روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2212|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ تۇرۇش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ تۇرۇش كېرەك

- r1 e4 z' A( y2 `- e7 `شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:
; @3 z: L& A- @خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى 40 يىل تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، مۇۋاپىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلغان بالىلار ئۆي ئىشىنى قىلمايدىغان بالىلارغا قارىغاندا خۇشال ئۆتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بوستون شەھىرىدىكى 456 ئۆسمۈرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. بۇ بالىلار ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندا، كىچىكىدىن ئادەتتىكى ئەمگەك ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ باقمىغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا خۇشال ئۆتىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسى يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ ياشلارنىڭ بالا ۋاقتىدىكى پائالىيىتى بىلەن قۇرامىغا يەتكەن ۋاقىتتىكى پائالىيىتى زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن. ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا ئامراق بالىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندە دوستلىرى ئىش قىلىپ كۆنمىگەن بالىلارغا قارىغاندا ئون ھەسسە كۆپ، كىرىمى تۆت ھەسسە كۆپ، ئىشسىز قېلىش ئېھتىماللىقى 15 ھەسسە ئاز بولىدىكەن. داڭلىق يازغۇچى تولىستوي مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىر ئادەم قانداق ئەمگەك قىلىش ۋە ئەمگەكنى قانداق سۆيۈشنى بىلسە، ئۇ چوقۇم گۈزەل ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. ئاتا -ئانىلار بۇ گەپنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ تۇرۇشى كېرەك. بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىغا سالغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: 5 @! _, K, |! v0 p8 I0 _: |$ T( Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
▲ مەقسەت ئېنىق بولۇشى كېرەك. بالىغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كىچىكىدىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر، شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلارنى مەقسەتلىك ئۆي ئىشلىرىغا سېلىشى كېرەك.! p$ X8 ?( y$ \/ i' Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
▲  بالىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆي ئىشىنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا «ئاتا - ئانامغا ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتىم بار» دەيدىغان ئىدىيەنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بىراق، بالىنى چامى يەتكۈدەك ئىشلارغا بۇيرۇش ھەمدە ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
. f  O5 M: [3 |( h/ W▲ بالىلار ئۆزلىرى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئاتا-ئانىلار ئۈستىگە ئېلىۋالماسلىقى كېرەك. بەلكىم بالىلار چوڭلار تاپشۇرغان ئىشنى ياخشى قىلالماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭغا قاراپلا ھەرگىزمۇ بالىنى مەسخىرە قىلماسلىق، ئۇلار قىلالايدىغان ئىشنى قىلىۋالماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلسا، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بالىلار بىر ئىشنى ئۆزىنىڭ بىلگىنى بويىچە قىلماقچى بولسا، ئۇنى توسماسلىق كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىش ھەرگىزمۇ ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەنلىك ئەمەس. ! K+ f, x- N4 E8 [5 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
▲ بالىنى ئۆي ئىشىنى قىلىشقا ماددىي بۇيۇم بىلەن قىزىقتۇرماسلىق كېرەك. بالىلار بىرەر ئىشنى قىلىپ بولغاندا، ئۇنىڭغا قاراپ بىر كۈلۈپ قويۇڭ ياكى رەھمەت دەپ قويۇڭ. بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات. بالىنى ھەرگىز ئۆي ئىشىنى قىلىشقا ماددىي بۇيۇم بىلەن قىزىقتۇرماسلىق كېرەك.
8 u' K+ p6 U/ l  A) |. o2 J▲بالىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئۆي ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بالىلارغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپلا، بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا بۇيرۇۋەرسە، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا بالىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئۆي ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك# z1 _' t% I% g# j7 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 08:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش