روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2720|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەخلاق ۋە ئەخلاقسىزلىق توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەخلاق- ئىنسان ھەرىكىتىنى بەلگىلىك رەۋىشتە چەكلەپ تۇرۇشتىكى مىزان بولۇپ، قائىدە – تۈزۈملەرگە قارىغاندا چەكلىمىلىكى كۈچلۈك ئەمەس ۋە ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاساسىدا يۈرگۈزۈلىدۇ.. K" T# y6 `5 G" m) b9 @$ Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، نۇرغۇن مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر ۋە ئۇتۇق قازانغان ئەللەر ھاكىمدارلىرىنىڭ ئەخلاقنى ئۆز ھەرىكىتىگە مۇھىم ئۆلچەم قىلغان ئاساستا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى خاتىرلەنگەن.* T( a& Q# [2 G8 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىر جەمىيىتىمىزدە ھەر ساھە كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرقايسى قاتلاملاردا ئاجايىپ ئىقتىدارلىق بىلىملىك شەخىسلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى يېتىشىپ چىقىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يەنە ئەخلاقنى قايرىپ قويۇپ، بۇزۇقچىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قاتارلىق ئىشلار ۋە بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە شۇ مۇناسۋەتلەر بىلەن ئۆز ئارا جىدەللىشىۋاتقانلىغىنى، ئوغىرلىق، بۇلاڭچىلىق، قويمىچىلىق، باسقۇنچىلىق، قاتىللىق جىنايەتلەرنى ،شۇ ئەخلاقسىز كىشىلەر تەربىيىسدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان نارسىدىلەرنىڭ ئەخلاقسىز مۇھىت قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئىلىم ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر، ئارىمىزدا خېلى ئاڭلىق، مەدىنيەت سەۋيەسى يۇقۇرى، دۇنيا قارىشى ئېنىق، جەمىيەتكە بولغان چۈشەنچىسى ئايدىڭ دەپ قارىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ: «ھازىر يۈز بېرىۋاتقان،بۇزۇقچىلىق، ئەخلاقسىزلىقنى بىر – ئىككى ئادەم سۆزلەپ تۈزەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي ھاياتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك» دەيدىغانلارننىڭ كۆپ بولىشى ." G* D1 F' n' W" g; [4 w3 J+ m# Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىر  جەمىيىتىمىزدە  يۇقۇرى ئىستىمال، مودا قوغلۇشۇش، ۋاقتىنى تۈرلۈك چاي ئولتۇرش، زىياپەتلەردە ئىچىش – چىكىش، ۋە تورخانىلاردا قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ ياكى يۇقۇرى تېخنىكىدا ئىشلەنگەن، كومپىيوتىر ساۋاتلىقلىرى ئوينىيالايدىغان ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقلارغا ھېرىسمەن بولۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، روھى ۋە مەنىۋىيىتىدىكى قۇپ – قۇرۇقلۇقنى تاشقى پار – پۇر سالاپەتلىرى بىلەن پەدازلاپ، ئۆزىلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا بۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ ئاخىرى چىقماس ھەشەمەتچىلىكلەرگە قىزىقتۇرۇشى ئارقىسىدا، شۇنداقلا بىلىپ بىلمەيلا بۇلارنى دوراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزلىرىنى، ۋەزىيەت تەرەقىياتنى چۈشىنىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان قاتاردا تۇرۇۋاتقاندەك، يۇقۇرى تەبىقە كىشىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغاندەك، ساقتا قىياپەتلەر بىلەن پەدازلايدىغانلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى، ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى ئاساسى ئاجىز بىرقىسىم كىشلىرىمىزنىڭ تاپقىنىنى بۇ ھەشەمەتچىلىككە يېتىشتۈرەلمەي يا بۇ ھەشەمەتچىلىكتىن مىھرىنى ئۈزەلمەي يۈرۈيدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق بىر قاتار ناچار  بولغان مەسىلىلەربىزگە نىسبەتەن بىر چوڭ سىگىنال.1 {0 Z4 d! z7 Q+ }7 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  
1 }) k. \# x" K: Hئەگەردە بىزدە مۇشۇنداق ئەخلاقسىز كىشلىرىمىز  مۇشۇ ھالەتتە يامىراپ كېتىۋەرسە كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئۇلار بىزنى نىمە دەپ قاغار؟ بىزدىن قانداق نەپرەتلىنەر؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى تۇنۇش ۋە تۈزەش، ئاندىن ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش بىلەن پەرزەنلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئائىلىدە بار بولغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر كەسىپلەردىن بازارغا ماس كەلگەندىن تارتىپ دەۋر تەرەقىياتىدا يوقۇلۇش، ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھۈنەر كەسىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسىنى باللىرىمىزغا تۇلۇق ئۆگىتىپ بولۇپ، ئاندىن باشقا ھۈنەر كەسىپ ئۈگىنىشكە بېرىش؛ پۇرسىتى كەلگەندە بۇ ھۈنەر كەسىپلەرنىڭ ئىقتىسدى ئۈنۈم يارىتىشىغا ئاساس سېلىپ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تاپالايدىغان، تاپقان پۇلنى ئەھمىيەتلىك ھەم ئۆز ئورنىغا خەجلىيەلەيدىغان؛ مەبلەغ سالالايدىغان؛ پۇلغا باغلىنىپ قالىدىغان، پۇلغا خىزمەت قىلىدىغان بولماستىن، پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، پايدىلنالايدىغان؛
* f- b' Z$ }. x/ l. dزامانىۋى ئاڭغا ئىگە بىر ئەۋلات كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقساق، ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ تارىخنى، ئۆزى بىلگەن ئەجداتلىرىنىڭ ياخشى ئىش ئىزلىرىنى، ئۆزى ياشاپ ئۆتكەن مەھەللە يېزا- قىشلاقلارنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ۋە تارىخىي مەسىلىلەرنى سۆزلەپ، مەنىۋىيتىنى خۇراپاتلىقتىن ئەمەس بەلكى ئىلمىي، ئېنىق، چۈشىنىشلىك، ئىبرەتلىك چۈشەندۈرۈپ بەرسە؛ ھەم شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا. ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئائىلىمىزگە مەسئول بولۇپ ئۆز قولىمىزدا ئىجرا قىلالايدىغان ئىجابى بولغان ئائىلە ئەخلاقى، جەمەت يوسۇنى قاتارلىق ئىمتىيازلىرىمىزدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ھەر كىم ئۆز ئائىلىسىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاقلىق، قائىدە – يوسۇنلۇق، ئىقتىدارلىق، راستچىل، قانۇن ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇن ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلىگەن ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقساق؛ شۇنداقلا بالىلار خالىغان ۋاقتىدا ئۆز ئوي پىكىرلىرىنى ئاتا – ئانىسىغا ئېيتىپ سىردىشالايدىغان، ھېچ بولمىغاندا ئائىلە ئەزالىرىنى باشقىلارغا ئىشەنچلىك تۇيغۇ بېرىدىغان قىلىپ تەربىيلىسەك؛ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردە مۇشۇنداق ئومومى ساغلام كەيپىيات شەكىللەنسە؛ ھازىرقى مەنىۋى بۇلغۇنۇشلار يوقۇلۇپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىلىپ، خاتىرجەم كەيپىيات شەكىللىنىشى مۇمكىن. بىزدە ئائىلە، مەكتەپ، جەمىيەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئەخلاق تەربىيىسى چىڭ تۇتۇلىدىكەن ئەخلاقسىزلىق يوقۇلۇپ ،جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ گۈزەل، گۈزەللىككە قەدەم قويۇشى مۇمكىن.3 i. m+ y) u" }1 N+ Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە : ئەزھەرىلەر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
اللاھ سىزدىن رازى بولسون قىرىندىشىم
Allah szdin razi bulsun yahxi timikan

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-23 21:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش