روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1700|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

زۇنۇن قادىرىنىڭ تەرجىمالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زۇنۇن قادىرى 1911-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھرىگە كۆچۈپ كەلگەن. دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، ئاندىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1935-يىلى غۇلجىدا ئېچىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغان. 1936-يىلى غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1937-يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى يىل، ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. 1941-يىل غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىغىدىكى سانايىنەفىسەدە ئارتىس، ئىجادىيەتچى ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا  ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ھەربى مۇخبىر بولغان. 1945-يىلدىن باشلاپ «كۆرەش»، «ئىتتىپاق» قاتارلىق زورناللاردا مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1951-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1954-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كىلىپ، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەم مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ئىلمىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1962-يىلدىن 1979-يىلغىچە ئون سەككىز يىل تارىمدا نەزەربەند ھىسابىدا جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان. 1979-يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كىيىن دەم ئېلىشقا چىققان. 1989-يىلى ئالمائاتاغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.  - j" y0 |: I+ `9 ]1 o" N; z/ d3 n) oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

/ W/ f9 O% n0 T7 I3 J* E' v- ^( E' n: a9 h! |% P. pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  زۇنۇن قادىرىنىڭ ئىجادىيىتى:  " Z  Z/ b+ o; J1 v, n4 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  زۇنۇن قادىرىنىڭ دىرامما ئىجادىيىتى:  # ~: ^& s* P6 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1937-يىلى رەسمىي باشلانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت مىۋىسى «جاھالەتنىڭ جاپاسى» دىگەن ئۈچ پەردىلىك دىراممىسى بولۇپ، بۇ دىرامما سەھنىلەردە ئوينىلىشى بىلەنلا جامائەت ئارىسىدا قىزغىن قارشى ئېلىنغان. تۇنجى ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىلھاملانغان يازغۇچى زۇنۇن قادىرى دىرامما ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ « ئۇچراشقاندا»، «پارتىزانلار ئەترىتى»، «ھەر ئىشنىڭ يولى بار»، «غۇنچەم» ۋە «گۈلنىسا» قاتارلىق دىراممىلارنى يازغان. بۇ دىراممىلاردا يازغۇچى شۇ مەزگىللەردىكى خەلقىمىزنىڭ ئازادلىققا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە زۇلۇمغا قارشى كۆرەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. زۇنۇن قادىرى ئازاتلىقتىن كېيىن «توي» دىگەن دىراممىسىنى يازغان بۇ دىرامما 1955-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دىرامما-تىياتىر كۆرىكىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
2 A  z/ c: Y/ h/ X- b
5 i4 L8 Y8 W+ f$ ^8 r
; ?' W% D1 G" `- `  V2 U' L& t
) O( j2 a$ r0 N; {# I«غۇنچەم» دىراممىسى – زۇنۇن قادىرى ئىجادىيىتىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەردۇر. بۇ دىرامما ئۈچ پەردە، بەش كۆرۈنۈشلۈك بولۇپ، 1941-يىلى غۇلجىدا يېزىلغان ۋە شۇ مەزگىللەردىلا سەھنىلەردە ئوينۇلۇپ چوڭ داغدۇغا قوزغىغان. بۇ دىراممىدا تىپىك خاراكتىرگە ئىگە پىرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، كىشىگە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. ; k1 M% D5 \: [/ e$ w; vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
$ Z( Y  B, Z% E4 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش