روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2266|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالىلىرىمىز تەييارغا ھەييار بولۇپ قالمىسۇن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالىلىرىمىز تەييارغا ھەييار بولۇپ قالمىسۇن!
- q2 A1 g7 J$ K  Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:& e+ b4 i. {2 u* Q. E! A0 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاغىنىمىزنىڭ 12 ياشلار ئەتراپىدىكى ئوغۇل نەۋرىسى، تۆت، بەش كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كۆكتات قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، ئىشىك تۈۋىگىلا تاشلاپ : بۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرەلمەي سوغۇقتا توڭلاپ ، ھېرىپ ئۆلەي دەپ قالدىم، سىلەر ئۆزۈڭلار كۆتۈرمەي ، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن ئولتۇرسىلەر ... دەپ كايىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم . ئەسلىي بۇ كۆكتاتلارنى ئۇ 1- قەۋەتتىن 3- قەۋەتكىچىلا ئەپچىققان ئىكەن . باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرەي دەپ قالغان 12 ياشلاردىكى بالىلارنىڭ تۆت ،بەش كىلوگرام كېلىدىغان نەرسىنى 10 ~ 20 مېتىر، ھەتتا 200 ~ 300 مېتىر يەرگە كۆتۈرۈپ بېرىشى نورمال ئىش . ئالايلۇق ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسى ئۈچ كىلوگرامدىن كەم ئەمەس، ھەتتا بەزىلەرنىڭ تۆت ، بەش كىلوگىرام چىقىشى تۇرغانلا گەپ.  ئۇلار شۇ سومكىلرىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈپ ھەر كۈنى مەكتەپكە بارىدىغۇ.    مەن ھېلىقى ئاغىنىمىزنىڭ نەۋرىسىنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنى كۆرۈپ، ئويلىنىپ قالدىم. بالىلىلىرىمىز مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشلارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىسە،  ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندىكى تەن ساپاسى قانداق بولار ؟ 8 Q7 `6 P7 f5 u! Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نۆۋەتتە، جەمئىيىتىمىزنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن بالىلار شەھەرلەردىكى جاپاسىز ، راھەت تۇرمۇشقا كۆنۈپ قېلىۋاتىدۇ. ئۆيدىكى ئاز - تولا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسىمۇ ياكى مەكتەپلەردىكى تازىلىق ۋە ئاز - تولا ئەمگەك پائالىيەتلىرىگە قاتناشسىمۇ ، بۇ خىل ئەمگەكلەرنىڭ سالمىقى چوڭ ئەمەس. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بۇ جەھەتتىكى تەربىيەنى مەكتەپكە، جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويماستىن، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولۇشتەك بۇرچىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، كىچىكىدىن تارتىپ جاپاغا چىداپ ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ، بالىلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ » تەييارغا ھەييار « قىلىپ قويماسلىقىمىز ، ئۇلارنى جاپا - مۇشەققەتلىك تۇرمۇشقىمۇ كۆنەلەيدىغان ، ھازىرقى ئەۋزەل شارائىتنى قەدىرلەيدىغان، كەلگۈسىدە بىرەر ئىشنى ئۆز ئالدىغا قىلالايدىغان ، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش روھىغا ئىگە، ياراملىق ئىز باسارلاردىن قېلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم .
  ~5 V6 b, ?( T1 Q
" D4 c' N1 x- q, f
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-24 22:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرىقى بالىلار بارغانچە ھورۇن چوڭ بولىۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ ماڭا.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-28 09:58

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش