روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: yarkanboy
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلار مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار ! (yarkanboy)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالدىنقى يىلى تەتىلدە دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى تەشكىللەپ ناھايتى ياخشى كەيپىيات يارىتىلغان، بولسا بۇ قېتىممۇ دەرىس دېتالى تۈزۈش، تېلفۇنغا ئۇيغۇرچە ئەپ ياساش، ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى لايىھىلەش، ئۈگىتىش دەرسلىكلىرى سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ تەشكىللەيلى، مەن پائالىيەتكە كۈچ چىقىرالمىساممۇ، مۇكاپاتقا بولسىمۇ ئازراق كۈچ چىقىراي،(ساندۇقتىن چىقارمىغان) كۆزنەك 8 سېستىمىسى بار
ۋاقتى: 2014-2-13 00:05:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  روھلانداشلار !   
كەمىنە مېھرى خىجىلچىلىق ئىچىدە بۇ تېمىغا  قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن . چۈنكى بۇ بىر يىل ئىچىدە  باشقۇرغۇچىلىق مەسئۇليىتىمنى ئادا قىلىش ئەمەس،  دائىم كىرىپ تۇرۇشقىمۇ قادىر بولالمىغان چاغلىرىم كۆپ بولۇپ قالدى . باھانە ياكى سەۋەپ ئىزدەش ئارتۇقچە ....
بۇ تەكلىپ بەك ئېسىل گەپ بولۇپتۇ، مەن قوللايمەن .
نەۋرۇزلۇق  نەسرىي ئەسەر ياكى نەزمىي ئەسەرلەر، سۈرەت ياكى لايىھە ، بىئوگىرافىك ئەسەرلەر ياكى باشقا تۈردىكى ئەسەرلەر بولسۇن مەنچە نەۋرۇزغا مۇناسىۋەتلىكلا نەرسە بولسا مۇشۇ" نەۋرۇز"  دىگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ بىر مۇسابىقە ئۆتكۈزەيلىلا زادى !
ئەگەر مۇسابىقىنى تەشكىللەش ، باھالاش ، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئىشلاردا قىيىنچىلىق كۆرۈلىدۇ دەپ قارالسا ، مۇشائىرە قىلىشساقمۇ بولىدۇ .
ئىلگىرىكى مۇشائىرە تېمىلاردا  ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان روھلانداشلار بىردەمدە جەم بولىدۇ ، ھىچ بولمىسا "قوشاق" چىلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم جەم قىلىشقا مېنىڭ كۆزۈم يېتىدۇ .
ۋاقتى: 2014-2-14 13:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاساسىدا تېخىمۇ نەتىجىلىك يۈرۈشۈپ كېتەلەيدىغانلىقى دەرھەقىقەت. ئادەم ھامان ئىلھاملاندۇرۇشقا، قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە مۇھتاج. روھلاننى ئىسمى جىسمىغا لايىق روھلان قىلىپ تېخىمۇ روھلاندۇرۇش ئۈچۈن مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:
  1-تېما، ئىنكاس تەستىقلاش ئۆتكۈلى ئىزچىل ھالدا تېخىمۇ چىڭ تۇتۇلۇپ، تەكرار، قىممىتى يوق ياكى قىممىتى تۆۋەن چاينالما، ئەخلەت تېمىلارنى قەتئىي تەستىقلىماسلىق كېرەك.
  2. تەستىقلاشقا تېگىشلىكىنى چوقۇم تەستىقلاش، تەستىقلاشتا گاڭگىراش بولۇپ قالسا، مۇۋاپىق مەسلىھەت ئارقىلىق يورۇتۇش، تەستىقلانغان ئىكەن، پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولمىسا ئۆچۈرمەسلىك كېرەك. بىرىمىز يورۇتۇپ، بىرىمىز ئۆچۈرۈپ، ئەزالار قەلبىدىكى باشقۇرغۇچىلار ئوبرازىنى پۈچەكلەشتۈرىدىغان، زىددىيەت ئۇرۇقى چېچىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدىغان پەلىپەتىش ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلىمىكىمىز كېرەك.
  3.ئەزالارغا ئۇلارنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن قوشۇۋاتقان تۆھپىسى بويىچە چوقۇم پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنىمۇ داۋاملاشتۇرمىقىمىز لازىم. دەرۋەقە، ھەممىگە تەڭ كۆز بىلەن قارىماق-ئادەمىي خىسلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل پەزىلەرلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما بەش قولىمىز تەڭ بولمىغاندەك ئەمەلىي ئىشقا ئەمەلىي مۇئامىلە قىلىپ، نەتىجىسى گەۋدىلىك ئەزالارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تېپىپ جانلىق قوللانساق بولىدۇ.
  4. كەمىنە ئەركزات ئۆزۈم شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىي جەھەتتىكى بىرقىسىم  ئەۋزەللىك ۋە شەرت-شارائىتلىرىمنىڭ يار بېرىشىچە، ھەر قايسى ژانېردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىغا دائىر  ھەرقانداق شەكىلدىكى پائالىيەتلەر مۇنبىرىمىزدە ئويۇشتۇرۇلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا قىزغىن، ئىزچىل، ئەمەلىي، ئۇزاققىچە يار-يۆلەكتە، ياردەم-مۇلازىمەتتە بولۇشقا ھەرۋاقىت تەييار. مەسىلەن، مەيلى باشقۇرغۇچىلار ياكى ئەزالار بولسۇن، تۈرلۈك ماقالە-ئەسەرلىرىنى تۈزىتىپ-تەييارلاش، ياخشىلىرىنى مەتبۇئاتلارغا تەۋسىيە قىلىپ ئېلان قىلدۇرۇش...قاتارلىق  جەھەتلەردە ئەمەلىي قوللايمەن.
    قېنى، باشقىلارمۇ قولىدىن كېلىشىچە كۈچ، ئەقىل چىقارسا، روھلان مۇنبىرىمىز بەلكىم شىرمەتلەر سارىيىغا  جەم بولغان 108 ئەزىمەتنىڭ جەمگاھىغا ئايلىنىپ، كۈتكەنلىرىمىز روياپقا چىقسا ئەجەپ ئەمەس.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-14 18:38:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى پىكىرلەر چۈشىۋاتىدۇ ... ....مانا

ھازىرچە مىھرى خانىم، ئەركىزات باشلىق ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىقتىدارى بارلار ... ...... نەۋرۇزلۇق مۇشائىرە، قوشاق..... دىگەندەك تىمىلاردىن بىرەر ئىككىنى باشلاپ روھلاننى ئەۋجىگە چىقارغاچ تۇرساڭلا .....

قالغان باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىگىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى بىلىملەرنى يوللىساق، ھىچ بولمىغاندا كەسپى بىلىملەرنى خەنزۇچە تور بەتلەردىن تەرجىمە قىلىپ يوللىساقمۇ ھىساپ.  



كۆپچىلىك 2014-يىل پەقەت نەۋرۇز بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ .....  روھلان پەقەت بىر نەۋرۇزلۇق پائالىيەت بىلەنلا مەڭگۈلۈك جانلىنىپ قالمايدۇ ...

شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە قانداق پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارساق، روھلانغا شۇنداقلا كەڭ ئەزالارغا پايدسى كۆپ بولىدۇ ...

ئىزچىل يېڭى، يېڭى كۆز قارىشىڭلارنى ئوتتۇرغا قويغان بولساڭلار ...

ئالدى بىلەن ھەممەيلەن  .... يىڭىچە تەپەككۇر، يىڭىچە ئىددىيەلەرنى ئوتتۇرغا قويساق.....

ئاندىن ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلارنى، ئىش تەقسىماتلىرىنى بىر بىرلەپ ھەل قىلىمىز.........    سىلەردەك، بىزدەك مىللەت ئۈچۈن يۈرىكى سوقىۋاتقان، قىز يىگىتلەر قانداق ئىشلارنى قىلالمايمىز.... ھەممە ئىش قولىمىزدىن كىلىدۇ.
ۋاقتى: 2014-2-16 16:17:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ دىگەنلىرىنى كۆردۈم،ھەقىقەتەن مۇشۇ روھلان تورىدا كەمچىل بولۇۋاتقىنى 1.مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى 2.پايدىلىق پايدىسىز ئەخلەت تىما-ئىنكاسلارنىڭ كۆپىيىشى.3.باشقۇرغۇچى،ئاتامانلار ھەپتىدە ياكى ئايدا بىر يىغىلىپ ئاۋازلىق سۆھبەت ئىلىپ بارساق،مۇشۇ روھلان تورى ۋە ئانا تىلىمىزدىكى تور بىكەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،روھلان تورىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن سۆھبەتلەشسەك.4.مۇشۇ مۇنبەردە تېلىفۇن روملىرى سەھىپىسى قۇرۇلسا ۋە ھەرخىل ماركىدىكى تېلىفۇنلارنىڭ ئۆزگىچە روملىرى قىتىلسا.5.مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەر پات-پات ئورۇنلاشتۇرۇلسا،مۇكاپاتلىق دىتال،ئەپ.................قاتارلىقلارنى يوللاشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلار بولسا مۇكاپاتلانسا.6........................................7.........................................8.........................................9.................................قاتارلىقلار.

باھا سۆز

روم سەھىپىسى بار، يەنە قۇرۇش كېرەكمۇ؟  ۋاقتى: 2014-2-17 00:59
ۋاقتى: 2014-2-17 13:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yamanbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-17 13:47  
ئوكيان يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 12:49
مېنىڭچە ئالدىمىزدا كېلىدىغان ھەقىقى باھارنىڭ باشلىنى ...


ما تەكلىپ بەلەن بوپتۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى «نورۇز» تېمىسىدا تېما يوللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزەيلى.
مەن «گۈللەن تورى» نامىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ دىتالى بىلەن تەمىنلەيمەن، دىتاللىرىمىز:
1. شوپۇرلۇق سىستېمىسى
2. دۇكان باشقۇرۇش سىستېمىسى
3. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى(ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە)
مۇشۇلاردىن قايسىسىنى تاللىۋالسا مەيلى، بۇنىڭغا باشقۇرغۇچىلار نىمە دەيدىكىن؟ ئىشقىلىپ مەن روھلان تورىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-25 14:38:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇكاپاتنىڭمۇ ئىشى ھەل بولۇپ بوپتۇ ....   ھە كۆپچىلىك يەنە بىر ئويلىنىڭلار ... يەنە قانداق قانداق پائالىيەتلەر كەم روھلاندا .........

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-5 03:02

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش