روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3495|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاپتونوم رايونىمىزدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەر.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimITt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-6 08:55  
; s5 M* {2 g/ `7 W4 _3 F  e  R+ m) C0 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن پائال ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، 1-ئۆكتەبىرىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرى (تۈرلۈك شوپۇر تەربىيەلەش مەكتەپلىرى، ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئېلىنىدىغان شوپۇر تەربىيەلەشتىكى باشقۇرۇش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
9 H/ c; ]' D  J# l6 B( i0 r1 Kئىگىلىنىشچە، ھەر بىر كۇرسانتنىڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىدە شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىش جەريانىدىكى خىراجەتلىرى ئىچىدە، ئىمتىھان ھەققى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلاردىن سىرت، شوپۇر تەربىيەلەش ھەققى كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش كەسپىدىكىلەردىن باشقۇرۇش ھەققى ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان ئەھۋالدا، شوپۇر تەربىيەلەش مەكتىپى  شوپۇر تەربىيەلەش ھەققىنىڭ ٪3ىنى ئاجرىتىپ باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۈرۈمچىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ C1 پىراۋىسىنى ئالماقچى بولغان كۇرسانتلارنىڭ ھەر بىرىدىن 2400يۈەن ئۆلچەمدە تەربىيەلەش ھەققى ئېلىنىدۇ دەپ ھېسابلىغاندا، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى ھەر بىر كۇرسانت ئۈچۈن 72يۈەندىن باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرىدۇ. «ھەرقايسى جايلاردىكى شوپۇر تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى  تەربىيەلەش ھەققىنىڭ ٪3ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن باشقۇرۇش ھەققى ئالسا بولىدۇ». بۇ خىراجەت ئاساسلىقى تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىناق ئىمتىھان سوئاللىرى ئامبىرى قۇرۇش، تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى پائالىيىتى ۋە تەربىيەلەش سۈپىتىنى باھالاش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.* d3 |- E. Q& kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تىرانسپورت باشقۇرۇش باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ يۈكىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىنىڭ شوپۇرلۇق ئورگانلىرىغا قويىدىغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ھەرقايسى شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ شوپۇر تەربىيەلەش مەيدانى، ئۆگىتىش ۋە تەربىيەلەش، مەشقاۋۇللارنىڭ ساپاسى قاتارلىق تەرەپلەردىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۆلچەمنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى تەننەرخنىڭ ئۆسۈشىدىن بىشارەت بەردى، بىراق شوپۇر تەربىيەلەش ھەققى ئۇدا تەڭشەلمىدى، شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلىدى. بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ يۈكىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەتتى، بىراق بۇ تۈزۈمنىڭ كۇرسانتلارغا بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس.  a* \8 {: P# W/ G5 Q: nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرى (تۈرلۈك شوپۇر تەربىيەلەش مەكتەپلىرى، ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن جەمئىي 337سى بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەشتىكى باشقۇرۇش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، يىلىغا شوپۇر تەربىيەلەش ئورگانلىرىنىڭ 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق يۈكى يېنىكلەيدۇ.
. d/ o) H7 n! b* j" ]/ m! @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

7 L. a' Z) G( U) {$ b; Z% Yمەنبە : مەڭگۈتاش قاتناش-تىرانسىپورىت تورى
/ `4 b) R9 G8 R, E9 O              www.menggutash.cn

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەڭگە +1 بايلىق +4 يىغىش سەۋەبى
401 + 1 ياقتۇردۇم
ablimitt + 4 ئىملاغا دىققەت قىلىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

رەھمەت قىرىمدىېشىم مەنمۇ شوپۇرلۇقدا ئۇقۇۋاتقان بۇنداق ياخشى ئىشلار بىزنىڭ يۇرتغا خىلى ئۇزۇندا كىلەر
نىمە ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى بىردەك ئەمەس' ھەم قىلىپلاشمايدۇ.مەن يەكەندە c1 كىنىشكىگە تىزىملاتقان ئدىم 6000 مىڭ يۈەن دىېدى .ئامال يوق تېزىملاتتىم .لېكىن قەشقەر شەھرىنىڭ ئۆزىدە تىزىملاتسا c1 كىنىشكە ئۈچۈ 3800 يۈەن ئىلىنىدىكەن. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك.c1 كىنىشكە شۇنداق قىممەتمۇ؟

باھا سۆز

توغرا، رايونىمىز تەۋەسىدە ھەرقايسى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بىردەك ئېنىق ھەم قېلىپلاشقان. م  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-11-6 20:14
بۇ ھەقتە ئېنىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بار ،ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممە يېرىدە باھا بىردەك بۇلۇشى كېرەك . ئەگەر سىز ئۆل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-11-6 16:43
جاۋاپ بەرگۈدەك ھىچكىم چىقماسمۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-6 16:43:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BVRKVT يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 12:17
6 q& v0 b$ s0 fنىمە ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى بىردە ...
+ L: A6 ~- d! X/ g* iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ھەقتە ئېنىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بار ،ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممە يېرىدە باھا بىردەك بۇلۇشى كېرەك . ئەگەر سىز ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارسىڭىز يەرلىك يول قاتناش باشقۇرۇرش ئىدارىسى ، ياكى قاتناش-تىرانسىپورىت ئىدارىسىگە بېرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلسىڭىز بۇلىدۇ ، ياكى بولمىسا 96511 قاتناش نازارەت قىلىش نۇمۇرىغا مەلۇم قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، تەپسىلى ئەھۋالنى مەڭگۈتاش قاتناش-تىرانسىپورىت توردىن بىلگەيسىز .
ۋاقتى: 2013-11-6 20:14:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BVRKVT يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 12:17
, v5 t; l" k! ~0 N! W6 {1 r) oنىمە ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى بىردە ...

- X( B9 f9 U+ C& Z& E( k, M- V, b/ eتوغرا، رايونىمىز تەۋەسىدە ھەرقايسى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بىردەك ئېنىق ھەم قېلىپلاشقان. مەنمۇ ئالدىنقى يىللىرى 2013- يىلىدىن باشلاپ شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ھەق ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. مۇشۇ مىش- مىش گەپكە ئاساسەن نەچچە ئاي ئىلگىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر پروگراممىسىدا مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس بىر زىيارەتمۇ ياكى مەخسۇس فىلىممۇ، شۇ بىرسىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل ھەم مۇشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى شوپۇرلۇق تەربىيەلەش تارماقلىرىنىڭ شوپۇرلۇق تەربىيەلەش ھەققى ئۆسمىگەن ھەم ئۆستۈرۈلمەيدىكەن، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بىردەك بولۇپ، ئەھۋال ھەقىقەتەن سىز ئېيتقاندەك بولسا «مەڭگۈ تاش» ئېيتقاندەك ئورۇن ھەم شۇ تېلېفۇن نومۇرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغاندىن تاشقىرى تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى مال- باھا تارماقلىرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ.
ۋاقتى: 2013-11-6 22:10:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر يۇقۇردىكى ھەقلەر ئېشىپ كەتتى  دەپ مەكتەپلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلساق قاراتىزىملىككە كىرىپ قېلىپ پىراۋا ئالالمايدىغان گەپ.ئۇلارنى ئەسكى  دەپ قۇيۇپ يەنە شۇلارنىڭ ئالدىغا بارساق .ئۇلار ياخشى قىلدىڭىز .ھەقنى تۆۋەنلىتىپ پىراۋا بىرەيلى دىمەيدۇ ھەرگىز..ھازىر ناھەقچىلىق  بەك كۆپ.يۇقۇرنىڭ سىياسىتى ياخشى بولمىسا. قاچانمۇ تۈزۈلەر بۇ ئىشلار ...

باھا سۆز

شۇ سىلەردەك ئويلاپ ئەنسىرەپ ئەرىز قىلمغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇلارنىڭ ھالى بەك يوغناپ ، گېلى بەك كەڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-11-15 03:15
ۋاقتى: 2013-11-6 22:17:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قىرىمدىېشىم
Bahadirbizدوستىمىزنىڭ ئىيتىقىنى بەرھەقـ مەنمۇ شۇ مەسىلىنى ئويلاپ بىشىم بەك قاتتى قانداق قىلىشىم كىرەكلىكىنى بىلەلمىدىم.باھا قىممەتكەن دەپ ئۈسەىدىن شىكايەت قىلساق ئۇلار ھەرگىزمۇ باھانى تۆۋەنلەتمەكتە يوق ئەكسچە بىزنىڭ كىنىشكە ئىلىش ئىلىش ئىشمىزنى سۇغا چىلاشتۇرىدۇ.شىكايەت قىلمىساق باشقىلاردىن بىر قابچە ھەسسە ئارتۇق پۇل تۆلەيدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستگە شوپۇرلۇق مەكتەپلەرنىڭ ھالى بەك چوڭ بوپ كەتتى.بۇنداق مەسىلىلەر تېزرەك ھەل قىلىنسا بولاتتى.
بۇ ئىشتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-14 12:35

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش