|
مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ئېسىمگە كېپ باقمىغىلى نەۋاخ بولغان، بۈگۈن بۇ تىما بىلەن باشلانغۇچتا 5 يىل ۋىلايەت بويىچە ئىلغار سىنىپ كوللىكتىپى، مىنى ناھىيە بويىچە 3تە ياخشى ئوقۇغۇچى شەرىپىگە ئېرىشتۈرگەن ئوقۇتقۇچۇم ئېسىمگە كەلدى. ئۇ چاغدا ھېچقانداق قەغەزمۇ بەرمەي، ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىڭىز دىگەن بولسىمۇ بەك خوش بولغانتىم، تولۇقسىزدىكى ئوقۇتقۇچۇم مەندە ھېچقانداق ئالاھىدە ئەسلىمە ۋە ئەسلەشكە تىگىشلىك بىرەر ئىش قالدۇرالمىغان، مەندە قالدۇرغان ئەسلىمىسى پەقەتلا «سەن مەكتەپ بويىچە ئىلغار ئوقۇغۇچى تۇرۇپ ئالغان نۇمۇرۇڭ ئاران 95مۇ» دەپ داۋاملىق بىگىز بارمىقى بىلەن پىشانەمدىن ئىتتىردىغىنى خالاس. بۇ ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ باشلانغۇچتىكىسى ساقچى بوپ كەتتى، تولۇقسىزدىكىسى يۆتكىلىپ كەتتى، تولۇقتىكى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئىسمىلا ئېسىمدە بار. تولۇقتىكى مۇئاۋىن سىنىپ مۇدىرىمىز مىنى كۆرسىمۇ تونۇمايدۇ، سەن قاچان مەندە ئوقۇغانتىڭ؟ مەن سىنى ئوقۇتقاندەك ئېسىمدە دەپ قويىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بىر ئۆمۈرىدە تۈمەنلىگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىدىكەن، لىكىن شۇ ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەپ تۇردىغىنى نەچچە 10غىمۇ يەتمەيدىكەن. لىكىن ئۇلار ۋايسىمايدۇ. جاپاكەشلەرنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|