 
- UID
- 19720
- نادىر
- ھوقۇقى
- 40
- توردا
- سائەت
- تىزىملاتقان
- 2013-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
|
1تەڭگە
بىرىنچى كۆرۈنۈش: بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل ئانىسىغا بىر توخونىمۇ بوغۇزلاپ بېرەلمىدى، ئائىلە ، مەكتەپ، جەمئىيەت ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلار جان ئۆلتۈرگەندە ئوقۇلىدىغان ئايەتلەرنى ئۆگەتمىگەن ئىدى. ئانا ئوغلۇغا قاراپ ئۈمىتسىزلەندى. ئىككىنچى كۆرۈنۈش: بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇلنىڭ ئاتىسى ۋاپات بولدى. ئوغۇل مېيىت نامىزىنى ئوقۇشنى بىلمىدى. چۈنكى، بۇمۇ ئۆگىتىلمىگەن ئىدى. ئۈچۈنچى كۆرۈنۈش: بالىلىق بولغان ئوغۇل ئانىسىنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاپ بېرىپ يىغلاپ- يىغلاپ قايتىپ كەلدى. يىغلاشتىن باشقا گەپ قىلالمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭغا قەۋرىلەرنى زىيارەت قىلىنغاندا ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئالار ئۆگىتىلمىگەن ئىدى. تۆتىنچى كۆرۈنۈش: بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل ساۋاقدىشىنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆلۈم پەتىسىگە باردى. ئەمما بېرىپ، بۇتتەك قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئۆلۈم پەتىسىدە نېمە قىلىش ئۆگىتىلمىگەن ئىدى. بەشىنچى كۆرۈنۈش: ئوغۇل چوڭلار ئالدىدا غەرق مەست ، ئالا- چوقا سۆزلىدى. ئۇنىڭغا ئەخلاق ئۆگىتىلمىگەن ئىدى. ئالتىنچى كۆرۈنۈش: قىز بويىغا يېتە يەتمەيلا ئىپپىتىنى يوقاتتى. ئۇنىڭغا قىزلار ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ، قىزلىقى بار يارىتىلىشىنىڭ ئۆزىلا قانداق چوڭقۇر ھېكمەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇنى يوقۇتۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئائىلىمۇ، مەكتەپمۇ، جەمئىيەتمۇ ئۆگەتمىگەن ئىدى. يەنە نۇرغۇن- نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر بار. ( ھەممىنى ساناپ بولۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس) ئەمما بالىلار ياقتۇرىدىغان تېلىۋىزىيە، رادىيو، گېزىت ژورناللار بۇ ھەقتە ھېچنىمە ئۆگەتمەيتى. ئەجدادلار ئىتىقادىنى ، گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ، ئادىمىيلىك يوللىرىنى سۆزلەيدىغان، ئۆگىتىىدىغان سورۇن يوق ئىدى. يىلتىزىدىن ياتلاشقان ئائىلە تەربىيەسى ، مىللى ئەخلاق چەتتە قالدۇرۇلغان، تەشەببۇس قىلىنمايدىغان ، ئىنسان روھىغا تەسىر كۆرسىتىش ، ئىنسان روھىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى يوق، سۈنئىيلەشكەن جەمىئىيەت تەربىيەسى روھىمىزغا ، قېنىمىزغا ، ئەقىدىمىزگە يات ئېتىقاد تەربىيەسى ھەرگىزمۇ ياشلارنى، ئۆسمۈرلەرنى مۇكەممەللىككە باشلاشقا ، ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ. نەتىجىدە كۆزىمىز كۆرىۋاتقاندەك ئىپپەتسىز قىزلار، ۋىجدانسىز ، مەسئۇلىيەتسىز ئوغۇللار تۈركۈم- تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقتى ۋە چىقماقتا. ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلىرى جەمئىيەتكە چىرايلىق "ج...لارنى" كۆپلەپ يېتىشىتۇرۇپ بېرىدىغان، "بۇج... لارنى ھازىرقىدەك جوڭگونىڭ ھەممىلا شەھەرلىرىگە يۇلتۇزدەك تارىلىپ، پاھىشۋازلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ بېرىدىغان ، ناخشا – ئۇسۇل ماكانى دەپ تونىلىدىغان يۇرت قايتىدىن ، " ئوغرى، ج... لار" ماكانى دەپ تونىلىدىغان ھالەت روياپقا چىقىدۇھەم چىقىشقا باشلىدى. رىيالىق شۇكى، نۆۋەتتە «جوڭگو مۇسۇلمانلىرى»، « شىنجىئاڭ مەدەنىيەتى» ، «جوڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىدىن باشقا بۇ جەھەتتە ئىزچىل خىزمەت قىلىۋاتقان ئاخبارات ، نەشىريات، تەھرىرىيات ئورۇنلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. رادىيو ، تىلىۋىزىيە، جىنسى ئاجىزلىقىنى داۋالاش توغرىسىدكى تېتىقسىز ئىلانلارنى تەكرار- تەكرار بېرىدۇكى، ئۇيغۇر ئىتىقادىدىكى ۋە رھىيەتىدىكى، ئەخلاقىدىكى ئۇنىڭدىن ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ھەققىدە بىرەر نەرسە دېگىلى ئۇنىمايدۇ. مەكتەپلەردە تاغلار، سۇلار، ھاشارەتلەر توغرىسىدا سۆزلىنىدۇكى ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىتىقاد ، قىزلار ئەخلاقى ، ئوغۇللار ئەخلاقى توغرىسىدا سۆزلەنمەيدۇ. تېلىۋىزوردا ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھاياسىز تەرجىمە فىلىملىرى تەكرار- تەكرار بېرىلىدۇ. ئەمما دىنى ئۆلۈما، دىنى ئالىم ۋە پىشۋالىرىمىزنىڭ ياشلىرىمىزغا ، بالىلىرىمىزغا ،شۇنداقلا ھەممىمىزگە مەلۇم، قاراتمىلىقى بولمىغان ئەخلاق – پەزىلەت تەربىيەلىرى ، ئادەم بولۇش يوللىرىنى چۈشەندۈرىدىغان تەربىيەلىرى بېرىلمەيدۇ. رادىيوللاردا تەشۋىقات ئۈچۈن پۇل بېرىپ يازدۇرۇلىدىغان نەرسىلەر ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا ئاڭلىتىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرغا ئەڭ چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ئادەم بولۇش ھەققىدە ساۋات ئاڭلىتىلمايدۇ. نەتىجىدە ياشلار ئەدەپ- ئەخلاق ۋە ئىتىقاد جەھەتتە يېتەكلەشكە ئېرىشەلمەي خالىغان خىلمۇ- خىل نەرسىلەرنى ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۋېلىپ پاجىئە يولىغا قاراپ ماڭىدۇ. قىزلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ھەق گەپ قىلىش ھەممىمىزنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى، ئەنە شۇنداق ئاڭ بولغاندىلا ئىپپەتسىز قىزلارنىڭ كۆپۈيۈشىنى توسۇش ئۈچۈن، گاڭگىرىغان ئەۋالىدىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمەلەرنى قىلىش زۆرۈرلىكى ھەققىدە ئىزدىنىشىگە باشلايلى. چۈنكى ، يۈرەك – پارىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭكى...
ئالدىنقى تېما: ئاياللار بىخەتەر مەزگىلنى ھىساپلاش كېيىنكى تېما: ئوخشمىغان ئەقىلفۇنلاردىكى تىلفۇن دەپتىرىنى يۆتكەش( 联系人)ئۇسۇلى.... |
|