مەردلىك، يىراقنى كۆرەرلىك، ھەمكارلىق روھى تولۇق بولسا ئىدى، جاھاندا مەندىن قاملاشقان، مەندىن نوچى ئادەم بولمايتتى.* b  k9 M+ E/ N- t6 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     مەن - كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلىپ تاللىغۇچى...
% z) H' l) B" S. O     مەن – زېھنىي كۈچ ئەڭ كۆپ كېتىدىغان، بېسىپ ئولتۇرۇپ ئىشلىمىسە ئاخىرى چىقمايدىغان بۇ ئېغىر، ئەمما تەسىرىنى مۆلچەرلەش تەس بولىدىغان IT ساھەسىگە ئۆزىنى ئاتىغۇچى!
/ f  L: c% y9 r: P3 K# ?, g4 N  m     مەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا كومپيۇتېر بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان. تۇنجى ئۇچرىشىشتىلا ئۇنىڭغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قاپتىكەن... (كۈلكە)
) z) ^8 b4 S, b5 ?3 a5 c# P/ r) Q8 y9 T     بۇ گېپىمنى ئاشىق بولۇپ باققان، ئىشق دەردىنى چۈشىنىپ باققان كىشىلەر تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.
/ `) f  C) ^& [+ I2 d& o0 X     شۇڭا 7 يىل بۇرۇن، تۇرمۇش كۆڭۈلسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئۇچتۇرپاندىن ئىچكىرىگە باش ئېلىپ چىقىپ كەتكەن چېغىمدا، كومپيۇتېرىمنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭغان ئىدىم.
; ^  D6 O4 z  Y2 |( \     ئىچكىرىگە چىقىپ، يەنە شۇ ئۆزۈم ئاشىق بولغان كەسىپتە «گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى» غا ئوقۇشقا كىردىم.
% U- Y/ m, M) a- v+ _4 v$ `: y! uئوقۇش جەريانىدا گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسىنىڭ بەزى تۈرلىرىگە قاتناشتىم. قاتناشقان بەزى تۈرلىرىم خەلقئارا دەرىجىلىك تۈرلەرمۇ بولدى.
6 r% A' m) G$ R% [2 ^1 c3 I# ]; {     شۇ يىللاردا مەن قاتناشقان «خەلقئارالىق ئىقتىسادنى كۆزىتىش ۋە پەرەز قىلىش سىستېمىسى» نامىدىكى بىر تۈر بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا «گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپتۇ. مەن 10 نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى ۋە مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.( _* P' l  w1 `# ]: [  I( N  Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     بۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپى. ئىش قاملاشمىسا بۇ يەردە ئىسراپ بولىدىغىنى پۇللا ئەمەس، پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان ماددىي بۇيۇم ئەمەس، بەلكى ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زېھىن ۋە ۋاقىت.
" e4 e( v* J# b! M     شۇنداق، كومپيۇتېر ئۇ بىر مەھسۇلاتتۇر. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھەر بولۇپ ئۇيۇشۇشىدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەمدىن شەرەپلىك ھەمدە قىممەتلىك ئەمەس. ھالبۇكى، ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشلەتمىگەنلىكتىن داتلىشىپ كەتكەن كىشىلەردىن كومپيۇتېر تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھەمدە ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. ئادەمنىڭ مەھسۇلاتلارنى ئىختىرا قىلىشتىكى تۈپ مەقسىتى – ھاياتىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. ھەرقانداق مەھسۇلات ۋە مېتود ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىز مانا مۇشۇ نۇقتىدا ئەگىپ كەتمىسەكلا، نېمە ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا يەنىمۇ موھتاج بولىدىغانلىقىمىزنى؛ بۇندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، سىستېمىلىشىش ۋە تورلىشىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجىمىز چۈشىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز!: P* p- a* c" u' w8 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     شۇنداق، بۇ كەسىپ جاپالىق، ئەمما بىز ئۈچۈن كۆڭۈللۈك كەسىپ. مەن بەزىلەردىن «بۇنداق جاپالىق ئىشلەشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالنى كۆپ ئاڭلايمەن. دېھقان دېھقانچىلىقتىن، ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ھەم زېرىكەلمەيدۇ. پىروگرامما تۈزۈشنىڭ ئۆزىلا «جاپالىق ئىشلەش» دېگەنگە تەڭداش گەپ. ئەڭ مۇھىمى مەن كومپيۇتېرغا، پىروگراممىغا ئاشىق. شۇنداق بولغانىكەن، مېنىڭمۇ زېرىكىشكە ئامالىم يوق. دېمىسىمۇ، ئاشىق مەشۇقىدىن زېرىككەن نەدە بار؟0 i' s! o( l4 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  P4 E- X3 ^: e# O7 T) I4 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     IT كەسپى ۋە جەمئىيەت ! F1 _- V" `$ \* G3 u3 I" qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     شۇ تاپتا بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا دۇنيادىن «كومپيۇتېر» ۋە «يانفون» غايىب بولسا، تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرەر؟!9 |  y9 Q# `; D6 j$ @8 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     راست گەپ قىلغاندا بۇ ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تۈگىتىش تەس. ئائىلىنى ئېلىپ ئېيتساق، تورلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر ۋە سۇ باشقۇرۇش مېخانىزمى تۈپەيلىدىن سۇ توختايدۇ، توك توختايدۇ. سۇ بولمىسا قانداق بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، يېگىلىمۇ-چىقارغىلىمۇ بولمايدۇ. يانفونىڭىز يوق، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشالمايسىز. بالىلىرىڭىز ئوينايدىغان ئويۇن يوق يىغىسىنى باشلايدۇ. جەمئىيەتنى ئېلىپ ئېيتساق، پۇل مۇئامىلە توختايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش توختايدۇ. داۋالاش سىستېمىسى توختايدۇ. كارخانىلار پالەچلىنىدۇ. بانكىلار تاقىلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارسا ئادەملەرنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ قاتتىق ئەسەبىيلىشىدۇ. جەمئىيەت مالىمانچىلىققا تولىدۇ... دۆلەتنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاۋۋال دۆلەت مۇداپىئە تورى پالەچلىنىدۇ. ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان قورال-ياراق باشقۇرۇش بوشلۇقى بولمايدۇ. سۈنئىي ھەمراھ پاچاقلىنىدۇ... قىسقىسى ئالەمنى ياۋايىلىق باسىدۇ...
0 F- ?* b3 ^7 d& ?; A     مانا بۇ - قىسقىغىنا نەچچە يىلدا كومپيۇتېرنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن ئالەمشۇمۇل تەسىرى.( f& j6 ?. f: H  x! C4 ]+ \/ Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     بىراق، كۆپىنچىمىز بۇ خىل تەسىرنى بەكمۇ يۈزەكى چۈشىنىۋالىمىز.
: T2 Y  V6 v: a1 N     مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇچتۇرپان چەت، خىلۋەت، ئادەملىرى تولىمۇ ساددا بىر يۇرت. مەن تاكى 18 يېشىمغىچە كومپيۇتېرنى پەقەت كىنولاردىلا كۆرۈپ باققان. شۇ چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىدە IT كەسپى، جۈملىدىن كومپيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان. ئوقۇتقۇچى بولۇشنى، بولغاندىمۇ «پەنلەرنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى ئويلايتتىم.
) w% R2 V: C5 K" ?0 n     تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كومپيۇتېردا ئوقۇپ، كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلىپ تاللاپ قالدىم. ئەگەر كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلمىغان بولسام، بۇ ئۈسكۈنە بىلەن تېخىمۇ كېيىن تونۇشۇشۇم مۇمكىن ئىدى.
" ^8 C5 i  A* d# p     لېكىن، ھازىر ئۇنداق ئەمەس. نۇرغۇن ئۆيلەردە كومپيۇتېر بار، تور بار، يانفون بار. بالىلار كىچىكىدىنلا بۇ زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن تونۇشۇپ چوڭ بولىدۇ. مىسال ئالسام، مېنىڭ ئۆيۈمدە بىر دانە ئۈستەل كومپيۇتېرى، ئىككى دانە خاتىرە كومپيۇتېرى، ئۈچ دانە تاختا كومپيۇتېر، 4-5 دانە يانفون بار. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى خەلقئارا تورغا ئۇلانغان. مانا بۇ ھازىرقى رېئاللىق. مانا بۇ ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى، مانا بۇ ھازىرقى دۇنيانىڭ IT كەسپىگە قانچىلىك باغلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ يارقىن ئىپادىسى.
+ {$ A7 \5 t8 A0 l" a# r     بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر بىرەيلەن ئۆز كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، بولۇپمۇ كارخانىچىلار كارخانا باشقۇرۇش، مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى يادلىۋېلىش، قەغەزگە خاتىرىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ئەمدى كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى، IT كەسپىنىڭ ئۆز كەسپىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ زۆرۈر ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.
8 n7 H# J3 S# I( z4 x     2013-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نادىر ئېلانى دەپ قارىلىۋاتقان «ئەركەكلەرنىڭ كىملىكى-مىراس ئەرلەر كىيىملىرى» ناملىق ئېلان بۇنىڭغا مىسال بولسا كېرەك.% ^7 u4 p8 I# _. O( sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     شۇنداق، ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئەمدى IT كەسپىنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ، IT كەسپىگە تايانماي تۇرۇپ ئەڭ ئەقەللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. دىققەت قىلىڭلاركى، مەن تەرەققىي قىلالمايدۇ دېمىدىم، مەۋجۇت بولالمايدۇ دەۋاتىمەن. 18 يىللىق IT خادىمى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 11 يىللىق كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمەن.% h$ s8 n  m" v  dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

  D& A! v. a' l     IT كەسپى ۋە شىركىتىمىزنىڭ ئەمگەكلىرى, e! N5 r! S! l9 a  ~$ {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     مەن 2008-يىلى يىل بېشىدا ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ تاكى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىغا قەدەر شىنجاڭنىڭ IT كەسپىنى ناھايىتى تەپسىلىي كۆزەتتىم. نۇرغۇن بوشلۇقنى، پۇرسەتنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە كەسىپدىشىم بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۈگۈنكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ ئۇلى بولغان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىنى قۇردۇم.3 m+ }' K) J* y" bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     گۇرۇپپا بولۇپ تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، گۇرۇپپىغا باش بولۇپ، بىر نەچچە تور بېكەت سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتالنى ئىشلەش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، ئىلگىرى ئىشلىگەن يۈرۈشلۈك كومپيۇتېر ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇنتىزىم تور بېكەت قۇرۇپ، ئاۋامغا كومپيۇتېر، تور بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى تېخىمۇ مۇنتىزىم قىلدىم.
0 U- o! i7 [5 {: V2 i; L     2011-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «پەن ۋە مائارىپ» پىروگراممىسى گۇرۇپپىمىزنى زىيارەت قىلدى.+ M* L5 W* U, V: k; P; L2 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     2011-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارا نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر كومپيۇتېر بىلىملىرى ژۇرنىلى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۇق.: t2 y7 }6 Q% Y5 \: fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىمىز قىلغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئاۋامنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
0 ?8 b/ S# [" I" ?/ _8 [3 r5 E     شۇنداق، بىز 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى نامىدا شىنجاڭنىڭ تور، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدۇق., E( k( D; H7 {+ A6 K8 c$ j" r5 T; o  B  Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگىچە نۇرغۇن يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنى قىلدۇق. ھۆكۈمەت ئىدارە-ئورۇنلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ بەزى تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا كەسپىي سەۋىيەمىز، تېخنىكا ئىقتىدارىمىز جەھەتتە قەتئىي مەسىلە بولمىسىمۇ، بۇ تۈرلەرگە قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالدۇق. چۈنكى، بىز تېخى يەككە سالاھىيەتتە ئىدۇق. ئاخىرى سالاھىيىتىمىزنى تېخىمۇ مۇنتىزىملاشتۇرۇش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە ھەقىقىي بىر قانۇنىي ئىگە سۈپىتىدە كىرىش مەقسىتىدە 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى «ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نى ئەنگە ئالدۇردۇق.( G# D4 i$ z& n1 L+ e  `" _# p% iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     شىركىتىمىز «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇپ، ئىككى يېرىم يىل بولغاندا - 2013-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە مەن دۆلەت ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارا نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر كومپيۇتېر ژۇرنىلى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكى ۋە مەسئۇل كوررېكتورلۇقىغا تەكلىپ قىلىندىم.1 c; y9 x$ {. [) R2 J! c. r+ y) L' ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     ژۇرنال نەشر قىلىنغان دەسلەپكى يىللىرى مەن بۇ ژۇرنالغا بىر نەچچە ماقالە ئەۋەتكەن ئىدىم. بىر نەچچە سان ژۇرنالنى تەكرار تەكشۈردۈم، لېكىن ماقالەم بېسىلمىدى. ئۇ ۋاقىتتىكى «ژۇرنالغا ماقالەم بېسىلسىكەن» دېگەن ئىنتىزارلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلىمەك تەس.
5 A( E5 K9 r2 B, h) b9 l' D     بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ ژۇرنال مېنىڭ قولۇمدىن چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ، ئادەم نېمىنى ئارزۇ قىلسا ۋە شۇ يولدا ساپ نىيىتى بىلەن ھەرىكەت قىلسا، ئاللاھنىڭ شۇنى ھەسسىلەپ بېرىدىغانلىقىغا ھەقىقىي چىن پۈتىمەن.5 S7 M' \  e# R, r- Z& f+ a& L- z5 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ شىركىتىمىز رايونىمىزدىكى مۇنتىزىم پىروگرامما ئېچىش شىركەتلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلاندى. بۇ جەرياندا دوختۇرخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى، ماتورلۇق ئۈسكۈنىلەر سېتىش زەنجىرسىمان دۇكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئاھالىلەر كومىتېتى نوپۇس باشقۇرۇش سىستېمىسى، چىش كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ، خېرىدارلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى، تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسى «ئىگىلىك سەھنىسى» پىروگراممىسى، ئەنخۇي خۇەينەن خەتتاتلار ۋە رەسساملار ئاكادېمىيەسى، بىلكان ئېلېكتىرون شىركىتى، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى، گۇاڭجۇ تۈركان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى يارقۇت مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى ئۇيغار خەلقئارا سودا ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئىدارە-ئورۇن ۋە شىركەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىنى خەلقئارا ئۆلچەمگە بويسۇنغان ھالدا ۋاقىت ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا پۈتتۈردى. يۈرۈشلۈك كومپيۇتېر ئۆگىتىش يۇمشاق دېتاللىرىنى بازارغا سېلىپ، ئاۋامنىڭ ئوقۇتقۇچىسىز كومپيۇتېر ئۆگىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
# N3 n# L/ {5 b3 O' S  @     شۇنداق، شىركىتىمىز بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرىنى ۋە ئەپلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يىل بېشىدا بەزى تۈرلەرنى پىلانغا ئالدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى تۈرلەر ئاللىقاچان باشلىنىپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن خىزمەت مىقدارىمىز، ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىمىز تېخىمۇ ئاشتى. لېكىن ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئاستا بولدى.
" c* c$ a& `7 C# T3 F     شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېلېۋىزىيە، رادىيو، ژۇرنال، تور قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىپ، بەزى خادىملارنى قوبۇل قىلىپ كەلدۇق ۋە كېلىۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ يېتەرلىك بولمىدى.
" N  t6 C8 }5 y     شۇڭا بۈگۈنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئەتىسى خىزمەتكە كىرىشەلەيدىغان ئىختىساسلىق خادىملارنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، خادىملارنى ئۆزىمىز تەربىيەلەش چىقىشنى قارار قىلىپ، ھەمكارداش شىركەتلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن بىر نەچچە سىنىپنى پىلانغا ئالدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە «Windows يۇمشاق دېتاللىرى پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى» 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوقۇش باشلىدى. تۆۋەندە ئولتۇرغانلار ئىچىدە بۇ سىنىپتا ئوقۇۋاتقانلارمۇ بار. ئاللاھ خالىسا android ئەپ پىروگراممېرلىرى سىنىپى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، iOS ئەپ پىروگراممېرلىرى سىنىپى كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا دەرس باشلايدۇ.
7 S+ w; m' L  ]& u. d# d0 N- q/ t* X( N  w8 u" U! eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق روھى. U- f" A$ N4 Q2 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     ئارىمىزدىكى زور كۆپچىلىكىمىز «ئىستىقبال سەھنىسى»نى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۆتكەنكى مەلۇم بىر ساندا، ئاقسۇدىن كەلگەن كارتون لايىھەلەيدىغان بىر قېرىندىشىمىز نورمال بىر كارتون فىلىم ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغان يەنە بىرقانچە ئادەم بولسا، ئاز بولغاندا بىر يىلدىلا پۈتتۈرۈپ چىقالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يۈزمىڭ يۈەن چىقىم سەرپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئەگەر ئۇ بالا ئۆزى يالغۇز ئىشلىسىچۇ؟ ئۇ چاغدا 3-4 يىل ۋاقىت سەرپ بولۇشى مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا، پىروگرامما يېزىش، تور قۇرۇلۇشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سىستېما ئەلالاشتۇرۇش، ئەپ ئېچىش، پىروگرامما ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، كارخانىلارنىڭ تور قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشكەن يۇمشاق دېتال بازىرىنى ئېچىش ۋە كېڭەيتىش... قاتارلىق IT ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرمۇ ئەلۋەتتە ئوخشاش! بىرلا ئادەم بىر تۈرنى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلىسە، ئۇ تۈر مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتكۈچە، ئۇ تۈرنىڭ بازار قىممىتى ئاللىقاچان نۆلگە ئايلىنىدۇ.
" J5 o3 E( q1 \/ p2 S. J- G     مېنىڭ كۆزىتىشىم بويىچە گەپنى يالىڭاچلا ئېيتساق، ئۇيغۇر كومپيۇتېر شىركەتلىرىدە ئورتاق ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى مەبلەغ كەم بولۇش مەسىلىسىدۇر. لېكىن، ھەرگىز تېخنىكا مەسىلىسى ئەمەس. مەبلەغ قىيىنچىلىقى تەبىئىي ھالدا چوڭ تۈرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.+ {( [/ t3 j( ?' v) Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     «ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق» دېگەندەك، تېخنىكىسى بار كىشىلەردە مەبلەغ يوق، مەبلىغى بار كىشىلەر تېخنىكىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى بەك خالاپ كەتمەيدۇ. بىزدە كومپيۇتېر شىركەتلىرىنى قۇرغۇچىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان كىشىلەردۇر. بۇ شىركەت ئىگىلىرى تاپقان-تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يۇقىرىلاپ ئوقۇشقا، كومپيۇتېر شىركىتى قۇرۇشقا سەرپ قىلىۋېتىدۇ. شىركەت قۇرۇلغاندا بۇلارنىڭ قولىدا كۆپ مەبلەغ قالمايدۇ. كومپيۇتېر كەسپىي خەلقئارالىق كەسىپ بولغاچقا، بۇ كەسىپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان پىروگراممېرلار شىركەتلىرىمىزدىن ئەڭ بولمىغاندا خەلقئارادىكى پىروگراممېرلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىدىكى كىرىمگە ئېرىشەلمىسە، بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە تۇتۇپ تۇرالمايمىز. شۇڭلاشقىمۇ خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر پىروگراممېرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. 5 h3 \) O- R/ w  L; i' A6 p! [  ~* Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر كومپيۇتېر شىركەتلىرى مەبلەغدىن قىسىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىروگراممېرلار يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ زەنجىرسىمان قىسىلىشلار بايا دەپ ئۆتكەندەك، تەبىئىي ھالدا چوڭ تۈرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.+ S- E5 t7 A# b1 P9 I3 T% w4 y5 n5 |, pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     ئەگەر يېتەرلىك مەبلەغ بولسا، ياكى باشقىلارنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلغىلى بولسا ئىدى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن، ھەتتا چەتئەللەردىن پىروگراممېر تەكلىپ قىلساق، چوڭ تۈرلەر بىزنىڭ قولىمىزدىن چىقسا، بىزگىمۇ يارىشاتتى، ئەلۋەتتە. بادام دوپپا، چىمەن دوپپا ياراشقان باشقا نېمە ياراشمايدۇ دەيسىلەر!
5 D2 L* V: s3 K2 u' }     شىركىتىمىز قۇرۇلغان 2011-يىلىدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭدىكى كومپيۇتېر شىركەتلىرى ئارىسىدىكى رىقابەت ئۇنچە بەك كەسكىن بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىقمۇ كۆرۈنەرلىك بولمىدى. IT كارخانىلىرى ئارا ھەمكارلىق جايىدا بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، باشقا كەسىپتىكى كارخانىلار بىلەن IT كارخانىلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقمۇ دېگەندەك بولمىدى.
; K7 J- U3 c; p0 |: q     مەن بۇ يەردە، ئابىدە بىيو–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككى ئاي بۇرۇن باغداش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تور-ئالاقە كەسپىگە مەبلەغ سالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەت، سىلەرنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىڭلارغا!' [! n* F& ^; [- Y7 s+ A* p* Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     كونىلار شۇڭا «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس» دەيدۇ. بىر ئادەم ئۆزى يالغۇزمۇ پىروگراممىر بولالىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىروگراممېرلىقى ئۆزى بىلەنلا كېتىدۇ، ئۇزۇنغا پايلىمايدۇ. ئۇ ئاز-تولا پۇل تاپالىشى مۇمكىن. ئەمما، ھازىرقى دەۋردە ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدە بازار ئاچالىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس. قىممەت يارىتالمىغان پىروگرامما ماڭا نىسبەتەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. مەن بۇ يەردە پەقەت ئىقتىسادىي قىممەتنىلا كۆزدە تۇتمىدىم، ئەلۋەتتە.( ?! j* C( q' w1 C, iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     چەتئەلدىكى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى IT كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا ياكى باشقا كەسىپتىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى تور، تېلېۋىزور، رادىيو، گېزىتلەردىن كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. بەزى شىركەتلەرنىڭ باشقا شىركەتلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى، قوشۇۋالغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، كۆنگەن مەپكۇرىمىز بويىچە تازا قوبۇل قىلالمايمۇ قالىمىز.
' _$ Y3 q2 }* P7 l% H8 p& o     بىلسەم، بۇ خىل سېتىۋېلىش، قوشۇۋېلىشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل ھەمكارلىقكەن ئەسلى.  X1 |. f' T# `% o, i* a: W/ Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     بۇ خىل شىركەتلەرنىڭ نىشان لايىھەسى، بازار بوشلۇقىنى توغرا پەرەز قىلىش نىسبىتى، ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى سەۋەبىدىن ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەۋھۇم ئېھتىياجغا بولغان مۇنتىزىم تەتقىقاتى چوقۇم توغرا يۆنىلىشتە ماڭغاندىن سىرت ، خادىملار ھەمكارلىق ۋە ئېتىراپ قىلىش، بويسۇنۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىشنىڭ نېمىلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئىكەن. قىسقىسى، ئۇلاردا «كارخانا مەدەنىيىتى» دېگەن ئۇقۇم ئاساسەن جەمئىيەتلىشىپتۇ.# C6 r7 h* ]7 M8 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     لېكىن، دىيارىمىزدىكى IT كارخانىلىرى، جۈملىدىن شىركىتىمىز ئۇنداق قىلالمىدۇق. بۇنىڭغا ئۇنداق ياكى مۇنداق باھانىلەرنى كۆرسىتىشىمىز بىھۇدە. دېمىسىمۇ بىراۋدىن ئاغرىنىدىغان، قاقشايدىغان جاھان ئەمەسقۇ بۇ!؟
0 W& A2 [; A, J( R* c     بىز سىلەر بىلەن ھامان ھەمكارلىشالايدىغانلىقىمىزغا، خۇددى مەن ماۋۇ كاستومنى قاتۇرۇپ كىيگەندەك، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان مەشغۇلات سىستېمىسى، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان تاختا كومپيۇتېر، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان يانفوننىڭ ھامان ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىغا، شۇ مەھسۇلاتلارنى ھەممىمىزنىڭ تاراقشىتىپ تۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. بىز بۇ مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا ئاللاھ خالىسا ئاداققىچە، تاكى قارا تۇپراققا كىرىپ كەتكۈچە ماڭىمىز.
! h- Q, u# N& s; L3 F/ e     سىلەر بىز IT كارخانىلىرىنى يارىماس دېسەڭلارمۇ مەيلى. چوڭ ئىش قىلالمايدۇ دېسەڭلارمۇ مەيلى، ئاغرىنىشىمىز يوق. لېكىن، قولىمىزدىن ئىش كېلىدىغانلىقىغا ھامان ئىشىنىسىلەر. % [$ _5 }! d& x. |6 ]* r) r+ wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     شۇنداق، سىلەر بىز IT كارخانىلىرىنى ھەرنېمە دەپ تىللىساڭلار بولۇۋېرىدۇ. بىز IT  كارخانىلىرى سىلەرگە قوشۇلۇپ ئۆزىمىزنى تىللىغاچ، IT كارخانىلىرى ئارا ھەمكارلىققا ۋە باشقا كەسىپتىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىققا دوستانە قولىمىزنى سۇنىمىز.
1 J( ~# u1 ]# u* T* w9 W6 @     قولىمىزنى سىلكىۋېتەمسىلەر ياكى چىڭڭىدە سىقامسىلەر، بۇ تاللاش سىلەرگە قالدى.
, A7 @3 M' H9 w( z+ o! g7 \

. Y0 h! i$ _$ E/ X7 A0 {+ M$ A8 b$ N' H     مەنبە: http://bbs.xjcfan.com/thread-3978-1-1.html
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-4 19:51:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ..!
ۋاقتى: 2014-5-4 21:05:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پۈتۈنلەي ئۇقۇپ چىقتىم، ئۇيغۇر كارخانىچىللىرىمىزنىمۇ قوللاپ قۇيايلى!!!!!!!!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DiLL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-4 21:58  
7 U1 v9 A$ x  u; r6 e0 C( W4 @8 n7 m! Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن ئۇرۇمچىدە بولمىغاچ بۇ قىتىمقى لىكسىيەگە قاتنىشالمىغان بولساممۇ لىكىن  بۇ يەردىن كۆرۇپ بەك خوش بولدۇم ،ئويغۇر كومپىيۇتىرچىلىقى ھەققەتەن قوللاشقا ھەم ھەمكارلىققا  مۇھتاج ، بۇنۇڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2014-5-4 22:34:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغۇر كومپىيۇتىرچىلىقى ھەققەتەن قوللاشقا ھەم ھەمكارلىققا  مۇھتاج ، بۇنۇڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-5 01:16:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەرلەرگە رەھمەت!
ۋاقتى: 2014-5-5 22:10:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رەخمەت سىزگە ئەمەتجان ئاكا ------ ئۇ  كۈندىكى لېكسيە راستىنلا بەك ياخشى بولدى › › › ›ئەمەتجان ئاكا بىلەن قول ئىلشپىمۇ كۆرۈشتۇق بىراق ۋاقت زىچ  بولغاچقا پىكرلىشكە ئىمكان بولمىدى ..........بۇنڭدىن كېيىن  مۇشۇنداق لېكسيەلەر  يەنە كۆپىرەك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسا دەيمەن ! !!!  

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 06:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش