  
- UID
- 4969
- نادىر
- ھوقۇقى
- 80
- توردا
- سائەت
- تىزىملاتقان
- 2010-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
|
خارۋارد تىببىي ئىنىستىتۇتى تەتقىقات گۇرۇپپىسى DNA مودېلىدا ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ئوڭۇشلۇق كودلاشتۇردى
يېقىندا، خارۋارد تىببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى DNA مودېلىدا HTML ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ئوڭۇشلۇق كودلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى كودتا ھەرخىل مول شەكىللەر، سۈرەت ، ھەتتا JavaScript قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ «ئىلىم-پەن ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق تەتقىقات كىشىلەرگە DNA نىڭ پەقەت بىر ئېلېكتىرونلۇق ساقلاش ۋاستىسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە توغرىلىق دەرىجىسى ئەنئەنىۋى قاتتىق دىسكىدىنمۇ يۇقىرى بولغان ساقلاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
شىۋىتسارىيە ئاياق قىلىپ كىيىدىغان پايپاقنى كەشپ قىلدى
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋىتسارىيە يالاڭئاياق شىركىتى يېقىندا ئاياقنىڭ ئورنىدىكى پايپاقنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، بۇنداق پايپاقنى كىيگەندە يالاڭئاياق ماڭغانغا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىدىكەن. بۇنداق «شىۋىتسارىيە قوغدىغۇچىسى» ناملىق پايپاقنىڭ تېگى PVC ماتېرىيالىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن پۇختا ۋە ئۇزۇنغا چىدايدىكەن، يەنە تىغلىق نەرسىلەردىنمۇ مۇداپىئەلەنگىلىمۇ بولىدىكەن. پايپاقنىڭ لايىھەسى ئىنتايىن مودا بولۇپ، پەلەيگە ئوخشاش بەش بارماقلىق ئىكەن.
بۇ شىركەتنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: بۇنداق پايپاق يالاڭئاياق مېڭىشقا ئامراقلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك كەشپىيات بولدى، بۇنى يەنە قىياغا چىقىش قاتارلىق دالا ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە شىركەتنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش پايپىقىنى تەتقىق قىلىپ لايىھەلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇكرائىنا تەتقىقاتچىلىرى «بەھۇزۇر سۆزلەيدىغان پەلەي»نى كەشپ قىلدى
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا: بىر گۇرۇپپا ئۇكرائىنا تەتقىقاتچىلىرى قول ئىشارىتىنى ئاۋازغا ئايلاندۇرىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق پەلەينى ياسىغان، بۇ گاس-گاچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلايدىكەن.
بۇ يېڭى كەشپىياتقا «بەھۇزۇر سۆزلەيدىغان پەلەي» دەپ نام بېرىلدى، ئىچىگە مۇرەككەپ سەزگۈر دېتال تورى ئورنىتىلغان بولۇپ، قول ئىشارىتىنى تونۇيدىكەن ۋە ئۇنى بەلگىلەرگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، قوللىنىشچان پروگرامما بۇ بەلگىلەرنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ، قول ئىشارىتى بىلەن سۆزلەيدىغان جەرياننى تاماملايدىكەن. بۇ كەشپىيات قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچى ئۆزى قول ئىشارىتى بەلگىلەپ قوللىنىشچان پىروگراممىغا كىرگۈزەلەيدىكەن.
كەشپىياتچى بۇ پەلەينىڭ سۆزلەش ۋە ئاڭلاش جەھەتتە توسالغۇسى بار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلالىشىنى ئۈمىد قىلدى. پروگراممىچى ئوشكا مۇنداق دېدى: ئاشۇ سۆزلەش ۋە ئاڭلاش جەھەتتە توسالغۇسى بار كىشىلەر بىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئالاقىلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ پەلەي تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدە تۇرىدۇ، تېخى بازارغا سېلىنمىدى. بىراق ئۇكرائىنالىق تەتقىقاتچى بۇ تەتقىقات بىلەن مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ 2012-يىللىق «يېڭىلىق يارىتىش لوڭقىسى» يۇمشاق دېتال لايىھەلەش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچىلىكىگە ئېرىشتى.
ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئاجايىپ كەشپىياتنىڭ تەننەرخى تەخمىنەن 494 يۈەن بولغان. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە، بىر نەچچە ئەترەتنىڭ ئۇكرائىنالىق تەتقىقاتچىلار بىلەن ئويلىغىنى ئوخشاش بولۇپ، بىراق ئۇلارنىڭكى تەننەرخى تەخمىنەن 7643 يۈەن بولغان.
مەنبە: ئۇيغۇر خەلق تورى
ئالدىنقى تېما: بالا تەربىيەلەشنىڭ توققۇز چارىسى كېيىنكى تېما: ھەقىقىي ئىسىم دەلىللەش سىنبەلگىسى ئۆزگەرتىلدى |
|