روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: ilam
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھەقسىزھەر خىل كومپىيوتىر ۋە تىلفۇنلاغا سېستىما قاچىلاپ بىرىمەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-4-8 18:56:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز  ، سىزنى  قۇشۇۋالدىم .
ۋاقتى: 2014-4-8 19:44:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم رەھمەت سىزگە، ئاق كۆڭۈللۈك،سەمىمى نىيەت بىلەن بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىزغا ئاپىرىن، ئادەم تىرىشسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، لىكىن بەزى ئىشلارنىڭ جاپاسىمۇ ئاز ئەمەس،رىمۇنۇتچىلارنىڭ ئاق كۆڭۈللىرىمۇ ئاز ئەمەس،لىكىن ھۈنىرى چولتا،پۇلى قىممەت ھۈنەرۋەنلىرىمىزمۇ بار،شۇ سەۋەپتىن تىلىنى چالابۇلا بىلسەكمۇ ئاشۇ خەن ئۇستاملارنىڭ يېنىغا بېرىپ،شۇلارغا پۇلنى بىرىپمۇ يۇرۇيمىز،ئەگەر روناق تاپىمىز دەيدىكەنمىز، سودا ئېڭىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، يەھۇدىلارنىڭ سودىدابىربىرىنى قوللاش ئۇسۇلىنى ئىشلەتسەك تولىمۇ ياخشى بۇلاتتى، شۇڭلاشقا رىمىنۇتچى ئۇستاملاردىن كۈتىدىغىنىم ئەجرىگە لايىق ھەق ئالسا،ئەگەر ئازراق ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپلا خېرىدارغا ياردەم قىلالايدىغان ئىشلاردا ھەق ئالماي رەخمىتىنى ئالسا ھەم ساۋاپ تاپىدۇ ھەم كىيىنكى قېتىمدا بۇ خېرىدار يەنە ئۈزى كىلىش بىلەن بىرگە يېڭى خېرىدار ئەكىلىشى ھەتتا ھەقسىز تەشۋېقات قىلىپ بىرىپ،خېرىدارنى كۆپەيتىپ بىرىشى مۇمكىن،ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن ،مەنمۇ ئۈزەمنىڭ قىزىقىشى بۇيىنچە ئۆگىنىپ كومپىيۇتېرغا سېستىما قاچىلاش،يانفۇنغا روت ئېلىش، ئويغۇرچە تۇنۇتۇش ئىشلىرىنى ھەقسىز قىلىپ كىلىۋاتىمەن. ئاتامان دىگەندەك بىلگەنلەر دەرسلىك ئىشلەپ تارقاتسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم تىرىشچان"ilam"غا رەھمەت ئېيتىمەن، شۇ خالىس خىزمەت قىلىپ كەلگەن قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن...
ۋاقتى: 2014-4-8 21:10:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تىما ئىگىسىگە ئوخشاش ،بىرسى ئۆز بىلىمىمنى مۇكەممەلەشتۇرۇش ئۈچۈن بولسا ،يەنە بىرسى باشقىلارغا ئاز تولا ياردەم بىرىش نىيىتىدە ئىشتىن سىرىت ھەر شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى 30كىلومىتىر يول يۈرۈپ،قەشقەر شەھرىدە (بەيناۋخۇي دا  خەنزۇغا ھەقسىز ياردەم بەرگەچ ) ھۈنەر ئۈگىنىۋاتىمەن،ھە راسىت،نىمىشقا ئۇيغۇرلاردىن ئۈگەنمىدىڭىز دىيشىڭىز مۇمكىن ،رۇسلان قاتارلىق بىر-ئىككى دۇككانلارغا تېلىفۇن بەردىم بىراق ھازىر سودا ياخشى ئەمەس دىگەندەك بانالار بىلەن قوبۇل قىلمىدى،شۇڭا ئامالسىز خەنزۇدىن ئۈگۈنۈشكە  مەجبۇر بولدۇم.

باھا سۆز

سىزنىڭ مۇشۇ روھىڭىزدىن بىز ئۈلگە ئالساق بولىدۇ. بىزدە ‹بىكار تۇرغىچە بىكارغا ئىشلە› دېگەن گەپ بارغۇ. بۇ دېگەن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-8 21:57
ۋاقتى: 2014-4-8 21:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقسىز ھۈنەرئۈگۈتۈپ قويۇشنى خالايدىغانلار بولسا مەن ئۇلارغا ھەقسىز ياردەم بىرىشنى خالايمەن.ھازىر ئۈستەل كومپىيۇتىرلىرىنى بىمالال قوراشتۇرۇپ،قاتتىق دىتاللىرىنى ئالماشتۇرۇش،سېستىما قاچىلاش دىگەنلەرگە گەپ كەتمەيدۇ.ھازىر خاتىرە كومپىيۇتىر رىمۇنىت قىلىشنى ئۈگىنىۋاتىمەن.qq:960830956
ۋاقتى: 2014-4-8 21:57:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zulpikar0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-8 21:10
; \( J. [7 c$ ?$ gمەنمۇ تىما ئىگىسىگە ئوخشاش ،بىرسى ئۆز بىلىمىمنى مۇكەم ...

: l3 a5 n4 ^# a  r& p  sسىزنىڭ مۇشۇ روھىڭىزدىن بىز ئۈلگە ئالساق بولىدۇ. بىزدە ‹بىكار تۇرغىچە بىكارغا ئىشلە› دېگەن گەپ بارغۇ. بۇ دېگەنلىك، سەن چوقۇم باشقىلارغا بىكارغا ئىشلەپ بەر دېگەنلىك ئەمەس. سىز مانا مۇشۇ خىل روھ بويىچە، خەنزۇ ئۇستاملارغا بىكارغا ئانچە- مۇنچە قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ھۈنەر ئىگەللەپسىز، مانا بولدى ئەمەسمۇ.$ B# L- Y/ z" t# i, Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنمۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە شۇنداق قىلىشنى ئويلاشقان بولساممۇ بىراق شارائىتىم يار بەرمەي قالغان، ھېلىھەم بولسىمۇ خەنزۇ تونۇشلىرىمدىن بىر ئامال قىلىپ، ھەرخىل رەڭلىك پرىنتېرلارنى ئوڭشاشنى ئۆگىنىۋېلىش كويىدا بولىۋاتىمەن، بولۇپمۇ سۈرەتخانىلاردا كۆپ ئىشلىتىدىغان پۈركۈمە پرىنتېرلارنىڭ كاشىلىسىنى ئوڭشاشنى. ئەمما ئۇ تونۇشلىرىم، ماڭا بىكارغا ئوڭشاپ بەرسە بىرىدۇكى، ھەرگىز ھۈنەرنى كۆرسىتىپ قويىدىغاندەك ئەمەس. بىرەر كاشىلا كۆرۈلۈپ قېشىغا شۇ پرىنتېرلارنى ئېلىپ بارسام، ئۆزەم ئويلىغان، پەرەز قىلغان، ئەمما ئىككىلىنىپ قىپ باقمىغان ئاماللار ئارقىلىق ئوڭشاپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك قىلدىم. ئاندىن ئۇلار يەنە بەيدۇ تورىدىن سۇئال- جاۋاب خارەكتېرىدىكى ماس تېمىلارنى ئىزدەپ تېپىش ئارقىلىقمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئارقىلىقمۇ مۇشۇنداق كاشىلىلارنى ھەل قىلىشنىڭ يەنە بىر يولىنى بايقىغاندەك بولدۇم.

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
كۆز قورۇققاق، قول باتۇر دەيدىغان گەپ بار. قول سالسىڭىزلا چوقۇم قىلالايسىز  ۋاقتى: 2014-4-8 23:10
ۋاقتى: 2014-4-9 17:50:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز  ، سىزنى  قۇشۇۋالدىم . ماڭا ياردەم كېرەك
ۋاقتى: 2014-4-13 11:48:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئچىدە ئاخ -كوڭول  كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس مەن سىزدىن توردا 1چى بولوپ ياردەم سوراي قىرىندىشىم. كومپۇيىتىرىمغا ماس كىلىدىغان سىستىما قاچىلاپ بەرگەن بولسىڭىز.[يىراق تىن كونتۇرۇل قىلىپ] ماس سىستىما قاچىلاممىدىم
ۋاقتى: 2014-4-13 11:51:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چ چ 1370206648 ھەجەپ ئۇنۇتقاق بولوپ قالدىما
/ E, ^2 R. Z( f& D. l( ^" S
ۋاقتى: 2014-4-16 18:25:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرسلىك قىلىپ ئىشلەپ قويغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن........
ۋاقتى: 2014-4-18 07:40:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇ تېلفۇم ، كومپيۇتېرلارغا سېستىما قاچلاش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ، بىر كۇنۇپكىنى باسسىلا قاچلىندىغان.
) A+ X- E# U1 z& e; b5 v9 lمەنمۇ بىر ھەۋەسكار مۇشۇ تېلفۇن كومپيۇتېر دىگەنلەرگە بەك قىززىقىمەن بىراق بىلمىم يىتەرلىك ئەمەس . مەنمۇ مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا باللارنىڭ ھەر خىل سەۋەپلىك بۇزۇلغان تېلفۇن، كومپيۇتېرلىرىنى ھەقسىز ئوڭشاپ بىرەتتىم. بەزلىرىگە شۇنچە كوپ ۋاقتىلىرنى چىقرىپ ھەپىلەشسەممۇ ئوڭۇشلۇق بولمايتى.
7 G  d% Q. w8 L$ H" p: L  L' U4 M بولسا يۇقىردا دوستلار دىگەندەك مۇشۇ مەزمۇندىكى ۋە باشقا بىلملرىرڭىزنى سىن ۋە كىتاپچە رەسملىك دەرسلىك قىلىپ تارقاتقان بولسڭىز ھەممىمز بىللە ئۈگەنسەك ياخشى بۇلاتتى...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 10:03

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش