روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2830|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-14 11:07:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahat0902 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-14 13:00  
$ {% Z) Y+ M) S9 ]* a7 X, _
7 L7 A! n" q  y8 I  m2 W: n
مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك
& ~  v5 P+ `2 z1 [/ K% eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
زۇلپىقار بارات ئۆزباش
بىر توپ ئەما بىز،
4 g* t9 D% N" H, Oھەممە نەرسىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ يۈرگەن .4 J2 x& y. R+ Z, W, t# p3 y$ Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر توپ سۆيمىگۈچى بىز،4 Z& b( w- n& y& d& wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەممە نەرسىنى لەۋلىرىمىز بىلەن سۆيۈپ يۈرگەن.! L. o4 d# B$ W3 e9 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− رەخىم ياسىن قاينامىينىڭ «كۈندۈز تۇغقان ئاي» ناملىق شېئىرىدىن
& {: k6 Z. j) w$ E1. مۇقەددىمە: تېمىغا كىرىش
9 q3 p/ h- K' t1 G$ E0 b8 V ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(1)
* R0 h9 c# y5 D; M9 D0 Zدۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورۇنى
* P/ l; L( I0 e− سورۇنمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. قېنى ئەمسە بىر دۇئا قىلىۋېتىپ قوپامدۇق!
" X, i$ O; l5 Y; ]" v4 V, l9 i سورۇن ئىگىسىنىڭ ۋە تۆردە ئولتۇرغان باشقارما دەرىجىلىك كادىر جالالنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ساقىي ئالدى بىلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى. مەن چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى ئەتراپىمدا ئۈچ سائەتتىن بېرى ئىچىشىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى غەرق مەست بولغانىدى. بۈگۈنكى سورۇندىكى مەقسىتىم مېھمان بولۇشتىن كۆرە، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر كارتىنىسىنى نەق مەيداندا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىگىلەش ئىدى. ئەمما ئىچمەي ئولتۇرۇپ ھاراق سورۇنىنى كۆزىتىش تولىمۇ تەسكە چۈشتى.
" e5 s1 s- `! ^1 \ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شىنخۇا يولىغا جايلاشقان كاتتا رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدىن چىقتىم، سورۇن ئىگىسىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ مېڭىپ كەتتىم. كۈتكىنىمدەك، بۈگۈنكى سورۇندا ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلىشىمغا ئەرزىيدىغان بىر نەچچە خىل ئەھۋال كۆزگە چېلىقتى: بىرىنچىسى، مېھمانلارنىڭ غەرق مەست بولۇپ تۇرۇپ تاماققا «ئامىن» دەپ دۇئا قىلىشى؛ ئىككىنچىسى، سورۇندىكى ئىچمەيدىغان بىر- ئىككى مېھماندىن باشقىلارنىڭ (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) نۆۋەت بىلەن بېرىپ باشلىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ھاراق تۇتۇشى، ئەمما باشلىقنىڭ ئۇلارغا ھاراق تۇتماسلىقى؛ ئۈچىنچىسى، باشلىق جالال شوپۇرىغا بۇيرۇپ X.O ماركىلىق چەت ئەل ھارىقىنى سورۇنغا ئەكىرگۈزگەندە، نەچچەيلەننىڭ ھاراقنى ھەۋەس بىلەن سىلاپ كېتىشى ۋە ئىچىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئاغزىنى تامشىتىپ، سۈزۈپ تۇرۇپ ئىچىشى؛ تۆتىنچىسى، مېنىڭ سورۇندا باشتىن– ئاخىر ئىچمەي، چەكمەي، ھېچكىمگە ھاراق سۇنماي ئولتۇرۇشۇمدىن ئىچى پۇشقان باشلىقنىڭ: «يا ئىچمىسىڭىز، يا چەكمىسىڭىز، سىزنى قانداق ئەر كىشى دەيمىز!» دەپ چاقچاققا يۆلەپ چېقىۋېلىشى .
" q6 b' i! `8 ]9 ]$ ]ئادەملەر ئۆزىنى جەمئىيەتنى بەك چۈشىنىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما، بۇ− بىر خىل خاتا تۇيغۇ. بەلكىم نۇرغۇن ئوقۇرمەن «شەھەر ۋە يېزا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىلىرى ھەممىگە نورمال، تەبىئىي بىلىنىپ كەتكەن ئۇششاق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا قىزىقىدۇ ۋە كۆپرەك « نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ ئەمەس، «نېمىشقا بۇنداق بولمايدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. داڭقان پۇتى سوئالدىن كىشىلەرگە ئاددىي تۇيۇلغان رېئاللىقنىڭ كەينىدىكى ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى ئىزدەشكە تىرىشىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسى سۆكۈش ئەمەس، بىراۋغا گۇناھ ئارتىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئادەت كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، مۇرەككەپ تۇرمۇش قاتلاملىرىنىڭ ئۆركەشلىرىدە نېمە بارلىقىنى ئېچىپ بېرىش. بىز يۇقىرىقى نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماي، ئاۋۋال مۇنداق بىر قانچە داڭقان پۇتى سوئالنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ باقايلى: بىرىنچى، مېھمانلار نېمە ئۈچۈن مەست بولۇپ تۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشنى ئۇنتۇمايدۇ؟ ئىككىنچى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ئەسلىدىن مۇرەسسەگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئىككى سىمۋوللۇق بەلگە− ھاراق بىلەن دۇئا قانداقىسىگە بىر سورۇندا كۆزگە چېلىقتى؟ ئۈچىنچى، نېمە ئۈچۈن باشلىق باشقا مېھمانلارغا ھاراق تۇتمايدۇ؟ تۆتىنچى، ئەگەر ئاشۇ سورۇنغا چەتئەلنىڭ o. xھارىقى ئەمەس، باشقا ئادەتتىكى ھاراق قويۇلغان بولسا، مېھمانلار ئۇ ھاراقلارنىمۇ ئەنە شۇنداق ھەۋەس بىلەن سىلاپ كېتەرمىدى ياكى تىلىنى تامشىتىپ تۇرۇپ ئىچەرمىدى ؟ يۇقىرىقى سوئاللار قارىماققا داڭقان پۇتىدەك، كۈلكىلىكتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، بىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ماقالىنىڭ بېشىدىلا پىكىر قىلىشقا ئۈندەش مەقسىتىدە تېمىنى ئېنىق، ئوچۇق، لوگىكىلىق مۇھاكىمىلەر بىلەن يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق داڭقان پۇتى، تومتاق سوئال قويۇشقا مەجبۇرمىز .. F# M& ~/ |8 v4 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىجتىمائىي تۇرمۇش سىمۋوللۇق بەلگىلەر بىلەن تولغان. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئىجتىمائىي ئالاقىدە سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئورنىمىزدىن، يۈرۈش- تۇرۇشىمىزدىن ۋە يەنە كىملىكىمىزدىن بېشارەت بېرىمىز، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ كىملىكىنىمۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق چۈشىنىمىز. مىسالەن، سىمۋوللۇق بەلگە بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن كۆزەتسەك، ئۇيغۇرلار ئەتراپىدا− ئۆزى بىلەن بىر خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئۆزىگە خاس ئادەتلەر بىلەن ياشاۋاتقان ۋەتەنداش مىللەتلەرنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرىدىن پوجاڭزا ئېتىشنى خەنزۇلارنىڭ، »قىز قۇۋار« ئويۇنىنى قازاقلارنىڭ، ئادىنوشكىنى تاتارلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە باغلاپ چۈشىنىدۇ. باشقا ۋەتەنداش مىللەتلەرمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى بەلگىلىك سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق تونۇيدۇ. خەنزۇلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى دائىرىسى ئىچىدىكى دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان. ھەر يىلى قۇربان ھېيت، روزا ھېيت كېلىش ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھېيتلىق دەم ئېلىش توغرىسىدا رادىئو- تېلېۋىزىيە ۋە «شىجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق ئورگان گېزىتلىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېر تورلىرىدا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ «مۇسۇلمان ئاممىسى» دېگەن گەپنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمەتمۇ، خەنزۇلارمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ .
; v4 o' Q& K+ b, Pئەمدى بىز ئازراق ئىچكىرىلەپ يۇقىرىقى سورۇندىكى بىر قانچە سىمۋوللۇق بەلگىنى ساناپ باقايلى. بىرىنچىسى ھاراق؛ ئىككىنچىسى دۇئا؛ ئۈچىنچىسىx .o ھارىقى؛ تۆتىنچىسى، باشلىققا ھاراق سۇنۇش؛ بەشىنچىسى، «ئەرلىك» ئۆلچىمى. ئەمدى بىز بۇ كىملىك بەلگىلىرىنى ئوخشاش بىر نۇقتىدا قويۇپ كۆزەتسەك ۋە «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» (ئەنۋەر سەمەد قورغان، 2007)، «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى» (ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا، 1999)، «ئۇيغۇرلاردا ئەدەپ ۋە ئەخلاق» (مۇھەممەد ئوسمان ھاجىم، 2003 )، «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى» (ئىسراپىل يۈسۈپ، 2006) قاتارلىق فولكلور، مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن جاۋاب ئىزدىسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ھاراق سورۇنىدا دۇئا قىلىشقا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرنى تاپالمايمىز. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان ھاراق بىلەن دۇئادىن ئىبارەت ئىككى سىمۋوللۇق بەلگە بۇ يەردە شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىكى زىددىيەتلىك كىملىك (Ambivalent IdentITy (矛盾认同,نى ئاشكارىلايدۇ. بىز يۇقىرىقى كۆرۈنۈشكە ئادەتلەنگەن نەزەر بىلەن ئەمەس، بىر چەت ئەللىكنىڭ ياكى جەمئىيەتشۇناسنىڭ كۆزى بويىچە قارىساق، چۈشىنەلمەيمىز ۋە مۈجمەللىك ھېس قىلىمىز. توغرىسى، ئالدىمىزدا بىر توپ مۈجمەل، زىددىيەتلىك ئادەم پەيدا بولىدۇ. ئەمدى بىز سوئال قويىمىز: مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بىز بۇ باش سوئال ئاساسىدا «شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىجتىمائىي ئالاقىدە نېمە ئۈچۈن زىددىيەتلىك كىملىكى ۋە مۈجمەل خاراكتېرىنى ئاشكارىلايدۇ؟ قانداق ئاشكارىلايدۇ؟ زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نېمە؟ بۇ ھادىسىنىڭ ئىجتىمائىي يىلتىزى نېمە؟» دېگەندەك يانداش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. تەتقىقات سوئالىنى تاپقانىكەنمىز، شۇ سوئالنى يورۇتۇپ بېرىشكە ماس كېلىدىغان تەتقىقات مېتودلىرىنى تاللاش كېرەك. زىددىيەتلىك كىملىك ۋە مۈجمەل ئادەم دېگەن باش تېما سىمۋوللۇق ئالاقىلەردە نامايان بولىدىغان زىددىيەتلىك بەلگىلەر ۋە مەنىلەرنى تەكشۈرۈشنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ماقالىدە «سانلىق مىقدار مېتودى» Quantitative Approach),定量研究方法)دىن كۆرە، «سۈپەت تەتقىقاتى»(Qualitive Approach (质量研究,نىڭ تارماق مېتودلىرىدىن بولغان «ياندىن كۆزىتىش» Participant Observation), 参与性观察)، »زىيارەت قىلىش» Interview), 访问)، »پاراڭ تەھلىلى» Discourse Analysis), 话语分析) ۋە شەخسنىڭ بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى تەھلىل ئوبيېكتى قىلىدىغان «ھايات كەچمىشى» (Life History ,生活史) قاتارلىق بىرنەچچە ئۇسۇلىدىن ئارىلاش پايدىلىنىمىز. 7 y3 G$ b( Y% ?% M- y5 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقدا ئىپادە بولىدىغان، بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان پەرقلىق ئىپادىلىرىنى تەھلىل قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ئۇيغۇر تۇرمۇش كارتىنىسدىن خەۋەر بېرىدىغان بەزى ئۇچۇرلارنى − ئۈرۈمچىدىكى بىر- ئىككى تۈنەكخانا(دىبا)دا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى بويىچە يىغقان ماتېرىياللىرىمىزنى، 2008- يىلى مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزگەن بەزى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىلىرىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىت يېتىلەپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئىسمى ئەرەبچە بوپقالغانلىقى ئۈچۈن ۋىزىسى رەت قىلىنغان ئابدۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كەچۈرمىشىنى، ئۆزۈمنىڭ ھاۋاي ھونولۇلۇ ئايروپورتىدا زىددىيەتلىك كىملىكتىن دالالەت بەرگەن قىسقا سەرگۈزەشتەمنى، ئاللانىڭ ئىسمىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ۋە ھازىرغىچە تۇنجى يىگىتىنى ئۇنتۇيالماي، ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر» دەپ قارايدىغان بىر پاھىشىنىڭ ئاغزاكى بايانىنى ۋە «بىز مۇسۇلمانمۇ− ئۇيغۇرمۇ؟» دېگەن تېمىدا ئۆتكەنكى مەزگىللەردە ئىنتېرتورلىرىدا بولۇنغان مۇنازىرىنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىمىز ھەم ئۈرۈمچىدە ئوخشىمىغان ياشتىكى، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئالغان ئىنكاسلىرىمىزنى تەھلىلىمىزگە يانداشتۇرىمىز. ماقالىنىڭ نەزەرىيىۋى تەھلىل بۆلىكىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزى ۋە ماھىيىتىنى جەمئىيەت پسىخولوگىيىسى، ماكرو جەمئىيەتشۇناسلىق، مىكرو جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ قىرلىق نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزىتىمىز، مۇھاكىمە قىلىمىز؛ ئاندىن ئۇيغۇر تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى يېشىپ بېرىدىغان جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىنى چېقىشتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلايمىز؛ ئاخىرىدا تەتقىقاتىمىزدىكى چەكلىمىلىكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، بۇ تېمىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئىزدەنگۈچىلەرگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بەزى تەكلىپلىرىمىزنى بېرىپ، خۇلاسىگە ئۆتىمىز .1 E( U( @: A1 E# i' h, |- Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. سىمۋوللۇق ئالاقىدە زىددىيەتلىك كىملىك
- k3 V( p2 G8 d# l1 d% _% Xئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(2)9 w1 l% m/ D( C  a+ v2 d: G9 H' l( @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قۇربان ھېيت كۈنىدىكى ئىزتىراپلىرىم
% W  y: T6 p9 |5 J# Q; B  |1 L/ @ 2008 – يىللىق قۇربان ھېيت ئۈرۈمچىدە زىمىستان قىشقا توغرا كەلدى. بۇ مېنىڭ قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقتىم ئىدى. ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن بارغىنىمدا، »غالىبىيەت« يولىدىكى «بەيتۇلمەئمۇر جامەسى«نىڭ ئىچى ۋە سەيناسىدا ئورۇن قالمىغانىدى. جاينامازنى يولغا سېلىپ ناماز ئوقۇشقا توغرا كەلدى. ئىمامنىڭ «سەپراس» دېيىشى بىلەن ئەمدىلا دىققەتتە تۇرۇشۇمغا، بىر ئۇيغۇر يىگىتى قىستىلىپ كېلىپ يېنىمدا تۇرۇۋالدى. يىگىتتىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى. ئالدىنقى ئاخشىمى ئېغىر ئىچكىنى ئېنىقتەك ئىدى. مەستلىكى تېخى يېشىلمىدىمۇ ياكى ناماز تەرتىپىنى بىلمەمدۇ، ئەيتاۋۇر، يىگىت جايىدا جىم تۇرالمايتتى. قول باغلاپ تۇرۇشقا تېگىشلىك دەقىقىلەردە بىردە چېچىنى سىلايتتى، بىردە ئالدىغا، يېنىغا قاراپ باشقىلارنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆزىتەتتى. ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان ھاراق پۇرىقى خېلى كۈچلۈك ئىدى. بىر چاغدا ئۇنىڭغا تېلېفون كەلدى. ئۇ، يانفونىنى بېسىۋەتتى ./ |; m$ s- v) Y# U! V2 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قۇربان ھېيت شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدىكى زىددىيەتلىك نۇقتىلارنى كۆزىتىشنىڭ ياخشى پەيتى بولغاچقا، قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتە ۋاقىتنى چىق تۇتۇپ جەمئىيەت كۆزىتىشكە چىقتىم. ئوتتۇرا ياشلىق شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە يېڭى ئېچىلغان «يېڭى رۇس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى«نى، ئۇنىۋېرسىتېت يېشىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى «خۇاڭخې» يولىدىكى «كابانا تۈنەكخانىسى«نى تاللىدىم. بىخەتەرلىكنى ۋە باشقا سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ئاغىنەمنى ئېلىۋالدىم. «يېڭى رۇس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى«دا تاماق بۇيرۇتۇۋېتىپ بىر ئىشنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىم: بۇ تۈنەكخانىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار كېلەتتى، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھمانلار ۋە خەنزۇ مېھمانلارنى كۆزدە تۇتۇپ كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرى رۇسچە، خەنزۇچە ئېلان قىلىناتتى. ئەمما، قىزىق يېرى، قورۇما تىزىملىكىدە ئۇيغۇرچە خەت يوق ئىدى. مېھمانلار ئۇيغۇر، لېكىن قورۇما تىزىملىكىدە، تۈنەكخانا ۋىۋىسكىسىدا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلمىغان. رىياسەتچى سورۇن باشلىنىش ئالدىدا مېھمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە گەپ ئارىلىقىدا «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنى… ئۇلۇغ ئاللادىن .. تىلەيمىز» دېگەن گەپلەرنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزىدىكى«ئۇلۇغ ئاللا، مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالمىلارنىڭ ئېيتىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلدىم. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئۇيغۇر مېھمانلارنىڭ ئالدىدىكى شىرەلەرنى كۆزەتتىم. ئاياللار ئولتۇرغان ئۈچ – تۆت شىرەدىن باشقا ھەممە شىرەگە ھاراق ياكى پىۋا قويۇلغان. سورۇن ئەۋجىگە چىقىپ راسا قىزىغاندا مۇنداق بىر نەچچە نۇقتا كۆزۈمگە چېلىقتى: بىرى، چەمبەر ھاسىل قىلغان بىر توپ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئەسەبىيلىك بىلەن دىسكو ئوينىشى ۋە چاچلىرىنى ئېتىپ تۇرۇپ بېسىلىپ ياتقان جىنسىي تۇيغۇلىرىنى ھەرىكەتلىرىدە ئاشكارىلىشى؛ ئىككىنچىسى، چىرايىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرەر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۈچ- تۆت چەت ئەللىكنىڭ تۇرغان يېرىدىن ئاستا- ئاستا سۈرۈلۈپ، قىزلارنىڭ سېپىغا قېتىلىشى. بىر چەت ئەللىك يىگىتنىڭ ئارىدىكى شوخ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن بېقىشىپ، كىرىشىپ دىسكو ئوينىشى. ھەممە شۇنداق بىپەرۋا، شۇنداق خاتىرجەم.
4 k4 B, R4 p" m: c2 P* ~5 v«كابانا تۈنەكخانىسى«غا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 بىلەن يېتىپ باردۇق. تونۇش – بىلىشلىرىمىزدىن ئاڭلىغىنىمىزدەكلا، بۇ تۈنەكخانىغا كېلىدىغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك قىلاتتى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر. پوكەيدە، پۇل ئالىدىغان يەردە نەچچە خەنزۇ بالا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بالا ئىچىملىك تىزىملىكىنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى. قىزىق يېرى، بۇ يەردىكى تىزىملىككە ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغانىدى. مەن نەرسە- كېرەك بۇيرۇتۇپ بولۇپ، كۈتكۈچى بالىدىن سورىدىم :  x6 E4 x9 c5 F$ q* Q) a7 b# Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− ئويغۇر خوجايىن ئاچقان يەرمۇ بۇ؟
/ A; I2 U9 o7 P, R' x' q) R− ياق، خوجايىنىمىز خەنزۇ، − كۈتكۈچى بالا پوكەي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەن سەھنىگە قارىدىم. كىچىك قىزلار ئۇسسۇللىرىنى قىلىق چىقىرىپ، نازاكەتلىك ئويناشقا تىرىشاتتى.$ }4 s: S9 ]6 T/ F+ m3 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمدى يېنىك، لەرزان مۇزىكا باشلاندى. ياش بالىلار جۈپ– جۈپ بولۇپ تانسىغا چۈشتى. بەزى جۈرئەتلىك قىزلار يىگىتلىرى(مەن شۇنداق دەپ پەرەز قىلدىم)نىڭ بويۇنلىرىدىن قولىنى ئۆتكۈزۈۋالغان، بەزىلىرى چاپلىشىپ دېگۈدەك ئوينايتتى. ئۇدۇلۇمدا ئىككى جۈپ قىز- يىگىت ئولتۇراتتى. بۇ ئىككى قىزنىڭ ھاراقنى دەھشەت كۆتۈرگىنىگە ھەيران قالدىم. يىگىتلىرى ھاراق تەڭلەيتتى، قىزلار ئالاتتى. سائەت 12 بولدى. ئاغىنەم ئىككىمىز قايتىش ئۈچۈن چاپانلىرىمىزنى كىيىپ سىرتقا ماڭدۇق. چىقىپ كېتىش ئالدىدا كاللامدىن ئالدى بىلەن: «ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ بالىلار كەچتە نەگە بارىدىغاندۇ؟»دېگەن خىيال ئۆتتى. چۈنكى، مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ياتاق بىنالىرى سائەت ئونلار بىلەن تاقىلىپ بولاتتى.% l* B- X1 B) I5 O( v, H8 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شەھەرلىشىش، يەرشارىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئىجتىمائىي كونترول ۋە خىلمۇخىل ئىدېئولوگىيىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسىدا تۇترۇقسىزلىق، كىملىك تۇيغۇسىدا زىددىيەت كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شەھەر ئۇيغۇرلىرى كۆپ خىل كىملىك ئېھتىياجىغا بىرلا ۋاقىتتا دۇچ كېلىپ، دۆلەت كىملىكى جەھەتتىن جۇڭگۇلۇق، دىنىي كىملىك نۇقتىسىدىن مۇسۇلمان، مىللىي كىملىك جەھەتتىن ئۇيغۇر بولۇشتەك كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كىملىكى ئىچىدە، كۆپ قاتلاملىق رېئاللىقتا ئۆزلىرنىڭ ئىجتىمائىي كارتىنىسىنى يارىتىشقا تىرىشتى. كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك شەھەر جەمئىيىتىدە ئۇلارنىڭ رېئاللىقنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشى، تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كەلدى. بۇ جەرياندا تەبىئىي ھالدا بەزى زىددىيەتلىك تېڭىرقاشلار كېلىپ چىقتى. بۇ ھال شەھەر جەمئىيىتىدە مۈجمەل ئادەم، زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىجتىمائىي ئاساس ھازىرلىدى ۋە مەلۇم مەنىدىن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى خىلمۇخىل ئىدېئولوگىيە تەلىپى، ئوخشىمىغان قىممەت قارىشى ئاساسىدا مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئىجتىمائىيەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېزلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى، تۇرمۇش، ئەخلاق مىزانلىرىدا كۆرۈلگەن تەۋرىنىش ھەم زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە (گەرچە بۇ شەكلەن زامانىۋىلىشىش بولسىمۇ) ھەرقانداق مىللەت ساقلىنالمايدىغان دىلغۇللۇق كىشىلەرنىڭ كىملىكىدىكى زىددىيەتلىك نۇقتىلارنى، مۈجمەل ئادەملەرنى ئاۋۇتسا، رېئاللىقتىكى ئىلاجىسىزلىق تۇيغۇسى ھەتتا بەزىلەردە ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
9 T6 n6 K; |2 z0 i2 ^, Oقۇربان ھېيت نامىزىغا مەستلىكى تولۇق يېشىلمەي كەلگەن يىگىتمۇ، تۈنەكخانىلاردا قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئىچىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ مۇرەسسەگە كەلمەيدىغان سىمۋوللارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادە قىلىپ، زىددىيەتلىك كىملىكىنى نامايان قىلىدۇ. دىنىي كىملىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇسۇلمان بولۇش ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر؛ ھاراق ئىچىپ بولۇپ دۇئا قىلىشقا بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر. لېكىن، ئۇ زىددىيەتلىك كىملىكلەر شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ رېئاللىقىدا بىرلا ۋاقىتتا نامايان بولىدۇ ۋە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىدۇ. بىز ئاۋۋال بۇ بايانىمىزغا دەلىل تېپىش ئۈچۈن ھاراق ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك– ئىچمەك مەدەنىيىتى توغرۇلۇق بايانلار تېپىلىدىغان مەنبەلەرگە قاراپ باقايلى، «ئى مۇئمىنلەر، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش پاسكىنا قىلىقلاردۇر. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى. سىلەر ئەمدى ھاراقتىن يانمامسىلەر؟»(سۈرە مائىدە، 15 –سۈرە 90–، 91- ئايەتلەر)، «ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ھالاكەتكە باشلىماڭلار.» (سۈرە بەقەرە، 22- سۈرە)[1] «ھاراق پاراكەندىچىلىكنىڭ ئاچقۇچى، بالا- قازانىڭ سەۋەبچىسىدۇر. ھاراق ھەممە ئەسكىلىكنىڭ مەنبەسىدۇر.»[2] «ھاراق بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى، ئىجتىمائىي مەرەز. ھاراقكەشتىن ئاۋۋال خۇدا بىزار، ئىككىنچىدىن پەيغەمبەر بىزار، ئۈچىنچىدىن پەرىشتىلەر بىزار، تۆتىنچىدىن، جىمى ئەل– يۇرت بىزار.»[3] ئەنۋەر سەمەد قورغان «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ھاراقنىڭ نېمىشقا پەرھىز قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق يازىدۇ: « ئۇيغۇرلار كۈچلۈك مەست قىلىش رولىغا ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن پەرھىز قىلىدۇ… ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغاندىن كېيىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش چەكلەنگەن… مەيلى ئىلگىرىكى دەۋرلەر بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن، ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشى ئىنتايىن ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىپ قاتتىق چەكلەنگەن ۋە چەكلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»[4]
/ r( S  t  @" ~- \2 rدۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورۇنىدا جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قىلىدىغان ئىككىنچى بىر مۇھاكىمە نۇقتىسى بار. ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ باشلىققا ھاراق تۇتۇپ، باشلىقنىڭ سۈكۈتتە ئولتۇرۇشى. بۇ يەردە ئىشخانىدا، مەمۇرىي ئورگانلاردا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان بيۇروكراتلىقنىڭ، توغرىراقى سىياسىينىڭ كۆلەڭگىسى ئەكس ئېتىدۇ. بۇ− سىياسىيلاشقان ھەرىكەت political behavior)) بولۇپ، سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىيلىشىش ئوربىتىسىدا بۇنىڭغا خاس ھالدا ئۆزلۈك يېتىشتۈرگەن باشلىق ئون نەچچە ئۇيغۇر ئولتۇرغان سورۇندا زىددىيەتلىك كىملىكىنى سىمۋوللۇق ئۇسۇللار بىلەن نامايان قىلىۋاتىدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىيلىشىشىدۇر. بۇ ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ تۈپكى ئىنسانلىق ئۆلچىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بىلەن زىتلىشىۋاتىدۇ. بەزى ئورگانلاردا، يىغىنلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان باشلىققا ھاراق تۇتۇش ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش ھەرىكىتى بىرلا ۋاقىتتا سىموۋۇللۇق يوسۇندا پەيدا بولۇپ، بىر خىل زىددىيەتلىك رېئاللىقتىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ .' W6 m$ A1 i5 p8 g# D2 c2 b1 _9 F3 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«يېڭى رۇس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى« (توغرىراقى− «ئىشرەتخانىسى»− مەسئۇل مۇھەررىردىن) دا رىياسەتچى شۇ كۈننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مۇراسىم كۈنى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ۋە «ئاللا، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت» دېگەن گەپلەرنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىدۇ. ئەمما ھايال ئۆتمەي كۈلكىلىك تۈستە، «ئاللا، مۇسۇلمان» دېگەنگە ئوخشاش دىنىي تۈسكە ئىگە سىمۋوللار بىلەن كومېدىيىلىك سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ، ئىچىشۋازلىق باشلىنىدۇ؛ شەھۋانىي تۇيغۇنى ئاشكارىلايدىغان ئەسەبىي دىسكولار ئوينىلىدۇ. «خۇاڭخې» يولىدىكى «كابانا تۈنەكخانىسى«دا ئەھۋال باشقىچە. يىگىتلەر «قىز دوستلىرى» غا ھاراق تۇتىدۇ، قىزلار ھاراقنى قايتۇرماي ئىچىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، بىرىنچى كۆرۈنۈشتىكى چەت ئەل ھارىقىنى ھەۋەس بىلەن ئىچىۋاتقانلارمۇ، «كابانا تۈنەكخانىسى«دىكى قىزىل ھاراقنى قايتۇرماي ئىچىۋاتقان قىزلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىكى، تەسەۋۋۇرىدىكى كىملىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئۈرۈمچىدىن تولىمۇ يىراق. ئەمما، بەزى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى تېلېۋىزوردىن، كىنولاردىن، رومانلاردىن ياۋروپالىقلارنىڭ قىزىل ھاراقنى سۈمۈرۈپ تۇرۇپ نازاكەتلىك بىر يوسۇندا ئىچكىنىنى كۆرگەن ۋە چىن رېئاللىقتا ئۆزلىرىنى ئەنەشۇنداق «مەدەنىيەتلىك» كۆرسىتىشكە تىرىشقان. بۇ خىل روھىي ھالەتنى فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى ژان بوردىلىيارد «مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىرىدە نۇسخىلانغان سۈنئىي رېئاللىق»[5] دەپ ئاتىسا، كىملىكنى سىمۋوللۇق ئالاقە نۇقتىسىدىن كۆزىتىشنى تەكىتلەيدىغان ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن مېككال بىلەن سىممونس مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئۆز نۆۋىتىدە بىر چۈش كۆرگۈچى، غايىۋىلىك ئىچىدە ياشايدىغان بىر مەخلۇق، ئۆزىنى خىيالىدىكى غايىۋى ئوبراز ئۈچۈن بېزەپ كۆرسىتىدىغان مەخلۇق. ئۇ، ھاياتتا رول ئېلىپ ياشايدۇ. لېكىن، بۇ ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ. ئۇ، خىيالىدىكى ئۆزىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن غايىسىگە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان ئۇچۇرلارنى قىدىرىدۇ، قىياس قىلىدۇ، ئاندىن ئېرىشكەنلىرىنى مۇقىمسىز بازاردا تەجرىبە قىلىدۇ.»[6]
: `% g6 r. w2 F& Rئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(3)/ q. T& b0 g* _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىلاد بايرىمىدىكى ئۇيغۇرلار
& `- q8 t" H# Z3 t, @/ G& h9 c% j6 j2008 – يىللىق مىلاد بايرىمى (ئىلگىرى روژدېستۋو بايرىمى دەپ قېلىپلاشقان) ئۈرۈمچىدە قاتتىق تۇمانلىق بىر كۈنگە توغرا كەلدى. مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار كىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر قانچە رېستوران، تۈنەكخانىنى كۆزەتتىم. جەنۇبىي قوۋۇق (نەنمېن) بىلەن داشىزى(تۆت كوچا) ئارىلىقىدىكى خەنزۇ خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلغان قاۋاقخانىلارنىڭ بىرسىدىمۇ ئورۇن قالمىغان. بەزى قاۋاقخانىلاردا بېشىغا مىلاد بوۋاينىڭ باش كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى، مىلاد بايرىمىغا خاس ھالدا تولۇق خرىستىئانچە كىيىنگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانچە بىر كاتتا رېستوراننىڭ ئالدىدىن ماشىنىلىق ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مىلاد بوۋاينىڭ رەسمى قىيىلىپ، رېستوراننىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان دېرىزىسىگە چاپلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. يېڭى ئېچىلغان يەنە بىر مۇسۇلمانچە كاتتا رېستوراننىڭ ئالدىغا كەلدىم. رېستوران ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە «قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن »دەپ خەنزۇچە خەت يېزىلغان (قۇربان ھېيت ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئىككى ھەپتىچە بولغانىدى)، رېستوران پەلەمپىيىنىڭ ئىككى يېنىغا مىلاد دەرىخى قويۇلغان. يەنە بىر مۇسۇلمانچە كاتتا رېستوراننىڭ پەلەمپىيىدە ئۆزۈمنى ئورۇن تاپالمايۋاتقان خېرىداردەك كۆرسىتىپ، سۇخانىدىن چىقىۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزدىن ئەتەي سورىدىم :6 K8 S+ O2 q* p: u+ Q* b3 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− نىمانداق ئادەم جىق بۈگۈن ! / j, o) Z$ M/ g8 s5 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− بۈگۈن دېگەن پىڭ ئەن يې (تىنچلىق كېچىسى) تۇرسا،− دېدى قىز ۋە « نىمانداق مەتۇ ئادەم بۇ!» دەپ ئويلىدى بولغاي، باش- ئايىغىمغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
- ~! O" O" `1 J/ L7 ?8 aئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(4)
& G4 e) n% H. o9 P# \ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال0 K8 C8 K/ n' W# ?$ }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2009-يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىنىم بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ »يەنئەن« يولىدا كېتىۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمىزدىن زاڭزۇ ئىتى يېتىلەپ، بىر قولىدا كىچىك پىستە كۆتۈرۈۋالغان بىر ئۇيغۇر ئايال چىقىپ كەلدى. ئايال 50ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ،پۇزۇر كىيىنگەنىدى. يېتىلىۋالغان ئىت بەك يوغان بولغاچقا، دەسلىپىدە كۆزۈمگە بۆرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يېقىن كەلگەندە سەپسېلىپ قارىساق، ئۇ ئايالنىڭ يېتىلىۋالغىنى بەدەنلىرى تانىدا قاتمۇ قات باغلانغان زاڭزۇ ئىتى ئىكەن. ئايال يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قولىدىكى پىستىسىنى سۆيۈشكىمۇ ئۈلگۈردى.2 A  @4 D1 V  f- v) H9 q  |! `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− سۈرەتكە تارتىۋالغۇدەك كۆرۈنۈش ئىكەندۇق،− دېدىممەن.
  g+ `/ S' {; |  l  s/ _* c− ئەمىسە مەن بېرىپ دەپ باقاي،− دېدى ئىنىم ۋە ئارقىسىدىن يېتىشىپ بېرىپ سىپايە ئاھاڭدا ئۇ ئايالدىن سۈرەت تارتىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدى.1 R& I2 C% ^+ Q) w: aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− دۈي بۇچى، ۋو مېيۇ شىجيەن(كەچۈرۈڭ، ۋاقتىم يوق)،− دېدى ئۇيغۇر ئايال خەنزۇچە. ۋە شۇنداق دېگىنىچە يىراقلاپ كەتتى.9 [5 y' K. P& n3 B2 H# S! Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇقىرىقى ئىككى كۆرۈنۈشتىن بىز مۇنداق بىر داڭقان پۇتى سوئال قويۇپ باقايلى: بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسۇلمان ھەم خرىستىئان بولالامدۇ؟ ئاندىن بىز يەنە ئىلگىرىلەپ: «ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن بىر چەت ئەللىك مۇسۇلمان بولۇۋېلىشى، قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سوئال قويساق، يۇقىرىقى ئىككى كۆرۈنۈشنىڭ قانداق رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى سەل ئاشكارا بولىدۇ. ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال مىسالىغا كەلسەك، »ئىتنى ئاساسەن ئوۋچىلىقتا، پادىچىلىقتا ئىشلەتكەن، ئىت بېقىلسا بەرىكەت قاچىدۇ، ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، دەپ قارايدىغان«[7] ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۇنداق تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىككە سەۋەب بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىلنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. يەنى، كىشىلەر دۇنيادىكى تۈزۈك ئورنى يوق ئۇششاق – ئاجىز مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىنى، مەدەنىيەتتىكى سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمما، كۈچلۈك، زامانىۋى مىللەتلەرنى دورايدۇ، شۇلاردەك بولۇشقا تىرىشىدۇ. بىر تەرەپتىن، بۇ− شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىكى تايانچسىزلىق، مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى غايىۋى ئوبرازغا ئىنتىلىتىش ئارقىلىق بېسىشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يەنە بىر تەرەپتىن، «لايىقىدا زامانىۋىلىشايلى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس مارك لىچىنىڭ گېپى بويىچە چۈشەندۈرگەندە، «تەرەققىي تاپمىغان جايلاردىكى كىشىلەر زامانىۋىلىقنى غەربچە بولۇش دەپ چۈشىنىدۇ ۋە غايىسىدىكى ئوبراز بىلەن مۇمكىنسىز رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدا تىپىرلايدۇ.»[8] بىر ئىجتىمائىي توپ ئەنە شۇ غايىسىدىكى ئوبراز ئۈچۈن كۈچىگەندە، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت كىملىكى بىلەن قوبۇل قىلىش ئالدىدا تۇرغان مەدەنىيەت كىملىكى ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلىدۇ. مىسالەن، ماڭا رېستوران پەلەمپىيىدە ئۇچراپ «بۈگۈن پىڭ ئەن يې تۇرسا» دېگەن ئۇيغۇر قىزى ئائىلىسدە، ئاتا – ئانىسىنىڭ قېشىدا تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشى؛ خىزمەت ئورۇنلىرىدا مۇسۇلمان بولمىغان بىرەر خىزمەتدىشىنىڭ ئۇرۇق– تۇغقانلىرى تۈگەپ كەتسە جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا چىقىشى؛ شۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ۋە ھەتتا شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يەنە چېركاۋغا بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال بولسا بەلكىم پىستىسىنى سۆيگەن لەۋلىرى بىلەن ئۆيىدە قىزى، ئوغلىنى سۆيۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ تامامەن تەسەۋۋۇرغا سىغىدىغان ئەھۋال. زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بولۇش دېگەنلىك، يۇقىرىقىدەك ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ، رېئاللىققا تاقابىل تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ماكرولۇق كونتروللۇق، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بۇ جەرياننى تېزلىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان ھالدا چىن، مۇقىم كىملىككە ئىگە بولۇش قىيىنلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رېئاللىقتا زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بىر توپ مۈجمەل ئادەم پەيدا بولىدۇ. بۇ، زىددىيەتلىك قىممەت قارىشى كۈرىشى داۋامىدا ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا كىشىلىرى ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسدۇر. 1998- يىلى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس سمېلسېر بۇ ھالغا مۇنداق ئىزاھ بېرىدۇ: «زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنىڭ ماھىيىتى− ئوخشاش بىر ئوبيېكتقا، ئادەمگە، سىمۋولغا قارىمۇقارشى پوزىتسىيە تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. زىددىيەتلىك كىملىكنى چۈشىنىش بىر جەمئىيەتتىكى شەخسنىڭ ھەرىكىتىنى، ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى ۋە قانداق بىر رېئاللىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زىددىيەتلىك كىملىك تېز ئىجتىمائىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا ھامان كۆرۈلىدىغان، ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان، ئاسان ھەل بولمايدىغان ھادىسىدۇر… چىن كىملىككە ئىنتىلگەن ئادەم سىياسىي جەھەتتىن، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن جىق بەدەل تۆلەيدۇ.»[9] تېز ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە ئادەمنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇنى مەلۇم بىر خىل قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشتىن ماسلىشىشچان بولۇشقا، ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا ئىستراتېگىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ جەرياندا تامامەن پەرقلىق بولغان قىممەت قاراشلىرى زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مۇرەسسەگە كېلىپ، ئۇنى ئوبيېكتىپ دۇنياغا لايىقلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، باشقىلارنىڭ ئۆزلۈك يىغىندىسىدىن «يۇغۇرۇلغان ئادەم»普通他人,generalized other) جورجى مېد،1934)[10] پەيدا بولۇپ، كىشى كۆپ خىل كىملىك ۋەزىپىسىگە بىرلا ۋاقىتتا دۇچار بولىدۇ. مىسالەن، دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان سورۇندىكى باشلىق بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسۇلمان ھەم ئۇيغۇر ھەم دۆلەت مەمۇرى بولۇپ رول ئېلىۋاتىدۇ ۋە سىمۋوللۇق ئالاقىدە زىددىيەتلىك كىملىكىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ .4 s! x2 U* [  r  ?; B/ d2 Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(5). w1 x# j! Y; W! o3 g' Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەرەبچە ئىسىم، رەت قىلىنغان ۋىزا
" X0 L' O. H  B9 ]- c7 x' ]ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللا، ئىسمى ئەرەبچە بولغان بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما ئۇ GRE,TOEFL قاتارلىق ئامېرىكا ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجە ئېلىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ۋىزىسى رەت قىلىندى. بۇ، 2003 – يىلى سېنتەبىر ئايلىرى بولۇپ، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ دۆلەتكە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزا ئېلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭىتىۋەتكەن چاغلار ئىدى. رادىكال ئەرەب مۇسۇلمانلار ھەرىكىتى تۈپەيلى تېررورىزم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان، ئىسمى ئەرەبچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ۋىزا ئالالمىدى .
: c' Z- {6 M" H0 K; |4 U, L+ z− بۇ ئىشتىن سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان نۇقتا نېمە؟ − دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن .0 B) A9 ~/ i) M3 ~" T8 Z2 J# E9 Y# |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− بىر ئىشقا كۈلگۈم كېلىدۇ،− دېدى ئابدۇللا،− ئىسمىم ئەرەبچە، دىنىي ئېتىقادىم مۇسۇلمان بولغان بىلەن، مۇسۇلماندارچىلىقنى ئادا قىلىپ كېتىشىم تايىنلىق. ھەيرانمەن، ئۇ ئىشتا ماڭا ئۇۋال بولدى .شۇنچە يىراقتىكى ئىشلارمۇ تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. رايىم بىر قايتىپتىكەن، چەت ئەلگە چىقىش ئويىدىن ۋاز كېچىپ تىجارەت قىلىۋاتىمەن .% }$ N: w3 ^6 u. @, D- pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەنە بىر كۆرۈنۈش(6)' I. w" e: Y0 Z3 t4 ?  X: f' vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېنىڭ كەچۈرمىشىم
3 b- H, j2 q/ ]4 }2008 – يىل 19 – ئاۋغۇست، ئامېرىكا ھاۋاي ھونولۇلۇ ئايروپورتى. ئايروپورتتا چېگرىدىن، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋېتىپ، كۈتمىگەن بىر ئەھۋالغا يولۇقتۇم .! {7 l% [& m4 L" nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− قولىڭىزدا جۇڭگونىڭ پاسپورتى بار ئىكەن، لېكىن سىز جۇڭگولۇققا ئوخشىمايدىكەنسىز،− دېدى چېگرىدىن كىرىش ئېغىزىدىكى مەسئۇل خادىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىم، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم. ئۇ ئايال تولىمۇ سىلىق، ئەمما قەتئىي تەلەپپۇزدا بىرمۇنچە سوئال سورىدى. پاسپورتۇمنى، ۋىزامنى بىر- بىرلەپ تەكشۈردى. رەسمىيىتىم تولۇق بولغاچقا، ئەنسىرىمەي تۇردۇم. لېكىن ئىچىمدە «مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن بەكرەك تەكشۈرۈۋاتامدىكىن» دەپ ئويلىدىم.% Z, ?0 `+ l+ g/ e; Y3 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− ئىسمىڭىز جۇڭگولۇقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن، − دېدى ئۇ ئايال يەنە. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى يەنە قىسقىچە چۈشەندۈردۈم. كەينىمدە رەسمىيەت بېجىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان ساياھەتچىلەر ئۇزاق ۋاقىت ئېلىپ كەتكىنىمدىن تاقەتسىزلەنگەندەك قىلاتتى. چۈنكى قالغان تەكشۈرۈش كۆزنەكلىرىدە كىرىۋاتقانلار بىر-ئىككى مىنۇتتا ئىشىنى تۈگىتىپ، يولىغا راۋان بولۇۋاتاتتى. «كەچۈرۈڭلار!» دېدىم كەينىمدىكىلەرگە. خىزمەتچى ئايال ئاخىرى: «ۋاقتىڭىزنى ئېپقويدۇق، كەچۈرۈڭ، ماڭسىڭىز بولىدۇ» دېدى. «ئۇھ» دەپ يۈك- تاقلىرىمنى ئالىدىغان يەرگە قاراپ ماڭدىم. ئەمما، نەرسە- كېرەكلىرىمنى ئېلىپ بولۇپ چىقىۋاتسام، يىراقتىن كىرىۋاتقانلارنى كۆزىتىپ تۇرغان، قارامتۇل فورما كىيىۋالغان بىر سېمىز ئەر قولۇمدىكى جۇڭگو پاسپورتىنى كۆرۈپ تاموژنا خادىملىرىغا قاراپ توۋلىدى:
6 W6 a7 c6 f3 l3 y8 s− جۇڭگونىڭ پاسپورتى، تەكشۈرۈڭلار!
# [- u! `2 q) Q1 E& ?5 Zبۇ قېتىم ئەمدى جۇڭگولۇق بولغانلىقىم ئۈچۈن بەكرەك تەكشۈرۈلدۈم. ھاۋايغا كېلىدىغانلار ئىچىدە ياپونىيىلىك، كورىيىلىك ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرەرىنىڭ يۈك – تاقلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگىنىنى كۆرمىدىم. تاموژنا خادىمى سومكامنى، چامادىنىمنى تەكشۈردى. سومكامدا ئۇيغۇرچە گېزىت بىلەن ئورالغان نەرسىگە كۆزى چۈشكەندە تاموژنا خادىمى ھەيران قالدى:6 b6 [9 T' T- \9 `9 N3 m( j0 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− بۇ ئەرەبچە خەتمۇ؟ سىز جۇڭگولۇق ئەرەبمۇ؟
9 C& B& E' }7 }" [: X: I− ياق، بۇ ئەرەبچە خەت ئەمەس، ئۇيغۇر يېزىقى. ئۇيغۇرلار جۇڭگونىڭ غەربىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار.% Y; i) ~6 s) U2 F7 Y6 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− جۇڭگودا مۇسۇلمان بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم،− تاموژنا خادىمى ناھايىتى ئاۋايلاپ تۇرۇپ سىنبار VCD)پلاستىنكىسى) ئورالغان گېزىتنى ئېچىپ تەكشۈردى. ھەممىنى بىر– بىرلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ماڭسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يۈك- تاقلىرىمنى قايتىدىن قول ھارۋىسىغا سالدىم– دە، چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدىم. ئۆزۈم ئايروپورتتىن چىقماي، شەھەرگە تېخى كىرمەي تۇرۇپ چارچاپ كەتتىم .9 Z" S' |+ B+ G3 `4 D3 g( Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5 – كۆرۈنۈشتە مىسالغا ئېلىنغان ئابدۇللانىڭ تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما ئسىمى ئەرەبچە بولغىنى، دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان بولغىنى ئۈچۈن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ئۇ− دىنىي كىملىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كاساپىتىدىن بۇلغانغان، ياغلىق قاپاق ئوبيېكتىغا ئايلانغان تالاي كىشىنىڭ بىر مىسالى. قىزىق يېرى شۇكى، شۇنچە يىراق ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار ۋە خەلقئارالىق سىياسىي كۈچلەرنىڭ تەسىرى ئۇ ئىشلار توغرىسىدا تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىغان ئابدۇللانىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ھال ئىنساننىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامەلۇم سىياسىي كۈچلەرنىڭ يوشۇرۇن تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە بۇ تەسىرلەرنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدا كېيىنچە ئۆزىنى ئاشكارىلاش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مېنىڭ ئەھۋالىم ئابدۇللانىڭكىدىن سەل پەرقلىنىدۇ. يەنى ئابدۇللا دىنىي كىملىكى ياغلىق قاپاق ئوبيېكتىغا ئايلىنىش سەۋەبلىك ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسا، مەن جۇڭگولۇق بولغىنىم ئۈچۈن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم. تاموژنىدا مېنىڭدە ياغلىق قاپاق ئوبيېكتىغا ئايلانغان ھەر ئىككىلا كىملىكنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بولۇشى، يەنى، ھەم مۇسۇلمان ھەم جۇڭگولۇق بولۇشۇم سومكا – چامادانلىرىمنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن ئۇزۇنراق تەكشۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئابدۇللانىڭ ۋە مەندەك بىر ئادەمنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىنى ھېس قىلىشى، گاڭگىرىشى تۇرغان گەپ .! {2 M- V) X7 u8 f2 ^; u& {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇقىرىقى ئەھۋالنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساق ۋە ئۇنى مىللىي كىملىك تەتقىقاتچىلىرىدىن ئامېرىكىلىق ستېفېن كورنېل ۋە دوگلاس خارتماننىڭ نەزەرىيىسى بويىچە چۈشەندۈرسەك، «بىر ئادەمنىڭ مىللىي كىملىكى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى پۇرسەتلىرىدىن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن، كۈندىلىك ھايات سەرگۈزەشتىسىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋە ئۆزلۈك چۈشەنچىسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.»[11] يۇقىرىقى مىساللاردا ئابدۇللانىڭ ۋە مېنىڭ كەچۈرمىشىمدە دەل مۇشۇ خىل پاكىت ئەكس ئەتكەن ھەم ياغلىق قاپاق ئوبيېكتى بوپقېلىش بىزدە «مەن زادى كىم؟» دېگەن سوئالنى تۇغدۇرغان. مەن ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشى ھەققىدە زىددىيەتلىك بىر ئەھۋالنى سېزىپ مۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن: بۈگۈنكى دۇنيادا تەرەققىي تاپقانلار − كۈچلۈكلەر ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە ئانچە ئويلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئەمما، تەرەققىي تاپمىغان ئاجىز ئىجتىمائىي توپ ئۇنى ئۇنتۇپ كەتسە بولمايدۇ. ئايروپورتلاردا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدا، مېھمانخانىلاردا قانداق مىللىي كىملىككە ئىگە ئىكەنلىكى ياغلىق قاپاق ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىجتىمائىي توپنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇلىدۇ. مانا مەن ئۆزۈمنىڭ ياغلىق قاپاق ئوبيېكتىغا ئايلانغان دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمنى پات– پات، دۆلەت ئىچىدە ۋە سىرتىدا، گاھىدا تېرىكىپ، گاھىدا ئاچچىق يۇتۇپ دېگۈدەك ھېس قىلىپ تۇرىمەن. كىملىكىمنى ئېسىمگە سېلىپ تۇرىدىغان ئىشلار چىقىپ تۇرىدۇ .
: b. c( a3 `8 n! r+ _& n7 lبۇ ھالنى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە غەرب رېئاللىقى نۇقتسىدىن كۆزەتكەن ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ئېرۋىڭ گوفمان «ئەيىبناق: بۇلغانغان كىملىك ھەققىدە خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىدا مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «كىملىكى بۇلغانغان كىشىلەر ئۆز ئوبرازى ھەققىدە باشقىلار ئۆزىگە قايتۇرغان ئىنكاس ئاساسىدا تونۇشقا ئىگە بولىدۇ.»[12] مىللەت جەمئىيەتشۇناسلىقى تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس مارتىن مارگېر بۇنىڭغا ياندىشىپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «ھەرقانداق كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كىرىمى، ئىقتىسادىي، سىياسىي ئورنىنىڭ بەلگىلىنىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر قانداق مىللەت بولسا، خىزمەت، بايلىق، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە شۇنىڭغا تۇشلۇق نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ.»[13] مىللىي كىملىكى بۇلغانغان، ئاجىز، تەرەققىي تاپمىغان كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى باشقىلار چۈشىنىشنى خالىمايدۇ. توغرىراقى، ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى كىشىلەر ياغلىق قاپاق ئوبيېكتىغا ئايلانغان كىشىلەردىن ئىستىخىيلىك ھالدا ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇ ھالنى ئامېرىكىلىق مىللەت جەمئىيەتشۇناسى نيۇمەن بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئادەت كۈچى نۇقتىسىدىن مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «بىر خىل ئىجتىمائىي توپتىكى كىشىلەر يەنە بىر خىل ئىجتىمائىي توپتىكى كىشىلەرگە بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىدا مۇشۇ توپتىكىلەرنىڭ ياتلار ھەققىدە ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىپ بولغان سەلبىي ھېسسىياتلىرى، ئادالەتسىز مۇئامىلىسى ئەكس ئېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئوخشىمىغان تەۋەلىكتىكى، ئوخشىمىغان كاتېگورىيىدىكى كىشىلەرنى كەمسىتىش خاھىشى باش كۆتۈرىدۇ ۋە يەكلەنگەن توپنىڭ جەمئىيەتتىن ئېرىشىدىغانلىرىدا ھامان تەڭسىزلىك كۆرۈلىدۇ .»[14]
, n  \6 K5 W% D1 hئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(6)
4 }, U2 L1 }3 f; lئۇيغۇرمۇ − مۇسۇلمانمۇ؟/ `; A# A9 @* S3 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2008-يىلى «شەبنەم» قاتارلىق ئىنتېر تورى بېكەتلىرىدە «بىز ئۇيغۇرمۇ − مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەن تېمىدا تالاش – تارتىش ئەۋجىگە چىقتى. بۇ مۇنازىرىلەردە زىددىيەتلىك كىملىكنى ھېس قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىك ھەققىدىكى ئىزتىراپلىرى ئاشكارىلانغانىدى. ئارىلىقتا بىر نەچچە خىل كۆز قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر: «دۇنيادىكى ھەممە مۇسۇلمان بىر، بىز ئۇ مىللەت، بۇ مىللەت دەپ ئايرىپ ئولتۇرماسلىقىمىز، مىللەت ئۇقۇمىنى تەكىتلىمەسلىكىمىز كېرەك» دېگەن قاراشنى ياقلىدى ۋە پەلەستىندە، ئىراقتا، ئافغانىستاندا ئۇرۇش ئىس – تۈتەكلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ھېسىداشلىق قىلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئاشۇ ئازاب چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. «بىز ئاۋۋال ئۇيغۇر، ئاندىن مۇسۇلمان» دېگۈچىلەر مىللىي كىملىكنىڭ دىنىي كىملىكتىن ئاۋۋال تۇرۇشىنى تەكىتلەپ: «توغرا، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى راست، ئەمما ئۇلار جاھاندا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىپ قالغىنىمىز ئۈچۈن ئەرەب رادىكال كۈچلىرىنىڭ ئەسەبىي دىنىي ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق. بىزنىڭ ئۇنچە يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەتچانلىق نۇقتىسدىن ئالغاندا، مىللىي كىملىك دىنىي كىملىكتىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەر بولسا بۇ مۇنازىرىدىن بىمەنىلىك ھېس قىلىپ: « ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلمانلىق كىملىكىنىڭ تاقىشىدىغان نەرى بار؟ بۇ تېمىدا مۇنازىرىگە ئەرزىگۈدەك نېمە بار؟ بىز ھەم ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان. بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر – بىرى بىلەن سىغىشىدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
3 u, d+ Y6 j$ z; x5 iئىنتېر تورلىرىدا «بىز ئۇيغۇرمۇ− مۇسۇلمانمۇ؟» تېمىسىدا بولۇنغان مۇنازىرە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىدىن دالالەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيە، پەرقلىق قىممەت قارشى ئاساسىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇر رېئاللىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنى شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى، غەرب ئىدېئولوگىيىسى… قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىدىيە سىستېمىلىرى ۋە ئوخشىمىغان قىممەت قاراشلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ھەم مەۋجۇد بولغان رېئاللىقتا ياشايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، بۇ خىل مۇرەككەپ ھالەت شەھەر ئۇيغۇرلىرىدا پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى بىر نەچچە ئىجتىمائىي توپنى پەيدا قىلدى. بىرىنچى، پۈتۈنلەي غەرب مەدەنىيىتى ھەم غەربچە تۇرمۇش شەكلىگە مەستانە بولغانلار؛ ئىككىنچى، «مىللەت، زامانىۋىلىشىش» ئۇقۇملىرىنىڭ ھەممىسىگە قارشى تۇرۇپ، ھاياتلىقىدا ئوشۇقچە ئىشقا باش قاتۇرماي « ھەممىمىز بىر ئىنسان» دېگەن ئىدىيىدە مۇسۇلمان بولۇپ، ھازىرقى ھالىتىگە شۈكۈر قىلىپ ياشاشنى خالايدىغانلار؛ ئۈچىنچى، مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۈچەيگەن، يۇقىرىقى ئىككى يولدىن پەرقلىق يول تۇتقانلار؛ تۆتىنچى، شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش تۇتۇۋاتقانلار .
5 }9 g/ e- B! m& M) E+ U( @ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىقى مۇنازىرە ئوخشىمىغان ئىدىيە سىستېمىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقىدا توقۇنۇشۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ خىل زىددىيەتلىك ھالەت داۋاملىشىۋەرسە تەبىئىي ھالدا زىددىيەتلىك كىملىكنى باشتىن كەچۈرىدۇ. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ كىشىلەردە كىملىك ۋەسۋەسىسى كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا كىملىك ۋەسۋەسىسى دېگەن نېمە؟ كىملىك ۋەسۋەسىسى دېگىنىمىز، «كىشىلەردىكى نىشان، يۆنىلىش تۇيغۇسىنىڭ يوقاپ، زىددىيەتلىك ئىستەكنىڭ باش كۆتۈرۈپ، يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئۆلۈشى؛ ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر.» (ئېرىكسون، 1968)[15] كوللېكتىپ كىملىك تۇيغۇسى بىرلىككە ئىگە، بىر خىل ئىدېئولوگىيىدە ياشايدىغان مىللەتلەردە ھەرگىزمۇ كىملىك ۋەسۋەسىسى باش كۆتۈرمەيدۇ. مىسالەن، ئىنگلىزلار ھەرگىزمۇ «بىز ئىنگلىزمۇ، خرىستىئانمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ يۈرمەيدۇ. سەۋەبى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئۆتەۋاتقان رولنى جەمئىيەتنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى بىلسە، بىر خىل ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ ۋە مەغلۇبىيەت داۋامىدىكى پاسسىپ ئىنكاسلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ناۋادا ئۆتىگەن رولى جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى بۇركېنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «كىشىلەر ئۆز كىملىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرەلمىسە، ئېتىراپ قىلدۇرالمىسا، ئاجىزلىق ۋەسۋەسىسىدە قىينىلىدۇ، تېڭىرقايدۇ.»[16] بىر- بىرىنى چەتكە قاقمايدىغان مۇسۇلمان ئۇقۇمى بىلەن ئۇيغۇرلۇق ئۇقۇمىنى تالاش- تارتىش قىلىش دەل يۇقىرىقى ئەھۋالنىڭ باش كۆتۈرۈشى، خالاس.
; [( x2 B- h# n& E$ |, v2 P1 x9 Pئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(8)( r/ Q0 a* w) n2 e5 Z" b# \5 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پاھىشە قىزنىڭ مۇسۇلمانلىق،«ئېسىل ئەر»لىك ئۆلچىمى+ J8 Z  G: A8 t" B* Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر مېھمانسارايدا كەچلىك مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇ قىزدىن ئەھۋال ئىگىلىشىم ناھايىتى تەسكە چۈشتى. بۇ مېنىڭ2008-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «سەبىي قىزدىن پاھىشەلىككىچە»ناملىق تەتقىقات ماقالەمگە ئىجتىمائىي پاكىت ئىزدەپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى. ئىككىنچى قول (ۋاسىتىلىك) ماتېرىيالنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى كېچىلىك كۇلۇبلاردا ئىشلەيدىغان بىرەر قىز بىلەن بىۋاسىتە پاراڭلىشىپ، بىرىنچى قول (ئەسلىي) ماتېرىيال يىغىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. مەن مىڭ تەستە ئالاقىلىشىپ ئۇ قىزنى كۆرۈشۈشكە ماقۇل قىلدىم ۋە مەلۇم سەۋەبنى كۆزدە تۇتۇپ بىر دوستىنى ئېلىۋېلىشىنى ئېيتتىم. بىز ئۈرۈمچى شەھىرى «دېموكراتىيە» يولىغا جايلاشقان «تىنچلىق» كىنوخانىسى ئالدىدا كەچلىك بازاردا كۆرۈشتۇق. قىز بىر دوستىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، گىرىمنى بولۇشىغا قىلغانىدى. يېنىدىكى قىز ئۇنىڭدىن كىچىكتەك قىلاتتى. ئۇلار قۇم قازان شورپىسى ئىچكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. سۆھبەتلىشىش داۋامىدا زىددىيەتلىك كىملىككە ئائىت مۇنداق بىر قانچە نۇقتا دىققىتىمنى تارتتى: بىرىنچى، قىزنىڭ دەسلەپتە مەندىن قورۇنۇپ، ئاتا – ئانىسى تۈگەپ كەتكەنلىكى، موھتاجلىق دەستىدىن بۇ يولغا ئىلاجىسىز كىرىپ قالغانلىقىنى خىجىللىق ئىچىدە دېيىشى ۋە كېيىن بىردىنلا تەبىئىي ھالىتىگە قايتىپ ئېچىلىپ ئولتۇرۇشى، يەنە تاماكا چەككۈسى كەلگەنلىكىنى ئېيتىشى؛ ئىككىنچى، گەپ ئارىلىقىدا بۇ قىزنىڭ «ئاللا» دېگەن گەپنى ئېغزىدىن چۈشۈرمەسلىكى ۋە گېپىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن «خۇدا ھەققى! ئاللا تۇرۇپتۇ، ئاللا ئىگەم» دېگەن گەپنى تەكرارلىشى؛ ئۈچىنچى، دوستىنىڭ ئۇ قىزنى ئۇچۇرۇپ، ئۇنىڭ كەسپداشلىرى ئارىسىدا ئىناۋىتى بارلىقىنى ئېيتىپ: « بۇ دوستۇم بەك ئېسىل، بەك گاڭگۇڭ، كەچتە ئىشلەيدىغان دوستلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا يۈزى چوڭ» دېيىشى ۋە شۇ گەپلەرنى ئالاھىدە ماختانغاندەك تەلەپپۇزدا ئېيتىشى؛ تۆتىنچى، ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنى بەش يىل ئىلگىرى ئالداپ تاشلىۋەتكەن يىگىتىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى، ئۇ يىگىتنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئادەم سودىسغا ئارىلىشىپ قېلىپ كېسىلىپ كەتكىنىنى دەپ كېلىپ: « ئۇ يىگىتىم بەك ئېسىل، دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر، ماڭا ئەمدى ئۇنداق ئەر ئۇچرارمۇ» دېيىشى. سۆھبەت كەچلىك بازاردا ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى. مەن رەھمەت ئېيتىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم .4 U5 r7 m; Q! G8 z1 a6 k7 t3 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا نومۇس مەدەنىيىتى (shame culture) ياراتقان مىللەت. ئۇلار يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە پەردىشەپكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، جەمئىيەتتە مەيلى قانچىلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇشى، قانداق قىممەت قاراشلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئىدىيىسى ئوچۇق كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئاۋۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر پاھىشەلىكنى، توغرىراقى ئىپپەت سودىسىنى قوبۇل قىلالمايدۇ؛ پەس كۆرىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئەدەب- ئەخلاقى ۋە ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى ئاساسىدىكى قىممەت قارىشى بەلگىلىگەن. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئوقۇرمەن مېنىڭ ئۇ ئىككى قىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشۇمنى دەماللىققا چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ھېسسىي تەسىراتنى، شەخسىي قاراشنى ئەمەس، ئەمەلىي پاكىتنى تەلەپ قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلارچە كۆز بىلەن قارىساق ۋە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماي يۇقىرىقى كۆرۈنۈشتە ئىككى پاھىشە قىزنىڭ قانداق ئىپادىدە بولغانلىقى، نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە دىققەت قىلساق، كۆڭۈل ئېكرانىمىزدا زىددىيەتلىك كىملىككە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلار ئايان بولىدۇ. مۇسۇلمانلىق كىملىكىنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، قىزلارنىڭ ئىپپەت سودىسىغا تاۋار بولۇشى ئەمەس، ئوچۇق كىيىم كىيىپ يۈرۈشىمۇ ئىسلام ئەھكاملىرىغا خىلاپ. ئەمما، بۇ ھېكايىمىزدىكى باش قەھرىمان ھەر ماڭدامدا «ئاللا» دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ .ئۇنىڭ دوستىنىڭ «ئېسىللىك، گاڭگۇڭلۇق» ھەققىدە ئۆزىگە خاس ئۆلچىمى بار. بۇ ھال كىشىدە مۈجمەللىك تۇيغۇسى پەيدا قىلسا، قىزنىڭ «ئېسىل ئەر»لىك ئۆلچىمى ۋە تېنىنى سېتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئالداپ قويغان، ئادەم سودىسىغا ئارىلاشقان يىگىتىنى ئۇنتۇيالماسلىقى، ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر» دېيىشى، توغرىراقى، پاھىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېسىللىق ئۆلچىمى بولۇشى، ئۇنىڭ دىنىي كىملىكىنى ئۇنتۇماي، «ئاللا» دېگەن گەپنى تەكرارلىشى، ئۇيغۇر شەھەر جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يەنە بىر كومېدىيىلىك ئىپادىسىنى كۆز ئالدىمىزدا ئىپادە قىلىدۇ.) P# t2 e. j9 V8 u0 ]( Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5590 – نومۇرلۇق ھەدىستە: «كېيىن ئۈممەتلىرىمدىن زىنانى، ھاراق- شارابنى ھالال دەيدىغانلار چىقىدۇ»[17] دەپ يېزىلغان. بىرىنچى كۆرۈنۈشتىكى ھاراق ئىچىپ بولۇپ دۇئا قىلغان مېھمانلار، بۇ مىسالدىكى تېنىنى سېتىپ تۇرۇپ «ئاللا»نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان قىز بۇ باياننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋە مۇنداق پاكىتنى سەمىمىزگە سالىدۇ: تېز ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىدۇ ھەم ئۇنىڭدىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە نۇقتىلارنى ئۆز مەنپەئىتىگە يارىشا تاللاپ ئۆزگىرىشكە ماسلاشتۇرىدۇ ۋە زىددىيەتلىك ئىستراتېگىيىچىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھال بىر جەمئىيەتتە ئۆزىدىن ياتلاشقان بىر ئىجتىمائىي توپنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىدە «تاپتىن چىقىش» (越轨行为, Deviance) دەپ ئاتىلىدۇ. بىر جەمئىيەتتە مەنسۇبىيەت تۇيغۇسىدا ئورتاق ئەمەل قىلىنىدىغان قىممەت قاراشلىرىنى ئۆز مەنپەئىتىگە يارىشا سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر دەل ئىجتىمائىي كونترول كۈچىيىپ، ئىدېئولوگىيىلىك سىڭىپ كىرىش تېزلەشكەندە ئاۋۇيدۇ. چىركىن مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا بۇنداق كىشىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىدۇ. بۇ جەرياندا رېئاللىقنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي كونترول ئالدىدىكى ئىلاجىسىزلىقى تاپتىن چىققان، ئۆزىدىن ياتلاشقان كىشىلەردە ئۆزىگە يارىشا ئۆزلۈك چۈشەنچىسىنى پەيدا قىلىدۇ. زىدىيەتلىك كىملىك ۋە تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان خاراكتېر ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا ئىنسان قەلبىدە يىلتىز تارتىدۇ. بۇنى جەمئىيەتشۇناسلار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۈرىدۇ. تاپتىن چىقىش قىلمىشىنى جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى، فرانسىيىلىك جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركىم: «ئادەمدە مۇقىم قىممەت قارىشى ۋە مىزانلارنىڭ يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان ھادىسە»[18] دەپ ئاتىسا، ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس روبېرت مېرتون: «ئورتاق قىممەت قارىشى بىلەن ئۆز ئالدىغا سۇيىئىستېمال قىلىنغان ئەخلاق مىزانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن كېلىپ چىقىدىغان بىردەكسىزلىك»[19] دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ئوبيېكتىپ، سوغۇققان كۆزدە مەسىلىگە قاراشقا چاقىرغاچقا، بىز نوقۇل بىر مەيداندا تۇرۇپ زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە پاھىشە قىزغا تون پىچىپ يۈرمەيمىز. مەلۇم بىر ئادەمنى، مەلۇم بىر توپنى قارا- قويۇق ئەيىبلەش جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس.7 k/ z+ h% K+ `5 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىجتىمائىي بىنورماللىق، تاپتىن چىقىش قىلمىشى جەمئىيەتلەشكەندە، ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى قوغدايدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ئادەملەر ئاز قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تاپتىن چىقمىغان ئادەمنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسى تاپتىن چىققان ئادەمنى دوراپ شەكىللىنىدۇ. سەۋەبى، تاپتىن چىققان ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي مىزانغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى جەمئىيەت جازالىمىغاچقا، باشقا كىشىلەر ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى سۇيئىستېمال قىلىش ئارقىلىق شۇ خىل قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋېرىدۇ ۋە بۇرۇنقى ئۆزىدىن ياتلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەممە قىممەت قارىشى سىڭىپ كېتىدىغان، ھەيرانلىق ھېس قىلىنمايدىغان، زىددىيەتلىك كىملىككە پارنىك بولىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت پەيدا بولىدۇ، چىن كىملىككە ئىنتىلىدىغان ئادەملەر يېتىم قالىدۇ. ماھىيەتتە بۇ ئىدېئولوگىيىلىك سىڭىپ كىرىشنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ، بېسىمنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى .
! C- v7 f7 W& p  t/ K0 T, O1 }3. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى! [) u7 h0 ?( M: U$ E( h% Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
# }& y8 C# g8 L3 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن يۈرىكىمدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارغا، دەۋەتلەرگە قۇلاق سېلىپ چىن ياشىماقچى ئىدىم. لېكىن بۇنداق قىلىش نېمانچە تەس؟5 {" K+ Z! u, `, d$ i' Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− ھېرمان ھېسسىينىڭ «دېمىئان»ناملىق ئەسىرىدىن8 M# j  e: Q8 S: \2 k0 V/ E' iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىملىك ھەرگىزمۇ توختام سۇدەك تۇرغۇن بىر مۇھىتتا سەۋەبسىز پەيدا بوپقالىدىغان ھادىسە ئەمەس. ئۇ، ئىنسان شاھىت بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي، تارىخىي شارائىتلارنىڭ نەتىجىسى. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. گەرچە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە كىملىك ھەققىدە ئومۇمىيلىق نۇقتىسدىن قىلىنغان تەتقىقات خېلى زور سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، زىددىيەتلىك كىملىك ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات ئۇنچە كۈچلۈك، يېتەرلىك ئەمەس. بەزى جەمئىيەتشۇناسلار بۇ تېمىنى ئىجتىمائىيەت پسىخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن يورۇتۇشقا تىرىشسا، بەزى جەمئىيەتشۇناسلار سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى ياكى كېلىشتۈرمە ئالاقە نەزەرىيىسى(Exchange Theory) نۇقتىسىدىن شەرھلەشكە تىرىشىدۇ. توغرىراقىنى ئېيتقاندا، زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزىنى مەلۇم بىر خىل مەۋقەدە، بىر خىللا نەزەرىيىۋى رامكىدا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ماقالىمىزدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزلىرىنى ئۈچ نۇقتىدىن كۆزىتىمىز. بىز ئاساسلىنىدىغان نەزەرىيىۋى رامكىلار تۆۋەندىكىچە :6 h; \9 e  f* Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ماكرولۇق يىلتىزى
, K8 w% q$ X+ Oبىز يازمىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە بىر كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلغاندا، ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى سمېلسېرنىڭ بايانىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئوخشاش سىمۋول، ئوخشاش ئوبيېكتقا تۇتۇلغان پەرقلىق مۇئامىلىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، ئادەمنىڭ قەلبىدە قانائەتسىزلىك، نامەلۇم ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، تېز ئۆزگىرىۋاتقان ھەرقانداق جەمئىيەتتە ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، زىددىيەتلىك كىملىك يالغۇز شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىلا يۈز بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارلا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھادىسە ئەمەس. سمېلسېر زىددىيەتلىك كىملىككە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدىغان مەنبەنى ئاۋۋال ماكرو سىستېمىلاردىن ئىزدەيدۇ: «ھەرخىل تۈزۈم چەكلىمىسى، شەخسىي ۋەسۋەسە تۈگىمەيدىغان ئورگان- تەشكىلاتلار زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پارنىكى.»[20] شەھەر جەمئىيىتىدە خىزمەت ئورۇنلىرىدا، بيۇروكرات سىياسىي مۇھىتلاردا ئىشلەيدىغانلار، ئاق ياقىلىقلار زىددىيەتلىك ئىدېئولوگىيىنىڭ تەسىرىدە ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىدىن ياتلىشىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئۆلچەملىرىگە زىت كېلىدىغان ئىدېئولوگىيىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ياتلىشىش ئۇلارغا ھەۋەس قىلىدىغان، تۇرمۇش شەكلىنى دورايدىغان تۆۋەن تەبىقىلىك كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس رايت مىللس بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «شەخس بىئولوگىيىلىك بىر گەۋدە سۈپىتىدە، ئۆزىنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان ئىجتىمائىي ئوربىتىدا باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش داۋامىدا ئۆزىگە ۋەسۋەسە، بىسەرەمجانلىق تېپىۋالىدۇ.»[21] قىممەت قارىشى ئوخشىمايدىغان كىشىلەر بىلەن بىر ئورگاندا، بىر مۇھىتتا ئىشلەش داۋامىدا شەھەر جەمئىيىتىدىكى ئاق ياقىلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ نۇرغۇن قىممەت قارىشىنى بېسىشقا مەجبۇر بولىدۇ. رايت مىللس بۇنى ماكرو ئامىللارغا باغلاپ مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «جامائەتچىلىك ئېڭى، ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى كىشىلەرنى بىر يەرگە ئەكېلىدۇ، ئورتاق مەسلەككە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ نۇقتىلار يوقالغاندا بولسا، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىززەت تۇيغۇسى ئۆلىدۇ ياكى ئاجىزلايدۇ. خىزمەت داۋامىدىكى ياتلىشىش ئاق ياقىلىق كىشىلەرنى ئويۇن- تاماشىغا، كۆڭۈل ئېچىشقا خۇمار قىلىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش ئۇلارنى تېخىمۇ غىدىقلايدىغان سورۇنلارنى ۋە ئويۇن تۈرلىرىنى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاق ياقىلىقلار مەنىۋى قانائەتكە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، ئورتاق قىممەت قارىشىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.»[22] مەن بۇ ئارقىلىق بىر ھۆكۈمنى ئىسپاتلىماقچى: ئاق ياقىلىق ئۇيغۇرلار شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زىددىيەتلىك كىملىكىنى ئەڭ ئاۋۋال ئومۇملاشتۇرغۇچىلاردۇر. بۇنداق ئومۇملىشىش كۆپىنچە ئاق ياقىلىق كىشىلەر ساختا زامانىۋىلىققا، ماغزاپ تەرەققىياتقا مەستانىلارچە چوقۇنغاندا بارلىققا كېلىدۇ .
0 g# ^% O! P. q1 E) Mزىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئىدېئولوگىيىنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، يېتەكچى ئىدېئولوگىيە دېگەن ئالدى بىلەن «ماشنىلاشقان ساختا ئاڭ»(False Consciousness) پەيدا قىلىدۇ. ماشىنىلاشقان ئاڭغا ئىگە ئادەم ھامان زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ.
* t( b0 Z7 ^' ^& H2 ~- ~) _شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكى ھەققىدىكى مۇھاكىمە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە، خىلمۇ خىل قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن دىنىي كىملىكنىڭ قوپۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى روبېرت مېرتون بۇخىل كىملىك توغرىسىدا مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: «ئادەمنىڭ مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي ئورنىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ ئالاھىدە رول ئېلىشقا كۈچىشى جەريانىدا پەيدا بولىدىغان زىددىيەتلىك ئارزۇ– ئىستىكى زىددىيەتلىك كىملىكنى پەيدا قىلىدۇ.»[23] ئىجتىمائىيەت پسىخولوگى كۇرتىس بولسا ئەنئەنىۋى دىن ئىدېئولوگىيىسى زامانىۋىلىشىش بىلەن توقۇنۇشقاندا، زىددىيەتلىك كىملىك پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.[24] يەنە بىر ئىجتىمائىيەت پسىخولوگى ماررس بۇ ھادىسىنى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى تېخنىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا كېلىپ چىقىدۇ دېگەن كۆز قاراشنى ياقلايدۇ.[25] ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن ۋېيگېر بىلەن فرانكس ئىجتىمائىي ئالاقىدە تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشىش ئويى، خىزمەت داۋامىدا كۆرۈلگەن كرىزىسلەر زىددىيەتلىك قىممەت قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە بۇنى ياتلىشىش، ۋەسۋەسە نۇقتىسىغا باغلاپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «چىن كىملىك بىلەن زىددىيەتلىك كىملىك ھەققىدىكى مۇھاكىمە ئەمەلىيەتتە ۋەسۋەسە ۋە ياتلىشىش ھەققىدىكى مۇھاكىمىدۇر.»[26] (بىزنىڭ شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۆزەتكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەسۋەسىسى، تاپتىن چىقىشىغا ئائىت تۇرمۇش كارتىنىسىنى جىقراق نەزەرگە ئالغىنىمىزمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن.) «كوللېكتىپ كىملىكنى ئىزدەش» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى كلاپ بولسا: «بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي شارائىتقا بولغان كوللېكتىپ ئىنكاسى مۇنداق بىر نۇقتىدىن− كىشىلەرنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئۇلارنى مۇقىم، چىن، ئۆزگەرمەس بىر كىملىك ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇشقا يول قويمايدىغانلىقىدىن ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە كىملىك ئۆلچىمىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە، ئىجتىمائىي قاتلاملاردا ھەرخىل سىمۋوللۇق بەلگە ئارقىلىق قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»[27] دەيدۇ.3 j- H6 [" i/ V: n' a  Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنىڭغا ئوخشاشلا، مىللىي كىملىكنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى (Social construction of ethnic idenity) زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخىدىكى تارىخىي، ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا مەۋجۇدلۇقنى ساقلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىستراتېگىيىلىك ئىجتىمائىي ئالاقىلەر قوشۇلۇپ كىشىلەر قەلبىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولغان پسىخىكىلىق چۆكمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن ستېفېن كورنېل بىلەن دوگلاس خارتمان ئۆزىنىڭ «ئۆزگىرىشچان دۇنيادا مىللىي كىملىك» ناملىق كلاسسىك كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: «ماكرو ئامىللار بىلەن تارىخىي ئېلېمېنتلار، يەنى ئەقلىيلىك بىلەن جان ساقلاش تەقەززاسى، سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش، تەرەققىياتقا بولغان تەلپۈنۈش مىللىي كىملىكنى يارىلىش، قايتا يارىلىش ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزىدۇ.»[28] شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنى خىيالىدا مۇسۇلمان دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ ساندىكى كىشى ھاراق ئىچىدۇ، تاماكا چېكىدۇ. يەنە قىزىق يېرى، ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئۆزى ئەمەس، ساقىندىسى ياكى ئۆرپ– ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن شەكلى ئېڭىدا ساقلىنىپ قالغان بۇ كىشىلەر دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان بولغىنى ئۈچۈنلا بەزىدە ياغلىق قاپاق ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ ۋە بۇلغانغان كىملىكنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ. نەتىجىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تونۇشى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىك ھېسسىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىجتىمائىيەت پسىخولوگى جېنكىنس ناھايىتى توغرا ئېيتقان: « مىللىي كاتېگورىيىنى بېكىتىدىغان كۈچ سىرتتىن بولىدۇ. لېكىن، بىر مىللەت ئۆزى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئىچكى قىسىمىدا بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.»[29]
! p5 G. \: S6 s8 G8 _- _زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئىجتىمائىيەت پسىخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى
9 a. l* O/ }$ o" @9 oزامانىۋىلىققا يۈرۈش قىلىش مۇساپىسى مۇقەررەر ھالدا زىددىيەتلىك روھىي ھالەت پەيدا قىلىدۇ. ئادەم ئاشۇ زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنىڭ تەسىرىدە ھەمىشە دىشىۋارچىلىقتا قالىدۇ ۋە گاھىدا چىن كىملىكىنى ئىزدىمەكچىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر ئېنتېرتورلىرىدا: «بىز ئۇيغۇرمۇ− مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى دەل شۇ سەۋەبتىن. زىددىيەتلىك روھىي ھالەت ۋە ئەخلاق ۋەسۋەسىسى شەخسنى ئۆزىگە «مەن زادى كىم؟» دەپ سوئال سوراشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ھەرىكەت كىملىكتىن دېرەك بېرىدۇ. كىملىككە مۇناسىۋەتلىك ئوخشاش بىر سوئالنى سوراۋېرىش يۈزلىنىشى گاھىدا شەخسنى بىرەر تۇرمۇش كارتىنىلىرىدا چىن كىملىكنى ئىزدەشكە ئۈندەپمۇ قالىدۇ. ئىجتىمائىيەت پسىخولوگى گېكاس چىن كىملىكنى ئىزدەشنى «بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىگە خاس قىممەت قاراشلىرىنىڭ قايسىسىدا چىڭ تۇرۇپ، نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى باھالاش، ئۆلچەش جەريانى» [30] دەپ تەبىرلەيدۇ. ئامېرىكا كالىفورنىيە برېكلىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەشھۇر ئايال پروفېسسورى خوچچايلد ئۆزىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىغا زور بۆسۈش ئېلىپ كەلگەن «بويسۇندۇرۇلغان يۈرەك» ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: «بىر خىل رىتىمدا قىلىدىغان خىزمەتلەردىن زېرىكىش داۋامىدا كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى خورايدۇ. بۇنداق تۇيغۇ ئەمگىكى Emotional labor))گە داۋاملىق قاتنىشىش جەريانى ئادەملەرنى خىزمەت ئورنىدا قىلىۋاتقان ئىشىدىن ياتلاشتۇرىدۇ.»[31] گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى خابېرماس بولسا «ھەرقانداق شەكىلدىكى كىملىكنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئورگانلارنى ۋە شۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى، ئاندىن ھېكايىلەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەھلىل قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلەيدۇ.[32] «رېئاللىقنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورلىرىدىن پېتېر بېرگېر بىلەن توماس لۇكمان «كىملىكنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ گېپىنى، يۈرۈش- تۇرۇشىنى كۆزىتىش كېرەك. چۈنكى، گەپ- سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇشتىن ئۇلارنىڭ سىرتتىن قوبۇل قىلغان تەسىرى بىلەن ئۆزىگە خاس بەلگىلىرى ئارىسىدىكى مۇرەسسەلىشىش جەريانىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ»[33] دەيدۇ. بۇ ماقالىدىكى بىر نەچچە كۆرۈنۈشتە بىزنىڭ كىشىلەرنىڭ گېپىگە ۋە نېمىلەرنى قىلغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلىشىمىزمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن .
& P6 i! V- B: ]. s2 sزىددىيەتلىك كىملىكنىڭ سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى
9 u; q! Z* Z: l3 m6 |7 K شەھەر ئۇيغۇرلىرى سىمۋوللۇق ئۇسۇلدا زىددىيەتلىك كىملىكىنى نامايان قىلىدۇ. كىملىك ئۆلچەملىرىگە ئۆز ئېھتىياجىغا يارىشا زىددىيەتلىك مەزمۇنلارنى قاتىدۇ. مىسالەن، بىرىنچى كۆرۈنۈشتە مېھمانلار ھاراق ئىچىدۇ، ئاندىن يەنە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ئىككىنچى كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر رىياسەتچى «ئاللا، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت»دېگەن گەپلەرنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىدۇ، ئەمما ھايال ئۆتمەي ئۇ سورۇنلاردا ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇنى بىز سىمۋوللۇق ئالاقە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساق، «مەنە ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا يارىتىلىدۇ. ئۇچرىشىشلار داۋامىدا ئۆزگىرىپ تۇرغان مەنىلەر ئۆزلۈككە يۈكلىنىدۇ. ئىجتىمائىي ئوبيېكت ئۆزىدىكى مەنىنى ئوپچە ھەرىكەتلەردە قانداق ئىپادىلەنگىنىگە قاراپ تۇرۇپ ئاشكارىلايدۇ.»[34] كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىگە قاتنىشىش داۋامىدا ھەرخىل مەنىنى مۇرەسسەگە كەلتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا جەمئىيەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى سىموۋوللۇق ئالاقىلەردىن پۈتكەن غايەت زور سەھنىگە ئوخشاپ قالىدۇ. كىملىكىمىزنى قانداق مۇقىمدىشىمىز، بەدىنىمىزگە، ھېسسىياتىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئىجتىمائىي دۇنيا، مۇھىت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز سىموۋوللۇق ئالاقىدە ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتى ۋە ھاياتىدىن بېشارەت بېرىدىغان سەرگۈزەشتىلەرنى روياپقا چىقىرىدۇ.- n' V3 E5 {7 z% _; k# W. S5 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئاقىۋەتلىرى: ھەرقانداق ئىجتىمائىي ھادىسە سەۋەبسىز بولمايدۇ ۋە ئاقىۋەت پەيدا قىلماي قالمايدۇ. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ماقالىمىزنىڭ يۇقىرىقى بۆلەكلىرىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ شەھەر ئۇيغۇرلىرى تۇرمۇشىدا قانداق ئىپادە بولىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى نەزەرىيىۋى مۇھاكىمىلەرگە يانداشتۇرۇپ شەرھلىدۇق. ئەمدى زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەيدا قىلغان ۋە قىلىدىغان ئاقىۋەتلىرىنى قىسقا تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىخچام يوسۇندا بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
( z3 M8 h) Z) L1. بىر مىللەتنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىدا تەۋرىنىش كۆرۈلىدۇ. - [  J* R6 p5 T  A$ Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) h% T$ \" B7 T/ U/ e: Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىركۆرۈنۈش(9)7 ~- z% A0 N2 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى»: f0 T: d6 w1 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«يېڭى رۇس كۈيلىرى»تۈنەكخانىسىدا سورۇننى ياندىن كۆزىتىپ ئولتۇرغىنىمدا، بۇرۇن «سەرخۇش ئىنگلىزتىلى» مەكتىپىمدە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن بىر ئوقۇغۇچۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ئېرى ۋە ئېرىنىڭ دوستلىرى بىلەن كەپتىكەن. ئېرىمگە تونۇشتۇرۇپ قوياي دەپ ئۆزلىرى ئولتۇرغان شىرەگە باشلىدى. ئۇ يەردە ئۈچ جۈپ ئەر- خوتۇن ئولتۇرغانىدى. ئېرى ئالىي مەكتەپتە ماتېماتىكا دوتسېنتى ئىكەن. تۇرقىدىن 40 ياشلاردا باردەك قىلاتتى. شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال ھاجەتخانىدىن چىقىپ سۆزلەپلا كەتتى:
$ }$ D  d' P6 [' ~  K9 n) ~; F8 h% c− توۋا خۇدايىم، قىزلار ھاجەتخانىسى ئىس بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. كىچىك – كىچىك ئۇيغۇر قىزلار پۇرقىرىتپ تاماكا چېكىشىپ يۈرىدۇ. توۋا قىلدىم، جاھان رەسمىي بۇزۇلۇپتۇ .6 b9 ?  [  ?7 d" M- v* jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− ئۇنىڭغا سىز نېمە دېيەلەيىتتىڭىز،− دېدى ئالىي مەكتەپنىڭ دوتسېنتى بولغان ئەر،− ئۇ قىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى شۇ. كۆڭلى تارتقان بولسا چېكىدۇ شۇ. چەكسە نېمە بوپتۇ. ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى.- ~) z& A" F/ z) n  `& oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− بۇنداق ئىشلار جىق، سىز- بىز سۆزلىگەنگە ھېچ ئىش   پۈتمەيدۇ،− دېدى ئىككىنچى ئەر .
9 `$ {$ F9 Y0 @. bئارقىدىن ئۈچىنچى ئەر سۆز قاتتى:) A1 h6 ~; O2 }) b8 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− بىز نېمە قىلالايتتۇق. سۆزلىگىنىمىز بىكار. بولدى، كۆڭۈلسىز گەپلەرنى قىلىشماي ھارىقىمىزنى ئىچەيلى .
9 u( v, {  G' {  C* Bيۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنىسىدىن شۇنداق بىر پاكىت ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ: جەمئىيەتتە زىدىيەتلىك كىملىككە ئىگە كىشلەر ئاۋۇپ كەتكەندە ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىغا بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ؛ ئەخلاق مىزانلىرىغا سۇس، مۈجمەل مۇئامىلە قىلىدىغان بىپەرۋا، بىخۇد ئادەملەر توپى ئاۋۇيدۇ. بۇ، بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىدا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ.
; A8 n! X3 _, u( }; f2. چىن كىملىككە ئىنتىلگەن كىشىلەر ئىچ پۇشۇقى تارتىدۇ.8 _- r0 c, P4 O5 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(10)0 `6 W) ?, X+ f1 ^. N* A5 z  ]. }! F; Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دۇتار كۆتۈرۈپ نەنسەندىن يېنىپ كىرگەن ئابدۇرېھىم ھېيت
1 m/ w, G/ c9 P4 Pئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىنىڭ چىن كىملىككە ئىنتىلىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە بۇلتۇر تەسىرلىك بىر ۋەقەنى ئاڭلىدىم. ئالتە- يەتتە يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر ئەمەلدار دوستلىرى بىلەن نەنسەنگە چىققاندا ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىنى بىللە ئېلىۋالىدۇ. ئابدۇرېھىم ھېيت يۈز كېلەلمەي دۇتارىنى ئېلىپ  چىقىدۇ. سورۇن باشلىنىدۇ. ھاراقلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىدۇ. ئۆزى دۇتار چالغان سورۇندا ھاراق قۇيۇلۇشنى قوبۇل قىلالمىغان ئابدۇرېھىم ھېيت باشلىق تونۇشىنىڭ توسۇشىغا، يالۋۇرۇشىغا ئۇنىماي، دۇتارنى كۆتۈرۈپ كېچىلەپ ئۈرۈمچىگە يېنىپ كېلىدۇ.4 D2 c$ Z/ m4 x4 @; Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(راست ئىشلار خاتىرىسى)
3 n* x. F8 O0 t# Y* x% eيۇقىرىقى مىسالدىن شۇنداق بىر پاكىتنى ھېس قىلالايمىزكى، بىر جەمئىيەتتە زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە كىشىلەر ئاۋۇپ كەتكەندە، ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەر ئىچ پۇشۇقى تارتىدۇ، يېتىم قالىدۇ. ئۇلارنىڭ چىن كىملىككە ئىنتىلىش ئارزۇسى كۆپىنچە ھالدا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرايدۇ .9 @4 _* z/ I9 t+ l6 b3 t' g# d8 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3. ئۆزىنى پەس كۆرۈش ھېسسىياتى، بەرباتلىق تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ., `/ K3 G8 {: wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2008 – يىلى ئۇيغۇر ئىنتېر تورى بېكەتلىرىدە تامچىدىن دېڭىزنى كۆرۈپلا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى تۈگەشتىگە چىقىرىۋېتىدىغان يازمىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە ساترىك تۈسكە ئىگە «زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئۇيغۇرلار» (رىندان ئاپتورلۇقىدا «دىيارىم»تورىدا ئېلان قىلىنغان)، «ئۇيغۇرلار تۈگەشتى» قاتارلىق يازمىلار بار.1 ]% ~" W) |, w5 O' A( ^- x3 W: gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ خىلدىكى يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تېما يوللىغۇچى جەمئىيەتتە ئۆزىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر ئىشنى كۆرىدۇ ۋە بۇنى يېزىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈگىشىۋاتقانلىقى، زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.& J3 p& ?2 t) r% f6 {* @, Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنىسى ئېنىقكى، بىر جەمئىيەتتە زىددىيەتلىك كىملىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە، ئەدەپ– ئەخلاق مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشنى پەرۋايىغا ئالمايدىغان كىشىلەرنى ئاۋۇتقاندا، شۇ جەمئىيەتتىكى ئانچە– مۇنچە ئويلىيالايدىغان، ئۆزلۈك تۇيغۇسىغا ئىگە ئادەملەرنىڭ بەرباتلىق تۇيغۇسى، ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسسىياتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. بىرەر ناچار ھادىسىنى كۆرسە، ئۇنىڭدىن پۈتكۈل مىللەت تۈگىشىۋاتقاندەك تەسىراتقا كېلىدۇ.
5 V: U9 t' j( q4. كىملىك كرىزىسى پەيدا قىلىدۇ.
: j! l/ H9 L1 d! T5 _
ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش(11)- b) j0 v3 G, ?+ u: a& nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2008– يىل ئاۋغۇسىت، بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ئۈرۈمچىدە بىر رېستوراندىكى توي مۇراسىمىغا داخىل بولۇۋېتىپ، كىملىك كرىزسىگە مىسال بولىدىغان بىر ئەھۋالغا يولۇقتۇم. يىگىت تەرەپ قىز كۆچۈرۈشكە كەلگەندە، سورۇندىكى ئەرلەر مەست بوپكەتكەنىدى. بەزىلىرى دەلدەڭشىيىتتى، بەزىلىرى سورۇندا ئۇيان– بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. قىزنىڭ بېشىدىن نان ئۆرۈلىدىغان، قىز زالدىن ئۇزايدىغان چاغدا تەڭشىلىپ قالغان، يۈزلىرى قانسىراتقان ئۆپكىدەك قىزارغان 50 ياشلاردىكى رىياسەتچى: «قېنى، ھەممىمىز دۇئاغا بىر قول كۆتۈرۈۋېتەيلى، ئۇلۇغ ئاللادىن قىزىمىزنىڭ بەختىنى تىلەيلى!» دېيىشنى ئۇنتۇمىدى .
+ X8 e3 o8 h, q# R/ k" b1 O  A7 Cكىملىك كرىزىسى دېگىنىمىز، ئۆزىگە ۋە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان توپقا تەۋە بولغان تارىخىي ئوخشاشلىق، بىردەكلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر. يەنى بۇ سورۇندا رىياسەتچىنىڭ ھاراق ئىچىۋېلىپ، دەلدەڭشىپ تۇرۇپ كىشىلەرنى دۇئاغا چاقىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ توي – مۇراسىم مەدەنىيىتى داۋامىدا يېتىلگەن تارىخىي ئوخشاشلىق ۋە بىردەكلىكنى بۇزۇۋەتكەن. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرىدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان بىردەكلىك تۇيغۇسى مانا مۇشۇنىڭدەك سورۇنلاردا بۇزۇلۇپ، كىملىك كرىزىسىگە سەۋەب بولماقتا .
; y$ ?9 E, z) D  ~6 X4. تۈگەنچە
1 F/ o* x7 P& z: t- Z( @بىر شەھەر ،! F4 H; S" P% ^: c# Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماڭا ئوخشاش ھارغىنلىق يەتكەن؛
1 Y& t9 p5 l/ n9 q- K4 E! Eبىر شەھەر ،
1 @5 d. J9 P# _! m! nباھار ۋە كۈزنى تەرك ئەتكەن .
, r9 x2 j  @; f1 x3 I8 q; J  {بىر شەھەر ،
# L7 ^! f5 N% h- g0 e: ?" oتۇمان ئىچىدە يىراقلاپ كەتكەن .
; n0 t6 {' o7 Hبىر شەھەر ،
8 \) |' t* O% J) Sتەكرار سۆزلەنگەن قالايمىقان ھىكايە .) i+ t0 D  e0 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
لېكىن بۇ ھېكايىنىڭ ئىچىدە مەن يوق .7 E( T0 M$ A% s0 U9 r0 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
− تاھىر ھامۇتنىڭ «ئۈرۈمچى» ناملىق شېئىرىدىن
$ n: |# G5 Z' q' g" Xبۇ ماقالىدە دىنىي كىملىكى بىلەن مىللىي كىملىك، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى ئارىسىدا تېڭىرقاۋاتقان شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكى تەھلىل قىلىنىپ، ئۇيغۇر كىملىكى كۆپ مەدەنىيەتلىك، كۆپ مىللەتلىك ئىجتىمائىي كونتېكىستتا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى؛ شۇنداقلا شەھەرلىشىش ۋە مەۋجۇدلۇقنى ساقلاش داۋامىدا كۆرۈلىدىغان زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ سەۋەبلىرى، شەھەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ئىپادىلىرى، ئاقىۋەتلىرى ئېچىپ بېرىلدى. جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ ئۆز رېئاللىقىنى چوڭقۇرراق تونۇشىغا ياردەم بېرىش، ھەرخىل ئىدېئولوگىيىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئادەت كۈچىگە، ئادەتلەنگەن خاتا تونۇشلارنى ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىش بولغاچقا، ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرى كۆرسىتىلمىدى (بۇ، جەمئىيەتشۇناسلارنىڭلا ئەمەس، ھەتتا سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭمۇ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس). جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ھەرگىزمۇ مەسىلىگە تەدبىر بەلگىلەش دەپلا چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ .
7 n) P  u2 `5 Z2 m8 U! s" Hزىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بولۇش دېگەنلىك، تېز ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ رېئاللىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىغا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا مەزمۇنلارنى قېتىپ، سىمۋوللۇق ئالاقىدە زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنى ئاشكارىلاش دېگەنلىكتۇر. ماكرولۇق كونترول، خىلمۇخىل ئىدېئولوگىيىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، چىركىن مەدەنىيەت مۇھىتى بۇ جەرياننى تېزلىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ چىن، مۇقىم كىملىككە ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدۇ. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش بىر ئوبيېكتقا، ئادەمگە، سىموۋولغا قارىمۇ قارشى پوزىتسىيە تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. ماقالىمىزدىكى ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردە ھاراق ئىچىپ بولۇپ دۇئا قىلىش، ئىشرەت سورۇنىدا ئاللانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش، ئىپپىتىنى سېتىپ تۇرۇپ ئاللانىڭ ئىسمىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، چەت ئەللەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا مەستانىلەرچە چوقۇنۇش ھادىسىلىرىنىڭ ئىپادىسى ۋە سەۋەبىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلدۇق. زىددىيەتلىك كىملىك يالغۇز ئۇيغۇرلارلا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھادىسە ئەمەس. ئۇ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تېز يۈز بېرىۋاتقان، ماكرولۇق كونترول كۈچىيىۋاتقان ھەرقانداق جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان ھادىسىدۇر. بۇنداق تەتقىقات تېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى مەقسەت شۇكى، زىددىيەتلىك كىملىكنى چۈشىنىش− بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە قانداق بىر رېئاللىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
( {3 p; x' ?& b7 _% dشەھەر ئۇيغۇرلىرى كۈندىلىك ھاياتىدا پەرقلىق قىممەت قاراشلىرى، زىددىيەتلىك سىمۋول ۋە كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت كىملىكلىرىگە ماڭدامدا دۇچ كېلىدۇ. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋۋال چوڭ بىر ئىجتىمائىي ئوربىتىدا جۇڭگولۇق، ئۆز جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئۇيغۇر بولۇپ ياشايدۇ. بۇنداق گىرەلىشىش شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق رېئاللىققا ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ تاقابىل تۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ ۋە مۈجمەل ئادەم، زىددىيەتلىك كىملىككە ئىجتىمائىي كەيپىيات ھازىرلايدۇ.
  z( C* q; U. |4 E2 [% Aشەھەر ئۇيغۇرلىرى سىموۋۇللۇق ئالاقىلەردە يېزا ئۇيغۇرلىرىدىن پەرقلىق رېئاللىقىنى نامايان قىلىدۇ. ھاراق ئىستېمالى جەريانىدا ئۆزى بىلەن بىر جەمئىيەتتە ياشايدىغان باشقا مىللەت ۋەتەنداشلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىشىش ئۆلچىمىگە لايىق بىر رېئاللىقنى ۋە ئۆزىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىنى يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈگىمەس ئىجتىمائىي ئالاقە، مودا قوغلىشىش داۋامىدا ئىزتىراپ چېكىدۇ؛ «جەلپكار بولۇش، تۈزۈكرەك ياشاش ئۈچۈن» بەدەل تۆلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى خىرىسقا دۇچ كېلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەردە ئۆز مىللىي كىملىكىگە بولغان ئىشەنچ ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ، روھىي بىسەرەمجانلىق، ۋەسۋەسە كۈچىيىدۇ. كۆپ يۈزلۈك− ئۆزگىرىشچان كىشىلەر توپى بارلىققا كېلىدۇ. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكى ئۆز نۆۋىتىدە ھەرخىل قىممەت قاراش، ھەرخىل ئىدېئولوگىيە ئوتتۇرىسىدىكى، ئىجتىمائىي تۈزۈم ياراتقان ئۆزلۈك بىلەن ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا يېتىلگەن ئۆزلۈك ئوتتۇرىسىدىكى، ياتلىشىش بىلەن بىردەكلىشىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە سۈركىلىشنىڭ نەتىجىسى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقانداق ئادەمنىڭ كىملىكى ئۆز ئالدىغا شەخسىي بولىدۇ. ئەمما، تارىخىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا بىرمۇ كىملىك مەۋجۇد ئەمەس. زىددىيەتلىك كىملىكمۇ دەل شۇنداق بىر ھادىسە .
* y; b7 {' ^! o( c0 _بۇ تەتقىقاتتا شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش پاكىتلىرىنى تەكشۈرۈش، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھاسىلاتىمىز تۆۋەندىكىچە :
/ \. H: W+ B* T9 \6 mA يەكۈن: يېزىدا ياشىغۇچىلارغا قارىغاندا شەھەردە ياشايدىغان كىشىلەر كىملىك مەسىلىسىگە بەكرەك دۇچ كېلىدۇ. شەھەر جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي، مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر قانچە تېزلەشكەنسېرى، ئىجتىمائىي ئالاقىدە زىددىيەتلىك كىملىكنى ئىپادە قىلىدىغان كىشىلەر شۇنچە ئاۋۇيدۇ. ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرى، ياشاش ئۇسۇللىرى زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ .4 t& i( G1 X- }! X1 Y: q5 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
B يەكۈن: تەرەققىي تاپمىغان− پاسسىپ ئورۇندا تۇرىدىغان ئىجتىمائىي توپ زىددىيەتلىك كىملىك مەسىلىسىگە بەكرەك دۇچ كېلىدۇ. بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي كونترول ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ جەمئىيەت كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت بولسا، پاسسىپ ئىجتىمائىي توپنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكنى ھېس قىلىش، باشتىن كەچۈرۈش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.) J) M7 `; {* A' c$ r  t% Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
C يەكۈن: كىشىلەر قانچىكى قارىمۇ قارشى ئىدېئولوگىيە تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان جەمئىيەتنىڭ ئاز سانلىق ئەزاسى بولۇپ ياشىسا، زىددىيەتلىك كىملىكنى شۇنچە ھېس قىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىدە تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشىش ئارزۇسى زىددىيەتلىك قىممەت قارىشى بىلەن ساراسىمىنى تەڭلا پەيدا قىلىپ، قاششاق– پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان كىشىلەرنى زىددىيەتلىك كىملىككە مۇپتىلا قىلىدۇ.
7 j: S5 o- q( g- fھەرقانداق تەتقىقاتنىڭ چەكلىمىلىكى بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىزمۇ بۇ تېما ھەققىدە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ قىلىنغان دەسلەپكى بىر ئۇرۇنۇش بولۇپ، چەكلىمىلىكلەردىن خالىي ئەمەس. بۇنىڭغا ئوبيېكتىپ، سۇبيېكتىپ ئامىللار سەۋەب بولغان. بىرىنچى، ئوبيېكتىپ جەھەتتە، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەر قانداق تەتقىقات مەلۇم بىر نۇقتىدا سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇنى ئوبيېكتىپ شەرت- شارائىت بەلگىلىگەن؛ ئىككىنچى، شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىپ پىكىر ئېلىشقا، راي سىناش جەدۋىلى تارقىتىپ كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈشكە، سان – سىپىرلىق پاكىت يىغىشقا يار بېرىدىغان ئىمكانىيەتمۇ، بۇنداق تەتقىقاتنى قوللايدىغان ئىقتىسادىي فوندمۇ يوق؛ ئۈچىنچى، بۇ تېمىنى بۇنداق كىچىك بىر ماقالە بىلەن تەلتۆكۈس يورۇتۇپ بېرىپ بولغىلى بولمايدۇ. زىددىيەتلىك كىملىك گىرەلەشمە پەنلەر نۇقتىسىدىن چىقىپ، يەنى تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، پسىخولوگىيە، جۇغراپىيە، سىياسىيشۇناسلىق، ئەخلاقشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ قىرلىق نۇقتىدىن كۆزىتىشكە، چوڭ كۆلەملىك تەتقىقات قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە ئىزدىنىشكە تېگىشلىك تېما. شۇڭا بۇ تېمىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھەمكارلاشما تەتقىقاتنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ئىلمىي ماقالىنىڭ قىممىتىنى، ئۆلچىمىنى چۈشىنىدىغانلار، ئىلمىي ماقالە ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلار ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، ماقالىنى قانداق قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىش زۆرۈرىيىتى تەتقىقاتنى چۈشەپ قويىدۇ. ئىلمىي ماقالىغا بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئاممىباب بولۇش ھەم ئىلمىي بولۇش ھەم چوڭقۇر بولۇش تەلىپىنى قويۇش ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە، چىنلىق دەرىجسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئوقۇرمەنلىرى قاتلىمىدا ئوقۇرمەن كرىزىسىنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يەتكەن، ئىلمىي ماقالىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدىغان، پىكىر ئىزدەيدىغان ۋە ئىلمىي ماقالە ئوقۇشقا، نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا كۆنگەن كىشىلەرنىڭ ئاۋۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.! S, ]( U0 p3 l& f0 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نەقىل مەنبەلىرى
- Y' P: \8 m7 J9 B[1] شەمسىددىن ھاجى باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «ھىدايەت گۈلزارى»،  مىللەتلەر نەشرىياتى 2007 – يىل 2 – نەشرى .
- `8 W/ ?/ F- ]5 g2 \; K, g[2] «ئىسلام دىنىغا دائىر سوئال – جاۋابلار »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىل نەشرى، 392-بەت .
6 I: R+ l; G  q$ d0 E8 K+ m[3] نەسرىددىن رابغۇزىي: «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىل 1- نەشرى، 67-بەت .
9 `- E* l3 i, P; ~4 ^7 q[4] ئەنۋەر سەمەد قورغان: «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007- يىل نەشرى، 190 – 191- بەتلەر .
' l8 K+ M7 ^! P5 W[5] ژان بوردىلىيارد: «تاللانغان ماقالىلەر»
5 y( U+ f$ r9 F8 ^* x4 PJean Baudrillard: 《 Selected Writings 》 , Cambridge , Polity Press1988, P 149
) i% t5 x( v6 B7 x" D[6]جورجىي مككال ۋە ج. سىممونس: «كىملىك ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە»
+ _( T" `! k0 E+ z6 dGeorge J. McCall and J. H. Simmons: 《 Indentities and Interactions 》 , New York , The Free Press1978 , P165
8 `1 Y9 [/ C: V# R- ~0 K9 c% G" Y[7] ئەنۋەر سەمەد قورغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ پەرھىزلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى»- m2 B* {! D  d8 U% L& F# Q, E/ qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[8] مارك لىچى: «لايىقىدا زامانىۋىلىشايلى»
; B% E) o( b% S+ |$ D- }Mark Liechty :《Sutably Modern》, Princeton: Princeton University Press
1 X( U, s, s, A8 [+ M  R[9] سمېلسېر: «ئىجتىمائىي پەندە ئەقلىيلىك ۋە زىددىيەت تېمىسى»* Z, d3 t  ~8 I. tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Smclser J. Neil :《The Rational And The Ambivalece in The Social Sciences 》, 1998
" e9 T: Z; T, {2 U[10]جورجىي مېد :«ئۆزلۈك، قەلب ۋە جەمئىيەت», P( z" J% i' X3 k  Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Mead Herbert , J: 《Mind , Self And Society》 , Chicago , Chicago University Press
. H- C7 I4 K. @6 s. }+ M) O[11] ستېفېن كورنېل، دوگلاس خارتمان: «مىللەت ۋە ئىرق: ئۆزگىرىشچان دۇنيادا كىملىك»! }$ G* ?! N2 D$ z6 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Stephen Cornell and Douglas hartmann: “Ethnicity and Race: Making Identity in a Changing World”, CA: Pine Forge Press, 1998, p.xvii0 [1 z. m/ v4 r9 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[12]ئېرۋىڭ گوفمان :«ئەيبناق: بۇلغانغان كىملىك ھەققىدە خاتىرىلەر»
5 D' T  }4 ~' P; p# M' D- X5 _Erving Goffman :《Stigma: Notes on The Management Of Spoiled Identity 》, N. J. Prentice- Hall , 1963
) J* h, A- h9 o; a4 A+ M4 P8 H[13] مارتىن مارگېر: «ئىرق ۋە مىللىي مۇناسىۋەت»
4 r: M7 s& U: H. m2 DMarger Martin :《Race And Ethnic Relations》, Stanford .Wadsworth Press , 20000 X6 U" |% N; T# M: d! D( c5 L' \  Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[14] نيۇمەن: «جەمئىيەتتە مىللىي كىملىك»
" X! B4 O" n2 r3 L  E- BNewman :《Ethnic Identity in Society》, Chicago: Rand McCally Publishing, 1974- f) C' D3 Q. `$ L8 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[15] ئېركسون: «كىملىك، ياشلىق ۋە كرىزىس»
2 s. z! o, E% q5 L$ a  p0 G0 vErick Erickson :《Identity , Youth And Crisis》, W.Norton Company , 1968 , P86! q, l$ m8 v2 J$ y4 {$ zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[16] بۇركې: «سىموۋوللۇق ئالاقىدىن ئۆزلۈكنى باھالاش»
; Z0 h. K7 U9 A6 {3 {4 RBurke , P ;《The self: Measurement Requirement From an Interactionist Pespective , Social Phychology Quarterly》, 43 , 18- 29
2 `! a$ v; k* e [17] بۇخارىي: «سەھىھۇل بۇخارىي جەۋھەرلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1981- يىل 1- نەشرى ., s5 b) ^# ~$ f; T$ L; xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[18] رۇس ۋاللېس، ئاللىسون ۋولف: «بۈگۈنكى زامان جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسى»
. g7 R& n$ \- n2 Q% Y- l5 t" NRuth Wallace and Allison Wolf :《Contemporary Sociological Theory》, 2006.New Jersey: Pearson
: J) z: g1 T+ E4 T* G/ J[19] روبېرت مېرتون: «جەمئىيەت نەزەرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلما», m3 O9 l6 _2 Z; `. I& Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Robert Merton :《Social Theory And Social Strucure》,1968, New York: Free Press , P.106
( M; V7 g8 P4 a[20] سىمېلسېر: (8 – نەقىل مەنبەسىگە قارالسۇن)
- z& S8 b) y6 x5 `: _' v! t" `4 s7 Y5 W[21] [21] رايت مىللىس: «ئاق ياقىلىقلار»
" m! h8 N/ C- ^- q1 S) F# j) {Wright Mills , C:《White Collar》,The American Middle Classess , New York:Oxford University Press 1951. P173 r. ^6 a6 b1 w6 K+ Q  y0 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[32] روبېرت مېرتون: «ئىجتىمائىي زىددىيەت»  E8 Z% q1 `" D6 z& R% |0 a/ {7 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Robert Merton: 《Sociological Ambivalence》1976,P86 C# r$ K5 B+ {* c( w, Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[24] كۇرتىس: «بىدئەتلىك لوگىكىسى»
# F3 ^( U1 y: l$ f3 n  \) W. `/ rKurtz .L.R: 《The Politics Of Heresy》,Berkly University Of California Press3 N" j" H; m2 Y! n7 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[25] ماررىس: «يوقىتىش ۋە ئۆزگىرىش»$ R4 U6 J2 ?' F* Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Marris.P《Loss And Change,Doubleday,Gardon City 1975+ y, W5 n& e* q2 k6 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[26] ۋېيگېرت ۋە فرانكىس: « ئىجتىمائىي زىددىيەت »
' a0 F6 K8 }# bWeigert .A and Franks.D《Sociological Ambivalence》,Greenwich , CT :JAI Press: A, j% F( i) e$ [6 y/ s; h. xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[27] كلاپ: «كىملىكنى كوللېكتىپ ئىزدەش»; J7 h5 E! `) y4 r/ n4 T6 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Klapp , Orin .《Collective Search For Identity》,New York.Holt ,1986,P273
& N' L3 I2 ~4 m8 g% j[28] ستېفېن كورنېل، دوگلاس خارتمان (13 – نەقىل مەنبەسىگە قارالسۇن)- r% X7 Q0 I* d$ v6 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[29] جېنكىنس: «ئىجتىمائىي كىملىك»
+ s( r8 ?" [! eJenkins Richard :《Collective Search For Identity》, New York.Holt,Rinehart
; _" u5 h: s; _3 y[30] گېگاس: «جەمئىيەتلىشىش نەزەرىيىسىدە ئۆزلۈك چۈشەنچىسىنىڭ ئىلھام مەنبەسى»+ J/ f- F0 S8 ^- K1 y* L$ V$ {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Gecas.V:《The Motivational Significance of self-concep for Socialization theory》,Greenwich,CT:JAI Press1986' t/ {  _, m% r; l: f& I* F9 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[31] خوچچايلىد: «بويسۇندۇرۇلغان يۈرەك»
1 {% l# V; }% _; j; ]# RHochschild,A.R:《The Managed Heart》,Burkly: University of California Press1983
0 h$ T. V+ a# A5 H  j[32] يۈرگېن خابىرماس: «ئالاقە ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى»
: C* @8 e+ W7 w6 w: JHabermas Jurger:《Communication And The Evolution of Society》, Boston: Beacon1979$ q& \% `( E! b# u8 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[33] پېتېر بېرگېر، لۇكمان: «رېئاللىقنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى»9 i( d  l+ _3 L  V  m# Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Peter Berger,Luckman T:《The Social Construction of Reality«. NY,Garden City , Doubleday1966; ~/ i, Q4 {" `* C( v7 l' Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[34] پلۇمېر: «20- ئەسىردىكى سىموۋۇللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى»# a- t& q4 h% \) c0 ]8 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
Plummer , Ken:《Symbolic Interactionism in The Twenties Century》,Blackwell2000' ?7 ^# t( B- l1 }) [: B0 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
/ ^' |+ _) ?2 V; V6 v! }ئاپتور: ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى% {/ i( o9 F# j; Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى
8 L. J- {5 C! @- R5 Y0 Z2 ~. B6 U9 ~7 ^يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
$ v$ h. {4 R: E; u يازما ئادىرىسى: http://pasahet.com/?p=11399

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
سەلكىن01 + 15 + 9 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-12-14 12:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ زۇلپىقار باراتنىڭ ماقالىلىرى بەك ياقىدۇ ماڭا!
ۋاقتى: 2012-12-14 23:10:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدىلا 35-36لەرگە كىرگەن بۇ پەيلاسوپىسمان يىگىتنىڭ ئاجايىپ ئىستىداتى ئادەمنى بەك قايل قىلدۇ.
ۋاقتى: 2012-12-15 00:54:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ كاتتا يېزىلغان ماقالە ئىكەن، تەتقىقاتى پاكىتلىق، سۆز-ئىبارىلىرى مېغىزلىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، مەيلى شەھەر، مەيلى يېزىلاردا بولسۇن، دىققىتىمىزگە ھەر دائىم دەستەك بولۇپ كۆرۈنۈپ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، پاكىتلار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بېرىلىپتۇ. زۇلپىقار باراتنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇقلار يار بولغاي!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-26 09:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش