روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3056|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇرچە پۇل تۆلەش سۇپىسى بانكام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرچە پۇل تۆلەش سۇپىسى بانكام
# A- T4 W* \1 w, h بانكام ئادىل سودا تورىنىڭ www.adilsoda.comتور سودىسى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن توردا ئاچقان پۇل تاپشۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بىرىشتا ۋاستىلىق رول ئوينايدىغان ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى پۇل مۇئامىلە سۇپىسدۇر. «بانكام» نىڭ مەشغۇلات جەريانى ئاددى، بىخەتەربولۇپ، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ سودائىشلىرىنى ئېلىپ بارغاندا، سودا جەريانىنىڭ پۈتۈنلەي بىخەتەر بۇلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ .«بانكام» ئارقىلىق پۇل تاپشۇرغاندا ، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بىر بىرىنى ئالدايدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشقا بولىدۇ . «بانكام»نىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە رولى « تاۋباۋ » شىركىتىنىڭ ( جىفۇ باۋ 支付宝 ) بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ . «بانكام» نىڭ يۈرىشىش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ : مال سېتىۋالغۇچى مال سېتىۋىلىشتىن ئاۋال ئادىل سودا تورى تەرىپىدىن بەلگۈلەنگەن خەلق بانكىلىرىغا پۇل ئۇرۇش ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان ماللارغا كېتەرلىك پۇل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇلنى «بانكام »غا قاچىلاپ ،ئۇنى تور پۇلىغا ئالماشتۇرىدۇ.بانكامغا جىفۇباۋ ئارقىلىق پۇل قاچىلاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ پۇللار كىرىم قىلغۇچىنىڭ ھېساپ نومۇرى ۋە ئۆزى بېكىتكەن مەخپى نومۇرى ئارقىلىق بىخەتەر ھالەتتە ساقلىنىدۇ . مەخپى نومۇرنى كىرگۈزمەي بۇ پۇلنى ئالغىلى ياكى سودىغا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ . شۇندىن باشلاپ ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرى ئالماشتۇرۇلغان تور پۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. سودا جەريانىدا« بانكام» غا كىرىم قىلىنغان تور پۇلى مال ساتقۇچىنىڭ ھىسابىغا بىۋاستە كىرمەيدۇ. «بانكام» دا ساقلىنىپ تۇرىدۇ. سېتىۋالغۇچى سېتۋالماقچى بولغان ماللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ كومپىيۇتېر ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرسا ، «بانكام» دىكى تور پۇلى ئاندىن ساتقۇچىنىڭ ھىسابىغا كىرىدۇ. مال سېتىۋالغۇچى رازى بولۇپ ،پۇلنى چىقىم قىلىش كونۇپكىسىنى بېسىپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئاندىن مال ساتقۇچىغا تۆلەشكە تېگىشلىك پۇل مال ساتقۇچىنىڭ ھېساباتىغا كىرىم بولۇپ كىرىدۇ .«بانكام» نىڭ ئەۋزەللىكى ۋە بىخەتەرلىكى دەل مۇشۇ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ . مال ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچى خالىغان ۋاقتىتا يەنە ئەسلىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارغان بانكا ھېساباتى ۋە مەخپى نومۇرى ئارقىلىق «بانكام» دىكى تور پۇلىنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسا بولىدۇ . «بانكام» دا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى «بانكام » دا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئاددىى بولۇپ ، كومپىيۇتېردا تورغا چىقىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ھەر قانداق كىشى ئانچە قىينالمايلا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. چۈشەندۈرۈشلەر ئاساسەن قىسقا ئىخچام يېزىلدى ،يەنە باشقا چۈشەنمىگەن ياكى ئايدىڭ بۇلىمىغان مەسىلەر بولسا بىزنىڭ توردا مۇلازىمەت قىلدىغان مۇلازىمەتچى خادىملىرىمىز بىلەن ئالاقېلشىڭىزنى ياكى تىلفۇن قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاستىللىرى ئارقىلىق سوراپ چۈشەنچە ھاسىل قىلسىڭىز بولىدۇ.بۇ تىما تور سودا ئىشلىردىن ئارىسالدى بوپ قېلىۋاتقان تور سودىسىغا ئىشىنەلمەيۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ تور بىكىتىمىزنى چۈشۈنىشى ئۈچۈن يوللاندى . باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىمىنى تەستىقلاپ قۇيۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز  x5 n9 m0 G' ~# r- [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' ?& k5 v' V8 I3 B7 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-13 17:27:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان ئادىلجاننىڭ بانكىسى ئوخشايدۇ دېسەم،ئۇ ئەمەسكەن دېسە: مەن تىخى بانكا ئاچقان چېغى شۇنداق بولسا بىر ئاز پۇل قوياي دېگەن ئىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yadikarbay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-13 17:27  ; i4 K2 m4 y1 ]. Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

* {! \+ [; W* P
ۋاقتى: 2012-6-23 13:15:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  ئاتامان ئۆزى ئۆز نامىدا تەسس قىلغان ئۇخشايدۇ دەپتىمەن! بۇنى ئۇيغۇرچە ‹‹支付宝››دىسە بولغىدەك!
ۋاقتى: 2012-7-2 14:02:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ئە   مەنمۇ تېخى   مەھەللە باشلىقىمىز  ئادىلجاننىڭ بانكىسى ئوخشايدۇ دېسەم ئەمەسكىنا  {:5_178:}{:5_178:}{:5_156:}{:5_171:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aldawr تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 14:03  5 r* Y! n6 H* s/ sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 s$ Z% @3 M. p$ U5 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-17 20:30

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش