روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2121|ئىنكاس: 19
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

chrome توركۆگۈ45 %ئېقىم تىجەيدىكەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تورغا چىققاندا, كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى ئېقىم مىقدارىنىڭ تۈگەپ كېتىشى بولسا كېرەك. خوشاللىنارلىق يېرى, گۇگېل شىركىتى تۈنۈگۈن يانفون نۇسخىسىدىكى Chrome تور كۆرگۈچىسىگە سانلىق مەلۇماتلارنى پىرسلاش ئىقتىدارى قوشۇلغانلىقىنى, بۇنىڭ بىلەن يانفوندا تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا, ئادەتتىكى ئېقىم مىقدارىنىڭ يېرىمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. گۇگېلنىڭ دىيىشىچە, Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ يانفون نۇسخىسىغا سانلىق مەلۇماتلارنى پىرسلاش ئىقتىدارىنى قوشۇلغان بولۇپ, ئابونتلار مەلۇم بىر توربېكەتنى ئاچقان ۋاقىتتا, گۇگېل مۇلازىمېتىرى ئالدى بىلەن بۇ توربەتتىكى مەزمۇنلارنى پىرسلاپ, ئاندىن ئابونتلارغا يەتكۈزۈپ بىرىدىكەن,تور بېكەت مەزمۇنى نورمال كۆرۈنۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا, %45 ئەتراپىدىكى ئېقىم مىقدارىنى تېجەپ قىلىنىدىكەن. ئىگەللىنىشىچە, گۇگېل شىركىتى بۇ ئىقتىدارنى تەتقىق قىلغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ, بۈگۈن ئاخىرى رەسمىي تۈردە ئوتتۇرىغا چىقارغان, بۇ ئىقتىدار نۆۋەتتە Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ يانفون نۇسخىسىغا (ئاندىرويىد ۋەiOS ) قوشۇلغانىكەن. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدىغىنى شۇكى, Chrome ئابونتلار تور كۆرگۈچىسى ئارقىلىق نامسىز سالاھىيەت بىلەن تورغا چىققاندا, ياكى SSL مەخپىي شىفىرىنى قوللانغاندا (HTTPS دىن باشلانغان بەتلەردىكى ئەزا نومۇرى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىدىغان بەتلەرنى ئاچقاندا) , يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئېقىم تېجەش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. ئەگەر ئابونتلار بۇ ئىقتىدارنى نورمال ئىشلەتمەكچى بولسا, چوقۇم Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ «تەڭشەش» رايونىدىكى «تور بەلبىغىنىڭ كەڭلىكىنى باشقۇرۇش» ئىچىدىن «ئېقىم مىقدارىنى تېجەش» تۈرىنى تاللاش كىرەككەن. يېڭى نۇسخىسىكى Chrome يانفون تور كۆرگۈچىسىگە يەنە كومپىيۇتېر نۇسخىسىدا بۇرۇنلا ھازىرلانغان «نامسىز سالاھىيەت شەكلى» قوشۇلغان بولۇپ, بۇ خىل ھالەتتە تورغا چىققاندا, تور كۆرگۈچ ئابونتنىڭ زىيارەت ئىزىنى, ئەزالىق نۇمۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى خاتىرلىمەيدىكەن. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ رولى بولسا, كومپىيۇتېرنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئابونتنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى بايقاپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. ئۇندىن باشقا, iOS سىستېمىسىغا قارىتىلغان يېڭى نۇسخىدىكى Chrome تور كۆرگۈچىسىگە يەنە كومپىيۇتېر ۋە ئاندىرويىد نۇسخىسىغا بۇرۇنلا قوشۇلغان تور بەتنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىمۇ قوشۇلغانىكەن. ئاندىرويىد نۇسخىسىغا بولسا, ئابونتلار دائىم زىيارەت قىلىدىغان توربەتلەرنىڭ ئادرىسىنى بىۋاستە يانفون ئېكران يۈزىگە ساقلىۋىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
2 y1 |4 f; ^( E6 Oمەنبە.  ئۇيغۇر خەۇەر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

360 ئەپ بازىرىغا chrome دەپ يېزىپ چۈشۈرۈڭلار مەنمۇ شۇنداق چۈشۈردۈم
ئوھوي ياخشىغۇ..ئەمما ئادېرىسنى يىزىپ قويساڭلا تېخىمۇ ياخشىتى.مىنىڭ تېلپۇندا ئەپ بازىرى سىستېمىسى يوق
http://wap.sogou.com/app/apkdetail.jsp?ppid=34&cid=45&docid=814557834958396992&e=1394
ۋاقتى: 2014-1-18 05:48:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن.
مول مەزمۇنلۇق خەۋەر ئىكەن,رەھمەت
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
لىكىن تور سۈرئىتى بەك ئاستىكەن
ھەقانچە قىلسا uc غا يەتمەيدۇ http://wap.sogou.com/app/apkdetail.jsp?ppid=34&cid=45&docid=814557834958396992&e=1394, P6 x, h$ m1 y" I- }- }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-18 17:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش