روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 729|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خاتىرە كومپيۇتېر باتارىيسى تولۇق توك قاچىلىمايۋايۋاتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان تورىدىكى بارلىق ئۇستازلار ۋە تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، مىنىڭ (لىيەنشاڭ E 530 ) تىپلىق  خاتىرە كومپىيوتىرىم بار ئىدى ئەكەلدۈرۈپلا ۋىن8 دىن بىرنى سېتىۋېلىپ قاچىلىغانتىم ،شۇنداق نۇرمال ئىدى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سىستىمىنى يېڭىلىدىم ، لىكن باتارىيە 56%بولۇپلا توك قاچىلىمايۋاتىدۇ ،ۋىن 7نىمۇ قاچىلاپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش،  بۇ سىستىمىدىكى مەسلىمۇ ياكى قاتتىق دىتالدىكى مەسىلىمۇ ؟ ياردەم قىلشىڭلارنى سورايمەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-18 15:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتارىيەنىڭ توك قاچىلىماسلىقى ياكى تولۇق قاچىلىماسلىقى يۇمشاق دېتال بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇڭا سىز ۋاقتىدا سېتىۋالغان يەرگە ئاپىرىپ ئىنكاس قىلىپ يېڭىسىغا ئالماشتۇرىۋېلىڭ (ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىگەن بولسا)
ۋاقتى: 2014-2-19 15:19:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىسى ئادىل ئاتامان ئېيتقاندەك قىلىڭ، يەنە توك قاچىلىغۇچنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈشنىمۇ نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلماڭ. ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ رېمونت ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنى ئوڭشاش ئۇسۇلىمۇ بار. بازاردىن خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ باتارىيەسىنى سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە كەم دېگەندە 300 يۈەن كېتىدۇ، توردىن سېتىۋالغاندا بولسا تەخمىنەن يېرىمىغا سېتىۋېلىش مۇمكىن (بۇ ئىنكاسنى يېزىشتىكى يەنە بىر مەقسىدىم تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن).
ۋاقتى: 2014-2-19 22:57:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە باتارىيەنىڭ تۇنجى قېتىم زەرەتلىنىش ۋاقتى 12-14 سائەت ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ ، مۇشۇنداق تەكرار 3 قېتىم زەرەتلىگەندە باتارىيە %100  ئاكتىپلىشىدۇ ۋە توكى ئۇزۇن تۇرىدۇ . ئامال بار باتارىيە توكقا چېتىق ھالەتتە كومپىيۇتېرنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك مۇشنداق بولىۋەرسە باتارىيىنىڭ ئۆمرى تېز خورايدۇ . كېيىنچە توك قاچىلىمايدۇ .
$ s2 \- H; h: z* q& G: ?5 t5 U' \ سىز باتارىيىنى چىقىرىپ باتارىيىنىڭ كومپىيۇتېرغا ئۇلاش ئېغىزىدىكى قاتار مىس تاختا ( كۆپىنچىسىنىڭ چوتكىدەك بولىدۇ 9 لىرىنى يىرىكرەك چىش چوتكىسىدا ئوبدانراق چوتكىلاپ كۆرۈڭ . يەنە بولمىسا ئالماشتۇرىسىز ياكى يېڭىنى ئالىسىز .باتارىيىنىڭ توردىكى باھاسى 80 يۈەن ئۆپچۆرىسىدە .
ۋاقتى: 2014-2-20 00:28:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇ خاتىرە كومپىيوتىرىنىڭ باتارىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر  مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقاي . مىنىڭ خاتىرە كومپىيوتىرىممۇ ئادەتتە توكقا چېتىپ باتارىيەنىڭ توكى %100 گە يەتكەندە توكتىن ئاجرىتىۋەتمەي ئىشلىتىۋىرىپ ، كىيىن كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىپ توكقا چاتماي باتارىيەدىكى توكتىن پايدىلىنىپ ئىشلىتىپ ،  باتارىيە توكى  قالمىغاندا كومپىيوتىر ئۆچۈپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن توكقا چېتىپ قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن باتارىيە توك قاچىلىمايدۇ ، كومپىيوتىرنى قايتا قوزغاتسىمۇ ، سىستىمىنى قايتا قاچىلىسىمۇ  يەنىلا  ئوخشاش توك  قاچىلانمايدۇ .
0 c9 y7 J3 j' Nمەن ئاخىرى باتارىيەنىڭ توكىن قايتىدىن تۇلۇق ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن، باتارىيەنى كومپىيوتىرىمدىن ئاجرىتىپ بىرقانچە سائەت قۇيۇپ قويۇپ ، ئاندىن باتارىيەنى سېلىپ توكقا چېتىپ ئىشلىتىمەن ،بۇنداق بولغاندا نۇرمال توك قاچىلىنىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ  توكى %100گە يەتكەندىلا توكتىن ئۈزىۋېتىمەندە ، باتارىيەنىڭ توكىنى ئىشلىتىمەن. باتارىيەنىڭ توكى تۈگەپ توك قاچىلاش ئۇچۇرى چىققاندىلا ئاندىن توكقا چېتىپ ئىشلىتىمەن . %100گە يەتسىلا توكتىن ئاجرىتىۋېتىمەن ، توكى تۈگەپ توك ئازقالدى ، توك قاچىلاڭ دىگەندىلا توكقا چاتىمەن . شۇندىلا باتارىيە نۇرمال ئىشلەيدۇ .' K7 V, c. u' m/ ]  W: Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتىرە كومپىيوتىر ئىشلىتىدىغان دوستلارنىڭ باتارىيەنىڭ توكى %100گە يەتكەندە توكتىن ئاجرىتىپ ئىشلىتىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن، بۇنداق قىلغاندا كومپىيوتىر باتارىيەسىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ . قالغىنىغا تەجرىبىلىك ئۇستازلارنىڭ ئۆز پىكىرىنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 15:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش