روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2586|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئون يىلدا %50 ئازىيىپ كەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-21 16:30:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

$ ]+ r6 ]* a$ @; R2 r( e! k. c! P5 z, i& ^+ Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 1 – مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇڭ يېقىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر كۈنسېرى ئازايماقتا، مەكتەپلەرنى قارىغۇلارچە قىسقارتىش، قوشۇۋېتىش خاھىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش، قىسقارتىلىدىغان، قوشۇۋېتىلىدىغان مەكتەپلەر كۆپرەك بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش، مەكتەپلەرنى قىسقارتىش، قوشۇۋېتىش ئىشلىرىدا چوقۇم ئاممىنىڭ پىكرىنى ئېلىش، بولۇپمۇ، ئاتا – ئانىلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش، ئەگەر بۇ تەرتىپلەر تولۇق بولمىسا، مەكتەپلەرنى قىسقارتىش، قوشۇۋېتىشكە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.    ‹‹مەكتەپلەرنى قىسقارتىپ، قوشۇۋېتىش›› سىياسىتى 2001 – يىلى يولغا قويۇلغان. ئەينى يىلى يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ زور نىسبەتتە كېمىيىشىگە ئەگىشىپ، گوۋۇيۈەن ‹‹ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى قارارى›› نى ئېلان قىلىپ، جايلاردىكى ھۆكۈمەتتىن يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلغان مەكتەپلەرنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ سىياسەت يېزىلاردا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2000 – يىلى، ئېلىمىز يېزىلىرىدا 440 مىڭ 284 باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى، 2010 – يىلىغا كەلگەندە، 210 مىڭ 894 ى قالدى، دېمەك، ئون يىلدا يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى %52.1 كېمەيدى.    شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا مائارىپى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ شەنخۇەي مۇنداق دېدى: مەكتەپلەرنى قىسقارتىش، قوشۇۋېتىش ھەقىقەتەن مەكتەپ ۋە مەكتەپ ياتاقلىرى كۆلىمىنى، ئوقۇتۇش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە پايدىسى بار. ئەمما، قىسقارتىش ۋە قوشۇۋېتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قىسمەن ئىقتىسادىي تەننەرخى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي تەننەرخى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت ۋە بىخەتەرلىك خەۋپى تەننەرخىگە يۈكلەندى. قىسقارتىش، قوشۇۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش ئارىلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن .05 4 كىلومېتىر ئۇزىراپ، بىخەتەرلىك خەۋپى كۆپەيدى؛ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چىقىمى 1157.38 يۈەنگە يېتىپ، يېزا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارتۇقچە چىقىمىغا ئايلاندى.    ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن    4 v, ~; p& I, `' ^+ B) t7 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-12-21 16:53:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانداراق ئىستاستىكىنى قىلىپ باقىدىغانغىمۇ ئادەم باركەن ھە ...................
( D- F$ `7 {( w+ b% N5 a& R) Uئوقتۇرۇشنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىنى چۈشەنمىگەن تۆۋەندىكى دۆت باشلىقلار ئەمدى قانداق قىلاركىن .......... 1 q0 Y  ]) U8 e! w9 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

- G4 Z6 W- c) ~3 \8 ]; a8 ^' Mقىسقارتىڭ دىسە شۇنداقمۇ قىسقارتامدۇ .................  بىر ناھىيە بويىچىمۇ بالىلارنى بىر يەرگە يىغامدۇ دەيمە............... ( j9 ^) ?. \# C3 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

: f# V- W4 m# z& [/ Y3 yبىر مەكتەپ ئازايسا بىر تۈرمە كۆپىيدۇ.............  ماۋۇ گەپنىمۇ ئويلاپ بىقىشقا تىگىشلىك.
ۋاقتى: 2012-12-21 17:17:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق. يېقىندا ئاپتۇنۇم رايۇن ھۆججەت تارقىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قايتا تەكشەپ، مەكتەپ ناملىرىنى بېكىتىپ ھۆججەت چۈشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ! يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تاماقلىرى ھازىر پىكىر توپلاپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغان مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ ناملىرىنى بېكىتىپ ئاپتۇنۇم رايۇنغا يوللاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ قىيىنچىلىق ناھايىتى كۆپكەن . بەزى كەنتلەردە ئومۇمى ئوقۇغۇچى سانى 20 -30 ئەتراپىدا بولۇپ، باشقا مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يىراق..... بولغانلىقتىن، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ ئىلمى پىلانلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ....
ۋاقتى: 2013-12-19 22:39:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر نېمە بولسا بالىلارنىڭ بولۇپمۇ باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى بالىلارنىڭ قىشلىقى مەكتەپكە بېرىپ كېلىشتىكى سوغۇق ھزابى بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللىگىدەك، 20 -30 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار يىراق كەنتلەردە ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ ئۇلارنى خاتىرىجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك، ھەم ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭمۇ شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاش بەك مۇھىم، ئوقۇتۇش نۇقتىسى دېسە 80- يىللاردىكى كونا سىنىپلار پېتى تاشلىنىپ قالماسلىقىنى مائارىپ بايلىقىنى تەڭشەش پىلانىغا كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەك مۇھىم، بۇنداق ئەھۋاللارنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلان كۆرگەچكە شۇنداق دەۋاتىمەن. دوسلارنىڭمۇ مۇشۇ ھەقتە بەكرەك تەكلىپ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە يەتكۈشۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 05:03

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش