روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 7050|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

نۇر چاچقان ياشلىق - ئادىل غاپپار كارىزى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

" }8 W' p8 [! s( l( |' _- i8 ^! o2 z
未命名.jpg

% J6 s1 v4 _* X3 N& p$ X! o) k  N# j8 w- O+ m) R7 `4 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نۇر چاچقان ياشلىق- ئادىل غاپپار كارىزى
4 e+ v0 I6 B) |7 l, gمىلاقىز
- p$ k- G$ Y7 X

4 B6 |1 r8 ?9 {% `ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ياشلىق ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ جۇشقۇن شۇنداقلا ئۆمۈرنىڭ كېيىنكى قىسمى ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان ھەل قىلغۇچ مەزگىل. شۇڭا ئەلمىساقتىن تارتىپ پاراسەتلىك ئاتا-بۇۋىلىرىمىز ياشلىققا «ئىنسان ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋىرى» دەپ تەبىر بېرىشكەن. ئولۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ «ياشلىقىڭدا قېرىلىق ئۈچۈن ئىشلە، كىشى قېرىغاندا كۈچتىن قالىدۇ، كىشى ئۇنىڭغا ئۈلگۈرەلمەيدۇ، كىچىك يەنى ئوغۇل ۋاقتىڭدىلا ئىش – ھەرىكىتىڭنى ياخشى قىل، قېرىلىق يەتكەندە بۇ ئوت ئۆچىدۇ» دېگەن ھېكمەتنى بىزگە قالدۇرغان. تۇغرا، ياشلىق مەزگىلى ئادەمنىڭ زېھنى ۋە جىسمانى قۇۋۋىتى ئورغۇپ تۇرىدىغان چاغ بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر بىر كەلسە كەلمەيدىغان ياشلىقىنىڭ جۇشقۇن، جانلىق ۋاقىتلىرىنىڭ قەدىرىگە يېتىپ قەيسەرلىك، جاسارەتلىك بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ ھەم تۇختىماي ئىزدىنىپ ئەقلىي جەھەتتە بەلگىلىك تاكاممۇللۇققا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئەنە شۇ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بەلگىلىك مۇۋاپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ لىكتۇرى ئادىل غاپپار كارىزى ئەنە شۇنداق تىنىپ تاپماي ئىزدىنىدىغان، خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ دېگۈدەك تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كەمتەر، سەمىمىي، تىرىشچان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. 4 v: g+ s8 r; B" B, M1 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادىل غاپپار كارىزى 2003-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ فاكولتىتىدا ئوقۇپ، مائارىپشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە باكلاۋىرلىق ئونۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى مىللەتشۇناسلىق(مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق) كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، 2006-يىلى 6-ئايدا قانۇن پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. 2006-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىدا مىللەتشۇناسلىق (مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى) كەسپىي بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئادىل غاپپار كارىزى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا، ئەدەبىي يېزىقچىلىققا ئشتىياق باغلاپ، تۇرپان ژورنىلى ۋە تۇرپان گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «قەدىم كارىز تەزكىرىسى»، «كارىز سۈيى لىرىكىسى» قاتارلىق 100پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئىلمىي تەتقىقاتقا قىزىقىپ، مەدەنىيەت، پىسخولوگىيە ۋە مائارىپشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئوقۇپ، نەزىرىيەۋىي ئاساسىنى پۇختىلىدى. 2000-يىلى بۇ ئاساستا يازغان «ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان يار يېزىسى» ناملىق ماقالىسى مەكتەپ جەمئىيەت تەكشۈرۈش ماقالىلەر مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرشتى 2002-يىلى يازغان «ئىمتىھاندا زىيادە جىددىيلىشىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىش» تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىل 3-سانىدا ئېلان قىلىندى ھەم مەكتەپ بويىچە «مۇنەۋەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى» بولۇپ باھالىنىپ، مەكتەپ بويىچە «مۇنەۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى» شەرىپىگە ئېرىشتى،5 l$ K+ t! s6 }* d* h1 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىلىمگە ھېرىسمەن ئادىل غاپپار كارىزى ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن كەسىپ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىرادىلىكلىكى، تىرىشچانلىقى ۋە جاپا ئالدىدا تىز پۈكمەس روھى بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئۇستازلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كەسپىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي پىسخىكىسىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى قوزغالدى. ئۇنىڭ «تەجرىبە پىسخولوگىيىسى» دەرىسىنىڭ تاپشۇرۇقىغا يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىكا ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش سۇئالى ۋە ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسى» توغىرىسىدىكى ماقالە ۋە سۇئال قەغىزى ئوقۇتقۇچىسى مەغپىرەت خانىمنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇنىڭ تەپەككۇرى ۋە قابىليىتىگە قايىللىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنى يۇقىرىلاپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مىللەتشۇناسلىق(مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى) كەسپىنى ۋە بۇ كەسىپنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندىنى تۇنۇشتۇردى. پرۇفېسسۇر دىلمۇرات ئەپەندى ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئېيتقان بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئىرادىلىك، قابىليەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، مىللەتشۇناسلىق(مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى) كەسپىدە ئوقۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور ئىلھام بەردى.  
6 \$ l& e( n& \ئادىل غاپپار كارىزى ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشقا كىرگەندىن كېين پىرۇفېسسۇر دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، «ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت ھادىسىلىرى» توغرىسىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ باردى. تۇرپان رايۇنىدىكى تەكشۈرۈش تەتقىقات ماقالىسى «شامان دىنىنىڭ تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق ماقالە 2006-يىلى «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپشۇناسلىق ساھەسىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئۇقۇمىغا تەبىر بەردى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى «مىللىي مائارىپ ئۇقۇمى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئۇقۇمى» ناملىق ماقالە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىل 2-سانىدا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر يېزا ئەنئەنىۋىي مائارىپى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى تەتقىقاتى»ناملىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى بۇ ساھەدە يېڭى بىر سەھىپىنى ئاچتى ۋە ئىلمىي بوشلۇقنى تولدۇرۇپ مەكتەپ بويىچە مۇنەۋەر ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى، 2006-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2006-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلار مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى» بولۇپ باھالاندى.
) u4 u' r: M$ m( g2 p4 ~2 `تنىمسىز ئىزدىنىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئادىل غاپپار كارىزى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ دىن ئىنسانشۇناسلىقى، مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئېكولوگىيە ئىنشانشۇناسلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئىزچىل تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىپ كەلدى. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۇنىڭ دىن ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدىكى تەتقىقاتىدا كەۋدىلىك ئۇرۇندا تۇرىدۇ. 2010-يىلى ئۇ يازغان «ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى» ناملىق خەنزۇچە ئەسىرى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ جەمئىيەتتە زۇر غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇ ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قايتا رەتلەپ تۇلۇقلاپ، نەشىرگە تەييارلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇ تەكشۈرۈش تەتقىقات ئاساسىدا يازغان، «ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى تەتقىقاتى» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالىسى «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇندىن باشقا بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانى «شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقى-تىل كېسىش مۇراسىمى» ۋە 2012-يىللىق 1-سانىدا «پىرە ئۇيۇنىدىكى شامانىزىم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى ۋە ئۇنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى » قاتارلىق ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.
" D/ f0 Y% l/ ]9 c% P) [' |مەن ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ خىزمەتكە قاتناشقان قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرىدىن خەۋەر تىپىپ ئۇنى زىيارەت قىلدىم.8 O6 `- w% H# ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇخبىر؛ سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا كۆپلىگەن ئۇتۇق ۋە شان – شەرەپلەرگە نائىل بوپسىز، تېخى يېقىندىلا چىققان «ئۇيغۇر شامانىزىم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى» ناملىق خەنزۇچە كىتابىڭىز  جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بوپتۇ، .ئەلۋەتتە سىزنىڭ بۇ نەتىجىلىرىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىز، ۋە ئايالىڭىزنىڭ ئەجىرلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، موشۇ ھەقتە قىسقىچە تۇختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
; E3 V6 [# p( o# K1 L: v& bئادىل غاپپار كارىزى؛ تۇغرا دەيسىز، مېنىڭ بۇ نەتىجىلىرىمنى ئەلۋەتتە غەمگۈزار، جاپاكەش ئاتا-ئانام، ئايالىم ۋە ئۇستازىم پىرۇفېسسۇر دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ مىھنەت ۋە ئەجىرلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، بۇ كىتابىمنى يېزىپ بولۇشقا ئۈچ يىل ۋاقىت كەتتى، ئۈچ يىل ۋاقتىمنىڭ كۆپۈنچىسى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش بىلەن سىرتتا ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۇلار ماڭا يىقىندىن ياردەم بېرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئىلھام-مەدەت بېرىپ مېنىڭ موشۇ كىتابىمنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا ئاساس سالدى. مەن موشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئالەمچە بەخىت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ ۋەتەنگە، خەلققە ۋە مېنى توغۇپ چوڭ قىلغان كۈيۈمچان ئاتا-ئانامغا قانداق جاۋاپ قايتۇرۇش توغرىسىدا كۆپ ئويلىناتتىم. دېمىسىمۇ، ئانا زېمىندا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئىنسان ۋەتىنىگە،خەلقىگە قەرزدار، ئۇلار ئالدىدا چۇقۇم ئۆزىمىزنىڭ قەرز ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش بۇرچىمىز بار. ئۇندىن قالسا ياشلىقتىكى ۋاقىتلار بىر ئادەمگە نىسبەتەن تۇلىمۇ مۇھىم ھەم ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن، دېمەكچىمەنكى، ئىنسان ياشلىق مەزگىلىدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشسىلا، جاپا-مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمەي داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلىسىلا كۆزلىگەن ئارمانلارغا ئېرىشىدىكەن. بۇندىن كېيىنمۇ مەن موشۇ يولدا داۋاملىق ئىزدىنىپ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن.     
' w# p. g. ~+ }2 n' wمۇخبىر؛سىز قانداق قىلىپ ئۇيغۇر شامانىزىم مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىپ قالدىڭىز، موشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
+ y: ]7 Y+ `1 m. j- P+ i& a& Fمېنىڭ بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىشىمغا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازىم، پىرافىسسور، دوكتۇر دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى تۈرتكە بولغان. مەن ماگىستىر ئاسپىرانلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقتىمدا، ئۇستازىم دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى شىنجاڭدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم مەدەنىيىتى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانىكەن. ئوقۇش جەريانىدا، مەنمۇ بۇ تېمىنى ئىشلەشكە قاتناشتىم ۋە قىزىقىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇستازىمنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئۈرۈمچىنىڭ تىببىي ئونېۋېرسىتېت يولىدىن تاكى دوڭكۆۋرۈككىچە بولغان ئارلىقتىكى پال سالىدىغان ئۇيغۇر، قازاق باخشىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ۋە سۆھبەتلىشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. تەتىلدە يۇرتقا قايتقاندا، مەھەللە ئارىلاپ مەھەلىلەردىكى باخشى-پېرىخونلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. شۇ چاغلاردا يەنى 2003-يىلدىن 2005 يىلغىچە، مەن تۇرپان رايۇنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم قالدۇقلىرى ئۈستىدە ئەملىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خېلى مول بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تېمىغا قىزىقىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى.  
1 i- X6 A' w  `& M3 z- D7 V6 O% E0 oمەن دەسلىپىدە يىغىلغان ماتېرىياللارنى رەتلەش، پىشىقلاپ ئىشلەش ئاساسىدا، 2006-يىلى ئەركىن ئىممىننىياز قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىدا «شامانىزمنىڭ تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق زور ھەجىملىك بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئېلان قىلدىم. ئارلىقتا يەنى 2006-  ئۇستازىم دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى مەركىزى مىللەتلەر ئونېۋېرستېتىنىڭ 985 تەتقىقات تۈرى ــ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش، تۈرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقات تېمىسىنىڭ تارماق تۈرىگە مەسئول بولدى. دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى ئەستايىدىل ئويلىشىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنىڭ تارماق تېمىسىنى مېنىڭ ئۈستۈمگە ئېلىشىمنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى كۈزدە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ پىرۇفېسسورى دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە ئىقتىساددىي ياردىمى ئاستىدا 2006-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 5-ئايغىچە غۇلجا، تۇرپان، قۇمۇل، كورلا، كۇچار، ئاقسۇ، ئاۋات، باي، كەلپىن، مارلبېشى، مەركىت، يەكەن، قەشقەر، يۇپۇرغا، قاغىلىق، خوتەن، قارىقاش، گۇما، نىيە، چىرىيە قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چەت-ياقا، يىراق يېزا-سەھرالار ۋە بىر قىسىم شەھەر-بازالاردا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئانتىرپولوگىيىلىك تەكشۇرۇش ئېلىپ باردىم ۋە زور ھەجىملىك بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىپ چىقتىم. رايۇنلاردا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى مول ھەم مۇھىم بولغان بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلىدىم. 2007-يىلى كۈزدە مۇشۇ تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «ئۇيغۇرلانىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرنى تاماملىدىم. 2010-يىلى 11-ئايدا، بۇ ئەسەر مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرپىدىن خەنزۇچە نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەر نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، مۇشۇ ساھەدىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 2011-يىلى مەزكىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «نوپوزلۇقلار مۇنبىرى» پىراگىرامىسىدا موشۇ ئەسەر ۋە شامانىزم توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندىم ھەم مەخسۇس مۇشۇ تېما ۋە كىتاپ توغرىسىدا بىر ئايدىن ئۇشۇق لېكسىيە سۆزلىدىم
, u6 |8 J- Q1 dمۇخبىر؛ شامانىزم توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات ۋە ئاساسىي نەزىرىيەلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا قىسقىچە تۇختىلىپ ئۆتسىڭىز؟* A; \2 U+ C! U- ~4 x& T5 r8 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادىل غاپپار كارىزى؛ شامانىزم توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات ۋە ئاساسىي نەزىرىيىلەر روسىيە ۋە غەرىبلىكلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن كەلگەن. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىي نەزىرىيەۋي ئاساس ۋە نەزىرىيەۋى سېستىما قۇرۇلىشىغا مۇھتاج. چۈنكى، ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى-ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىش، ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش، ئەۋلاتتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىش ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ھەم ئۇنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دۇنيا قاراشى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئېتىقاد-ئادەتلىرىنى بىلشتە تۇلىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى توغرىسىدىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلاش-رەتلەش خىزمىتى 1891-يىلى شەرقشۇناس نىكولاي فېدوروۋېچ كاتانوفدىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىزدىكى بۇ تەتقىقات تا-بۈگۈنگىچە ماتېرىيال توپلاش ۋە رەتلەش باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىدى. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ئېلان قىنلغان ۋە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە ماتېرىيال يىغىش ۋە توپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەش ۋە تۈرگە ئايرىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى توپلانغان ماتېرىياللارنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسىنى تارىخقا ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن ھالدا يىشىپ چۈشەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر شامانىزىمىنىڭ ئۆزىگە خاس نەزىرىۋىي سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش نۆۋەتتىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى.
, x9 Z1 {0 t8 o( h" N' i0 ^$ C7 r5 ?& w بۇ قابىل، تىرىشچان ياش يوقىرىقىدەك تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللىنىپلا قالماي، يەنە مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدىكى بەلگىلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ تارىخى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت مائارىپى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپلەر مائارىپى» ھەققىدە بىر قىسىم ماقالە ۋە مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقاتلارنى ئۆزى باش بولۇپ ئىشلىدى. 2010-يىلى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپى ۋە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىلىشىش تەتقىقاتى» ناملىق تېمىسى دۆلەت پەلىسەپە-ئىجتمائىي پەنلەر فوندىغا ئېرىشىتى. ئۇ مۇشۇ ئاساستا يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدىكى بالا بېقىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەتقىقات»، «شەھەر ئائىلىلىرىدە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىدە ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ رولى» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ماقالىلەر «مىللىي مائارىپ تەتقىقاتى»، «مائارىپ پەنلىرى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ ھازىر مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرستىتىنىڭ «985 تەتقىقات تۈرى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتى» ئىچىدىكى «ئۇيغۇر مائارىپ ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتى» تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، «ئۇيغۇر مائارىپ ئىدىيە تارىخى» ناملىق بۈيۈك ئەسەرنى يازماقتا.
0 z1 P0 g! O+ C8 M. j) |& Rبۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئىكولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىچىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئاڭ-ئىدىيە ۋە ئەقىدە-كۆزقاراشلارنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش توغرىسىدا بەلگىلىك نەزىرىيىۋىي تۇنۇشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇندىن باشقا ئۇ يازغان «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئېكولوگىيىلىك قاراشلار» ناملىق ماقالە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق ئىككىنچى سانىدا ئېلان قىلىندى.  «تۈركى تىللار دىۋانىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ئېڭى توغرىسىدا» ناملىق ماقالە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق ئىككىنچى سانىدا ئېلان قىلىندى. بۇندىن باشقا يەنە، ئۇ يازغان «ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئېكولوگىيىلىك قاراشلار» ناملىق ماقالە مىراس ژورنىلىنىڭ 2009 –يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىندى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كارىز مەدەنىيىتى ۋە ئۇنى قوغداش توغرىسىدىكى تەتقىقاتى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ يازغان « تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كارىز مەدەنىيىتى تەتقىقاتى –ئېكولوگىيە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ناملىق ماقالىسى 2011-يىلى يۈننەن ئونېۋېرستېتىنىڭ «ئېكولوگىيە ئىنشانشۇناسلىقى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە يەنە 2012-يىلى شىخەنزە ئونۋېرستىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك ئىكولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوقۇلۇپ، كەڭ يىغىن قاتناشقۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغاپ، يىغىندىن كېيىن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەخسۇس تۇرپانغا بېرىپ كارىز زىيارىتى ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى. 7 r3 u- Y9 n: m3 f9 T& Y/ b. f2 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
زىيارەت ئاخىرىدا ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئوتۇق ۋە ئامەتلەر تىلەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتىم، كاللامنى بولسا تەگسىز خىياللار چىرمىۋالغانىدى. دېمىسىمۇ، ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەت تاپالمىغان، خىزمەت تىپىپ بەر دەپ جاپاكەش غەمگۈزارلىرىنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىۋىلىپ ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇققۇز تەزىمگە دۇچار قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز. ئەجەپلىنىدىغىنىم، ئۇلار ئەنە شۇ يوللار ئارقىلىق تىرىشىپ يوقىرى ئۆرلەپ ئوقۇسا بولمامدىغاندۇ؟ ئۇ ياشلارنىڭ كاللىسىدا ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش ئىستىكى زادى يوقمىدۇ؟ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىشى كېرەكمۇ؟ بۇ سۇئاللارنى ئويلىغىنىمدا يۈرۈگۈمنى خۇددى بىرسى كېلىپ مۇجىغاندەك ئىزتىراپ، تىڭىرقاش ۋە ئەپسۇسلىنىش ئىلكىدە تۇرۇپ قالىمەن.  شۇڭا ئاخىرىدا مۆھتىرەم ياشلىرىمىزغا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ياشلىقتىكى 10 يىل ۋاقىت بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان، ئۆمۈرلۈك تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان مەزگىل. شۇڭا بۇ ھالقىلىق پەيتلەردە ھەرگىزمۇ ئىزىپ قالماسلىق، تۇغرا يولدا مېڭىشنى ۋە تۇغرا تاللاشنى داۋاملىق ئەستە تۇتۇپ، ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماي مەردانىلارچە قەدەملىرىمىز بىلەن ئالغا قاراپ مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، ۋاقىت-ئالتۇندىن قىممەت، بولۇپمۇ ياشلىقتىكى ۋاقىت ھەممىدىن قىممەت ۋە بىباھادۇر.. V" d1 o  M+ L% B& zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.5 f+ Z- I/ n, i) X& gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +8 ئىناۋەت +8 تەڭگە +8 بايلىق +5 تۆھپە +3 يىغىش سەۋەبى
سەلكىن01 + 8 + 8 + 8 + 5 + 3 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2012-8-17 23:38:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتى ۋە خىزمەتلىرىگە زور ئۇتۇق تىلەيمىز، مىللىتىمىزدىن چىققان مۇشۇنداق تۆھپىكارلارنى ھەر ۋاقىت چوقۇم تۇنۇۋېلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.
ۋاقتى: 2012-8-18 00:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم ئىگىلىرىنى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇش ئەھمىيەتلىك ئىش. سىزنىڭ بۇ ساھەدە قەلەم تەۋرىتىپ، ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان زىيارەت خاتىرىڭىزدىن خۇرسەندە بولدۇم. شۇنداقلا، ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ جاپاغا چىداپ قېتىرقىنىپ، ئاخىرى ئۆزى ئارزۇ قىلغان تەتقىقات مۇھىتىغا ئېرىشكەنلىكدىن خۇش بولدۇم. ياخشى تېمىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرغايسىز!...
ۋاقتى: 2012-8-20 15:07:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن ، ئاللاھ ئىلىم ئېرپان يولىدا تىرىشىۋاتقان ، ئەل ئۇچۇن تىنماي تۆھپە قۇشۇۋاتقانلارغا مەدەت ۋە جاسارەت ئاتا قىلسۇن
ۋاقتى: 2012-8-21 12:12:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر جەمىيىتىمىزدىكى بىرقىسىم ياشلىرىمىز چەت ئەل دىكى،ئىچكىر ئۆلكىدىكى  ۋە دىيارىمىزدىكى  پالانى كىنۇدىكى ئارتىس پۇكۇنى ناخشىچى.پۇستانى ئۇسۇلچى  دىگەنلەرنىڭ تارىخىنى ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تەپسىلى ئىيتىپ بىرەلەيدۇ.ئەپسۇس مۇشۇنداق ئىلىم ئىلىش يۇلىدائىگىز تاغ داۋان ئىشىپ چۆل دەشتى باياۋانلاردائۇسۇزلۇق ،تەشنالىقلارغا بەرداشلىق بىرىپ ئۈگۈنۈپ نەتىجە قازانغان مۇشۇنداق يۇقۇرى مەلۇمەتقا ئىگە ئالى ئۇنۋان لارنىڭ ساھىبى بۇلغانلارنى تۇنۇش بەكمۇ ئاز.../ @, l' c% \$ fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنمۇ مۇشۇ تىما ئارقىلىق ئادىل غاپپاركارىزى نى  تۇنىۋالدىم ،چۈشىنىۋالدىم مۇشۇنداق ياشلىرىمىز ئارىمىزدا ئاز ئەمەس مۇمكىن بۇلسا شۇ ھەممىسى بىلەن تۇنىشىۋالسام دەيمەن..." d$ H8 S  |1 E+ V$ R1 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تىما يۇللىغۇچىغا رەھمەت
ۋاقتى: 2012-9-4 18:56:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەدەنىيەت بوستانىمىز دەل مۇشۇندا ئجتىھادلىق ياشلارنىڭ قوغدىشى ۋە قېزىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ خاتىرە قالدۇرۇشىقا مۇھتاج.
ۋاقتى: 2012-10-21 15:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتى ۋە خىزمەتلىرىگە زور ئۇتۇق تىلەيمىزھەم قۇربان ھىيىتىنى ئالدىن تەبىركلەيمەن
ۋاقتى: 2012-11-6 17:38:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتى ۋە خىزمەتلىرىگە، قۇربان ھېيتتا ناھيىمىزگە كىلىپ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىىغا زور ئۇتۇقلار ئاللادىن تىنىگەسالامەتلىك تىلەيمىز
ۋاقتى: 2012-12-3 18:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزدىن چىققان بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىغا تەشەككۇر! مەن ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ ئېرادىسى،ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىق روھىغا ۋە بۇ روھتىن ئاپرىدە بولغان مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ئاپرېن! بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق خىزمەتلىرىگە ئوتۇق،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق،تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۆمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2012-12-10 00:17:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپانلىق مەكتەپدىشىم مەكتەپتە تولىمۇ تىرىشچان ئىدى ،دائىملا كۈتۈپخانىدا يۈرەتتى،گەرچە مەن يىراق يىزىدا بولساممۇ كىيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ،تەتقىقات تىمىللىرى مەن قىزىقىدىغان تىمىلاركەن،مۇمكىن بولسا ياردىمىمنى ئايمايمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 04:12

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش