روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1233|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مىيىپلار ئۈچۈن كىچچىككىنە سوۋغا، مىيىپلىق ھايات كارتىنىسى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىز قىسقىغىنە ھاياتىمىزدا كىچچىككىنە بولسىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆز- ئارا مەنپەئەتلىنىدىغان، بەھرىلىنىدىغان، كۆڭۈل كۆكسىمىزنى يايدىغان سورۇن بولىشى ئۈچۈن، كەمىنە كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە، قولتۇق ھاسامغا تايىنىپ، ئىگەم بەرگەن ئەقىل ۋە ئىرادە بىلەن بۇ «سەئىدىيە تور تاللا بازىرى» سۇپىسىنى قىرىنداشلىرىمغا، تەقدىرداشلىرىمغا، ھەممىمىزگە سۇندۇم.
$ Y# R) ^. _; t/ O! {/ rمەقسەت شۇكى، ئاشۇ قىسقىغىنە ئاددىي ھاياتىمدا، سىزلەر ۋە ماڭا ئوخشاش جىسمى مىيىپ، ئەمما روھىيىتى مىيىپ ئەمەس، ئىرادىلىك ۋە ئىشەنچكە تولغان ئاشۇ مىيىپ دوستلار ۋە ئىرادىلىكلەر ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە خالىسانە ياردەم قىلىپ ۋە توغرا يولدىن نىشانە بىرىپ، بۇنىڭدىن كىچىككىنە بىر مەنپەئەت ۋە ئۈنۈم، شۇنداقلا ھايات يولىدا ئاز- تولا قەدەم ئالالىسا ، بۇ مەن ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق. 1 Z! c6 y# |8 r. t' V2 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چۈنكى، كىسەلنىڭ دەردىنى ساق، بىلمىگەندەك، بىز مىيىپلارنىڭ دەرد- ئەھۋالىنى سىلەر ساقلار تولۇك چۈشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن؟ چۈنكى سىلەرنىڭ بەش ئەزايىڭلار ساق، ماڭالايسىلەر، تۇرالايسىلەر، يۈگىرەلەيسىلەر، ئاددىيسى ئۆزۈڭلارنىڭ ھاجىتىدىن، ئۆزۈڭلار چىقالايسىلەر، ئەمما بىز بولسا ئۇنداق ئەمەس. * k  I4 [! c+ A! e9 \# z7 P# f3 p3 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەلكىم بۇنى چۈشەنسەڭلارمۇ، ئەمما بىزدىكى دىيەلمەيدىغان ۋە بۇ رىئاللىققا ئامالسىز بولغان ئىچكى روھى دۇنيارىمىزنى ھەقىقى ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، چۈنكى سىز بىزگە ئوخشاش تۈز يولدا، بىنا مەكتەپتە، پەشتاقلىق ياتاقتا كىتىۋىتىپ ياكى چۈشىۋىتىپ ياكى مىڭىۋىتىپ  يىقىلىپ چۈشۈپ، ئاممىنىڭ ئالدىدا قانچىلىك خىجىل بولغانلىقىمىزنى، ۋە ياكى بۇ گۈزەل، مىھرى ئىللىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى، كۆپكۈك ئاسماننى، گۈزەل باغۇ- بوستاننىڭ رەڭگارەڭ سىماسىنى ئۆمۈرۋايەت كۆرەلمەيدىغانلىقىمىزنى، شۇنداقلا قۇشلارنىڭ يىقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدىغانلىقىمىزنى، ھەتتاكى سىرتقا چىقىپ تىجارەت قىلىش، ياكى پۇل تىپىپ ئاشۇ باققان مىھرىبانلار قاراش ئەمەس، بەلكى ئاشۇلارغا يۈك بولۇپ، قانچىلىغان جاپا- مۇشەققەتلەرگە شاھىت بولۇپ تۇرساقمۇ، ئارمانغا تۇشلۇق دەرماننىڭ يوقلىقىدىن، ئىچىمىزدىكى دەرت- ئەلەمنىڭ كۆپلىكىدىن، ھەتتاكى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىزنى مەڭگۈ ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
- W2 ]9 ?& |5 P. D+ ^' ?- }  dبۇلارنىڭ  مانا بىز مىيىپلار مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچ كىلىمىز. جۈملىدىن، مەنمۇ بىشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان، تالاي قىتىملاپ تەقدىردىن ئاغرىنغان، چۈشكۈنلەشكەن. ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك خىزمەت، تىجارەت ۋە تۇرمۇش دىگەنلەرنى ئويلاش ۋە ئۇنىڭغا ئىرىششىنى ئويلاشقا جۈرئىتىممۇ يوق ئىدى. چۈنكى مەن بىر پۈتى ئاجىز مىيىپ ئىدىم. ئىسىمدە قىلىشىچە، مەن مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچىلىك، جەمىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغاندىن تارتىپ، ئىمتىھان بىرىپ خىزمەتكە ئىرىشكىچە بولغانغىچە قانچىلىغان كەمسىتىش ۋە ياراتماسلىق، يەكلەش، چەتكە قىقىش، ھەرخىل تىل- ئاھانەتكە قىلىشلارغا دۇچ كەلدىم. شۇ چاغلاردىكى ئىچكى ھىسىياتىمىدا بولسا ئەڭ ئاۋۋال كۈڭلۈمگە كەلگىنى روھى چۈشكۈنلۈك، جەمىيەتتىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى، ئادەملەرگە ئارلاشماسلىق قاتارلىق بىر قاتار روھى ئازابلار بولغان. ئەمما ياراتقۇچىنىڭ بەرگەن روھى قۇۋۋىتى ۋە جىسمانىي ۋە روھى ئازاپلارغا تەن بەرمەي، ئۆزەمنىڭ ئاشۇ ئاجىز مىيىپ جىسمى ئىچىدىكى كۈۋەجەۋاتقان ۋە كۆيىۋاتقان ئالغا ئىنتىلىش ۋە ئىشەنىچ- غەيرەم- چىدام، جاسارەت ئىرادىنىڭ كۈچى بىلەن مانا ھازىر ھەر ھالدا خاتىرجەم، ئۆزۈمنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈمنى ۋە ئائىلەمنى قامدىيالىغۇدەك دەرىجىدە كىچچىكىنە بىر روھى تەسەللىغا ئىرىشتىم.
# n$ ?: ~2 {. t, B9 d, I# ^$ i* iئەمما شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل بەل قويۋەتمىدىم، ۋە قويۋەتمەيمەن. بەلكى شۇ ھاياتىمنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىن بولغان مەكتەپ ھاياتىمىدا تىخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ مەكتەپ ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشتىم. جەمىيەتكە چىققاندىن كىيىن بولسا ئىش تاپالماسلىق، ئىمتىھان بىرىشكە مىيىپلىق سەۋەبى سالاھىيىتى توشماسلىق دىگەندەك روھى زەربىگە دۇچ كەلدىم. ئۇ چاغدا مىيىپلار قانۇنى ۋە ئىتىبار سىياستلىرى ئارقىلىق ھۆكىمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنى ئىزدىدىم. ئەمما ئامال بولمىدى. كىيىن بارا- بارا ئۆزۈمنى تىخىمۇ ھۈنەر- كەسىپ ۋە تىخنىكا- بىلىم ئىگەللەپ كۈچلەندۈرۈپ، ئۆز تۇرمۇش يولۇمنى تىپىشىم كىرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم ۋە تىخىمۇ تىرىشىپ كومپىيۇتىر ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تىخنىكا بىلىم ئىگەللىدىم. 0 p; J7 ]1 V/ t* _4 \( C* Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاخىرىدا داۋاملىق تىرىشى ۋە ئۈزلۈكسىز نەتىجىسدە مانا ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلدىم. بۇ تىخى ئازلىق قىلىدۇ. مەن يەنە تىخىمۇ تىرىشىپ، ئۆزۈمنى تىخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆزۈملا ئەمەس ماڭا ئوخشاش تەقدىرداشلىرىمغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش ئىستىكىدە مانا بۇ «سەئىدىيە تور تاللا بازىرى» سۈپىسىنى قۇرۇپ، تور بەتلەرنى ئىشلەپ، مەخسۇس كىيۇ كىيۇ توپى ۋە ئۇندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئارزۇ ئۇلۇغ، ئەمما جەريان جاپالىق ۋە مۇشكۈل. بۇ ئىشتا مەن يالغۇز كىلىمەن. ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە، شۇڭا جەمىيەتتىكى ھەرساھە، ھەر كەسىپتىكى قىرىداشلىرىمىز بولسۇن ۋە ياكى ماڭا ئوخشاش مىيىپ تەقدىرداشلىرىمىز بولسۇن، ھەممىمىز ئۆزىمىنىڭ قولىمىزدىكى كىلىشىچە ياردىمىمزىنى ئايىمىساق، ئىناق- ئىتتىپاق، مىھرى- مۇھەببەتلىك جەمىيەت بەرپا قىلىپ، دۇنيارىمىزنى گۈزەل، مىھرى مۇھەببەتكە تولغان گۈزەل دۇنيا قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشساق دىگەن ئۈمىدتە ئۆزۈمنىڭ ئاددىيىلىكىم بولغان بۇ خەيرىلىك ئىشمىنى باشلىدىم ۋە سىلەرگە سۇندۇم.
  \" f! S3 i1 T7 C4 ^چۈنكى ئادەم ھىساب كىتاب بىلەن بەرگەن چەكلىك ھاياتىنى، يەپ- ئىچىش، ئويناپ- كۈلۈش ۋە شۇنداقلا ئۆزى ئۈچۈنلا ئۆتكۈزىۋەتمەسلىكى لازىم. بۇ يەردە شۇنى قىستۇرغۇم كىلىۋاتىدۇ. «پولات قانداق تاۋلاندى» سىنارىيىسى مۇقەددىمىسىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار- :« ئادەم ھاياتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆكۈنمەيدىغان بولسۇن، ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈش كىرەككى، ئىنسانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان، ھاياتىمنى ئىنسانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن بىغىشلىيالىدىم دىيەلەيدىغان بولسۇن». بۇ گەرچە ئاددىي ئىيتىلغان ۋە شۇ ۋاقتتىكى ئەھۋالغا ئىيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن ئويلىنىپ، ئۆزىگە تەدبىقلاپ بىقىشى كىرەك بولغان مۇھىم سۆز.; e6 O5 E4 d8 a" p: n3 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خوش ئۇنداقتا سىزچۇ، سىلەرچۇ، قانداق مەقسەتتە بىز نىمە ئۈچۈن بۇ دۇنياغا نىمە مەقسەت بىلەن كەلدۈق؟ قايداق ياشايمىز؟ قانداق ياشاۋاتىسىلەر؟يەپ- ئىچىپ خالاغا چىقىرىپلىمۇ؟ بۇنداق بولسا ھايۋان بىلەن پەرقىمىز يوق بوپ قالىدۇ.  ياكى ئۆز ئىشىمىز بىلەنلا بولۇپ، خەققە يامانلىق قىلماي، توغرا ياشىدىم دىيەلەمسىز؟ بۇنىڭدا ھاياتىڭىز بەك ئاددى بوپ قالامدىمۇ قانداق؟ ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ « ئادەم- ئاددى ئادەم بولۇشقا بولىدۇ. ئەمما ئادەتتىكى ئادەم بولۇشقا بولمايدۇ» بىر جۈملە ھىكمەتلىك سۆزى ھىلىمۇ يادىمدا.
0 b" A. C* h( Z0 t' Yبۇنى قانداق چۈشەنسەك بولار، سىزچە؟ خوش، ئادەم دۇنيا كەلگەندىن بىرى، بىرى ساق، بىرى ماڭا ئوخشاش مىيىپ، يەنە بىرى باي، بىرى كەمبەغەل قىلىپ ئۆز رىسقى بىلەن يارالغان. ھەم ئۆز رىسقىغا تۇشلۇق ياشاۋاتىدۇ. مىنىڭچە ھىچكىم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشدىن قىچىپ قۇتىلالىغان ئەمەس، ھەم مۇمكىنمۇ ئەمەس، بۇنى چۇڭقۇر چۈشىنىدىغانلار ئۈچۈن بىر ئىلاھىي ھىكمەت بار.
( R3 _, y. ]- `) q0 |; ], Kئۇنداقتا ئادەتتىكى ۋە ئاددىيلىق توغىرىسىدا مىيىپلارنى مىسال ئالساق، بىز مىيىپلار: مەن مىيىپ، ھىچ ئىش قىلالمايمەن، ماڭالمايمەن، كۆرۈلمەيمەن، ئاڭلىيالمەيمەن، دەپ ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، چۈشكۈنسىز ۋە مەنىسىز ئۆتۈشى كىرەكمۇ؟ ئاشۇ دەرد- جاپايىڭىزنى بولىشچە تارتقان ئاتا- ئانىڭىز سىزگە مەڭگۈ باقىۋەندە بولارمۇ؟
: ]" C$ p) w  J( S7 @) @/ ]يەنە مىسال: ئەگەر سىز بىر پۇلى بار، ھىچنىمىدىن غىمى يوق باي بولسىڭىز، سىزنىڭچە قىلغان ئاز- تولا ياخشىلىقىڭىز ۋە ياردىمىڭىز، خەيىر- ئىھسانىڭىز سىزنىڭ ئاشۇ باياشاتلىق تۇرمۇشىڭىزدىكى خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىك ئاساسىڭىز، سىزنى بىر پۈتۈنلۈككە ۋە ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىككە ئىگە قىلالىدىمۇ؟ مىنىڭچە ناتايىن، سىز بەلكىم تىخىمۇ كۆپ ۋە تىخىمۇ چوڭ بايلىق ۋە ئىمتىياز ئۈچۈن، تىخىمۇ چوڭ غەملەرنى ئۈستىىڭىزگە ئىلىۋالغان بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ جەھەتتە پۇلى بولمىسىمۇ، تىنىچ- خاتىرجەم ياشاۋاتقان ئاددى ئادەملەر سىزدىن كۆپ بەخىتلىك بولىشى مۇمكىن.
) O' _$ ?1 `; C! ^خوش ئۇنداقتا، يۇقاردىكىلەر ۋە مەن، سىز شۇنداقلا باشقىلار ھازىرقى ھالەتلىرىمىزگە بۇ «ئاددىي» ۋە« ئاددەتتىكى» دىگەن بۇ ئاددىي ئەمما مەنىسى چۇڭقۇر بولغان ئىككى ئىغىز سۆزگە سىلىشتۇرۇپ يىغىنچاقلاپ باقساق، ئۇنداقتا سىز «ئاددىي» ئىنسانلار توپىغا تەۋە بولامدىكەنسىز ياكى ئاشۇ «ئاددەتتىكى» ئادەملەر توپىغىمۇ؟ مىنىڭچە بۇ مەسىلنى ھەممەيلەن چۇڭقۇر ئۇيلىنىپ، ئۆز- ئۆزىگە تەدبىقلاپ بىقىشى كىرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ھاياتىمىز بىز ئۈچۈن شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆتكەن، مەنىسىز ۋە مەنتىقىسىز بىر پۈچەك ھايات بولىشى مۇمكىن.
# g+ a6 |/ h6 B5 V$ v. O! z9 N  sدىمەك، بىز مىيىپلار گەرچە مىيىپ بولساقمۇ، ھىكمەت شۇكى ياراتقان ئىگە بىز ئاجىز مىيىپلار ئارقىلىق ئاشۇ بىجىرىم ساقلارغا ئىبرەت ئىلىشتىن ئىبارەت ھىكمەتنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى تىخىمۇ كۆپ ياخشى ئىش قىلىشقا، تىخىمۇ بەك شۈكرى قىلىشتىن ئىبارەت ئىلاھىي ھىكمەتنى بىلدۈرگەن. 4 T0 z1 L8 u& R1 x8 E( z* Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇڭا بىز مىيىپلار ئۆز ئۆزىمىزدىكى جىسمانىي كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىزلىقنى بانا قىلىپ، ئاتا- ئانىمىزغا، دوسىت- قىرىنداشلىرىمىزغا ۋە جەمىيەتكە يۈك بولماسلىقىمىز، ئۆز- ئۆزىمىزگە ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ ۋە زور جاسارەت، قەتئىي چىدام- غەيرەت بىلەن ئۆزىمىزگە تايىنىپ شارائىت يارىتىپ،  كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك كەمتۈك ھاياتىمىزدا مۇكەممەل بولغان ھايات كارتىنىسى قالدۇرساق، مىنىڭچە بۇ ئاددى ۋە مەنىلىك ھايات ئۆتكەن ھايات! باشقىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك، ھاياتنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ۋە چىن مەنىسى بىلگەن ھايات!
! d% q" t/ O/ V/ c2 P4 H. j- tباي- باياشات ۋە خاتىرجەم بولغان بايلار بولسا، ئۆزىگە بىرىلگەن ئاشۇ نىئمەتنى شۈكۈرچانلىق بىلەن دەل- جايىدا، ئۇرۇنلۇق ئىشلارغا سەرىپ قىلالسا، پەرزەنىتلىرىنى ياخشى تەربىيلەپ، تىخىمۇ ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقالىسا، مىللەت ۋە جەمىيەت ئۈچۈن تىخىمۇ چوڭ ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىپ بىرەلىسە مانا بۇ ھاياتنى شۇ نىئمەت بىرىلگەن بايلار قاتارىدا ئاددىي ۋە مەنىلىك ھايات دىيىش مۇمكىن!
" x9 v" l  W' s. B9 |  qمەسىلەن سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز، بارلىقىڭىزنى مائارىپ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىغىشلىيالىسىڭىز، ئەمەلدار بولسىڭىز، ئادىل ۋە توغرا بولغان ھوقۇق يۈرگۈزەلىسىڭىز، تىجارەتچى بولسىڭىز، ھالالدىن كەسىپ قىلىپ پۇل تىپىپ، يىتىم- يىسىر،مىيىپ ئاجىزلارغا ياردەم قىلالىسىڭىز ۋە ياكى ئاددى بىر ئادەم بولسىڭىز باشقىلارغا يامانلىق قىلماي ۋە دىلىنى رەنجىتمەي، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ، تەبەسسۇم بىلەن قارىيالىسىڭىز، مانا بۇ قىممەتلىك مەنلىك ئۆتكەن ھايات بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتى مۇشۇنداق چىن مەناسى بىلەن گۈزەلدۇر!) V. Z7 I0 S1 z8 G0 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمدى باشقىلارچۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىنى بىرمۇ- بىر دىيىش ئارتۇقچە. سىز مەيلى ئوقۇتقۇچى، سودىگەر، ئەمەلدار ۋە ياكى پۇل يوق گاداي، كەمبەغەل، ئىش ئورنى يوق ئادەم بولۇڭ، ھەممىمىزگە بۇ ئۇقۇمنى تەدبىقلىساقلا، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن بۇ ئاددى ۋە ئادەتتىكى دىگەن ئۇقۇم ئۆز مەناسىنى تاپقان بولىدۇ./ `4 o# v$ l; @/ L- q6 e' M, Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دوستۇم، قىرىندىشىم! ھىلىقى ئىغىزىدا سۇ ئىلىپ ئوت ئۆچۈرگىلى ماڭغان كىچىك قۇشنىڭ ھىكايىسى ئىسىڭىزدە بولسا كىرەك. بۇ بىر قۇشنىڭ ئاددىي ھىكايىسى بولسىمۇ، بۇنىڭدا ئىنتايىن چۇڭقۇر ھىكمەت مەنا يۇشۇرنغان.
. T3 Y4 I, v* x% g, Nخۇش، ئۇنداقتا ئاشۇ كىچىككىنە قۇش جىنىدا قىلغان ئەمىلىي ھەركىىنى بىزلەرگە ئىبرەت ۋە ئويلىنىش بولسا، ئۇنداقتا بىز ھەممەيلەن ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر بىرىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىشىمىز، كۆيىنىشىمىز، ھەمدەمدە بولىشىمىز، ھىچ بولمىسا قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشلىرىمىزدا توغرلىقنى، ئادىللىقنى، ئىناقلىقنى، ئەخلاق- پەزىلەتنى، مىھىر- مۇھەببەتنى ئۆلچەم قىلساق، مىنىڭچە بۇ ئاددىي ھاياتىمىز ئاشۇ ئاددى ئەمما ئىبرەتلىك قۇش ھىكايسىدەك  ئىنسانىيلىق ھايات مەناسىنى تاپقان بولاتتى.. y/ ]/ x4 p1 y/ @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەمىنە، بىر پۈتۈم مىيىپ بولسىمۇ، نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى بىشمدىن ئۆتكۈزدۈم، كۆپ ئىشلارنى كۆردۈم ۋە شاھىد بولدۇم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ياشنىڭ چوڭىيىشى، تۇرمۇش ۋە جەمىيەتنىڭ تاۋلىشى نەتىجىسىدە بۇ ئاددى ھاياتىمدا ئىنسانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن دەپ چوڭ يەردىن چۈشەلمىسەممۇ ۋە دىيەلمىسەممۇ، ئەمما ئۆز ئەتراپىمدىكى، يىنىمدىكى  ماڭا ئوخشاش تەقدىرداش، قىرىنداش ۋە ئۆز ھايات يولىدا توختىماي ئىزدىنىۋاتقان، كىشىلىك تۇرمۇش يولىغا ئەمدى قەدەم قويغان ۋە قوياۋاتقان، تۇرمۇش قاينىمىدا قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي، گاڭگىراۋاتقانلار ئۈچۈن ئاز- تولا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، بۇ «سەئىدىيە تور تاللا بازىرى» تور مۇلازىمەت سۈپىسىنى سىزلەرگە سۇندۇم.: H( J) ]  ]9 `9 a) Q5 [0 L( r$ Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
توغرىمۇ- خاتامۇ، بىر كۈنلۈك بولامدۇ، ياكى بىر يىللىق بولامدۇ؟ ۋە ياكى پايدىسى بولارمۇ- بولماسمۇ؟ پايدا تىگەرمۇ تەگمەسمۇ؟ ئۇنى مەن بىلمەيمەن. ھەم ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشىممۇ يوق تامايىممۇ يوق. ( I2 S+ l# m! x: y) m( [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چۈنكى مەن قانداقتۇر، يۈز- ئابرۇي، پايدا- مەنپەئەت ۋە ياكى بىراۋنىڭ ماختىشى ئۈچۈن قىلمىدىم. ئەگەر ئۇنداق مەقسەت بولسا، كۆتۈمنى غىت قىسىپ، سىڭگەن نىنىمنى يەپ، كۈنۈمگە شۈكرى قىلىپ ياشىساممۇ، ھىچكىم بىر نەرسە دىمەيتتى.1 R) u4 r( X! z! s8 L( b0 G( A. Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمما يارىتىلغان كەمتۈك جىسمىمغا قوشۇپ، بىرىلگەن مۇكەممەل ئەقىل- ئىددىراك ۋە ھاياتى تەپەككۇرۇم، مىنى ئۇنداق قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك، ھىچكىمگە پايدىسى تەگمەيدىغان، ھورۇنلۇق ۋە چۈشكۈنلۈككە تولغان، باشقىلارغا تاينىپ تەمە قىلىدىغان بىچارە ئاجىز بولغان ئاددەتتىكى ئادەم بولۇشقا يول قويمىدى ۋە ئاجىزلىققا تەن بىرىپ، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا مەنىسىز ۋە چۈشكۈن ياشاشقا، ھىچكىمگە پايدىسى ۋە ياردىمى يوق بولۇشقا، شۇنداقلا مۇبارەك كىتابتا دىيىلگەن- ئەھمىيەتسىز ۋە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىمەيدىغان كۆپۈكتەك ياشاشقا، قىسقىسى خۇددى بىز بايام دىگەندەك ئادەتتىكىدەك ئادەم بولۇشقا ئادىمىيلىك ۋىجدانىم يولغا قويمىدى./ z6 K- B1 X: t9 {# e2 S3 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ خىل ھايات مەنتىقىسى نۆۋىتى كەلگەندە مەنلا ئەمەس، جەمىيەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر قاتلامدىكىلەرگە ئومومىي خاس بولىشى كىرەككى، ئادەم ھاياتنى ھەرگىزمۇ مەنىسىز ۋە ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمەسلىكى كىرەك. ئەلۋەتتە ھەمىمىز بۇنداق بولۇپ بولالماسلىقىمىز ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالماسلىقىمىز مۈمكىن. ئەمما، شۇنى بىلىڭكى، سىزدە پەقەت ساغلام ئەقىدە- ئىمانىي كامىللىق، ۋە ئىتىقاد- بۇرۇچ، مىللەت تۇيغۇسى بولىدىكەن، مىللىي روھىيىتىڭىز جەزمەنكى ئاشۇ مۇكەممەلىكنى توختىماي ئىزدىشى ۋە تىرىشىشى، ئىنتىلىشى ئارقىلىق دۇنيا- ئاخىرەتلىك مەڭگۈلۈك بەخىت- سائادەتكە سەۋەب بولمىقى لازىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىغىزىمىزدىلا ئەمەس، ئەمەلىي ھەركىتىمىزدە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز كىرەك.
8 Z, E2 X/ G4 o6 t  x: fبىز قانداقتۇر ئۇلۇغۋار غايە ياكى ئايىغى چىقماس قۇرۇق- ئارزۇنى ئۈمىد قىلمايمىز. بەلكى ئاددى ئەمما ئەھمىيەتلىك- پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئىزدىنىمىز ۋە ئىشقا ئاشۇرىمىز.! w% Z9 k4 {8 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز ئاددى ئادەملەردىن بولىمىزكى، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئادەملەردىن بولمايمىز.
  v- S& e  z+ }0 Y% l% A7 rبىز ئەل- ۋەتەن، مىللەت ۋە مىللىي كىملىكىمىز ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك مەۋجۇدلىقىمىزنى، ئۆز ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئىپادە قىلىمىز.
: }0 n' n! U) [/ G5 xمانا شۇ سەۋەبتىن، شۇ ۋەجىدىن «سەئىدىيە تور تاللا بازىرى» بارلىققا كەلدى. چۈنكى مەن بىر ئاددى ئادەم، جىسمانى جەھەتتىن مىيىپ بولساممۇ، ئەمما روھى- ئىتىقاد، مىللىي غورۇر ۋىجدان جەھەتتە ھەرگىزمۇ ئاجىز، مىيىپ ئەمەس.
, l% A  O8 l3 ]  Mمەن بىر ئاددى ئادەم، ئىنسانىيەت ئىشلىرى دەپ چوڭ ئىش قىلالمىساممۇ، ئەتراپىمدىكى قىرىنداشلار ۋە تەقدىرداشلار ئۈچۈن كىچچىككىنە بولسىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن نىشان ۋە ياردەم بىرەلەيدىغان، پايدىسى تىگىدىغان ئىشلار ئۈچۈن تىرىشىدىغان تەكلىمان قۇملىقدىن ھارارەت ئىلىپ، زەرەپشان دەريا ئەكەك سۈيىدىن ئىچىپ، ئەل- ۋەتەن، خەلق دۇئاسى بىلەن روھىي قۇۋۋەت ئىلىپ، ئەل- ۋەتەن ئۈچۈن مۇنبەت زىمىندا ياشاپ كىلىۋاتقان سەئىد ئەۋلادى - ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ بىر نەسلىدۇرمەن.0 D1 ~$ r+ Q& a" Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شىنجاڭ خان تاج خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى يەكەن تارماق شىركىتى «سەئىدىيە تور تاللا بازىرى» - ئاساسلىق نىشانى- ئىش كۈتىۋاتقان، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا جاپالىق ئىزىدىنىۋاتقان ۋە ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كەڭ ئىگىلىك تىكلگۈچىلەر، مىيىپلار ۋە ئىش كۈتىۋاتقانلار بولۇپ، ئاساسلىقى مەخسۇس ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتىۋاتقان، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار، ئىرادىلىك، جاسارەتلىك ياشلار ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاتا- ئانىسىغا بىسىم بولماي، ئۆز- نىنى ئۆزى تىپىپ يىيىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن، ئىنسانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، توغرا ھالال تىجارەت يولىدا مىڭىشىنى ئويلىغانلار ئۈچۈن ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، ھاياتىنى تىخىمۇ مەنلىك، تىخىمۇ بەرىكەتلىك بىلەن ئۆتۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۈچۈن شىركىتىمىز كۆپ يىللىق كۆزىتىش ۋە ئەمەلىي قول سىلىپ ئىشلەش، سىناق قىلىش نەتىجسىدە رايۇنىمىز بويىچە تۇنجى قەدەم  ۋە تۇنجى تىجارەت ئەندىزىسى بولغان <<سەئىدىيە تور تاللا بازىرى>> تور تىجارەت سۇپىسىنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت- شەھەر، يىزا- بازار ئورۇنلىردىن ۋاكالەت نۇقتىسى قوبۇل قىلىشقا باشلىماقتىمىز. بۇنىڭدا بىز سىزلەر ئۈچۈن نىشان ۋە مەقسەت يولى بولۇپ، سىزنىڭ ئۇتۇق قەدىمىڭىز ئۈچۈن ھازىرلانغان بىر سۇپا بولىشىنى چىمن دىلىمىدىن ئۈمىد قىلىمەن.
# `8 E1 |# G2 j% i+ L, ~          بۇ ئىشلار گەرچە ھازىر ئانچە چوڭ ئىشلاردىن سانالمىسىمۇ، ئەمما بىزگە ئوخشاش مىيىپ ۋە ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار، ئۆز ئائىلىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز بەختى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان، تىرىشىۋاتقان ئىرادە ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئۆز كەلگۈسى ۋە كىشىلىك ھايات نىشانى ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتقان جاسارەت خوجايىنلىرى  ئۈچۈن  ھايات يولىدا ئىلىنغان ئۇتۇقلۇق ۋە بەرىكەتلىك بولغان خەيرىلىك بىر قەدىمى بولۇپ قالغۇسى!
$ g  i7 n$ ^# }) a- {' ~* q            مەن بۇ ئاددى ئەمما مەن ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان بۇ نەتىجىلىرىمگە، ھايات يولىدا توختىماي ئىزدىنىۋاتقان، ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەممە ئۈچۈن ئۈن- تىنسىز تىپىرلاۋاتقان قەلىب ئىگىلىرى، ھۆرمەت ساھىبىلىرى بولغان قىرىنداشلىرىم ۋە دوستلىرىم ئۈچۈن، ئوخشاش تەقدىر- قىسمەتكە دۇچار بولغان ئۆزى مىيىپ بولسىمۇ، روھى ساق مىيىپلىرىمىز ئۈچۈن، ئەتىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ئەھلىلىرىمىز ئۈچۈن ئورتاقلىشىش ۋە پايدىلىنىش مەقسىتىدە، سىزلەر ئۈچۈن بىر كىچچىككىنە پايدىلىنىش ۋە ھاسىلات نەتىجە بولسا، بۇ مەن ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق ۋە ھاياتىمىنىڭ ئاشۇ ئاددىي مەناسىنى تاپقان بولاتتى./ L! q* E5 `! E. G0 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
            شۇ ۋەجىدىن مەخسۇس تور بەت ۋە تور سىستىما، كىيۇ- كىيۇ توپى، ئۈندىدار مۇلازىمەت سۈپىسى قاتارلىقلارنى ھازىر قىلىپ سىلەرگە سۇنۇپ تۇرۇپتىمىز. www.saidiya.com.cn      214383412:QQ
) f/ s0 n  O& d5 f: j  شىركىتىمىز مەيلى ھەق تۆلەش سۈپىسى مۇلازىمىتى، ئىلان- ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە ياكى شىركەت، كارخانا مەھسۇلات ئۇچۇرلىرى بولسۇن، ھەممىدە ئادىللىقنى، ئىشەنىچ ۋە سۈپەتنى ئاساس قىلىدۇ. ئالدىن مىيىپلارغا ھەقىقىي تۈردە ئىتىبار بىرىدۇ ۋە بۇ تۇردە داۋاملىق يىڭى، ئىشەنچىلىك، ئەمەلىي قوللىنىشچان بولغان يىڭى تۈر ۋە  يىڭى بازار، يىڭى مەھسۇلات ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە داۋاملىق ئىزدىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتلەردە بۇ ساھەدىكى ۋە باشقا ساھەدىكى قۇرداشلار، قىرىنداشلار ۋە دوستلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئەمەلىي ياردىمىدىن ئايرىلالمايمىز.
; c1 I2 m4 F* ?" Z- m: V( c1 vمەخسۇس مىيىپلار ئۈچۈن خىزمەت ۋە ئۆگىنىش، تۇرمۇش، تىجارەت، ئىگىلىك توغىرىسىدا مەسلىھەت ۋە تەكلىپ
5 B  F+ O( I# g' O  Fشۇڭا سىز مەيلى كارخانا، شىركەت مەسئۇلى بولۇڭ، ياكى تور- ئىلان تەشۋىقات مەسئۇلى بولۇڭ ياكى ئاددى بىر خىزمەتچى بولۇڭ، قولىڭىزدىن كەلسىلا بىزنى قوللاڭ، بىزگە ياردەم قىلىڭ، بىزگە ئىلھام بىرىڭ، «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس» دەپتىكەن كونىلار.« ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە» * H6 B$ f& ~7 q9 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىلىڭ، بىرگە قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن بىللە قەدەم باسايلى!/ f; m, S8 a5 d# P3 y- V9 T2 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەمبەھىرلەپ قويىشىنى ۋە كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ باشقا تور بەتلەرگە يوللاپ قويۇشىنى سورايمەن. قىرىنداشلارىمىزغا قىچا چاغلىق پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-14 12:31:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن زور غەيرەت قىلىپسىز، ھەم بو سۆزلىرڭىزمۇ ئادەمنى ئويغا سالدىكەن شۇنداق ھازىر پارتىيە -ھۈكۈمەت مىيىپلارنى قوللاپ ياردەم قىلۋاتقان بولسمۇ، لىكىن ئەتراپمىزدىكى كىشلەر يەنلا بەزى كەمستىش مەسللىرى ساقلاندى، مەسلەن مىنىڭ ئاناممۇ مېيىپ پۇتى ئاغرىيدۇ! مەنمۇ بىزدە ئانامنىڭ ئۈزنى كەمستىش ئازاپلىنىش بولغاندا مەنمۇ بەك ئازاپلىنمەن ھەم ئانامنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن ئاشۇ كىشلەرگە غەزپىم كىلدۇ .
7 e$ g6 I2 }. I& _/ f! l9 d& L来自安卓客户端
سىز ھەقىقەتەن بېشىڭىزدىن جىق ئىش ئۆتكەن ئادەم ئىكەنسىز ، تۇرمۇشنى بەكلا تەپسىلى تەسۋىرلىيەلەپسىز ، مىھرىبان ئاللاھ سىزگە شىپالىق بەرسۇن ، مۇشۇ ئىرادىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىپ كۇۋەجەپ تۇرسۇن ، مەنمۇ بىر مېيىپ مەن پەقەتلا ماڭالمايمەن ، چۈنكى ئىككىلا پۇتۇمدا سىزىم يوق ، مەنمۇ كومپىيوتىېر ۋە يانفۇنلارنىڭ خېلى بىر يەلىرىنى بىلىمەن ، بىرەر ئىش قىلاي دىسەم ئىقتىساد جەھەتتە قىينىلىمەن ، شۇڭا ھىچ ئىش قىلالماي يانفۇننىڭ رومىنى تەرجىمە قىلىپ تۇرىمەن. مىنىڭمۇ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ ئاتا ئانامنىڭ بېسىمىنى ئازلاتقۇم بار ئىدى ، بىز ھەمكارلىشالامىزمۇ . چ چ ؛ 1561995301

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 06:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش