روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2498|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

نەچچە مو پۇل،پۇل ئەمەسمۇ؟(ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەچچە مو پۇل،پۇل ئەمەسمۇ؟
( \  }* |# {- S' J/ o) U) xئىلىم-پەننىڭ راۋاجلىنىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى .
! ^7 Q$ C- y" c+ [- `  b: S7 bبەخت ناخشىلىرى دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-بازار، يېزا قىشلاقلىرىدا ياڭرىدى، كىشىلەرنىڭ چىرايىدا خۇشال كۈلكىلەر توختىماي جىلۋە قىلىشقا باشلىدى. تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ كۈنسېرى يوقىرى ئۆرلىدى. بۇرۇنقى كېسەك ئۆيلەردىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق خىش ئۆيلەرگە ۋە ياكى نەچچە قەۋەتلىك بىنالارغا كۆچتى. يانچۇقىدا مىڭلاپ-مىڭلاپ پۇل ئۈزۈلمەيدىغان، بۇرۇنقى ۋېلسىپىت موتسىكىلىتلارنىڭ ئورنىغا ماشىنا ھەيدەيدىغان بولدى.% S: e2 X9 b% h! q7 G9 z- H: r) K8 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ كۈنسېرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كۈندە ئون نەچچە يۈەن ھەتتا يىگىرمە-ئوتتۇز يۈەن پۇللارنىمۇ بېرىۋېرىدىغان، بالىلارمۇ قىسىلماي خەجلىۋېرىدىغان بولدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت بالىلارنىڭ نەزەرىدە پۇلنى تولىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. بەزى بالىلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلى يوقاپ كەتسىمۇ، قىلچە ئاغرىنمايدىغان، ھەتتاكى بىر نەچچە مو پۇللارنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان، ھەدېسە ئاتا-ئانىسىدىن كۆپ پۇل بېرىشنىلا كۈتىدىغان ئازراق پۇلغا قانائەت قىلمايدىغان، ئىنساپسىزلىق ھالەتلىرى شەكىللىنىپ قالدى .
+ B% P1 u+ b- B8 rساۋاقداشلار دەپ بېقىڭلارچۇ، بۇ بىر نەچچە مو پۇل، پۇل ئەمەسمۇ؟ ئاشۇ بىر نەچچە مو پۇلنى تېپىش ئۈچۈن بىچارە ئاتا-ئانىمىز قانچىلىغان جاپالارنى چېكىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟ ئەمىسە ئاتا-ئانىلىرىمىز بەرگەن بۇ پۇللارنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟ مېنىڭچە ساۋاقداشلار بۇ پۇللارنى ئوقۇش قورالى، كىتاپ ماتېرىيالى ياكى پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسەكمۇ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ئىئانە قىلساقمۇ ۋە ياكى پۇل يىغىش ساندۇقىمىزغا سېلىپ يىغىپ قويۇپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدىغۇ؟! چۈنكى كونىلاردا «تاما-تاما كۆل بولار، ئاقا-ئاقا دەريا» دېگەن ماقال بار. بىز بۇ پۇللارنى ئاز-ئازدىن يىغساق كۆپ پۇلغا ئايلىنىدۇ. ھەر قانداق نەرسە كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟!% s* H1 k2 K2 x+ W+ e3 i4 x5 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاراتۈرۈك ناھىيە نوم بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ
% h' @4 ]. U, u4-يىللىق1-سىنىپتىن: ئەزىزەم ئابلەت1 K% z8 D8 \1 R+ r/ K$ q# W+ r4 r* w( k! Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى: توختىنىياز9 c% p2 M# U5 J! A" o; e( kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-23 06:46

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش