روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2050|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باللارنىڭ چوڭلار سورىنىغا ئاز بارغىنى ياخشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باللارنىڭ چوڭلار سورىنىغا ئاز بارغىنى ياخشى
* Z- ^/ ]+ k" L8 U, E2 n7 B6 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:  
+ D* z% ]4 O" e4 K, Bكىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ھەم مەدەنىيەت سەۋيىسىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشىگە  ئەگىشىپ، توي- تۆكۈن، نەزىر چىراق قاتارلىق تۇرلۈك پائالىيەتلەر ئاساسەن رېستۇرانلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ياش ئاتا- ئانىلار بالىغا قارايدىغان ئادەم يوق دېگەننى باھانە قىلىپ، باللىرىنى چوڭلار توپلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان  سورۇنلارغا بىللە ئېلىپ كېلىدىغان بولدى. مۇشۇنداق چوڭلار سورۇنلارغا كىچىك باللارنى تەڭ ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىقمۇ؟ : w6 H& \8 g7 K) \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
▲ئائىلىدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە ئاتا- ئانىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ ھەم مۇھىم. شۇڭا ئاتا- ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇش، ھايات قارىشى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى،  ئومومىي ساپاسى ئۈچۈن بالىلار ئالدىدىكى مەجبورىيىتى، ئوبرازىنى توغرا تونۇشى ۋە ياخشىلىشى ھەممىدىن مۇھىم. لېكىن جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم نەزەر دائىرسى تار ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرى پەزىلەتلىك، ياراملىق بولمىسا بارلىق مەسئولىيەتنى جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ، ھەدىسە باللىرىنى سورۇنمۇ- سورۇن بىللە ئېلىپ يۈرۈپ، بالىنىڭ پەزىلەت جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بىلمەسكە سېلىۋالىدۇ. ياكى بۇنى بىلسىمۇ ئېتراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ.
5 j" {( ?' o$ a* r) v* a▲ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر تۈرلۈك ئەۋزەل سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە كۆپىنچىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىمىز كۈنسىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بىز ئىلگىرى توي- تۆكۈن، تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى، چاي زىياپەتلىرىنى ئۆيدە ئۆتكۈزگەن بولساق، ئەمدى كۆركەم رېستۇران ۋە مەرىكە زاللىرىدا ئۆتكۈزىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، ۋاقتى- قەرەلىدە دوست بۇرادەرلەر بىلەن بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش بۇ بىر ياخشى ئىش. ئەپسۇسلىنارلىقى، يوقىرقىدەك چوڭلارغا خاس سورۇنلاردا "كىچىك مېھمان"لارنىڭ كۆپىيۋاتقانلىقى. بۇ  كىچىك مېھمانلار"نىڭ ئاتا- ئانىلىرى بىرەر زىياپەتكە بارماقچى بولسا باللىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماي، ئۇلارنى   مەكتەپتىن ئۇدۇل رېستۇرانلارغا ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئاتا- ئانىلار باللىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالمىسا، شۇ مەرىكە ۋە ئولتۇرۇشقا بىرەر قېتىم قاتناشماي، باللىرىغا ھەمراھ بولغىنى ياخشى. چۈنكى بالىلار شۇ بىر  قېتىملىق پاسسىپ تەسىردىن خالىي بولىدۇ. ئاتا- ئانا بولغۇچى بالىنىڭ ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن قانداق مۇھىتنىڭ زۆرۆر ئىكەنلىكىنى ئالدىن ئويلىشىشى كېرەك. چوڭلار سورۇنلىرىدا ھەر خىل گەپ- سۆز، ھەركەتلەر، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش قاتارلىق ئەھۋاللار باللارغا مەلۈم دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنى بۇ خىل مۇھىت بىلەن كۆپ ئۇچىراشتۇرۇش بالىنى ئويۇندىن باشقىنى بىلمەيدىغان ۋە بىلىشنىمۇ خالىمايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ئاتا- ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم يوقارقىدەك سورۇنلارغا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك. ئورۇق- تۇققان، قېرىنداشلار ئوز- ئارا جەم بولغان سورۇنلارغا بالىلارنى ئۆز- ئارا تونۇشتۈرۇپ، ياخشى دوست بولۇپ ئۆتىشىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بىللە ئېلىپ بارساق بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىمۇ چوقۇم باللارنىڭ شۇ سورۇندىكى ئىش- ھەركەت، گەپ- سۆزلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.& j* H7 w7 m1 T/ j1 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-29 08:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش