روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3578|ئىنكاس: 17
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى» ئېلان قلىندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – يانۋار تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 29 – يانۋار مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە دائىر ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، ‹‹ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە تاماك چېكىشنى چەكلەش››،‹‹ئالىي مەكتەپلەردە تاماكا چېكىشنى قەتئىي چەكلەش››،‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش››قاتارلىق بىر يۈرۈش چەكلەش بۇيرۇقىنى ئوتتورىغا قويدى.8 m/ W8 g+ V/ Y4 r: a9 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەر، يەسلىلەرگە كىرگەندە، ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا چېكىشى بىردەك چەكلىنىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتە تاماكا چېكىشنى چەكلەشتىكى 1 – جاۋابكار بولىدۇ. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان يېرىگە ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ››دېگەن ۋىۋىسكا ياكى تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىسى چاپلىنىشى، مەكتەپلەردە تاماكا چېكىش رايونى تەسىس قىلىنماسلىقى، مەكتەپلەردە كۈلدان قاتارلىقلار قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردە تاماكا ئېلانى چاپلانماسلىقى ياكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىغا تاماكا ماركا نامى قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردىكى كىچىك دۇكانلاردا تاماكا بۇيۇملىرى سېتىلماسلىقى، مەكتەپ سىرتىدىكى خادىملار مەكتەپكە كىرگەندە ئۇلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرى ئىچىدە تاماكا چېكىش قەتئىي چەكلىنىشى، تاماكا چېكىش ئۆيى تەسىس قىلىنماسلىقى كېرەك.
2 `1 x, K1 f$ G3 x7 m; w2 ]ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيە كۈچەيتىلىشى كېرەك. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، دۇنيا تاماكا چەكلەش كۈنى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق مۇھىم ۋاقىت ۋە پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرسخانىلاردا، لېكسىيەلەردە، پارتىيە ۋە ئىتتىپاق پائالىيەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش تەربىيەسى قىلىشى كېرەك. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ››قۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى، تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىدە تەدبىر جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك ئەھۋالىغا قارىتا مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشى كېرەك.
$ s" @( ~/ t! }$ T5 I2 H% P: [) cمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
2 X6 e5 U/ K6 Q2 Z. Z0 Phttp://uy.ts.cn/homepage/content/2014-01/30/content_334882.htm
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى بوپتۇ.ئەمدى بەڭگى مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇئەللىملەر تاماكا چەكمىگۈدەك..شۇنداق بولسا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۈگەنمەيدۇ ئەلۋەتتە..ياخشى چىقىرېلىپتۇ بۇ قارار
ياخشى بوپتۇ...چۇقۇم تۇسۇش كېرەك
ئادىلجان ..بۇ مۇنبەرگە پۇتبول خەۋىرى يوللىسام بۇلامدۇ ؟

باھا سۆز

ئۇيغۇرلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك، يېڭى بولسا يوللىسىڭىز بولىدۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-2 02:15
ھەجەپ بەلەن بوپتۇ. شۇنداق خوشۇم يوقتى مۇشۇ  بەڭگە  بىلەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-2 02:15:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەربار يوللىغان ۋاقتى  2014-2-2 01:56   v5 y+ F0 o' yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادىلجان ..بۇ مۇنبەرگە پۇتبول خەۋىرى يوللىسام بۇلامدۇ  ...
' l- V4 H. B* a" J/ t; o7 ]* _$ Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك، يېڭى بولسا يوللىسىڭىز بولىدۇ.
مەن مۇشۇ سەۋەبتىن ياتاقداشلىرىم بىلەن بىر نەچچە قېتىم يامانلىشىپ قالغانىدىم. تېزراق ئەمەلىيلىشىشىگە تەشنامەن
ئەجەپ ياخشى بوپتۇ بۇ قارار ……
ۋاقتى: 2014-2-2 11:29:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ……
يەنىلا خالا ئولتۇرۇپ چېكىۋېردۇ بەڭگىلەر پوقنىڭ پۇرقىغا ئېلىشتۇرۇپ  مۇئەللىملەر تېخى سېنىپتا ئولتۇرۇپ چېكدۇ مۇئەللىملەر چەكمىگەن بىلەن دادسې ئاكسې چەكسە يەنە ئۈگنىدۇ  مۇسۇلمانلار چەكمەيدۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-20 06:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش