روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 950|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

16ياشقا توشمىغانلارنىڭ توكسىكىلىت ھەيدىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 13 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ توكسىكىلىتنى باشقۇرۇش چارىسى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹چارە››دەپ ئېلىندى) مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى, بۇ چارە 1 – مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     ‹‹چارە››گە ئاساسەن, توكسىكىلىت ھەيدىگۈچى 16 ياشتىن ئاشقان بولۇشى ھەمدە قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەردە كۆرسىتىلگەن بىخەتەر ھەيدەشكە توسالغۇ بولىدىغان جىسمانىي كەمتۈكلۈكى بولماسلىقى كېرەك. توكسىكىلىت ھەيدىگەندە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرۈشى, توكسىكىلىتقا نومۇر تاختىسى ئېسىشى؛ قاتناش بەلگە چىرىغى, قاتناش بەلگىسى, قاتناش بەلگە سىزىقىغا رىئايە قىلىشى؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى, پىيادىلەر توغرا يولى ياكى كۆتۈرمە كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە, توكسىكىلىتتىن چۈشۈپ ئىتتىرىپ مېڭىشى؛ تورمۇز ئىشلىمىگەندە, توكسىكىلىتتىن چۈشۈپ ئىتتىرىپ مېڭىشى كېرەك.     ‹‹چارە››يولغا قويۇلغاندىن كېيىن, موتورلۇق ۋە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يول ئايرىلغان يولدا يۈرگەندە, توكسىكىلىتنى موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ھەيدىشى؛ مەركىزىي سىزىق, موتورلۇق ۋە موتۇرسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى ئايرىلمىغان يولدا يۈرگەندە, توكسىكىلىتنى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ھەيدىشى كېرەك.     توكسىكىلىتقا باسقان نەرسىنىڭ ئېگىزلىكى, يەر يۈزىدىن ھېسابلىغاندا 1.5 مېتىردىن؛ ئىككى يان كەڭلىك ئىككى تەرەپ رولدىن ھېسابلىغاندا 0.15 مېتىردىن؛ ئۇزۇنلۇقنىڭ ئالدى بېشى توكسىكىلىت چاقىدىن, كەينى بېشى توكسىكىلىت ئومۇمىي گەۋدىسىدىن 0.3 مېتىردىن؛ باسقان نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى 15 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك, توكسىكىلىت رولىغا نەرسە – كېرەكلەرنى ئېسىۋېلىشقا بولمايدۇ.     توكسىكىلىت ھەيدەپ پەيدا بولغان قاتناش ھادىسىسى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن – نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
+ z  R8 k; c- }% I) i. u$ c% j% Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسلى مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
چېپىلمىغان مۇشۇ ئىش قالغان ئوخشايدۇ.
ۋاقتى: 2014-1-31 21:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولۇپتۇ مەن قوللايمەن
ۋاقتى: 2014-2-1 00:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ كۇپ  يىڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلاپ تۇرغايسىز
ۋاقتى: 2014-2-1 11:44:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر كېلىپ چىقىۋاتقان قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇشۇ توكسىكىلىت دىگەن ‹‹ پارتىزان ›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك . توكسىكىلىتلارنى ھەيدىۋالغان كىچىك بالىلار ياز كۈنلىرى چوڭ يوللاردا مۇزىكىنى بولىشىغا قويۇۋېلىپ چوڭ ماشىنا بىلەن يول تالىشىپ ماڭىدۇ . سۈرئىتى تېز ، ئۆزى كىچىك بولغاچقا ئاسانلا ھەيدىگۈچى ھادىسىگە ئۇچرايدۇ . ئازراق مەنپەئەتنى دېگەن بىلەن ھاياتنى دوغا تىكىدىغان گەپ . ئەڭ ياخشىسى بۇنى قورامىغا يەتكەنلەر ھەيدىسە مۇۋاپىق .
& b" {  o4 ~, x/ Eبۇ چارىنى قوللايمەن .
ۋاقتى: 2014-2-1 17:21:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ! بىزنىڭ شەھەردە كىچىك بالىلار دىگەن ئۇچىدۇ بۇنىڭغا چىقىۋالسا، كۆرۈپ مىنىڭ قورۇققۇم كىلىدۇ. توۋا دەيمەن بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قورىقماي كىچىك باللىرىغا بۇنەرسىنى بىرىپ  ئۆيىدە بىخارامان ئولتۇرغىنىغا.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-19 16:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش